akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3209|ئىنكاس: 60

مادىرىد ۋە مورىنىئو ! ( ئۈلكەر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-11 05:47  



     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، ھەممەيلەننىڭ ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن .

     ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ، لوڭقا تەلۋىسى مورىنىئو ئىشتىن چۈشتى . بۇنىڭغا قارىتا ھەرخىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت ، مەيلى سەۋەبنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ كەتتى . خەيىر دىدۇق خالاس ، ئارتۇق گەپ يوق .

     ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى ، مەزكۇر يازمىنىڭ تاكتىكىلىق ئىدىيسى بىر قەدەر كۈچلۈك . بىراق شۇنداقتىمۇ توپ كۆرگەنلا مەستانە بولسا مەزمۇننى تامامەن سىڭدۈرەلەيدۇ !

     مەن لوڭقا تەلۋىسى مورىنىئونىڭ تەۋرەنمەس قوللىغۇچىسى ، بۇنداق بۇلۇشنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا : ئۇ بولسىمۇ مورىنىئونىڭ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان تېز سۈرئەتلىك ھۇجۇم ئوينىشى . ( بۇ يەردە ئۇنىڭ تاكتىكىسىنى دىمەكچى ) ! ھەر قېتىم مادىرىدنىڭ يوقىرى ئۆنۈملۈك قايتۇرما ھۇجۇمىنى كۆرگىنىمدە ئىختىيارسىز ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن چاۋاك چالىمەن . بىراق نىمىشقا بۇ يىلقى ھالىتى ئۆتكەن يىلقىدەك ئەمەس ؟ بۇنىڭغا قارىتا مەن پەقەت شۇنداق ھۆكۈم چىقىرالايمەنكى ، بۇ خىل ئويناش ئۇسۇلى توپچىلارنىڭ زېھنى ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنى زىيادە خورىتىۋەتكەنلىكتىن ، پەسىلنىڭ بېشىدىلا توپچىلارنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىدا بىرخىل روشەن ھارغىنلىق كۆرۈلگەن . ئەلۋەتتە ، بۇ خىل سەۋەب گەرچە يىتەرلىك بولسىمۇ بىراق ھەرگىزمۇ ئەڭ نىگىزلىك سەۋەبى بۇلالماسلىقى مۇمكىن . ئەڭ نىگىزلىك سەۋەبى يەنىلا - مەزكۇر كوماندىنىڭ يادروسى كىم ؟ دىگەنگە بېرىپ تاقىشىدۇ .
     مادىرىد قا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ كىرىستىيان رونالدو ، ئالونسو ياكى ئۆزىلنى كوماندىنىڭ يادروسى دىيىشى ناھايتى تەبئىي . بىراق ئەمەلىيەت ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس ، مورىنىئودەك بىر تېرىنىرغا نىسبەتەن ئۇ تۇتقان كوماندىنىڭ يادروسى پەقەت مورىنىئو ئۆزى بۇلىشى كېرەك . سىز بۇ يەرگە كەلگەندە بۇ قانداق گەپ ئەمدى ؟ دىيىشىڭىز مۇمكىن . ئۇنداقتا تۆۋەندىكى قۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز . ئاددىي بىر مىسال :
     مادىرىد چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن مورىنىئو پۈتۈن كوماندا بۇيىچە ئەڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئادەم بولماي قالدى . چۈنكى مادىرىد بىرلەشمىنىڭ چېمپىيۇنى بولغاندىن كېيىنلا كوماندا ئۆزىنىڭ ئۇزغۇنلۇقنىڭ 16 كۈچلۈكتە قانچىلىك ۋاقىت توختاپ قالغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقاردى . ھەممە ئەزا ئۆزىنى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى شۇڭا مەن مادىرىدتا توپ تىپىۋاتىمەن دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن مورىنىئونىڭ كوماندا ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەمگىكى ئۇلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى . ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسما ؟
     بەلكى قايسى ۋاقىتقا كەلگەندە مورىنىئونىڭ ئەمگىكى ئىتىراپقا ئېلىندى ؟ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ، بۇ ۋاقىت دەل ئۆتكەن يىلى 4 - ئاي . يەنى مادىرىد  1:2 بارسىلونانى يىڭىپ بىرلەشمە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن چېمپىيون بولغان ۋاقىت . توغرا ، دەل مورىنىئو كوماندىنى يىتەكلەپ جاھانغا پاتماي قالغان قان رەقىبىنى مەغلۇپ قىلالىدى . كىشىلەر دەل مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى شانلىق دەۋرىنى ئەسكە ئالدى . شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن بارلىق كوماندا ئەزالىرى مورىنىئونى ئورىۋېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشتى . چۈنكى ،  ئۇنىڭ توغرا بولغان تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشى ‹‹ئالەم كوماندىسى ›› ئاتلىق بارسىلونانى مەغلۇپ قىلغانىدى . ھازىرقىدەك ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ، دەل شۇ  مەيدان مۇسابىقىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى خېۋېي : ‹‹ بۇ يىلقى ئەڭ مۇنەۋەر تېرىنىر چۇقۇم مورىنىئو بۇلىشى كېرەك . چۈنكى پەقەت ئۇ بارسىلونانى مەغلۇپ قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقالىدى ›› دىگەنىدى .
