ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2553 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئېسىل تېما بوپتۇ ،،، ئەلۋەتتە مورىنىئو باشچىلىغىدىكى مادرىت ئالدىنقى پەسىلدە بايرىنغا ئۇتتۇرۋەتمىگەن بولسا ، بەلكى بۇنچە كوپ سەۋەپ ئىزدەلمىگەن بولاتتى ،،، كېسىپ ئىيتىشقا بولىدۇكى ئالدىنقى پاسىلدىكى مادرىت يوغان قۇلاققا لايىق ئوينىغان ،،، ئەلۋەتتە بايرىنمۇ ئوز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ھەل قىلغۇچقا كىردى ،،، ئەمما كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ كۇچلۇك كوماندا يەنىلا مادرىت ئىدى ،، بىر پەسىلدە 100 نۇمۇر ،، 122 توپ ،،، ئاجىز كولۇپلارغا ئۇرۇپ دىمەيلەر ،،، دورتموندنى تىترىتىپ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قوياپ قويغىلى قىل قالغان مالاگا ،، چىلسىنى ئۇزۇتۇپ قويغانمۇ ئىسپانلىقلار ،،، يەنە مادرىتنىڭ ئاخىرقى بىر لوڭقا چۇشىنى بەربات قىلالايدىغان كولۇپلار بىلەن تولغان ئىسپان بىرلەشمىسى ،،، 122 توپ دىگەن رىۋايەتلىك سان ،،، دىمەك نەق شۇ ئەڭ ئېسىل ھالىتىدە ئەڭ ئىسىل يوغان قولاققا ئېرىشەلمىدى ،، تەلەي ئامىلى پەقەتلا يوقمۇ ؟؟ مو تەلۋىنىڭ تەلىيى كاج ،،،
بۇ پەسىل بىرلەشمە نىمىشقا قولدىن كەتتى ؟؟ كاشىلىياس توپنى كوپ كەتكۇزۋەتتىمۇ ،،، ئەينى چاغدا مەن ئىستاتىستىكا قىلىپ كورگەن ئەمىلەيەتتە كاشىلىياسنىڭ يىگىنى ئالدىنقى پەسىل بىلەن ئانچە پەرىق قىلمايدۇ ،،،، ئەمدى بىز مۇنۇ سان سىپىرغا دىققەت قىلايلى ،،، پەسىل يېرىم بولغىچە ئوزىل كاكا مودرىچلارنىڭ پاس سانى مېسسىنىڭ چىقارغان پاس سانىغا تەڭ بولالمىغان ئىدى ،، يەنى مېسسىنىڭ چىقارغىنى 7 پاسقۇ دەيمەن ،،، خېلى بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلدىڭلارمۇ ؟؟؟ دەل مۇشۇ سەۋەپ بىنزىما ھىگۇيىن رونالدونىڭ ئۇمۇمى ئۇرغان توپى مېسسىنىڭكىگە تەڭلىشىپ قېلىشتەك نەتىجە چىقاردى ،،،، شۇنىڭ بىلەن پەسىل ئاخىرلاشماستىن بىرلەشمە قولدىن چىقىپ كەتتى ،،، يېڭى يىلدىن باشلاپ لوپىز مەيدانغا چىقتى ،، ئۇ ئوزىنىڭ كاشىلىياسنى زاپاس قىلىپ قويغۇدەك ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى جاھان ئەھلىگە كورسىتىپ قويدى ،، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئابرويىنى ئوستۇرۋەتكەن يەنە بىر سەۋەپ بار ،،،،، يەنى ئوزىل دىمارىئا بىنزىما رونالدو قاتارلىقلارنىڭ كىيىنكى پەسىلدە ئېچىلىپ كېتىشى ،،،، ھېلىقى ئۇمۇمى پاس سانى مېسسىغا تەڭلىشەلمىگەن مادرىتنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى كۇچلىنىپ ، ئوزىل بىنزىما رونالدو ھەر بىرى ئوز ئالدىغا 10 پاس تاشلىۋەتتى ،،،، كاشىلىياس ۋاقتىدا ئىپادىسىنى تاپالمىغان ئوزىل ۋە ئۇزلۇكسىز توپنى زايە قىلىۋىتىپ بارغان رونالدو ،،، لوپىزنى چىقىشى بىلەن باشقىچە ئېچىلىپ كەتتى ،،، لوپىز پەقەت توپ يىمىدىمۇ ؟؟؟ ئەلۋەتتە يىدى ،،، لىكىن بۇنىڭ يىگەن توپىنى ئوتتۇرا ئالدى مەيداندىكى توپچىلارنىڭ ئۇرغان توپلىرى ياخشى ياپتى ،،، كاشىلياسنى ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەپكارى قىلىپ قويغانمۇ ،، ۋە لوپىزنىڭ ئىپادىسىنى زىيادە ياخشى كورسىتىۋەتكەنمۇ دەل مۇشۇ مەسلە ئىدى ،،، ئەلۋەتتە لوپىزنىڭ ئىپادىسى كاشىلىياستىن ياخشى بولدى ،، ئەمما پەرىق ئۇنچىۋالا بىرى قەھرىمان بىرى جىنايەتكار بولغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ،،،
