- تىزىملاتقان
- 2007-8-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-19
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 4965
- نادىر
- 16
- يازما
- 4965
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-27 03:12
تويغا قاتنىشىپ قالغاچقا يىغىنغا قاتنىشالمىدىم ، كەچۈرۈڭلار . يېغىندىن كېيىن بۇ ئىشنىڭ پەيدا بولغىنىنى كۆرۈپ گاڭگىراپلا قالدىم . زادى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچىدۇ دەپ ....
سىلەرنىڭ ئۆچۈرمەكچى بولغان كىچىك نۇمۇرلار زادى قانداق نۇمۇرلار ؟ مەلۇم جىدەل بولغان مۇنازىرە تېمىسىغا قاتنىشىۋالىدىغان ياكى مەلۇم شەخسنىڭ زىدىيىتىگە تىگىۋالىدىغان كىچىك نۇمۇرنىلا ئۆچىرۈشنى مەقسەت قىلدىڭلارمۇ ياكى مەقسەتلىك بولامدۇ ياكى مەقسەتسىز بولامدۇ كىچىك نۇمۇر بولسىلا ئۆچۈرۈشنى نىشان قىلدىڭلارمۇ ؟
1.ئەگەر مەلۇم يامان مەقسەتنى نىشان قىلىپ تىزىملاتقان كىچىك نۇمۇر بولسا قاراپ باقسام بۇنداق نۇمۇرنى ھېچكىم تاپشۇرماپتۇ . كېيىنمۇ تاپشۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . مەن بولساممۇ تاپشۇرمايتتىم . مېنىڭچە بۇنداق نۇمۇرلارنى شۇ دائىملىق ئەزالارنىڭ ئۆزىنىڭ تاپشۇرىشىغا قويۇپ بەرمەي كۆرگەنلا يەردە چەكلىۋەتكەن ياخشى . ئۇنداق كىچىك نۇمۇر ئويناپ كۆنۈپ قالغانلا بۈگۈنى بۇ نۇمۇرنى سىلەرگە تاپشۇرغىنى بىلەن ئەتىسى يەنە باشقا نۇمۇرنى تىزىملىتىپ ئويناۋېرىدۇ كىچىك نۇمۇرنى . ھەم بۇ مۇنبەردە يۈزى چۈشىدىغان ئىش . كىمنىڭمۇ تاپشۇرغىسى كىلە ئۆزى مەلۇم مەقسەتنى دەپ تىزىملاتقان كىچىك نۇمۇرىنى ؟
2. يامان مەقسىتى يوق تىزىملاتقان كىچىك نۇمۇرلارنى تازلاشنىڭ ئۆزى ئوشۇقتىن-ئوشۇق ئاۋارە بولۇش . يۇقىرىدا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى قاراپ باقسام مانا مۇشۇنداق ھېچقانداق يامان مەقسىتى يوق قۇرۇپ قويغان كىچىك نۇمۇرلار ئىكەن . بۇنداق نۇمۇرلارنى تازلىغاننىڭ نېمىگە پايدىسى ؟تازلىسىمۇ تۇرىۋېرىدۇ ، تازلىمىسىمۇ تۇرىۋېرىدۇ ... بىزنىڭ مەقسىتىمىز مۇنبەردىكى ھازىرغىچە تىزىملاتقان جەمئىي ئەزا 12556 نى يۇقىرى كۆتۈرۈشمۇ ياكى ئىنكاس سانى 10غا يەتمىگەن بارلىق كىچىك نۇمۇرلارنى تازلاپ ساننى 2000ئەتراپىغا چۈشۈرۈپ قويۇشمۇ ؟ مېنىڭچە بىرەرسى مۇنبەرگە يېڭى كىرسىمۇ «ماۋۇ مۇنبەردە ئادەم خېلى كۆپ ئىكەن »دېگۈدەك بىر سان بولىشى كېرەك . گەرچە سۈپەتسىز سان بولسىمۇ ....
