- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3983
- نادىر
- 1
- يازما
- 3983
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزىلگەن بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كۇماندىسى ئۆزىنىڭ مۇقىم بولغان مۇداپىيەسى ۋە كۈچلىك بولغان ھۇجۇمىغا تايىنىپ دۇنيا چىمپىيۇنى ئىسپانىيە كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى . بۇ مەيدان مۇسابىقە بىر قىززىق نوقتا پەيدا بولغان بۇلۇپ كۈرۈش سۇپىسىدىكىلەر سائەت سىزىلغان بىر تال قەغەزگە‹‹ «تىك-تاك» پۇتبول تاكتىكىسى ، ئەمدى ئۇخلىغىن››دىگەندەك خەتلەرنى يېزىپ كۈتىرىۋالغان .دەرۋەقە بىرازىلىيە كۇماندىسى 3-0 زور پەرىق بىلەن غەلبە قىلىپ پۈتكۈل دۇنيانى قايىل قىلدى.
دۇنيا چىمپىيۇنى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشى بەزى تەرەپلەردىن ئېلىپ ئېيتىقاندا بىرازىلىيە كۇماندىسىنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى زۇمگەرلىك ئورنىنىڭ قايتىدىن نامايەن بۇلىشى دىيىشكە بۇلىدۇ .بىرازىلىيە كۇماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىپادىسى قالتىس بولغان ۋاراتارى سەيسار 250يىل بۇرۇن بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ يول باشچىسى ( 蒂拉登特斯 بۇ ئىسىمنى قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلمەي مۇشۇنداق ئېلىپ تۇردۇم) پورتىگالىيەلىكلەرگە قارشى جەڭ قىلغانغا ئوخشاش ھازىر دۇنيا پۇتبولىنىڭ زۇمگەرلىك ئورنىدا تۇرۋاتقان ئىسپانىيەلىكلەرگە ‹‹قان سىستىمىسى تەلىماتى››نى تەكىتلىدى شۇنداقلا دۇنيادىكى بىرىنجى تەنھەركەن ئاتالغان پۇتبولدا بىرازىلىيە ھەقىقى ھۈكۈمران دىدى.
‹‹ئەڭ ئالدى بىلەن مەن ئىسپانىيە كۇماندىسىنى ھۆرمەت قىلىمەن ، ئۇلار سەۋىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان كۇماندا ، بىر مەزگىل پۇتبول دۇنياسىدا دەۋىر سۈردى ،بىراق پۇتبول قان سىستىمىسىغا ۋە دەرىجىگە ئايرىلغان تەنھەركەت ، بىلىش كىرەككى بىرازىلىيە بەش نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسىغا ئىرىشىپ باققان بىردىنبىر دۆلەت . مەن ئىسپانىيە كۇماندىسىدىكىلەرنىڭ بىزنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن ، بۇرۇن
ئۇلار بىلەن تۇتىشىپ بېقىشقا ئىزچىل پۇرسەت بولماي كەلگەن ، بۇ قېتىم ئاخىرى پۇرسەت كەلدى ھەمدە ئۇلارمۇ بىرازىلىيە بىلەن مۇسابىقىلىشىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتى .››مانا بۇ سەيسارنىڭ مۇسابىقىدىن كىيىن قىلغان سۈزى.
|
|