- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-22
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 198
- نادىر
- 0
- يازما
- 198
  
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مۇنبىرىمىز ئۇزۇندىن بېرى مۇنبەر باشلىقلىرىنى رەتلەش ياكى يېڭىدىن مۇنبەر باشلىقى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى نۇرغۇن تەكلىپ - پىكىرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدى ، ئويلىشىش ئارقىلىق مۇنبەرگە كىرەلمەيۋاتقان بىر نەچچە باشقۇرغۇچىنى مۇنبەر تۆھپىكارى قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغان باشقۇرغۇچىلارنى سەپلىمەكچى .
مۇنبەرگە كىرەلمەيۋاتقان باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىق قىلىۋاتقىنىغا ئالدىغا 5 - 6 يىل ، كەينىگە بىر نەچچە يىل بولدى ، يېڭى باشقۇرغۇچى بولغاندا بويتاق بولغان بولسا ھازىر ئائىلىسى ھەتتا پەرزەنتى بار بولدى ، زىممىسىگە بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك يۈك ئارتىلدى ، خىزمەت ھەلەكچىلىكىگە چۆكۈپ كەتكەنلەرمۇ خېلى بار ، بۇنداق سەۋەبلەر نۇرغۇن .
بەزى مۇنبەرداشلار بەلكىم « مەن بەزى باشقۇرغۇچىلارنى كۆرۈپ باقمىدىم » دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن ، راست بەزى باشقۇرغۇچىلار مۇنبەردە تېما ئىنكاسقا كۆپ قاتناشمىغان بىلەن ، ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە قولىدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولۇپ كىلىۋاتىدۇ .
مەقسەدكە كەلسەك ، تۆۋەندىكى باشقۇرغۇچىلارنى ۋاقتىنچە مۇنبەر تۆھپىكارى قىلىپ قويۇشنى لايىق كۆردۇق ، ئۇلارنىڭ قاچانكى ۋاقتى چىقىپ يەنە مۇنبەر ئۈچۈن ئازغىنە كۈچ قوشىمەن دىسە ئۇلارنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمىز !
گىلادىئاتۇر ، ئىنزاگى ، vieri ، ablikim0814 ، پارلاق ، بەخت
يۇقارقى 5 نەپەر باشقۇرغۇچى ۋاقتىنچە مۇنبەر تۆھپىكارى سۈپىتىدە تەڭشەپ قويۇلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى چىققاندا مۇنبەر ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ ، يۇقارقى باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقىچە پىكىرى بولسا ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلسا بولىدۇ . ئەگەر باشقا پىنسىيونىرلار قوشۇلۇپ قالسا تېمىغا تەھرىرلىنىپ قويۇلىدۇ .
يۇقارقىلاردىن باشقا مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىۋاتقان ، تېما ئىنكاسلارغا قاتنىشىپ تۇرىۋاتقان ۋە ياكى ئارقا سەپتە ياردەمدە بولىۋاتقان بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ ، ياخشى مۇنبەر كەيپىياتى يارىتىشقا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! سىلەر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن مەنمۇ ئۆز خىزمىتىمنى خاتىرجەم قىلىۋاتىمەن .
ئەمدى گەپنى يېڭى تېمىغا يۆتكەيلى . مۇنبەرگە يەنە بىر قانچە يېڭى باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلماقچى ، باشقۇرغۇچى بولۇپ بېقىشنى خالايدىغان ، مۇنبەر ئۈچۈن ئاز - تولا تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان ، شەخسىي ھىسىياتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ ئىش بىجىرىدىغان جانلىق ، كەسكىن ئەزالاردىن باشقۇرغۇچى قىلىپ تاللىماقچى ، باشقۇرغۇچى بولۇپ بېقىشنى خالايدىغانلار ئۆزۈڭلار تەۋسىيە قىلساڭلار بولىدۇ ، ۋە ياكى مۇنبەرداشلار ئۆزلىرى بولىدۇ دىگەن ئەزانى تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ . بۇ ئىشقا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى چاقچاق ئارلاشتۇرماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز !
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ تېما پەقەت ۋە پەقەت تەڭشەلگەن مۇنبەر باشلىقلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە يېڭىدىن باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى مەخسۇس تېما ، باشقا ھەرقانداق مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسنى قوبۇل قىلمايدۇ ، پالانى باشقۇرغۇچى ئانداق ، پالانى باشقۇرغۇچى مانداق دەپ شەخسىي ھىسىيات بىلەن يېزىلغان ھەرقانداق ئىنكاس ئۆچۈرىلىدۇ ، قايتا ئەسكەرتىش بىرىلمەيدۇ . كىمنىڭ داۋاملىق قېلىپ كىمنىڭ تۆھپىكار بولىدىغانلىقىنى ئويلىنىش ئارقىلىق چىقىرىلغان قارار . |
|