مېنىڭمۇ كىچىك نۇمۇرۇم بولغان . مۇنبەر كونىللىرى بىلىدۇ . «ئىز»دېگەن نۇمۇردا بىر مەزگىل مۇنبەرگە ئىنكاس ، تېما يوللىغان ... لېكىن ھېچكىمنى بىرەر مەقسەتتە تىللىۋالارمەن دەپ قۇرمىغان نۇمۇر ئىدى ئۇ . «پۇتبول»دېگەن نۇمۇرۇمنى مۇنبەرگە يېڭى كىرگەن بەزى باللار بىلمەي مېنى مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىسىمىكىن دەپ قالىدىكەن(بۇنداق ئىش ئالدىمدىن بەك تولا ئۆتتى) چۈنكى كۆپىنچە مۇنبەردە مۇنبەر مەسئۇللىرى شۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمىنى قوللىنىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ( مەسىلەن : سەلكىن ، شەبنەم ، مىسرانىم دېگەندەك) مېنىمۇ پۇتبول مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى پۇتبول دەپ قالغان چېغى ... بۇرۇن بەزى ئەزالار بىلەن تولا جىدەل ئويناپ كەتكەن بولغاچقا شۇنداق خاتا چۈشىنىدىغان باللىلارنىڭ ئاغزىغا «مۇنبەر قۇرغۇچىسى تۇرۇپ جىدەللىشىدىكەن »دەپ چىقىپ قالماي دەپ تاشلىۋەتكەن نۇمۇر ئىدى بۇ . كېيىن مۇنبەردىكى بەزى تونۇش-بىلىشلەرنىڭ نەسىھىتى بىلەن باشقۇرغۇچىلىقتىن چىكىنىپ قايتىدىن مۇشۇ نۇمۇرنى ئىشلىتىۋەردىم . ھېلىقى كىچىك نۇمۇرۇم «ئىز»نىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى بولسا مۇشۇ نۇمۇرۇمغا بىرىكتۈرۋەتتى ...
ZIDANEدەپ يەنە بىر نۇمۇرۇممۇ بار . بانكىدا پۇللۇرۇم توشاپ كەتكەچكە ئامال يوق شۇ نۇمۇرغا ھېساۋات ئاچقان . بانكىدا پۇللىرى توشاپ كېتىپ ماڭا ئوخشاش كىچىك نۇمۇردا ھېساۋات ئاچقانلاردىن بايلاردىن تەنھا بىلەن ئاتۇشمۇ بارغۇ دەيمەن . ماۋۇ ZIDANEدېگەن ئىسىملىك نۇمۇرۇمغا قىزىقىدىغانلا بولسا ساتىمەن جۇمۇ ....
گەپنى ئۇزۇن قىلىپ كەتتىم خۇلاسىلىسام : يامان مەقسەت بىلەن قۇرمىغان كىچىك نۇمۇرلارنى تازلاشنىڭ ئەھمىيىتى يوق . يامان نىيەت بىلەن قۇرغان كىچىك نۇمۇرلارنى ئەزالارنىڭ ئۆزىنىڭ تاپشۇرىشىغا قويۇپ بېرىش «جۈجەم پىش ئاغزىمغا چۈش» دەپ قاراپ ئولتۇرغان بىلەن باراۋەر . ھېچكىم تاپشۇرمايدۇ . ئۇنداق نۇمۇرلارنى نەدە كۆرسەك شۇ يەردە ئۆچۈرۈپ ماڭىلى ... (ئامېرىكا بىلەن بەزى ئەزالار ئوتتۇرىسىدا بولغان جىدەل تېمىللىرىدا تولا كۆرۈپ كەتتىققۇ ئەنە ئاشۇنداق مەلۇم مەقسەتتە قۇرۇلغان نۇمۇرلارنى ... )
ئۇيقۇچىلىقتا گەپلىرىم بەك تاقا-تۇقا بولۇپ كەتتى . يۇقارقىلار مېنىڭ پەقەت شەخسىي پىكرىم . ئومومغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ .
|
|