ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3431 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەسلى . كەمىنە ئۈلكەردىن ھەممەڭلارغا سالاملار بولسۇن . ھەممەڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن .
ئالدى بىلەن سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن ، مۇنبىرىمىز قۇرۇلغان ئالتە يىلدىن بۇيان تۈرلۈك جاپا چىكىشلەر بەدىلىگە مۇنبەرنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈشكە سەۋەب بولغان ، ئاۋام خەلىق ئۈچۈن مۇنبەرنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغان نىجات تەنجاڭ باشلىق پەردە ئارقىسىدىكى جاپاكەشلەر شۇنداقلا مۇنبىرىمىزنى مول مەزمۇن ، سەرخىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ كىلىۋاتقانلار ئۈچۈن كەڭ جامائەتچىلىككە ۋاكالىتەن چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
مۇنبىرىمىز ئۇيغۇر تور ساھەسىدە ئالتە يىللىق تارىخى بىلەن مەۋجۇتلىقىنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلگەنىكەن بۇمۇ ئەلۋەتتە كىچىك نەتىجە ئەمەس . مۇشۇ ئالتە يىللىق مۇساپە جەريانىدا مۇنبىرىمىز ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ ، تەرەققى قىلىپ يىتەرسىزلىكىنى تۇلۇقلاپ كېلىۋاتىدۇ . شۇڭلاشقا مۇنبەردە مەۋجۇت بۇلىۋاتقان يىتەرسىزلىكلەرنى قەدەممۇ قەدەم تۈزىتىش مەقسىتىدە مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ئالدى بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىشىغا بىر چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي : گەرچە ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىشى كۆپلىگەن ئەزالارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، بىراق مۇنبەر بوشلۇقىدا ساقلانغان كىچىككىنە مەسىلە تۈپەيلى بۇ ئىشمۇ ۋاقتىدا ھەل بولماي قالدى . بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئەزالاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن . نىقات مۇنبەر بوشلۇقىدا ساقلانغان مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقسىلا ، بىرىنجى ۋاقىتتا ئەزالارنىڭ ئىسم ئۆزگەرتىش ئىشىنى ھەل قىلىمىز . ۋاقىپ بۇلۇپ قالغايسىلەر !
مەقسەتكە كەلسەك :
مۇنبىرىمىزنىڭ قىزغىن كەيپىياتىغا چۈشكەن داغ كەبىي يەنە بىر ئىش بار . ئۇ بولسىمۇ ئەزالارنىڭ كىچىك نۇمۇر ئىشلىتىش مەسىلىسى . بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ ئەزالارنىڭ كۆڭلىگە ئايان . شۇ سەۋەپتىن مۇنبەر باشلىقلىرى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئەسلى ئارقا بەتتىن مەجبۇرى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانماقچى بولغان ئىدۇق . بىراق بۇ خىل ئۇسۇلدا خاتالىق كۆرۈلۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن . شۇڭا تېما يېزىپ ئومۇمىي ئوختۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەزالارنىڭ كىچىك نۇمۇرلىرىنى يىغىپ بىردەك ئۆچۈرمەكچى . شۇڭلاشقا ئەزالارنىڭ ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىشىنى سورايمىز . ئەلۋەتتە ، ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ كىچىك نۇمۇرلىرىنى تاپشۇرغىنىدىن سىرت يەنە ئارقا بەتتىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدۇ . شۇڭا بۇ قېتىمقى خىزمەت ئارقىلىق مۇنبەردىكى كىچىك نۇمۇرلارنىڭ ئەڭ زور چەكتە ئازىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچىمىز .
يەنە بىر ئىش : گەرچە مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ كىچىك نۇمۇر ئېلىش خىيالى بولمىسىمۇ دەسلەپكى نۇمۇرنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىش سەۋەپلىك يېڭىدىن نۇمۇر ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئەزالارمۇ يوق ئەمەس . شۇڭا ئەزالارنىڭ ئۆزلىرى ۋاز كەچمەكچى بولغان نۇمۇرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرغا قۇيۇشىنى سورايمىز . ئەگەر ئۆزى تاپشۇرماي بىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقاپ قالغان نۇمۇرلار بولسا بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ !
ئەسكەرتىش : (ئەگەر ئوچۇق ئىنكاس يېزىشنى ئەپسىز كۆرسەڭلار بىۋاستە ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتسەڭلارمۇ تامامەن بۇلىدۇ ) .
|
|