     خوش ، قېنى ئەمدى باياقى تېمىغا قايتىپ كېلەيلى ( مورىنىئونىڭ ئويناش تاكتىكىسى ئۆزىنى مەركەز قىلىدۇ دىگەن مەسىلىنى دىمەكچى ) ! مورىنىئونىڭ ئويناش تاكتىكىسى ئۆزىنى مەركەز قىلىدۇ دىگەنلىك ماھىيەتتە پۈتۈن كوماندىنىڭ روھى ھالىتىنىڭ يولباشچىسى دەل مورىنىئو ، كوماندىنىڭ ئاتالمىش يادروسى ھېسابلىنىدىغان توپچى چۇقۇم ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلىشى كېرەك ، كوماندا ئەزالىرى سولغۇن ھالەتتە تۇرغاندا ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتالايدىغان ھالەت شەكىللىنىشى كېرەك دىگەندىن ئىبارەت . ئۇنداقتا ، توپچىلار نىمىشقا زادى چۇقۇم مورىنىئونىڭلا گىپىنى ئاڭلىشى كېرەك دەيمىز ؟ بۇنىڭ سەۋبىنى مۇنداق ئۈچ نوقتىدىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن . بىرىنجى ، ئۇنىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق ئىدىيسى . ئىككىنجى ، دەل شۇ مورىنىئو توپچىلارغا غەلبىنىڭ نىمىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى (بارسانى يەڭگەندى ھېسياتنى دىمەكچى )  . ئۈچىنجى ، بەزى توپچىلارنى ئۇ ئۆز قۇلى بىلەن ئىمزالاپ كىرگۈزگەن ، شۇڭا توپچىلار ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىشى كېرەك . يەنە نىمىشقا ؟ دەپ سورىغىڭىز كەلدىما ؟ بىز كۆك ئارمىيەنىڭ ئىلگىرىكى جەڭچىسى دىۋە ( دىروگبا ) ، مىلىتو ۋە سىنىيدىر لارنى ئەسلەپ باقايلى . دىۋە ھەققىدە كۆپ گەپ قىلىش ئارتۇقچە ، مىلىتو مورىنىئونىڭ قىزىشى بىلەن ئۇزغۇنلۇقتا نىمىلەرنى قىلىۋەتمىگەن . سىنىيدىرغا دەل شۇ مورىنىئو  ‹‹قايتا تىرىلىش›› پۇرسىتىنى بەرگەن .  
     چېلسىنىڭ ئىلگىرى نەس باسقان ۋاقىتلىرىمۇ ئاز ئەمەس . ئېنتىرنى ئالىدىغان بولساق ئۇلار ئۇزغۇن بولغان يىلى كوماندىنىڭ ھالىتى ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىدى . بىراق ھالەت ياخشى بولمىسا تەمكىن بۇلۇش كېرەك ئىدى ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا مورىنىئو بار ئىدى . ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئەسكەرلىرىمۇ خېلى خېلى داڭلىق ئالاھىدە قىسىم ئەتىرەتلىرى قىلالمىغاننى قىلالايتى . چۈنكى قوماندان مورىنىئو تۇرسا . مورىنىئونىڭ چۈشۈرگەن بىر ئېغىز بۇيرۇقىغا ھەر قانداق توپچى ھەتتا كوماندىنىڭ چوڭ مىڭىسىمۇ دىققەت ھالىتىدە تۇرۇپ ۋەزىپە ئورۇنلاشقا تەييار بۇلىشى كېرەك ئىدى . بۇنداق بولغاندا مۇنداق ئىككى خىل پايدىلىق ھالەت شەكىللىنىدۇ . 1 . توپچىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئاشىدۇ . 2. قومانداننىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا نىسبەتەن تېخىمۇ يۇقىرى بولغان دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشىدۇ . ئەمدى سىز دىققىتىڭىزنى ئەينى ۋاقىتقا قارىتىپ تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ : ئەينى چاغدىكى بارسىلونا قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىدى ؟ بۇنى چۇقۇم ئېتىراپ قىلىش كېرەك . ئۇنداقتا مورىنىئونىڭ ئېنتىرى بارسانى 1:3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلغان نەتىجە سىزگە نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ ؟ ھەيران قالارلىقمىكەن .
     ئەمدىكى نۆۋەت مادىرىدنىڭ بولسۇن . ئۇ مادىرىدقا كەلدى . ئۇنىڭ قۇلىدىكى كورتنىڭ ياخشىلىقىدىن باشقا ھەممە نەرسە ئوخشاش ئىدى . بارسانىڭ تاكتىكىسى مەيلى سىز قانداقلا تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرماڭ پەقەت توپ كونتىرول قىلىش ئارقىلىقلا ھامان سىزنى مەغلۇپ قىلالايتى . بارسانىڭ پۈتۈن سەپ ھالىتى مۇنداق : ئىنىستا ، خاۋى قوش يادرو ، مېسسى ئۆتكۈر خەنجەر . پۈتۈن سەپ ھۇجۇمدا ، يەنە قايتىپ پۈتۈن سەپ مۇداپىئە . توپ ھامان ئۇلارنىڭ پۇتىدىلا بولسا سىزنىڭ تارتىپ كىتەلىشىڭىزنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك . ئالدى مەيداندىكى مۇداپىئە ھامان 2گە 1 بولغىنى بولغان . پەقەت توپ ئۇلارنىڭ پۇتىغا چۈشسىلا سەۋىرچانلىق بىلەن ھۇجۇم تەشكىللەيتى . بۇنداق كوماندا بىلەن ئوينىغاندا سىزنىڭ غەلبە قىلىش ئەمەس باردىسقا 2-3 خەتەرلىك توپ تىپەلىسىڭىز مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ نەتىجە ھېسابلىناتتى . دەل مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا مادىرىد باشقا كوماندىلار بىلەن پەرىقسىز ئىدى . شۇڭا مورىنىئومۇ مادىرىدتىن ئېنتىرغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مەنبەگە ئىرىشەلەيدۇ دىسە بۇ ئەلۋەتتە يالغان بۇلاتتى . شۇڭلاشقا بارسانى يىڭىش ئۈچۈن مەيلى ئۇ مادىرىنى تۇتقان تەقتىردىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسىغا تايىنىشقا توغرا كېلەتتى . بۇ يەردە مەن شۇنى قۇشۇپ قويماقچىمەنكى ، مادىرىنى تۇتقانلىقى بارسا بىلەن بولغان جەڭدە باشقا ھەرقانداق كوماندىنى تۇتقانغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بېسىم ئىدى .
