- تىزىملاتقان
- 2013-6-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 37
- نادىر
- 0
- يازما
- 37
|
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 17:45 
نادانلارنىڭ گۆدەك ئىنكاسىنى كۈرۈپ بىر يەرىمنىڭ بىر يە ...
بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاراپلا بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىۋەتسەك راست قاملاشمايتتى. ھۆكۈم چىقارغانلارمۇ تاراتقۇلار ئىكەن.چېچىلماڭ،بۇرادىرىم.مۇنبەر دېگەن بىر يېرىنىڭ قىچىغى كەلسە، كونۇپكا تاختىسىغا قاشلاتقاچ ئىنكاس يازىدىغان يەر ئەمەس.قىزىق قانلىق قىلمايلى. گەپلىرىڭىزدىن بارسا،ئىسپان كوماندىرىلىنىڭ سادىق ئىشتىراكچىلىرىدەك قىپ تۇرىسىز، سىز ئۆزىڭىز ئامراق كوماندىنى بىر نېمە دېسە ئاچچىقىڭىز كەلگەندەك، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزى ئامراق كوماندىنى بىرەرسى بىر نېمە دېسە جىق تۇرغۇسى كەلمەيدۇ.
ئەمدى ئۆزەمنىڭ گېپىمنى قىلاي: 6:2 ئۇتقاندا گەپ يوق،5:0 ئۇتقاندا گەپ يوق، دېدىڭىز، 6:2 بولغاندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھازىرقىدەك كۆپتۈرمىچى بولمىسىمۇ، ئۆزىگە تۇشلۇق ماختانغان(بارسادىن)، 5:0 ئۇتقاندا ، پېكنىڭ 5 بارمىقىنى چىقارغانلىقى توغرىلىق رەسىمنى ھەقىچان سىزمۇ كۆرگەن، كۆرمىگەن بولسىڭىز يوللاپ بېرەي، بارسېلونا شەھىرىدە مۇز قايماق (بىڭگۇر)نىڭ يۈزىگە شۇ بەش بارماقنىڭ شەكلىنى چۈشۈرۈپ سېتىش پائالىيەتلىرى ئەۋج ئالغان، ۋىللا، پېدرو قاتارلىقلار ‹5› بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى ئېلانلارنىمۇ ئىشلىۋەتكەن، كىرىسىتىيانو رونالدونىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا چىققاندا مۇنداقلا بىر تۇرۇپ قالغان ھالىتىگە يۈزىگە(ئوڭ ئېڭىكىگە) بارسانىڭ ئەندىزىسى ئېلىنغان بەش بارماق (شاپىلاق، تەستەك، كاچات) ps تېخنىكىسى ئارقىلىق كىرىشتۈرۈلگەن،ۋەھاكازالار.يۇقارقىلار شۇ يەردە بولۇنغان ئىشلار. ئەمدى مۇنبىرىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، بەزى شاتىراق مەستانىلەر (بارسانىڭ) ، ئۆزىنىڭ ئىمزا رەسىمى ۋە باش سۈرىتىگە مادىردنى ما+زاق قىلغان شۇ مەزمۇندىكى نۇرغۇنلىغان رەسىملەرنى ئىشلەتكەن، بىز ۋە بىزگە مايىللار ئانچە - مۇنچە سوقۇشقان،مۇنبەر باشلىقلىرى ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا كاجلىق قىپ تۇرۇۋېلىپ، پەقەت بولمىغانلىرىنى چەكلىۋەتكەن يەرلىرىمۇ باردەك ئېسىمدە. شۇڭا،6:2 ئۇتقاندا گەپ يوق،5:0 ئۇتقاندا گەپ يوق،دېمەيلى.گەپ دېگەن مۇشتاراق بولىدۇ. كېيىن پەلەك ئايلىنىپ بۈگۈنگە كەلدى، بارسامۇ مادىردنى ئۇتۇپ باقمىغىلى بىر يىل بولدى. بۇ يىل بايرېن تىرنىقىغا خېنە قىلمىدى.شۇڭا، بەزى گەپ-سۆزلەرنى سەل ئويلىنىۋېلىپراق دېسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز. بەزى ئىنكاسىلىرىڭىزدا چوڭ بولدۇق ئەمەسمۇ،دەپسىز. قارىسام راست چوڭ بوپسىز.
ئاندىن يەنە بىرسى، كېلەر يىلى ئارگېنتىنا بىرازىلىيەنى ئۆتمەتۆشۈك قىلىۋەتكەندە كۆرەمىز ،دەپسىز. كۈلۈپ سالدىم.قايسى ئارگېنتىنا؟ ھازىرقىسىمۇ-يا؟ قالغىنىنى سىز دېگەندەك ۋاقتى كەلگەندە كۆرەمىز.لېكىن ھازىرقى ئارگېنتىنانىڭ ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: 1-دەرىجىلىك ھۇجۇم سېپى؛3-دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەيدان قۇرۇلمىسى؛ 4- دەرىجىلىك ئارقا سەپ مۇداپىئەسى. سىزنىڭچە ئاشۇلار بىر ئىش قىلالارما؟ گۇرۇپتىن چىقىپلام 16-كۈچلۈكتىن ئۆيىگە قايتىشىنى قوبۇل قىپ قالىدىغان گەپمىكى ۋاقتى كەلگەندە(كىچىك بالىچە پىكىر قىپ قالغاندەك قىلىمەنمۇ - قانداق؟‹!).
ئىشقىلىپ بىرازىليىدىن بوش ئادەم چىقمايدۇ. ئاخشام بىرازىلىيە 欧式打法 ئوينىدى. ئوينىغاندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپرەك ئويناپ قويدى. نەتىجىدە ئىسپانلارنى 3:0 ئويناپ قويدى، مارەك بولغاي! |
|