پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1536|ئىنكاس: 23

FIFA كوماندىلار رەت-تەرتىپى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12883
يازمىسى: 25
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 225
تۆھپە: 39
ۋاقتى: 60
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 20:18:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا ئاخىرلاشقان بىرازىلىيەدىكى قىتئەلەر لوڭقىسى مۇسابىقىسى جەريانىدا، مۇسابىقىلەر ۋە كوماندىلارغا مۇناسىۋەتلىك يېزىلغان تېما\خەۋەرلەردە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ رەت-تەرتىپى توغرىلىق كۆپ تالاش-تارتىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىنى كۆردۈم. ۋە بۇ توغرىلىق ئازراق بىر ئۇچۇر بېرىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.

ھازىر دۇنيادا كوماندا ۋە بىرلەشمىلەرنىڭ (ئىنگىلىزچىسى لىگ) رەت-تەرتىپى جەھەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى ۋە نوپۇزلۇق بولغانلىرى تۆۋەندىكلەردۇر:
1. فىفا (Fifa)نىڭ رەت تەرتىپى.
فىفا ئەرلەر دۆلەت كوماندىلىرى ۋە ئاياللار دۆلەت كوماندىلىرى بويىچە ئىككىگە ئايرىپ ئايلىق تىزىپ چىقىدۇ. بۇ تىزىپ چىقىشلار، دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ شۇ ئايدا ئوينىغان مۇسابىقىلىرىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ھېسابلىنىپ چىقىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئەڭ دەسلەپتە 1992-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇسابىقە نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلاتتى.
1999- يىلىغا كەلگەندە، فىفا ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ توغرا رەت تەرتىپىنى چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.
- كوماندىلارنىڭ ئۇرغان ۋە يېگەن توپ سانى
- ئۆز مەيدان ياكى مىھمان مەيداندا ئوينالغىنى
- مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسى (مۇھىملىقى، مەسىلەن، دۇنيا لوڭقىسى، ياۋروپا لوڭقىسى، تاللاش مۇسابىقىسى، ياكى دوستلۇق مۇسابىقىسى)
- تەۋە بولغان ئۇيۇشمىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىق دەرىجىسى
..................................

قاتارلىق بىرمۇنچە ئېلېمېنتلارنى ھېسابلاپ، ئۇندىن كىيىن كوماندىغا نومۇر بېرىپ چىقىدۇ. بۇ ھەر ئېلىمېنتنىڭ ئايرىم كوئىفىسىنتى بار، ۋە ئوخشىمايدۇ. دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىر ئۇتۇش بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئۇتۇش بىلەن ئېرىشكەن نومۇرلارنىڭ پەرقى بەك چوڭ.

2006-يىلىغا كەلگەندە، فىفا يەنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، بۇرۇنقى 8 يىللىق ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلاشتىن، 4 يىللىق نەتىجىنى ھېسابلاشقا ئۆزگەرتتى. بۇنداق بولغاندا، كوماندىلارنىڭ رەت-تەرتىپىنى تېخىمۇ يېڭى تۇتقىلى بولىدىغان بولدى.
بۇ بويىچە بولغاندا، برازىلىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ رەت تەرتىپىگە قاراپ چىقىدىغان بولساق، ئىنتايىن توغرا ۋە نورمال. 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ساھىپخانى بولغان بىرازىلىيەتنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسى ئويناش ئىھتىياجى بولمىغاچقا، ياۋروپا دۆلەتلىرى تەييارلىق مۇسابىقىلىرىنى، 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى قاتارلىقلارنى ئوينىغان چاغدا، بىرازىلىيە پەقەتلا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناپ كەلدى. برازىلىيە 20 دوستلۇق مۇسابىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۇتقان بىلەن، ئۇنىڭ رەسمى مۇسابىقىلىرىدە ئالغان نومۇرلىرىنى ئالالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبى ئامېرىكا لوڭقىسىدا ئېرىشىدىغان نومۇرىمۇ ئاز بولىدۇ. برازىلىيەنىڭ نومۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىردىنبىر پۇرسەت، موشۇ 5 مەيدان مۇسابىقە. ئىسپانىيەنىڭ بولسا ئالدىدا يەنە 4 مەيدان رەسمى مۇسابىقىسى بار (ياۋورپا شاللاش). شۇڭا ھازىر بىرازىلىيەنىڭ 10نىڭ ئىچىگە كىرىشى بەك تەس.