     ئارىدىن 2 يىل ئۆتتى . توپچىلار ھەقىقەتەن ئۆزگەردى ، ئۇلا قالتىس بۇلۇپ كەتتى . بارسانى يىڭەلىدى شۇنداقلا بىرلەشمىنىڭ چېمپىيۇنى بولدى ، دەل مۇشۇ ھالەت ئۇلارنى جاھاندىكى ئەڭ قالتىس كوماندا دىگەن قاراشقا ئەكىلىپ قويدى . بۇنىڭ بىلەن ئۇزغۇنلۇقتا 10 - لوڭقىغا بولغان ئۈمۈدى تېخىمۇ كۈچەيدى . دەل مۇشۇ چاغدا توپچىلارنىڭ ئېغىزىدىن بىز مۇنۇلارنى ئاڭلىدۇق . ماسېلو : ‹‹ مەن دۇنيادىكى 1 - نۇمۇرلۇق سول بېك ›› ، ئۆزىل : ‹‹ مەن بولسام بىرىنجى نۇمۇرلۇق ئالدى بەل ›› . ئالونسو گەرچە ئۆزى دىمىگەن بولسىمۇ راموس ئالونسو ھەققىدە سۆزلەپ ئۇنى كۆككە كۆتۈرۋەتتى . كىرىستىيان رونالدو بىلەن كاسىللاس بولسا تېخىمۇ ئىشتانغا پاتمىدى (بۇ يەردە زاغرا تىل ئىشلىتىپ قويدۇم ) ! دەل مۇشۇ ھالەت ئەمىليەتتە مورىنىئوغا تەۋە بولغان شەرەپنى ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تارتىدىغان بىرخىل ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى . نەتىجىدە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە زىدىيەت ( بىز ئاتايدىغان ئىسپان - پورتۇگال گوروھۋازلىقى ) نى پەيدا قىلدى . پەسىلنىڭ بېشىدا مورىنىئو توپچىلار ھەققىدە پەقەت مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئىشلەتتى خالاس . يەنى : ‹‹ ئەزالار بەك بوشىشىپ كەتتى ›› . بۇ سۆز ئەمىليەتتە توپچىلارغا بىر سىگىنال ئىدى . ئەپسۇس ، مۇشۇ بىر جۈملە سۆز بىلەنلا توپچىلار مەسئۇليەتنى تېرىنىرغا ئارتىشقا باشلىدى . ئەزالارنىڭ كاللىسدا بىز ھەممىدىن قالتىس ، مەيلى كىم تېرىنىرلىق قىلسۇن بىز ھامان ياخشى نەتىجىنى ئالاتتۇق دىگەن ئاڭ شەكىللەندى . مۇشۇ خىل ھالەت مورىنىئونى ئۆزىگە تىگىشلىك بولغان ئورۇندىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى . بۇ بەلكىم سىرتقى دۇنيا ئۈچۈن ھېچ گەپ بولمىسا كېرەك . بىراق ، مورىنىئودەك ئۆزىنى كوماندىنىڭ يادروسى ھېسابلايدىغانلار ئۈچۈن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ بۇ خىل ھالەت مورىنىئونىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ئورنىنى تەۋرىتىپ قۇيۇش بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قوماندانلىق قىلىشتىكى ئۈنۈم دەيدىغان نەرسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدى .
     شۇڭا ئەگەر سىز ئۈزلۈكسىز مادىرىدقا دېققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى ، نۇرغۇنلىغان خاتا گەپ سۆز ياكى بۇيرۇققا قارشى چىقىشتا بولغان توپچىلارنىڭ مورىنىئونىڭ جازاسىغا ئۇچىراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز . بۇ يەردىكى جازالاش پەقەت ئورۇندۇققا مېخلاپ قۇيۇشلا بولماستىن ھەتتاكى چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزمەسلىكتىن ئىبارەت . مەن بۇ يەردە بۇنداق ئۇسۇلنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىمەن . چۈنكى ھازىرقى پۇتبول جېڭى بىر مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭ . شۇ سەۋەپتىن بىر كوماندىنى بىر ئارمىيە دەپ قاراش تامامەن مۇمكىن . شۇڭا قوماندان ھەرگىزمۇ مارشالدىن ئۈستۈن ئورۇندا بولماسلىقى كېرەك . قوماندان خاتالىق سادىر قىلسا مارشالنىڭ جازالىشى ناھايتى نورمال . چۈنكى ، بۇ بىر پۈتۈن ئارمىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇلىدىغان ئىش . بىراق بۇ يەردىكى ئاۋارچىلىق شۇنداق تېزلا ھەل قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىگە يەتتى . يەنى مورىنىئو ئاجايىپ بىر ئادەم بىلەن دىيىشىپ قالدى . بۇ كىشى دەل كوماندىنىڭ كاپىتانى ئىدى . ئۇ ئۆزىنى مادىرىدنىڭ سىموۋلى ، كوماندىنىڭ بەلگىسى ، مادىرىد مەڭگۈ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان ئاساسلىق ئەزا دەپ قارايتتى .
     گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە تېمىنى كاسىلياسقا يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ . كاسىلياسنىڭ بوي ئىگىزلىكىنى گەرچە بەك ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە دىتىشكە بولمىسىمۇ بىراق ۋاقىت شۇنى ئىسواتلىدىكى ، ئەگەر تۇلۇق نۇمۇرنى 10 نۇمۇر دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇپ نۇمۇر قۇيۇشقا توغرا كەلگەندە ئۇنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا مۇنتلەق 10 نۇمۇر ، باشقا ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىغا 8 نۇمۇر قۇيۇشقا بۇلىدۇ . بۇنداق دىيىشىمدىكى ئاساسلىق سەېەپ : ئۇنىڭ ئاجايىپ تېز ئىنكاسى ئۆزىنىڭ بوي ئىگىزلىكى بىلەن توپ تۇسۇشتىكى ئىقتىدارىنى تۇلۇقلاپ كىتەلىگەن بىردىنبىر ئامىل دەپ قاراشقا بۇلىدۇ . ئۇنداقتا بۇنداق يۇقىرى نۇمۇرغا لايىق قاپقىچىدىن يەنە قانداق مەسىلە ئىزدەش مۇمكىن ؟ ئەلۋەتتە ئۇنىڭمۇ كەمچىلىكى بار ، ئۇ بولسىمۇ دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك مەسىلىسى . سىز بىر قاپقىچى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇزاق ۋاقىت دېققىتىڭىزنى يىغىشنى ئىشقا ئاشۇرالمىسىڭىز ئۇ چاغدا ئىنكاسىڭىزنىڭ تىك سىزىق بۇيىچە تۆۋەنلىشىگە سەۋەپچى بۇلۇپ قالىسىز . دەل مۇشۇ سەۋەپتىن پەسىلنىڭ بېشىدا كەتكۈزۈپ قۇيۇلغان كۆپلىگەن توپلار بىۋاستا كاسىلياسنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىپ قالدى . بۇ خىل ئەمىليەتنى پەقەت ئۇنىڭ مادىرىدتىكى 10 يىللىق كاپىتانلىق تۆھپىكار  سالاھتى يۇشۇرۇپ كەلدى . بۇنى بىز مەستانىلەر كۆرۈپ يەتكەن يەردە باش تېرىنىر مورىنىئونىڭ كۆرۈپ يىتىشى ناھايتى تەبىئىي . شۇنىڭ بىلەن بۇ تېرىنىر ئادەننى كاسىلياستىن ياخشى دەپ قاراپ ، كاسىلياسقا ئادەن ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى . بۇنىڭدا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئكيىنىڭ سىرتىدىكى ئامىللار بىلەن تاكتىكىنىڭ ئېھتىياجىمۇ بار ئىدى . دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئويلىمىغان يەردىن كاسىلياس يارلىنىپ قالدى . ئارىدىن لوپىزنىڭ پەيدا بۇلىشى كاسىلياسنى سوغوق ئورۇندۇققا مېخلىنىپ كېتىشتەك بىرخىل نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
       لوپىزنىڭ ئىپادىسىگە پەقەت ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىلا يىتەرلىك جاۋاپ بۇلالايدۇ . ئەڭ ئاددىيسى بۇ يىللىق ئۇزغۇنلۇقنىڭ 16 كۈچلۈك جېڭىدىكى مانچېسىتىر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە ھېلىھەم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . مۇسابىقىدىن كېيىن كىشىلەر ئاساسەن دىگۈدەك «لوپىز مادىرىدنى قۇتقۇزۇپ قالدى » دىيىشتى . ھەتتا قېرى سىرمۇ شۇنداق دىگەن . بىراق ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئەمىليەتنى سۆزلىمەستىن بۇنى مورىنىئو – كاسىللاس ، مورىنىئو – لوپىز مەسىلىسى دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى . دىمەك ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆتكەن بىر يىلدا مورىنىئونى چېقىۋېلىش بىلەنلا ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى . ھەتتا ئۇنى مادىرىدتا تۇرغۇسىز قىلىۋەتتى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس . لوپىزنىڭ ئىپادىسىگە قارىغۇلارچە كۆز يۇمۇش بەدىلىگە كاسىلياسنىڭ 10 يىللىق مادىرىدتىكى كاپىتان تۆھپىكار ھاياتى توختىماستىن دەستەك قىلىپ مورىنىئوغا ئاز بولمىغان زەربىلەر بىرىلدى . شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى : مورىنىئو كەتتى ، بىراق كاسىلياسنىڭ ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا قايتىپ كىلەلىشى ناھايتى قىيىن ، بىراق كۇلۇپ يوقىرى قاتلىمى يېڭى تېرىنىرغا بېسىم ئىشلەتسە بۇ باشقا گەپ .
       بەزىلەر مورىنىئونىڭ مادىرىدتىكى 3 يىلىنى ئىنكار قىلىدۇ . بۇ ئېنىىقلا بىر تەرەپلىمە قاراش ، چۈنكى مادىرتىدنىڭ ئۇدا 6 يىل ئۇزغۇنلۇقنىڭ 16 كۈچلۈك باسقۇچىدا توختاپ قالغان مادىرىد بۇنىڭ جاۋابى بۇلۇشقا ھەقلىق . شۇڭلاشقا بەزىدە مورىنىئوغا راستىنلا ئۇۋال بولدى دىگۈم كېلىدۇ . يەنە قايىل بولمىسىڭىز مۇشۇ 3 يىل جەريانىدىكى قورقۇنۇچلۇق بارسانى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ . مۇشۇ 3 يىل جەريانىدىكى ئەسىر دېربىيسىنى بىرنىمۇ قويماي قايتىدىن كۆرۈپ چىقىڭ . بۇ پەسىللىك مادىرىدنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ، بىراق ئۇنى تۇلۇق نەس باستى ياكى مەغلۇب بولدى دىيىشكىمۇ بولمايدۇ . كۇلۇب رەئىسى فىلورىنتومۇ ھەم شۇنداق باھا بەرگەن . ئەمدى گەپ بۇ يىلقى ئۇزغۇنلۇقتا بۇلىدۇ . بۇ ھەقىقەتەن ھېچكىم ئويلىمىغان بىر نەتىجە بولدى . ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى مورىنىئونىڭ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېغىر مەسىلە بار دەپ يەكۈن چىقاردى . بۇنىمۇ يوق دەپ ئىنكار قىلماي تۇرۇپ شۇ ئاخباراتچىلارغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ : ئەگەر مورىنىئونىڭ ئورنى ئۆزى ئويلىغاندەك يۈكسەك يادرولۇق ئورۇندا بولغان بولسا ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى زىدىيەتلەر مەۋجۇت بولمىغان بولسا ئۇنىڭ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشىدا يەنىلا مەسىلە مەۋجۇت دىگەن تەقدىردىمۇ نەتىجىنىڭ 4:1 بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ئىتتىپاقلىقنى كۈچ قىلغان مادىرىد قانداق بۇلىدۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابى 4:1 دىن كېيىنكى ئۇچىرىشتىكى مادىرىدنى ئەسلەپ كۆرۈڭ . دەل كېيىنكى ئۇچىرىشىشتا 2:0 نەتىجە بىلەن ھەرىلەرنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدىن كېيىنمۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى راموسنىڭ كۆز يېشىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى ، مورىنىئو شاللانغانلىقى سەۋەپلىك ھېچ ئىش قىلمىغانغا باراۋەر بولدى . لوپىزنىڭمۇ ھەم مۇتلەق كىرىشكە تىگىشلىك توپلارنى توسقان ئاجايىپ ئىپادىسىمۇ ھەم ئۇنتۇپ كېتىلدى . شاھلىق لوڭقىسىنىڭ قولدى كىتىشىگە پەقەت تەلەينىڭ كاجلىقى مۇرادىغا يەتتى دەپلا خۇلاسە قىلىمەن .