دورتمونتقا ئۇتتۇرۋەتكەن مۇسابىقىدە پېپى ئېغىر خاتالىق ئۇتكۇزدى ،،، ئوتتۇرا مەيدان بەك جانسىز بولدى ،، خومىرىس توپ سوۋغا قىلمىغان بولسا شۇ بىر توپمۇ يوق ئىدى ،،،، كىيىنكى مەيداننى ھەمىمىز بىلىمىز ،،، مادرىت كۇچىدى ،، ئەمما دورتموند بوش كەلمىدى ،،،، شاھلىق لوڭقىسىدا بۇنداق تەلىيى كاج كەلگەن مۇسابىقىنى ھازىرغىچە كورەپ باقماپتىكەنمەن ،،، بەزىلەر رىپىرنى ئەيىپلەشتى ،،، ئەمىلىيەتتە مادرىت باشقا نەرسە ئەمەس ، بەلكى ئامەت تەلەيگە ئۇتتۇردى ،،،
مو تەلۋە شاھلىق ئالدى ،، 100 نۇمۇر رىۋايىتنى قالدۇرۇپ كەتتى ، بىرلەشمە ۋە دەرىجىدىن تاشقىرىنى ئالدى ، ئۇزغۇنلۇقتا ئۇدا 3 يىل 4 كۇچلۇككە كىردى ،،، يېقىنقى 8 يىلغا قارىتا بۇ نەتىجە ياخشى نەتىجە ،،، ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىركى شانلىق ئىزلىرىغا باققاندا ئانچە مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغان 3 يىل دىيىشكە بولىدۇ ،،، ئۇ كەتتى ،، كەتكىنىمۇ ياخشى بولدى ، چۇنكى ئۇ مادرىتقا ، مادرىت ئۇنىڭغا تازا چۇشمىدى ،، بەزىلەر مادرىت ئەمدى تۇگىشىدىغان بولدى دىيىشتى ، ئۇنىڭسىز مادرىتنى تەسەۋۋر قىلالمىدى ،،، ئەمما شۇنىسى ئېسىمىزدە بولسۇنكى 100 يىللىق تارىخى ۋە ياۋرۇپانىڭ جاھانگىرى بولغان مادرىت بىزنىڭ ئىشىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ،، ئۇنىڭدىن بىرەر ئادەمنىڭ كېتىپ قېلىشى ھىچ گەپ ئەمەس ،،، ھەتتاكى جاھان تىترەتكەن رونالدو ، مادرىتنى مادرىت قىلىۋاتقان ئوزىل كىتىپ قالسىمۇ ، ياكى 10يىللىق توھپىكار كاشىلىياس كېتىپ قالسىمۇ ئۇ يەنىلا مادرىت ،،،، ،،،، ئىنسان ھاياتى بەك ئوڭۇشلۇق بوپ كەتسىمۇ بولمايدۇ ،، مورىنىئونىڭ ھاياتىنىڭ مۇشۇنداق بىر چۇچۇمەل بەتلىرىنىڭ بولغىنىمۇ بىر ھېساپتا ياخشى ئىش ،، بولمىسا مەنمەنچىلىكتە تەڭرىدىن قالسا مەن دەپ سالىدىغان ئىشلار بوپمۇ قالىدۇ ،، يىغىپ ئىيتساق ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز ،، كەلمىش شۇنداقكەن ،، كەلمىشىڭىز سىزنى بەزىدە قەھرىمان قىلىۋەتسە بەزىدە جىنايەتچى قىلىپمۇ قويىدىكەن ،،، ،،ئەلۋەتتە مەن ئۇنىڭدىكى مەنمەنچىلىك ، ھاكاۋۇرلۇقنى ياقتۇرمايمەن ( شەخسى قاراش ، ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىق ھەر بىر ئادەمنى شەخسى ئىشى )، ئەمما ئىتراپ قىلماي بولمايدۇ ئۇ ھەقىقەتەن تاكتىكا ئۇستىسى ، بىراق پۇتپولغا بۇلا كۇپايە قىلمايدۇ ،،، پۇتپولنىڭ جەلىپ قىلىش كۇچىمۇ دەل شۇ يەردە ،،
ئاخىردا ئۇلكەر ئىنىمنىڭ بۇ تېمىسىغا رەھمەت ئىيتىمەن ،،،، بەلكىم مورىنىئو مەستانىلىرىنىڭ باھالىرىنىلا ئاڭلاپ كونەپ قالدىڭلار ،،، مەندەك بىر مو تەلۋىنى ياقتۇرمايدىغان بىرىنىڭمۇ مۇلاھىزىلىرى بۇ تىماڭغا ئاز تولا تۇس قوشسا ئوزى يېتەرلىك ،،،، |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|