ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 41 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-3 23:41
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ ۋاقىت، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈمى توغرىلىق بىر تېما يېزىلغان (11 ئادەم تورى).
ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ ۋاقىت، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈمى (11 adam)

قائىدە-تۈزۈملەر ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەردىن باشقا، بۇ كۆز قاماشتۇرىدىغان مۇسابىقىلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئىقتىسادى باشقۇرىلىشى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىكى مۇكاپاتلارنىڭ بۆلۈنۈش ئەھۋالى
پۇتبول بارلىققا كېلىپ، تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، يالغۇز بىر تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىن بىر ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى. ھەتتا ياۋروپا پۇتبول ھەرىكىتىنى بىر سانائەت ھالىتىگە ئەكەلگەن بولۇپ (ھازىرقى ئەھۋالدا، بۇنى بىر سانائەت دېيىش ھەرگىز ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ)، ھەر يىلى ھەر دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمىلىرىدىكى پۇلنىڭ ئايلىنىشى، قىتئەلەر ئىچىدىكى بىرلەشمىلەردىكى، شۇنداقلا دۆلەت كوماندىلىرى قاتناشقان مۇسابىقىلەردىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىن، دۆلەت ئىقتىسادىكى مۇھىم گەۋدىگە ئايلانغىنىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىر پۇتبولچىنىڭ يىللىق مىليون ھەتتا ئون مىليون ياۋرودىن كۆپ مائاش ئېلىشى (ھازىرقى ۋەزىيەتتە)، شۇنداقلا بىر كۇلۇپنىڭ بىر پۇتبولچىنى يەنە بىر كۇلۇپتىن 40-50 مىليون ياۋرو پۇل چىقىرىپ تۇرۇپ ئايرىۋاشلىشىدىن، بۇ «سانائەت»نىڭ قانچىلىك تەرەققى قىلغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن.
(ئىزاھ: پۇتبولچىلارنىڭ كۇلۇپ يۆتكىلىشىنى ئىنگىلىزچە\نېمىسچە\تۈركچىلەردە Transfer دەپ ئالىدىكەن. يۇقارقى جۈملىدە يۆتكەش دېسەم چۈشمىگۈدەك. چۈنكى بىر پۇتبولچىنى كۇلۇپ مەلۇم بىر قىممەت بەدىلىگە ئۆزىنىڭ كۇلۇبىغا ئەكىلىدۇ. شۇڭا ئايرىۋاشلاش دەپ قويدۇم.)
UEFA ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا قانچىلىك كىرىم قىلىدۇ ۋە مەنبەسى نېمە؟
UEFAنىڭ كىرىم مەنبەسى:
1. تېلېۋىزىيە قاناللىرى - ھەر يىللىق مۇسابىقىلەرنىڭ تارقىتىلىشى ھەققىنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى، بەلگىلىك باھا بىلەن UEFAدىن سېتىۋالىدۇ. ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە ئاساسەن بۇ مۇسابىقىلەرنى پۇللۇق قاناللاردا تارقىتىدۇ. لېكىن UEFAنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چوقۇم، بەزى مۇسابىقىلەر بېكارلىق قاناللاردا تارقىتىلىشى كېرەك. قاناللارنىڭ سېتىۋېلىش ئەھۋالى (باھاسى)، دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ ۋە كۆپىنچىسى يەڭ ئىچىدە بولىدۇ.