     گەپ بۇ يەرگە كەلدى . سىز پورتۇ ، چېلسى ، ئېنتىر ۋە مادىرىدنى بىر قۇر ئەسلىۋەتكەندىن كېيىن مۇنداق بىر سۇئال ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ . مورىنىئونىڭ كوماندىسى ھەممىدىن بەك نىمىگە مۇھتاج ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئتكەن مادىرىدتىن باشقا 3 كوماندىنى ئەسلىگىنىڭىزدە سىزنىڭ ھېس قىلىدىغىنىڭىز : 1. ئالاھىدە بەدەن سۈپەتكە ئىگە چەبدەس بىر ھۇجۇمچى . ئىدىيە جەھەتتىن 100% مورىنىئوغا بوي سۇنالايدىغان روھ . دىروگبا ، مىلىتو قاتارلىقلارنىڭ ناھايتى يۇقىرى ئىشلىتىش قىممىتى بار توپچىلار ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىسىز ، ئارقا مەيداندىن ئۇزۇن پاس ئارقىلىق تاشلانغان ھەر قانداق بىر توپنى پەقەت شۇلار قۇبۇل قىلالىسىلا بىر ئامال قىلىپ نۇمۇر ئالالىغان ياكى قارشى تەرەپ قاپقىچىسىنى سوغوق تەرلىتەلىگەن . ئەمدى مادىرىدتىكى بېنزىما ، ھىگۇايىنلارنى يۇقارقى ئىككىسىگە سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ . بىر ئەركىشىگە نىسبەتەن بۇلاردىكى پەرىق ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى پەرىق ئەمەس . 2. پۈتۈن كۈچنىڭ ئوتتۇرا مەيدانغا مەركەزلىشىشى . بۇ تۈرنى ئوقۇپ تۇنجى بۇلۇپ لەمپاردنى ئەسكە ئالدىڭىزمۇ ياقمۇ ؟ توغرا ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپلا بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىدى . شۇڭا مۇدىرىچنى مادىرىدقا ئېلىپ كەلگەن مورىنىئۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ مادىرىدتىكى لەمپارددى قىلماقچى بولغان . نەتىجىسى ھەققىدە ئۆزىڭىز ئويلىنىپ كۆرۈڭ . 3. ئۆپكىسى يوق (يۈگىرەپ ھارمايدىغان) ھۇجۇمچىسىمان يان بېك . 04-07 يىلى ئاشىلى كول دۇنيادىكى بىرىنجى دەرىجىلىك سول بېك بۇلۇپ باھالاندى . 08-10 يىلى مايكون بۇ شەرەپكە ئېرىشتى . 10-12 يىلى مارسېلو بۇ شەرەپكە نائىل بولدى . دىمەك بۇلارنى كىم مۇشۇنداق قىلىپ چىقالىدى ؟ نىمىشقا مورىنىئو يان بېكلارنى بۇنچە مۇھىم كۆرىدۇ دىگەننى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي ، ھەمما ئادەم ھۇجۇمغا چىقىپ كەتكەندە ئارقىدا 4 بېكنىڭ ھەممىسىنىڭ تەل بۇلىشى بەك مۇھىممۇ بۇلۇپ كەتمەيدۇ ، بىر يان بېكنىڭ ھۇجۇمغا قاتنىشىشى ھۇجۇمنىڭ بىر نۇقتىسىنى كۆپەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ . چۈشىنىشلىك بولدى ھە . شۇڭا پەسىلنىڭ بېشىدىلا مارسېلو يارلانغاندىلا مادىرىدنى خېلى بەكلا نەس باسقانلىقىدىن دېرەك بىرەتتى . 4. راۋۇرۇس ئارقا بەل . ئارقا بەل دىگەن بۇ ئورۇن ھازىرقى زامان پۇتبولىدا كۈنسىرى مۇھىم بۇلۇپ قالماقتا ، بەلكىم كەلگۈسىدە كوماندىنىڭ ئەڭ يادرولۇق ئورنى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .
       ئەمدى گەپنى قايتۇرۇپ كەلسەك ، مورىنىئو ئىلگىرى پورتۇ ، چېلسى ۋە ئېنتىردا ئۇتۇق قازانغاندا ھەممىسىگە ئورتاق بىر يول بار ئىدى . يەنى : ئىتتىپاقلىق ۋە بىردەكلىك . يەنە بىرى باشقا كوماندىلاردا يوق بولغان بىرخىل ھازىرلىق ئىدى . يەنى : يېشىل مەيدان سىرتىدىكى تېرىنىر . ئۇ بولسىمۇ دەل مورىنىئو .
     شۇنداق ، پۇتبولدا ئەزەلدىن دۇنيادا مۇتلەق بىرىنجى بولمايدۇ . سىز پەقەت پۇتبولنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەپسىڭىز ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەش روھىڭىز بولسا ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شەرەپ قۇچۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلالىسىڭىز (كىرىستىئان رونالدوغا ئوخشاش) ھامان بىر كۈنى چاقنىيالايسىز . ئەگەر بىر پۇتبولچى ئۆز كوماندىسىنى ياخشى نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن يىتەكلىسە ، بارلىق توپچىلارنىڭ مۇشۇ نىشان ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىنى كۆزەتچىلىك رولىنى ئوينىيالىسا ، پۈتۈن كوماندا ئويلىغىنىدەك شەرەپ قۇچقان شۇ مىنۇتلاردا مۇشۇ شەرەپ ئۈچۈن كۆرەش قىلغان پۈتۈن كوللىكتىپ شەرەپنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ھەرخىل ناملار بىلەن تەرىپلىنىدۇ (دۇنيادىكى بىرىنجى نۇمۇرلۇق بېك ياكى ھۇجۇمچى دىگەندەك ) بۇ ئادەم كۆپ ھاللاردا دەل كوماندىنىڭ باش تېرىنىرى بۇلىدۇ . ئەكىسچە ، كوماندا بىر ئاقسۆڭەكلەر مۇھىتىدا تۇرغان شارائىتتا بولسا كۆرەش قىلىش ئىدىيسى ئاجىز بۇلىدۇ . ئۆزىنى دۇنيادا تەڭداشسىز ھېسابلايدىغان خاتا ئاڭ ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ . ھەممىسى ئوخشاشلا ئادەم ، شۇڭا بەلكىم مېنىڭ بەدەن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىم ساڭا يەتمەسلىكى مۇمكىن ، بىراق تەجىرىبەم سەندىن مول . مانا بۇ كوللىكتىپنىڭ بىر بىرىنى تۇلۇقلاش پىرىنسىپى . شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن نىمىگە ئاساسەن سېنى مەندىن ناچار دەيمەن ؟ ئۆزەمنى نىمىگە ئاساسەن بىرىنجى ئورۇنغا قۇيىمەن ؟
      ئەگەر كوماندىدا ئالاھىدە تالانتى بار قالتىس توپچىلار بولسا ، مەسلەن پىلى ، مارادونا ، دىستىفانو . ئۇنداقتا باش تېرنىر پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىگە يول قويسىلا بولدى . ئەگەر ئۇنداق توپچىلار بولمىسا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىنى ئوبدان ئۇرۇنداپ ، توپچىلارنىڭ روھىنى ئۇرۇغۇتىش كېرەك . پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇ كوماندا ئۇزۇن مەزگىل گۈللىنەلەيدۇ ، كوماندىنىڭ تېرنىرى ئاندىن ھەقىقى قالتىس تېرنىر دەپ ئاتىلىشقا لايىق بۇلىدۇ . گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بىز مورىنىئونىڭ ئەڭ قايىل بۇلىدىغان رەقىبى ھەم دوستى بولغان فۇرگىسىنغا قاراپ باقايلى ، ئۇ بىر كوماندىنى 26 يىل يىتەكلىدى ھەم زور شان شەرەپ كەلتۈردى ، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس .
      مورىنىئو مادىرىدقا ماس كەلمىدى . بۇ ھەممىگە ئايان ھەقىقەت ، ئۇنداقتا بۇنىڭ ھەقىقى سەۋەبى زادى نىمە ؟ مورىنىئو ئىلگىرى تېرنىرلىق قىلغان كوماندىلاردا توپچىلارنى ئۇ ئۆزى سېتىۋالاتتى . مادىرىد ھەمىشە داڭلىق چولپانلارنى سېتىۋېلىشقا ئامراق ، بۇ ئۇلارنىڭ توپچى سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ ھالقلىق سىياسىتى . ئۇنداقتا بۇ سىياسەتنىڭ كوماندىغا بولغان پايدىسى قانچلىك ؟ ھىچ بولمىغاندا نۇرغۇن كىشلەر كوماندىدا چولپانلار قانچە كۆپ بولسا كوماندىنىڭ ئۇتۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بۇلىدۇ دەپ قارايدۇ ، بۇ خىل قاراش توغرا بۇلىشىمۇ خاتا بۇلىشىمۇ مۇمكىن ، ئەڭ مۇھىم ھالقا دەل تېرنىرنىڭ كىملىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك .
       دۇنيادا بىر خىل تېرنىرلار بار ، ئۇلار مەيلى كوماندىدا قانچلىك چولپانلار بولسۇن ، ئۇلارنى ئوبدان باشقۇرۇپ ، كوماندىنى ئىتىپاقلاشتۇرالايدۇ . ئەڭ مۇھىمى شۇ چولپانلارنى لايىقىدە ئىشلىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ تۇلۇق جارى قىلدۇرغۇزالايدۇ . بۇ تىپتىكى تېرنىرلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەل بوسىك ، ھاينىكىس . بوسىك بولسا 4 يىلدا ئىككى قېتىم ئۇزۇغۇنلۇق ئېلىپ بېرىپمۇ يەنىلا  ئىشتىن ھەيدەلگەن ، فولۇرۇنتىنو ئۆزىنىڭ توپچىلرىنى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىلار دەپ قارايدۇ بىراق ئۇ كىمنىڭ شۇ توپچىلارنى مۇشۇنداق قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغۇزغانلىقىغا قارىمىدى ، ئۇ چۇقۇم پۇشايمان قىلدى . يەنە بىر تىپتىكى تېرنىرلار بار ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىغا ئاساسەن توپچى سېتىۋالىدۇ ، يەنى مەيلى سىز قانچلىك داڭلىق چولپان بۇلۇڭ ، مۇسابىقىدە چۇقۇم مۇشۇ تېرنىرنىڭ دىگىنىنى قىلىشىڭىز كېرەك . مورىنىئو دەل مۇشۇ تىپتىكى تېرنىر ، يەنە فۇرۇگسىن ، كىلوپ ، گودىئاۋلا قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ تىپتىكى تېرنىرلار .
        شۇڭا تاكتىكىنى تېرنىر تۈزىدۇ ، تاكتىكىغا چۈشمىگەنلەر چۇقۇم كوماندىدىن كېتىشى كېرەك . گودىئاۋلامۇ مۇشۇ سەۋەب بىلەن رونالدىنخو ، ئېيتو ، ئىبراھىم قاتارلىق توپچىلارنى كوماندىدىن تازلىدى . بۇنداق ئىسلاھاتنى فۇرگسىن ناھايتى غەلبىلىك ئېلىپ بارغان . بىراق مورىنىئو باشچىلىقىدىكى مورىنىئوغا كەلگەندە چاتاق چىقتى ، ئۇ كىمنى قوغلىيالىسۇن ؟ رائۇل قاتالىق يېشى چوڭىيىپ قالغان توپچىلار كوماندىدىن ئايرىلدى ، گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ھەممىڭلار كاكانىڭ نىمشقا ئۇرۇندۇق بېقىپ يۈرگىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىڭلارغۇ دەيمەن ، بۇ ھەرگىز سەۋىيە مەسلىسى ئەمەس بەلكى كاكا مورىنىئونىڭ تاكتىكىسىغا چۈشمىدى . ئەكىسچە كالىخون ئەتىۋارلاندى ، چۈنكى ئۇ مورىنىئونىڭ تاكتىكىسىنى ناھايتى ياخشى ئۇرۇندىدى . بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى ، ئەگەر كىلەر پەسىل مورىنىئو مادىرددا داۋاملىق تېرنىرلىق قىلسا توپچىلاردا قانداق ئۆزگىرىش بۇلىشى مۇمكىن ؟ دىروگبا يا رونى تىپىدىكى ھۇجۇمچىدىن بىرسى چۇقۇم كېلىدۇ ، مۇدىرىىچ تىپىىدىكى ئوتتۇرا مەيدانچىدىن بىرسى كېلىشىمۇ مۇمكىن ، بىراق كاشىلياس كوماندىدىن چۇقۇم كېتىشى كېرەك .
      مادىرىدقا ئوخشاش بۇنداق زەرداردا چۇقۇم ياخشى نەتىجە بۇلىشىتىن باشقا يەنە ئاز بولمىغا سودا قىممىتى بۇلىشى كېرەك ، زەردارلارنىڭ مۇسابىقنى ئۇلاپ تارقىتىشقا تاپقان پايدىسىغا قارايدىغان بولساق مادىرىد بىلەن بارسا 100 مىليۇن ياۋرودىن  ئارتۇق ساپ پايدا بىلەن دۇنيادا مەستانىسى ئەڭ كۆپ بولغان مانچىستىر بىرلەشمىسىدىن ئېشىپ كەتتى (مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 58 مىليۇن ) . ئۇنداقتا بۇ پايدىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك ؟ مەستانىلەرنى شىددەت بىلەن كۆپەيتىش كېرەك . مەستانىلەرنى قانداق قىلغاندا كۆپەيىتكىلى بۇلىدۇ ؟ دەل ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى چوپلانلار كوماندىغا يىغىش كېرەك . دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مادىرىدنىڭ مەستانىلىرى بار ، مادىرىد بولسا ئىسپانىيەدىكى بىر كۇلۇب ، سىز ئىسپانلىق ئەمەس تۇرۇپ نىمىشقا ئۇنىڭغا مەستانە بۇلىسىز ؟ چۈنكى ئۇنىڭ شانلىق تارىخى بولغاندىن سىرىت سىزنى ئەڭ جەلىب قىلىدىغان چولپانلار بار .
      رەئىس فولۇرۇندىنونىڭ بۇ سىياسىتى شەك شۈبىھىسىزكى ئىنتايىن ئەقىللىقلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سىياسەت . نۇرغۇن كىشىلەر كاكانى مادىرىدقا كۈچ قۇشالمىدى ، ھىگۇيىن بىلەن بېنزىمانى پۇلىغا چۇشلۇق ئوينىيالمىدى دەپ رەنجىيدىيۇ بىراق بۇ چولپانلارنىڭ مادىرىدقا ئېلىپ كىلدىغان سودا جەھەتتىكى پايدىسىنى ئويلاپ باقمايدۇ . كاكانىڭ بولغىنى دەل بىرازىلىيە بازارىنى ئېچىش ، بېنزىمانىڭ بولسا فىرانىسيە بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ، شۇڭا مادىدىر قانچە بەدەل تۆلىسىمۇ نېيمارنى كوماندىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ سەۋەبى ئۇنىڭ قانچىلىك يامانلىقىدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بىرازىلىيەدىكى تەسىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىشى . ئىشىنىمەنكى ئۇلارنىڭ مادىرىدقا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى مورىنىئو ئۆزى سېتىۋالغان كونتىراۋ ، دىمارىيا ، قېدىرا ، مۇدىرىچ قاتارلىقلاردىن زور دەرىجىدە ئېىشىپ كېتىدۇ . مورىنىئونىڭ نىشانى كوماندىنى يىتەكلەپ غەلبە قىلىش ، بىراق مادىرىدنىڭ نىشانى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ، شۇڭا بۇ دەل مورىنىئو بىلەن مادىرىدنىڭ سىغىشالمىغانلىقنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ...
     ئەلۋەتتە ، كاكانىڭ مۇشۇ بىر قانچە يىلدا مادىرىدتا ئېلىپ كەلگىنى پەقەت 6500 تۈمەن + 4000 تۈمەن ياۋرولا ئەمەس . بىز ئافىرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسگە قارايدىغان بولساق ، كاكانىڭ مەستانىلىرىنىڭ سانى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچىتىدۇ . ئالدىنقى يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن دوسىتلۇق مۇسابىقىسى ھېلىھەم ئىسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەن بولسا ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەن نەق مەيدان بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن مەنزىرە : مۇسابىقە باشلىنىش پۈشتىكى چېلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ پۈتۈن مەستانىلەرنىڭ <<كاكا>> دەپ توۋلىغان ئاۋازى مەيداندىن توختىغىنى يوق . پەقەت مورىنىئو 60 مىنۇتقا قەدەم قۇيۇپ ئادەم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندىلا پۈتۈن مەستانىلەر قاتتىق بىر قېتىم كاكا دەپ توۋلاپ كەتكەن . مانا بۇ چولپان . مانا بۇ مادىرىدنىڭ چولپانلارنى چۇقۇم كوماندىدا تۇتۇپ تۇرۇش پىرىنسىپىنىڭ پايدىسى شۇنداقلا تېرىنىرنىڭ تاللىشى . بەلكىم بۇنداق كوماندىغا نىسبەتەن پەقەت تېرىنىرنىڭلا دىگىنى ھېساپ بولمىسا كېرەك . شۇڭا سىز مورىنىئو نىمىشقا كاكا نى قۇيىۋەتمەيدۇ دەپ قاقشىماڭ . كۇلۇبتىن ھەم قاقشىماڭ . چۈنكى بۇ دىگەن مادىرىد !
     گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە شۇنداق بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈر : بىر كۇلۇبقا نىسبەتەن ، بىر بولسا چۇقۇم ئۈزلۈكسىز غەلبە قىلىشنى داۋاملاشتۇرالىشى كېرەك ، ياكى بولمىسا چولپانلارنى تۇتۇپ تۇرۇش پىرىنسىپىنى قوللىنىشى كېرەك . ئەگەر بۇ ئىككىلىسى بولمىسا لىۋېرپولنى ئۈلگە قىلسىڭىز بۇلىدۇ . ھازىر كىشىلەر لىۋېرپولنى زەردار ئەمەس دىيەلەيدۇ ئەمەسمۇ ؟
     شۇڭلاشقا ، بىر يەنە بىر قېتىم مورىنىئونىڭ كەسپىي ھاياتىغا قارايدىغان بولساق : قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى تارتىپ ئالدى ، مادىرىدقا ئۆز ئىشەنچىسىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بىرەلىدى . مادىرىدنى ئۇزغۇنلۇقنىڭ 16 كۈچلۈكتە توختاپ قېلىشتەك ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى . ئەڭ مۇھىمى : كىشىلەر تەرىپىدىن ئالەم كوماندىسى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان بارسانى ئۇدا نەچچە مەيدان يىڭەلىدى . بارسانىڭ مادىرىدقا بولغان ھۆكۈمرانلىقى دەل ئۇ كېتىدىغان ۋاقىتتا ئۆزگەردى . مادىرىد ھەر قايسى ئورۇن جەھەتتىن ھازىر ھەقىقەتەن پىشىپ يىتىلدى (ھۇجۇمچىلارغا ئازراق ئۆزگەرتىش قىلىنسىلا كۇپايە ) . بۇ قىسقىغىنە ئۈچ يىل جەريانىدا ئۇ ئۆزىل ۋە مارسىلونى قوزغاتتى ، راسموستەك دۇنياۋى ئوتتۇرا بېكلەرنى بايقىدى ، ۋارانىينى قىزىپ چىقتى .شۇنداقلا كاسىلياسنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى بايقىدى . كىرىستىئاننى كوماندىنىڭ يادروسى قىلىپ تىكلىدى ، بۇ تەرەپلەردىن مادىرىد مەڭگۈ مورىنىئوغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك . ئەمدى بۇ كوماندا مۇشۇ ھالەتتە ئەن دوختۇرنىڭ قولىغا تۇتقۇزىلىشى مۇمكىن . 3 يىللىق جاپا مۇشەققەت بەدىلىگە بۈگۈنگە كەلگەن مادىرىدقا نىسبەتەن مورىنىئوغا ئۇۋال بولغىنى راسىتمىكەن ؟


     شەخسى خۇلاسە : مورىنىئو سەن يەنىلا ئاجايىپلا سەن !  

      تامام !   خەيىر  !!!

   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 15مۇنبەر پۇلى +810 تۆھپە +106 شۆھرەت +73 تەجرىبە +62 يىغىش سەۋەبى
بارچۇق + 50 + 10 + 10 + 10 رەھمەت ساڭا .....
سەييارە + 50 + 10 قالتىس!ئېسىل تېما .قول.
ئەلبارىس + 100 + 10 + 10 + 10 رەھمەت ساڭا!
ماھىرچاق + 30 قالتىس!
پارتىزان + 50 قالتىس!
nasin + 50 + 10 + 10 + 10 قوللاش!
22kaka22 + 100 + 10 + 10 + 10 ئەجىرلىك تىما
xaxatux + 50 + 10 + 10 قالتىس!
LFP + 5 + 1 + 1 + 1 قوللاش!
قازانچى + 5 + 5 + 2 + 1 قالتىس!
zoklan + 50 + 10 قوللاش!
ئەنقا + 20 + 10 + 10 + 10
كۆكتۈرك + 50 + 10 قالتىس!
ballack16 + 100 + 10 + 10 + 10 كۆپتۈرمە
Яiwαyat + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:05:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-25 08:44  

ئىسىل تېما

مورىنخو ھەقىقەتنمۇ قابىلىيەتلىك تېرىنىر ئەپسۇس ئۇ مادرىدتىن ئايرىلىدىغان بولدى . بەلكىم ئەمدى مادرىدقا كىلىدىغان تېرىنىر كاكانى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشى مۇمكىن چۈنكى كاكا مورىنخونىڭ توپچىلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا چۈشمەپتىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:13:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   LFP تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-25 23:24  

   مۇرىنھۇغا بىغىشلاپ ئۇيغۇرچە Mtv ئىشلەنمەكچى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇ تەلۋە ياخشى بىر تىرنىر ،مادىردنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئېشلىرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشنى تىلەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:25:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك يارىدى ماۋۇ يازما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەھلىل قىپسىلەر. قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:32:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز قېرىندىشىم،قۇلىڭىزغا دەرەت بەرمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:33:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ راست تۇرسا...  
      مادرىت بۇنىڭ قەدرىگە يەتمىگەندەك بىلىنىدۇ !...   رەئىىسلەرمۇ  كاشىلىياس، رامۇسلارنى بەك چوڭ بىلىدۇ !


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:36:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ۋاقلاردا  مۇنبەربە  سافا تالىشىغان بەك ناچارئادەت بارتى ...   (ئىنكاس ئوقىغان ئادەمنى بەك تىرىكتۈرۈپ قۇياتتى) ...   شۇ ئادەتمۇ تۈگەپ قالغان ....
   ئەمدى  سافا دېگەن ئاتالغۇ  ئورۇن  دېگەنگە ئالمىشىپ قالدىمۇ ؟....  بىرقانچە قېتىم بىرقانچە تېمىدا ئۇچرىتىپ قالدىم... 1 قەۋەتتىلا شۇ گەپ !..   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:38:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:48:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇرىنھۇنىڭ كېتىشىنى بەكلا خالىمايتىم، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىلا ئاتالمىش كائىنات كوماندىسىنى يەرگە يەكسان قىلالايتى، ئەمدىكسى قانداقكىن، لېكىن ھېچىم مۇ تەلۋىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-25 23:50:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى ئوقۇپ ، مۇرىننخونىڭ چېلسىيغا يېڭى كەلگەندىكى پۇتبولچىلىرىغا دىگەن بىر گېپى ئىسىمگە كەپ قالدى :«مەن دىگەن داڭلىق تېرنېر ، سىلەر بولساڭلار ھېچنىمە ئەمەس »

بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشقا كوماندا ئىچىدىكى ئەزالار ۋە مەستانىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىشى سەۋەبچى بولدى ، چېلسىيدا بولسا مەستانىلەر ھەر ۋاقىت ئۇنى قوللاپ تۇرىتى .

ئەڭ ئاخرىدا لىۋېرپولنىڭ گېپى چىقىپ قاپتۇ ، ئۇ گەپنى تازا ئىنىق چۈشىنەلمىدىمغۇ ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 تۆھپە +1 شۆھرەت +1 تەجرىبە +1 يىغىش سەۋەبى
ئېتقاد + 50 + 1 + 1 + 1 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش