- تىزىملاتقان
- 2007-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 540
- نادىر
- 1
- يازما
- 540
|
يۇقارقى ئۈچ نامزاتنىڭ باشقۇرغۇچى بولىشىنى قارشى ئالىمەن ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇزنى باشقۇرغۇچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىمەن ، سەۋەبى :مۇز نىڭ مۇنبەرگە چىقىش ۋاقتى خېلى ئۇزۇن ، تىمىلارغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ ، پۇتبولغا نىسپەتەن مۇئەييەن بىلىم ۋە ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە ، ئىنكاس قايتۇرغاندا ئاساسەن ھىسياتقا بىرىلمەيدۇ ، ھەرقايسى كولۇپلار مەستانىلىرى ئوتتۇرىدا بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزىدۇ ، بولۇپمۇ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ، كۆز قاراشلىرى مۇنبەر ئەھلىنى توغرا يۆنۈلىشكە قاراپ يىتەكلەپ ماڭالايدۇ دەپ قارايمەن .
باشقۇرغۇچى بولغاندىن كىيىن بۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، پۇتبول بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، توغرا ، ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار ئارقىلىق جامائەتنى توغرا يولغا يىتەكلەپ ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت دائىرىسىدكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇنبەردە جارى قىلدۇرۇپ ، داڭلىق شەخىسلەرنى مۇنبەرگە باشلاپ كىرىپ ، مۇنبەرنىڭ پۇتبول مۇنازىرە سەھنىسىدىكى نوپۇزىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، شىنجاڭ پۇتبول ساھەسىدىكى 1 - بىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىنىمىسىز قان - تەر ئاققۇزۇشنى ئۆمىد قىلىمەن . |
|