نومۇر ھېسابلاش سېستىمىسى
نومۇر                                        نەتىجە
3                                             ئۇتۇق
2                                             ئۇتۇق (نۇقتا توپ)
1                                             تەڭ
1                                             يېڭىك(نۇقتا توپ)
0                                             يېڭىك

كوئېفىسىېنت                             مۇسابىقە تۈرى
1                                             دوستلۇق مۇسابىقىسى
2.5                                             فىفا دۇنيا لوڭقىسى ۋە قىتئەلەر لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىلىرى
3                                             قىتئەلەر لوڭقىسى ۋە قىتەئەلەر ئارىسى لوڭقىسى (ھازىرقى برازىلىيە ئىسپانىيە مۇسابىقىلىرى)
4                                             دۇنيا لوڭقىسى

رايونلۇق بىرلەشمىلەر كۈچ سېلىشتۇرمىسى
UEFA                                      1
1                               CONMEBOL (جەنۇبى ئامېرىكا)
0.88                                CONCACAF (شىمالىي ئامېرىكا ۋە كارىپ دېڭىزى)
0.86                                 AFC (ئاسىيا)
0.86                                 ACF (ئافرىقا)
0.85                                 OFC (ئوكېئانىيە)

نومۇر ھېسابلاش فورمۇلاسى
P=M*I*T*C
رەت-تەرتىپ نومۇرى = 100*(مۇسابىقە نەتىجىسى*مۇسابىقە دەرىجىسى*رەقىپ كۈچى*رايونلۇق بىرلەشمە كوئېفىسىېنتى)
رەقىپنىڭ كۈچى= (200-رەت تەرتىپ)\100
P: نومۇر
M: مۇسابىقە
I: مۇسابىقە دەرىجىسى
T: رەقىپ كۈچى
C: رايونلۇق كوئېفىسسېنت

مىسال:
دۇنيا لوڭقىسىى مۇسابىقىسى

فىفا تەييارلىق مۇسابىقىسى

دوستلۇق مۇسابىقىسى

يۇقىرىقىدەك، شۋىتسارىيەنىڭ ئىسپانىيەنى ئۇتۇپ ئېرشكەن نومۇرى بىلەن، مىسىرنىڭ ئاۋسترالىيەنى ئۇتۇپ ئېرىشكەن نومۇر پەرقى بەك چوڭ. ئوخشاشلا بۇ قېتىم، برازىلىيەنىڭ ئىسپانىيەنى 3:0 ئۇتۇپ ئېرىشكەندىكى نومۇرى، برازىلىيەنىڭ رەت تەرتىپىدە بەك مۇھىم. لېكىن بۇرۇنقى نومۇرلارنى چىقىرىۋېتىدىغان بولغاچقا، دەرھال تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. يەنە بىر يىل ساقلاش كېرەك.
Fifa Ranking System
ھېسابلاش ئۇسۇلى (PDF) چۈشۈرۈڭ.