2. ئېلانلار
- دەستەك ئېلان بەرگۈچى (Sponsor)
بىرىنچى نومۇرلۇق دەستەكچىسى adidas شىركىتى. ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى ئاساسلىق دەستەكلىگۈچى شىركەتلەر ئىقتىسادى ياردەم قىلىدۇ. (مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئېلان بېرىدۇ)
- فورد
- گازپروم (Gazprom) روسىيە نېفت شىركىتى
- ھاينېكېن (Heineken) - گوللاندىيە پىۋا شىركىتى (ئىسپانىيە، فرانسىيە، روسيە، شىۋىتسارىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئېلانى چەكلەنگەن دۆلەتلەردە ئېلانى بېرىلمەيدۇ)
- ماستېركارد (MasterCard) - ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بانكا كارتى ۋە كرېدىت كارتى ئىشلەپچىقارغۇچى
- سونى (Sony)
- يۇنىكرېدىت (UniCredit)- ئىتالىيە مالىيە-ئىقتىساد باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت شىركىتى
- ھ ت س (HTC)
ئۇنىڭدىن سىرت، باشقا مەيداندىكى تاختىلارغا ئېلان بەرگۈچىلەر.
2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدە UEFAنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدا، توپلام 1.34 مىليارد ياۋرو ئېلان كىرىمى قىلغان.
UEFAنىڭ 2013 يىللىق ئۇزغۇنلۇق ۋە سۇپېرلوڭقا كىرىمى
UEFA كىرىمىنى كۇلۇپلار بىلەن قانداق ئورتاقلىشىدۇ؟
UEFAنىڭ كىرىم بۆلۈشۈش ئۇسۇلىنى «داشقازان ئۇسۇلى» (ئىنگىلىزچە كۆلچەك بازىرىى (pool market) دەيدۇ، مەن داشقازان دەپ قويدۇم) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، كىرىمنىڭ ھەممىسى داشقازانغا تاشلىنىپ، كۇلۇپلارنىڭ ئىپادىسىگە قارىتا بۆلۈپ بېرىلىدۇ.
1. توپلام كىرىم ئەگەر ماكسىمۇم 550 مىليۇن ياۋروغا بارسا، 75% كۇلۇپلارغا ۋە مۇسابىقىگە خەجلىنىپ، 25%ى UEFAنىڭ ئۆزىگە قالىدۇ. بۇ پۇلنى ئۇلار باشقا مۇسابىقە، باشقۇرۇشۇش، پائالىيەتلەر ۋە تاراق-تۇرۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
2. ئەگەر توپلام كىرىم 550 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتسە، كۇلۇپلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات 82% بولىدۇ، ۋە قېىپ قالغان 18%ى UEFAغا قالىدۇ.
- گۇرۇپپىدىن بۇرۇنقى شاللاشقا (Play-off)قا قالغان كوماندىغا مۇقىم 2.1 مىليون
- گۇرۇپپىغا كىرگەن ھەر كوماندا ئۈچۈن 8.6 مىليون
- گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى بىر ئۇتۇق ئۈچۈن 1 مىليون
- گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى بىر تەڭلىشىش ئۈچۈن 0.5 مىليون
- گۇرۇپپىدىن چىقسا 3.5 مىليون
- چارەك ھەلقىلغۇچ 3.9 مىليون
- يېرىم ھەلقىلغۇچ 4.9 مىليون
- ئۇزغۇن 10.5 مىليون
موشۇ تەرتىپ بويىچە، ھەر بىر كوماندا ئوينىغان مۇسابقىسى ۋە كېلەلىگەن نۇقتىسىغا قارىتا ماددى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بىر كوماندا گۇرۇپپىدىكى ئالتە مۇسابقىنىڭ ھەممىسىنى ئۇتۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇزغۇن بولسا، توپلام ئېرىشىدىغان پۇلى 37.4 مىليون ياۋرو.
شۇڭلاشقا، زەردار كۇلۇپلار ئۈچۈن چىمپيونلۇم لوڭقىسىغا ئېرىشىش، ۋە ياكى گۇرۇپپىدىن چىقىش، ئۇلارنىڭ كىيىنكى پەسىللىك ئىقتىسادى ۋە پلانلىرى ئۈچۈن بەك مۇھىم. ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا سېلىشتۇرغاندا ياۋروپا بىرلەشمىسى (Europa League)دا ئېرىشىدىغان پۇل بەك ئاز. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|