ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 692 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مېنىڭ ئويلىغانلىرىممۇ سىز بىلەن ئوخشاش ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلغاندا ئالدى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ پۇتبول چوڭ موھىتىدىن ئايرىپ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ، دۆلتىمىزنىڭ ھازىرقى پۇتبول تۈزۈلمىسى كەسپى پۇتبولچلىقى بلىەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبولچىلىقنى تەڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت ، خەلقارا پۇتبولچلىق ئېقىمىمۇ شۇنداق . كەسپى پۇتبول دېگەن نىمە ؟ كەسپى پۇتبول دېگىنىمىز ھۆكىمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتە قوللىشى تۈركتكىسىدە ، جەمىيەت كۈچلىرى مەبلەغ سېلىپ باشقۇرىدىغان ، پايدا - زىيىنىغا مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى ئىگە بولىدىغان ئەندىزە . دۆلىتىمىزدە پۇتبول كەسىپلەشكىنى 20 يىلدىن ئاشتى ، بۇ 20 نەچچە يىل جەريانىدا دلىتىمىز كەسپى پۇتبولچىلىق ئىشلىرى نۇرغۇن ئەگرى توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى ،ئەلۋەتتە كەسپى پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا مەبلەغ سالغۇچى بىرقىسىم خوجايىنلارنىڭ پۇتبولغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى ، پۇتبول باشقۇرغۇچى ئورگانلاردىكى ئەمەلدارلار ، مۇسابىقىلەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان رېپىر لارنىڭ چىرىكلىشىشى قاتارلىق مەسىللىلەر ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ پۇتبول مەستانلىرىنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغاپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ، دۆلەت يەنىلا پۇتبولنى كەسىپلەشتۈرۈش سىياسىتىدىن ئەسلا ۋاز كەچىمدى ، يېقىنىقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلتمىزمۇ پۇتبولدىكى چىرىكلىشىشكە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ زور بىر تۈركۈم ‹‹قارا ›› كۈچلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ ، پۇتبول موھىتىنى ساپلاشتۇرۇشقا يول ئېچىۋاتىدۇ ، پۇتبول تۈزۈلمىسىنى بارا - بارا مۇكەممەللەشتۈرىۋاتىدۇ ، پۇتبولچىلىقتىكى ‹‹ قارا ›› ھادىسە دۆلتىمىز پۇتبولچىلىق ئىشلىرىدىكى ‹‹ پاتىنىت ›› ئەمەس ، 100 نەچچە يىللىق كەسپى پۇتبول تارىخى بار ياۋرۇپادىمۇ ‹‹ قارا ›› ھادىسىلەر تۈگىمەيۋاتىدۇ ، شۇڭلاشقا مەسىللەرگە بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن قاراپ ئارتۇقچىىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىۋەتسەك ، ھەمىشە ئۆمىدسىزلىك بىلەن جەمئىيەتتىن ، ئەمەلدارلاردىن ، بايلاردىن ئاغرىنىپ يۈرسەك ، ئۆزىمىز قانچىلىك دېمەي خەقلەرنى ياراتمىساق بىز بىلەن كىمنىڭ كارى ؟ شىنجاڭ پۇتبولچىقى ئىشلىرنى ئېيتساق ، شىنجاڭ پۇتبول چىلار جەمئىيىتى دۆلىتمىز پۇتبول سىياسىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىش ، پۇتبولچىلىق ئىشلىرىدا يېڭى يول ئېچىش جەھەتتە ھەقىتەتەنمۇ كىشىنى رازى قىلالىمدى ، لېكىن بىز ئۇلارنى قانچىلىك تىللىساقمۇ ، قاغىساقمۇ قىلچىلىك رىئالنى ئەھمىيىتى يوق ، ھىچقانداق ئەمەلى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ .گەرچە ئۇلارنىڭ زور تۆھبىسى بولمىسمۇ ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قالماسلىق جەھەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بار ، بۇلارغا كۆزىمىزنى يۇمىۋالساق بولمايدۇ . 1 - سۇڭچىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش . سۇڭچىڭلىڭ فوندى جەمئىيتىنىڭ مەبلىغى ئاسسىدا قۇرۇلغان سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى دىيارىمىزدىكى بىردىن بىر پۇتبول مەكتىۋى بولۇپ ھەر يىلى مەملىكەتلىك مۇسابىقلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ پۇتبول ساھەسىدىكلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغاپ شىنجاڭ پۇتبولىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە ئۆز رولىنى جارىى قىلدۇرىۋاتىدۇ . بارى ، شاۋكەت ...قاتارلىقلار موشۇ مەكتەپ ئاقىلىق پۇتبول سەھنىسدە ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى تاپالىدى . يېقىندا بۇ مەكتەپ دەرىجىسى مەخسۇس كۇرس دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەكچى . 2 - ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەرەققياتىنىڭ 10 يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش . دىيارىمىز مەملىكەت بويىچە ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەرەققىيات پىلانى تۈزگەن تۇنجى رايۇن بولۇپ ، ھەر يىلى ھۆكىمەت مالىيەسىدىن مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ پۇتبولدا ئۈلگىلىك مەكتەپلەرنىڭ مەشىق ، مۇسابىقىلرىگە ياردەم بىرىۋاتىدۇ ، مەكتەپلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلرىنى تەشكىللەپ ياش نوتىلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بىرىۋاتىدۇ .3 - كەسپى كوماندىلارنى قۇرۇشقا يىتەكلەش . دىيارىمىزدا گەرچە مۇنتىزىم كەسپى كوماندا قۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيسى ، تاشئالما قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ نامىدا مەملىكەتلىك بىرلەشمە مۇسابىلەرگە قانتىشىپ تۇردى ، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى بىرلەشمە مۇسابىقە تارىخىدا كۆرۈرمەنلەر سانى جەھەتتە ئارقا - ئارقىدىن رىكورىت يارىتىپ مەملىكەتنى زىل - زىلگە سېلىپ شىنجاڭنىڭ پۇتبول تەسىرىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتەردى . ئەمدى 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى پۇتبول كوماندىسىغا كەلسەك ، بۇ كوماندا ھەرقانداق ئۆلكە ، ئاپتۇنۇم رايۇندا ئوخشاشلا مۇسابىقىنى تۈگىتىپ بولۇپ تارقىلىپ كىتىدۇ ، ئەلۋەتتە كەسپى كوماندىلاردا توختام بلىەن توپ تىپىۋاتقانلىرى كولۇپقا قايتىدۇ ، كولۇپتا توختام يوقلىرى ئۆيىگە قايتىدۇ ، بىزدە كولۇپتا توپ تىپىدىغانلار يوق دىيەرلىك بولغاچقا ئۆيىگە قايتىدىغانلار كۆپرەك . شۇڭلاشقا شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ چىقىش يولى پەقەت خەلقارا ئېقىمغا ماسلىشىپ كەسىپلىىش يولىدا قەتئى مېڭىشتىنلا ئىبارەت .پۇتبول كەسىپلىشىش ئۈچۈن جەمئىيەت كەسىپلىشىش كىرەك . جەمئىيەت دەل كارخانىلار ئارقىلىق كەسىپلىشىدۇ ، مىللى كارخانىلىرىمىز تېخى ئەمدىلا ئەنئەنىۋى سودا - سېتىق ئەندىزىسىدىن ھالقىپ كەسىپلىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى باشىلدى ، يەرشارى ئىقتىسادى داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر نازۇك ۋەزىيەتتە كارخانلىرىمىز رىقابەتتە بۆسۈپ چىقىپ ئىقتىساد ساھەسىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىشىگە توغرا كىلىدۇ ، كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتساد ئايلىنىش مىخانىزىمنى مۇكەممەلشتۈرۋالغاندىن كىيىن ، ئاندىن مەلۇم مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ جەمىيەتتىكى مەسئۇلىيىتنى ئادا قىلىدۇ ، پۇتبولغا مەبلەغ سېلىش كارخانلارنىڭ ئىجتىمائى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى بىر خىل شەكلى بولۇپلا قالماستىن يەنە شۇ كارخانىنىڭ بىر تۈرلۈك كەسپى بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغاندا ( سودا شەكلىدە)ئاندىن ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىش ئىمكانىتىگە ئېگە بولالايدۇ . بۇخىل پۇتبولدىكى بۇخىل كەسىپلىشىكە ئىتىقاد ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئېڭى ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ،مەرىپەتپەرۋەرلىك ئېڭى ، مىللەت ۋە دۆلەت ئېڭى ، سودا ۋە خەيرى ساخاۋەت ئېڭى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ ، قايسى بىرى كەم بولۇپ قاتمال ئىدىيە بىلەن پۇتبولنى تەرەققى قىلدۇرىمەن دىيىش ئەمەلگە ئاشمايدىغان شىرىن چۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا مىللى كاخانلانىڭ گورۇھلىشىش ئىشلىرىنى قوللاشنى ۋاستلىق تۈردە شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ كەسىپلىشىشىنى قوللاش دەپ قارايمەن .
ئاقچىلىق ، ئوغۇرلۇق قىلماي ، قورسىقىدىكى بىلىم ۋە ئەقىل پاراسىتىگە تاينىپ ، توغرا يول ، ھالال ئەمگىكىكى بىلەن پۇل تاپقان ئۆزىمىز بلىەن قېرىنداش كارخانچىلىرمىزنى ئۇندىغەي ، بۇندىغەي دەپ ياراتمىساق ، كىملەردىن ئۆمىد كۈتىمىز ؟
مەۋجۇتلۇق = تەرەققى قىلىش . يوق بولۇش = داۋاملىق يوق بولۇش .
|
|