FIFA.JPG


CONBOL.JPG


FRIENDLY.JPG





2. UEFA دۆلەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ رەت تەرتىپى

بۇ رەت تەرتىپنى ھېسابلاش ئۇسۇلى، FIFAنىڭكىدەك مۇرەككەپ ئەمەس. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىرقى ياۋروپا دۆلەتلىك بىرلەشمە رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك:

1. LA LIGA - ئسىپانىيە بىرلەشمىسى
2. PREMEIR LEAGUE - ئىنگلاند بىرلەشمىسى
3. BUNDES LIGA - گېرمانىيە بىرلەشمىسى
4. SERIE A - ئىتالىيە بىرلەشمىسى
5. Primeira Liga - پورتۇگالىيە بىرلەشمىسى
6. LIGUE 1 - فرانسىيە بىرلەشمىسى
7. ئۇكرائىنيە
8. روسيە
9. نېدېرلاندىيە
10. تۈركىيە

بۇ رەت تەرتىپكە ئاساسەن ھەر يىللىق ئۇزغۇنلار لوڭقىسى بىرلەشمىسى (Champions League) ۋە ياۋروپا لوڭقا بىرلەشمىسى (Europa League) گە ھەر دۆلەتتىن مەلۇم كوماندىلار قېتىلىدۇ. بەزىلىرى بىراقلا قېتىلىدۇ، بەزىلەر شاللاشتىن كىيىن قېتىلىدۇ.
ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ئۈچۈن
- 1دىن 3 كىچە بولغان بىرلەشمىلەردىن 3ى بىۋاستە، بىرسى شاللاش ئارقىلىق، 4 كوماندا قېتىلالايدۇ.
- 4تىن 6گىچە بولغان بىرلەشمىلەردىن 2سى بىۋاستە، بىرسى شاللاش ئارقىلىق (4ىنجى ۋە 5ىنجى play-off ئوينايدۇ، 6ىنجىسى play-offتىن بۇرۇن بىر شاللاش ئوينايدۇ) ئارقىلىق 3 كوماندا قېتىلالايدۇ.
- 7دىن 12كىچە بولغان بىرلەشمىدە 1سى بىۋاستە، بىرسى شاللاش ئارقىلىق 2 كوماندا قېتىلالايدۇ.
- 13تىن 15 كىچە بولغان بىرلەشمىدە 1سى play-off، بىرسى 3-شاللاش ئارقىلىق 2 كوماندا قېتىلالايدۇ.
- 16 ۋە 17دە بىرسى 3- شاللاش، يەنە بىرسى 2- شاللاش ئارقىلىق 2 كوماندا قېتىلالايدۇ.
........................................
موشۇ بويىچە ئەڭ ئاخىرقى رەتتە تۇرىدىغان سان مارېنودىكى بىرلەشمىدىنمۇ 1 كوماندىنىڭ ئۇزغۇنلارنى ئويناش پۇرسىتى بار.

EUROPA LEAGUE ياۋروپا لوڭقا بىرلەشمىسىدىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا كوماندىلار تاللىنىدۇ.

بىرلەشمىلەرنىڭ رەت-تەرتىپكە تىزىلىش ئۇسۇلى، 5 يىللىق ئۇزغۇنلۇق ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئېرىشكەن نومۇرلىرىنى جۇغلاش ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى 1- جەدۋەلدە ئەڭ يېڭى تىزىلىش بېرىلگەن.
2012-2013تە ئۇزغۇنلۇق ھەلقۇلغۇچقا بايېرن ۋە دورتمۇندنىڭ كىرىشى بىلەن گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئەڭ كۆپ نومۇر ئالغان.
2011-2012دە بولسا، بارسېلونا ۋە رېئال مادرېدنىڭ مۇسابىقە نەتىجىلىرى ئالاھىدە بولغاچقا (گەرچە ھەلقىلغۇچقا كىرەلمىگەن بولسىمۇ)، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئەڭ كۆپ نومۇر ئالغان.
2010-2011دە بولسا، ياۋروپا بىرلەشمىسىدە 4 كۈچلۈككە 3 پورتۇگالىيە كۇلۇبى كىرىپ، پورتۇگالىيە ئەڭ كۆپ نومۇرنى ئالغان.

بىرلەشمىنىڭ شۇ يىللىق نومۇرى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
دۆلەتلىك بىرلەشمىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى، شۇ دۆلەتتىن قاتناشقان كۇلۇپنىڭ ھەر بىر مۇسابىدە ئېرىشكەن نومۇرىنىڭ توپلامىنى، توپلام كوماندا سانىغا بۆلۈپ چىقىرىدۇ.
مەسىلەن :
گېرمانىيە كوماندىلىرى توپلام 125.5 نومۇرغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئوتتۇرىچىسى 17.928 (2-رەسىمگە قاراڭ)
125.5\7=17.928

كۇلۇپلارنىڭ نەتىجىسى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
قائىدە مۇنداق:
A كۇلۇپ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى گۇرۇپپسىغا كىرەلىسە، 4 نومۇر مۇكاپات؛
A كۇلۇپنىڭ ھەر ئۇتقان مۇسابىقىسى ئۈچۈن 2 نومۇر؛
A كۇلۇپنىڭ گۇرۇپپىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن 5 نومۇر؛
16دىن كىيىنكى ھەر قېتىملىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى 1 نومۇر؛
موشۇ بويىچە نومۇرلارنى جۇغلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا توپلام نومۇر ھېسابلىنىدۇ.

مىسال:
بايېرن ميۇنخېن: 33 نومۇر توپلىغان ۋە بۇ جەرياندا جەمئىي 13 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان (6 گۇرۇپپا مۇسابقىسى ۋە 7 شاللاش مۇسابىقىسى). بۇلاردىن 10نى ئۇتقان، 1سىدە تەڭلەشكەن ۋە 2سىدە ئۇتتۇرغان.
گۇرۇپپىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن 4 نومۇر
توپلام ئۇتقان 10 مەيدان ئۈچۈن 20 نومۇر
1 تەڭلەشكىنى ئۈچۈن 1 نومۇر
گۇرۇپپىدىن چىققىنى ئۈچۈن 5 نومۇر
چارەك ھەلقىلغۇچ ئۈچۈن 1 نومۇر
يېرىم-ھەلقىلغۇچ 1 نومۇر
ھەلقىلغۇچ 1 نومۇر
توپلام = 10*2+5+4+1+1+1=33

ئۇزغۇنلۇق بىلەن ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئوخشاش، لېكىن بېرىلگەن مۇكاپات نومۇر ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدا چارەك ھەلقۇلغۇچتىن باشلاپ، 1 نومۇردىن مۇكاپات نومۇرى ئالالايدۇ. شۇڭا بىر كۇلۇپ چارەك ھەلقىلغۇچقا كەلمەي تۇرۇپ، ئۇتۇش ۋە تەڭلىشىشتىن باشقا نومۇر ئالالمايدۇ.
4-رەسىمگە قارايدىغان بولساق، ئىنگىلاند كوماندىلىرىدىن، شەلىكلەر گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان بولسىمۇ 4 نومۇر ئالالىغان، لېكىن نيۇكاستل بىلەن توتتېنھام ئاران چارەك ھەلقىلغۇچ ئوينىيالىغان بولغاچقا، 1ەر نومۇر ئالالىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر كوماندىنىڭ چىمپيونلۇق لوڭقىسى ئوينىشى، شۇ دۆلەت ئۈچۈن بەك مۇھىم.







198

تېما

14

دوست

3903

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11712
يازمىسى: 3903
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 450617
تۆھپە: 4577
ۋاقتى: 803
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 20:27:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانچە مۇرەككەپ ، باھالىپ چىقىرىپ قويغاننى كۈرۈپ شۇنداقكەن دەپ ئولتاساق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ، باھالاش ئۇسۇلىنى ئويلشاماي
ئېغىر بولغاچ غەم يىمەيدۇ كەلكۈندىن تاغ ، يەڭگىللىكتىن تۇزۇپ كىتەر قامغاقتىن ياپراق.

قەلبىمدە سەن پۇتبۇل

5

تېما

4

دوست

1527

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12267
يازمىسى: 1527
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 2055906
تۆھپە: 1666
ۋاقتى: 626
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 20:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 20:27
نىمانچە مۇرەككەپ ، باھالىپ چىقىرىپ قويغاننى كۈرۈپ شۇن ...

راس مۇرەككەپكەن كاللام ئۇماچ بۇلۇپ كەتتى   مەن تىخى رەت تەرتىپى چىققان ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن
قەلبىمدە سەن پۇتبۇل

يۇجىھا شىموسى

272

تېما

11

دوست

4965

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  612
يازمىسى: 4965
نادىر تېما: 16
ياۋرۇ: 1394642
تۆھپە: 1123
ۋاقتى: 1182
h
ھالەت

بايرىن لۈكچىكى ئۆمۈرلۈك شەرەپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 21:29:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى كام ماتىريالدىن بىرنى توشقۇزۇپسىز . ۋاقىتىنچە نادىرلاپ قويدۇم .
نېچۈك ئەر سانالۇر مىڭلار دۈشمىنى ، مىڭ غەيۋەت قىلمىسا ئۇنى ھەركۈنى ...

فىردەۋىس

3

تېما

1

دوست

1242

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9845
يازمىسى: 1242
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 7482208
تۆھپە: 659
ۋاقتى: 258
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 22:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چۇشۇنەلمىدىم
/data/attachment/forum/201309/08/224703xfnlsvdtg0ff1q4g.jpg

كۆرۈنگەن تاغ يىر

123

تېما

9

دوست

995

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11812
يازمىسى: 995
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 55057
تۆھپە: 1301
ۋاقتى: 693
h
ھالەت

تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 22:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل مۇرەككەپكەن ... ئىشلار ئاز ۋاقتىدا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ تەتقىق قىلسام بولغۇدەك ...

33

تېما

6

دوست

338

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12556
يازمىسى: 338
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 53218
تۆھپە: 491
ۋاقتى: 130
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 22:28:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرماي ئويلانساق بولغىدەك
ۋاقىت ھەممىنى ئۈزگەرتىدۇ

2

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12883
يازمىسى: 25
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 225
تۆھپە: 39
ۋاقتى: 60
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 22:56:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2. UEFA دۆلەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ رەت تەرتىپى

بۇ رەت تەرتىپنى ھېسابلاش ئۇسۇلى، FIFAنىڭكىدەك مۇرەككەپ ئەمەس. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىرقى ياۋروپا دۆلەتلىك بىرلەشمە رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك:

1. LA LIGA - ئسىپانىيە بىرلەشمىسى
2. PREMEIR LEAGUE - ئىنگلاند بىرلەشمىسى
3. BUNDES LIGA - گېرمانىيە بىرلەشمىسى
4. SERIE A - ئىتالىيە بىرلەشمىسى
5. Primeira Liga - پورتۇگالىيە بىرلەشمىسى
6. LIGUE 1 - فرانسىيە بىرلەشمىسى
7. ئۇكرائىنيە
8. روسيە
9. نېدېرلاندىيە
10. تۈركىيە

بۇ رەت تەرتىپكە ئاساسەن ھەر يىللىق ئۇزغۇنلار لوڭقىسى بىرلەشمىسى (Champions League) ۋە ياۋروپا لوڭقا بىرلەشمىسى (Europa League) گە ھەر دۆلەتتىن مەلۇم كوماندىلار قېتىلىدۇ. بەزىلىرى بىراقلا قېتىلىدۇ، بەزىلەر شاللاشتىن كىيىن قېتىلىدۇ.
ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ئۈچۈن
- 1دىن 3 كىچە بولغان بىرلەشمىلەردىن 3ى بىۋاستە، بىرسى شاللاش ئارقىلىق، 4 كوماندا قېتىلالايدۇ.
- 4تىن 6گىچە بولغان بىرلەشمىلەردىن 2سى بىۋاستە، بىرسى شاللاش ئارقىلىق (4ىنجى ۋە 5ىنجى play-off ئوينايدۇ، 6ىنجىسى play-offتىن بۇرۇن بىر شاللاش ئوينايدۇ) ئارقىلىق 3 كوماندا قېتىلالايدۇ.
- 7دىن 12كىچە بولغان بىرلەشمىدە 1سى بىۋاستە، بىرسى شاللاش ئارقىلىق 2 كوماندا قېتىلالايدۇ.
- 13تىن 15 كىچە بولغان بىرلەشمىدە 1سى play-off، بىرسى 3-شاللاش ئارقىلىق 2 كوماندا قېتىلالايدۇ.
- 16 ۋە 17دە بىرسى 3- شاللاش، يەنە بىرسى 2- شاللاش ئارقىلىق 2 كوماندا قېتىلالايدۇ.
........................................
موشۇ بويىچە ئەڭ ئاخىرقى رەتتە تۇرىدىغان سان مارېنودىكى بىرلەشمىدىنمۇ 1 كوماندىنىڭ ئۇزغۇنلارنى ئويناش پۇرسىتى بار.

EUROPA LEAGUE ياۋروپا لوڭقا بىرلەشمىسىدىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا كوماندىلار تاللىنىدۇ.

بىرلەشمىلەرنىڭ رەت-تەرتىپكە تىزىلىش ئۇسۇلى، 5 يىللىق ئۇزغۇنلۇق ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئېرىشكەن نومۇرلىرىنى جۇغلاش ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى 1- جەدۋەلدە ئەڭ يېڭى تىزىلىش بېرىلگەن.
2012-2013تە ئۇزغۇنلۇق ھەلقۇلغۇچقا بايېرن ۋە دورتمۇندنىڭ كىرىشى بىلەن گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئەڭ كۆپ نومۇر ئالغان.
2011-2012دە بولسا، بارسېلونا ۋە رېئال مادرېدنىڭ مۇسابىقە نەتىجىلىرى ئالاھىدە بولغاچقا (گەرچە ھەلقىلغۇچقا كىرەلمىگەن بولسىمۇ)، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئەڭ كۆپ نومۇر ئالغان.
2010-2011دە بولسا، ياۋروپا بىرلەشمىسىدە 4 كۈچلۈككە 3 پورتۇگالىيە كۇلۇبى كىرىپ، پورتۇگالىيە ئەڭ كۆپ نومۇرنى ئالغان.

بىرلەشمىنىڭ شۇ يىللىق نومۇرى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
دۆلەتلىك بىرلەشمىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى، شۇ دۆلەتتىن قاتناشقان كۇلۇپنىڭ ھەر بىر مۇسابىدە ئېرىشكەن نومۇرىنىڭ توپلامىنى، توپلام كوماندا سانىغا بۆلۈپ چىقىرىدۇ.
مەسىلەن :
گېرمانىيە كوماندىلىرى توپلام 125.5 نومۇرغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئوتتۇرىچىسى 17.928 (2-رەسىمگە قاراڭ)
125.5\7=17.928

كۇلۇپلارنىڭ نەتىجىسى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
قائىدە مۇنداق:
A كۇلۇپ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى گۇرۇپپسىغا كىرەلىسە، 4 نومۇر مۇكاپات؛
A كۇلۇپنىڭ ھەر ئۇتقان مۇسابىقىسى ئۈچۈن 2 نومۇر؛
A كۇلۇپنىڭ گۇرۇپپىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن 5 نومۇر؛
16دىن كىيىنكى ھەر قېتىملىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى 1 نومۇر؛
موشۇ بويىچە نومۇرلارنى جۇغلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا توپلام نومۇر ھېسابلىنىدۇ.

مىسال:
بايېرن ميۇنخېن: 33 نومۇر توپلىغان ۋە بۇ جەرياندا جەمئىي 13 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان (6 گۇرۇپپا مۇسابقىسى ۋە 7 شاللاش مۇسابىقىسى). بۇلاردىن 10نى ئۇتقان، 1سىدە تەڭلەشكەن ۋە 2سىدە ئۇتتۇرغان.
گۇرۇپپىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن 4 نومۇر
توپلام ئۇتقان 10 مەيدان ئۈچۈن 20 نومۇر
1 تەڭلەشكىنى ئۈچۈن 1 نومۇر
گۇرۇپپىدىن چىققىنى ئۈچۈن 5 نومۇر
چارەك ھەلقىلغۇچ ئۈچۈن 1 نومۇر
يېرىم-ھەلقىلغۇچ 1 نومۇر
ھەلقىلغۇچ 1 نومۇر
توپلام = 10*2+5+4+1+1+1=33

ئۇزغۇنلۇق بىلەن ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئوخشاش، لېكىن بېرىلگەن مۇكاپات نومۇر ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدا چارەك ھەلقۇلغۇچتىن باشلاپ، 1 نومۇردىن مۇكاپات نومۇرى ئالالايدۇ. شۇڭا بىر كۇلۇپ چارەك ھەلقىلغۇچقا كەلمەي تۇرۇپ، ئۇتۇش ۋە تەڭلىشىشتىن باشقا نومۇر ئالالمايدۇ.
4-رەسىمگە قارايدىغان بولساق، ئىنگىلاند كوماندىلىرىدىن، شەلىكلەر گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان بولسىمۇ 4 نومۇر ئالالىغان، لېكىن نيۇكاستل بىلەن توتتېنھام ئاران چارەك ھەلقىلغۇچ ئوينىيالىغان بولغاچقا، 1ەر نومۇر ئالالىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر كوماندىنىڭ چىمپيونلۇق لوڭقىسى ئوينىشى، شۇ دۆلەت ئۈچۈن بەك مۇھىم.

UEFA2013.JPG


UEFA2013-2.JPG


UEFA2013-3.JPG


uefa_england.JPG

WE8.BOY

2

تېما

0

دوست

111

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  848
يازمىسى: 111
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50358
تۆھپە: 89
ۋاقتى: 60
h
ھالەت

3 - لىك لوڭقىسى ئارسىنال لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 23:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى ۋاقىت كىتىدىكەن بۇنى ھىساپلاشقا. چۈشۈنۈشكىمۇ ھەم شۇ .

بۇقىلار كەلدى ،ھى ھى ..

192

تېما

33

دوست

7187

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8240
يازمىسى: 7187
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 483151
تۆھپە: 2626
ۋاقتى: 2346
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 23:29:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئاستىدىكىنى ئۈستىگە تەھرىرلىۋىتىدىغان ئىشكەن ئەسلى
سۈكۈتنىڭمۇ چىكى بار قېرىنداشلار ئۆز-ئارا ئىناق ئۈتەيلى !

3

تېما

1

دوست

1631

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11894
يازمىسى: 1631
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1060032
تۆھپە: 1696
ۋاقتى: 238
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 00:26:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلنىش قىممىتى بار ئىكەن، رەخمەت سىزگە.

ياخشىلىققا ياخش

7

تېما

5

دوست

1898

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10830
يازمىسى: 1898
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 54750
تۆھپە: 102156
ۋاقتى: 404
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 00:41:15 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتى رەت تەرتىپ ئېلان قىلىنغاندا بەزەن مەستانىلىرىمىز نارازى بوپ كىتەتتى. ئۇ كوماندا ئۇنداق ئۇتقان تۇرۇپ بۇ كوماندىنىڭ كەينىدە، ئۇزغۇن بولغان تۇرۇپ 4چلۈككە كىرەلمىگەن كوماندىنىڭ كەينىدە دەپ. ئەمدىغۇ چۈشىنىشلىك بولغاندۇ. بىر مەيدان غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتكە قاراپلا تىزىپ قويىدىغان ئىش بولسا نۇرغۇن ئىش بوپ كىتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )