akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2348|ئىنكاس: 56

شىنجاڭ كارخانىلىرى كىمگە قەرزدار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تاشئالما كوماندىسى ب دەرىجىلىككە تىزىملىتىپ بولۇپ ، ھەمكارلىشىپ قوللايدىغان شىركەتنىڭ يوقلىقىدىن ب دەرىجىلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن  ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى تىللىدۇق........
ئالدىنقى كۈنى ، شىنجاڭ ئون سەككىز ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ئوينايدىغان مۇسابىقى يوق تۈپەيلىدىن تارقىتىۋىتىلگەنلىكى، ئۇلارغا ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ دىپلومى تارقىتىپ بېرىلگەنلىك خەۋەرىدىن كېيىن، بىزلەر ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى تىللاشقا چۈشۈپ كەتتۇق....
بۇ تېمىنى شۇ ۋاقىتتا يېزىشنى ئويلىغان ، ئەمما ، بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ قېنى ئازراق سوۋۇغاندىن كېيىن يازاي دەپ قالدىم. شۇڭا ھازىر يوللىدىم.

1.  بىز مۇنبەردە شۇنداق تىللاپ كەتتۇقيۇ ، ئەمما شۇنداق بىر ئىشلارنىڭ ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدا نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقى،  يەنە قانداق كوماندىلارنىڭ ، يەنە قانداق ئۇيغۇر پۇتبولچىمىزنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىغا  شۇ تىللاۋاتقانلار ئۆزىمىز  ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ باقتۇقمۇ ؟ شۇنداق سىلەر بەك قايناپ كېتىدىغان خەۋەرلەر مۇنبەرگە تېما بولۇپ يېزىلىشىدىن ئاۋال، سىلەر ئاتالمىش پۇتبول مەستانىلىرى تۇرۇپ، شۇنداق بىر كوماندىدا نېمە ئىش بولىۋاتقىنىنى بىلگەنمۇ ؟ تارقىلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ، ئۇلارغا ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومى تارقىتىدىغانلىقىنى  بىلگەنمۇ ؟ ياق، بىزلەر ئۇ چاغدا ئاساسەن شۇ ياۋروپادىكى بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ نامىنىمۇ بىلمەيدىغان شۇ بىر نەچچە خەق ئۈچۈن سېسىق گەپ قىلىشىپ ، ھەتتا ئېغىزىمىزنى بۇزۇشۇپ يۈردۇق.
خوش، ئەمدى سىزدەك بىر پۇتبول مەستانىسى شۇنداق ئىشلاردىن خەۋەرسىز يۈرگەن يەردە، شىنجاڭ كارخانىچىلىرى ئۇ ئىشلاردىن نەدە يۈرۈپ خەۋەردار بولسۇن؟

2.كوماندىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى توغرىسىدا،  شۇنداق تىللىغانلاردىن سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.  كوماندا دېگەن ئۇقۇمغا سىز قانداق قارايسىز، كوماندا دېگەن ئۇقۇمنى چۈشىنەمسىز؟كوماندا دېگەن مەيلى قانداق ياكى قانچە ياشلىق كوماندا بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئوينايدىغان مۇسابىقىسى بولمىسا، ئۇ ھالدا كوماندىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ناھايىتىمۇ مۇقەررەر...ئەمدى بەرگەن دىپلومىغا كەلسەك گەرچە بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ دىپلوم ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ شۇ ئىزدا توختاپ قېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان دىپلوم ئەمەس . ئۇ دىپلومنى تاشلاپ قويۇپ يۇقىرى ئۆرلەشنى  تاللىسا، ھەتتا ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىغا تايىنىپ باشقا چوڭ-كىچىك پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن يول ئىزدەپ سىناق مەشىقلەرگە قاتنىشىپ باقسا تامامەن بولىدۇ. شىنجاڭ كارخانىلىرىنى ئوينايدىغان مۇسابىقىسى يوق بولغان بىر كوماندىنى قوللاپ ، شۇلارغا مەبلەغ چىقىرىشى كېرەك دەپ ئېغىزىنى بۇزغانلاردىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، ئەگەر سىز، جىق ئەمەس، بەش كىشىلىك كوماندىدىن بىرنى تەشكىللىسىڭىز، ئوينايدىغان مۇسابىقىسى يوق بولۇپ قالسا،ئۇ ھالدا سىز ئۇ كوماندىنى ساقلاپ قالدىڭىزمۇ دەيلى، قانچىلىك ساقلىيالايسىز؟
3. بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر كارخانىلىرىدىن نەرسە سېتىۋالمايمەن دېگەنلەردىن سوراپ باقاي، ئۇيغۇر كارخانىلىرى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بەك تەرەققىي قىلىپ كەتتىما؟ سىز ئۇيغۇر كارخانىلىرىدىن نەرسە سېتىۋىلىپ شۇنچىۋىلا سان ساناقسىز نەرسە سېتىۋىلىپ ئۇلارنى باي قىلىۋەتكەندەك  ھېس قىلىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ سىزنىڭ ئۇ ئايدا بىرەر قېتىم، ئون بەش كۈندە بىرەر قېتىم ئېلىپ قويىدىغان قۇۋۋەت تالقىنىڭىز، ۋە ياكى باشقا نەرسىلىرىڭىز ئەمەلىيەتتە بىر توپا  يەرگە تامچىلىغان بىر تال كىچىكتىن كىچىك تامچە، سىزنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان  ھازىرغىچە ئېلىپ باققان ئۇيغۇر كارخانا مەسھۇلاتلىرىدىن قانچىلىك سېتىۋالغىنىڭىزنى ، باج ۋە دەسمىي، ئېلان چىقىمى دېگەندەك چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە سىزنىڭ بەك قوللاپ كېتىپ سېتىۋالغان شۇ مەسھۇلاتلىرىڭىزنىڭ ھەر بىر خالتىسىدىن شۇ كارخانىلارغا قېلىپ قالغان پايدا جەمئي تەخمىنەن قانچىلىك چىقىدۇ بۇنى ئويلىشىپ قويۇڭ.  ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى كارخانىلار، گەرچە بىر قەدەر تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما تەرەققىي قىلغان كارخانا دېگەن نامنىڭ ئالدىدا يەنىلا ناھايىتى يۇمران بولغان بىر بىخ خالاس. ھەقىقىي تەرەققىي قىلغان دېگەن ئۇقۇم ئالدىدا شىنجاڭ كارخانىلىرى لەنبورگىنى ماشىنا ئالدىدىكى ۋېلىسپىت. ئەمما ، بىر كوماندا ئۈچۈن مەبلەغ چىقىرىش بۇ بىخقا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر كېلىدۇ. بىر  ب دەرىجىلىك كوماندا ئۈچۈن كېتىدىغان چىقىمنى ئۆزىڭىز ئالدىرىماي ھېسابلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.

شۇڭا قېرىنداشلار، ئازراققىنا بىر ئىش بولسىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان، باشقىلارنى تىللايدىغان گۇناھلىق ئىشلاردىن ئامال بار ساقلىنايلى. بىزنىڭ كوماندىمىزنىڭ يوق بولىشىنىڭ سەۋەبى، نامراتلىقىمىزدا، نامراتلىقىمىزنىڭ سەۋەبى ، ئەشۇنداق ئۆز-ئارا تىللاپ،ئۆز ئارا قوللىماسلىقىمىزدا. يېغىپ كەلسەك، بۇ ئىشلاردا ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار.ئىشىنىمىزكى ئۆز ئارا قوللاش ئۆز-ئارا ئىشىنىش بىلەن ، بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز تەرەققىي قىلىپ شۇنداق بىر باسقۇچقا كەلگەندە، بىزنىڭ شۇنداق ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +367 تۆھپە +28 شۆھرەت +17 تەجرىبە +16 يىغىش سەۋەبى
ماھىرچاق + 40 قالتىس!
بېرنابۇ + 9 + 8 + 7 + 6 قوللاش!
كۆك بۆرە + 35 قالتىس!
ئارىف + 50 قوللاش!
missi + 33 قالتىس!
زەربىدار + 50 قوللاش!
تۇمشۇق + 50 قوللاش!
dilhux + 10 قوللاش!
turk222 + 50 + 10 + 10 + 10 قوللاش!
dilmurat. + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 10:36:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇز بۇرادەرنىڭ  ئىيتقانلىرىنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار،  ئەلۋەتتە  قوللاش بولمىسا  ئەكسىچە  ئاغرىنىش كۆپ بولسا ئىشلىرىمىزنىڭ  تەرەققىي قىلىشى  تەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 10:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇز ئەپەندىم ئۇرۇنلۇق گەپ قىپتۇ.ئارماننىڭ ئايلىنىۋاتقان مەبلىغى 7يۈز مىليۇندىن .ئېشىپ بولدى،بىراق ئارمان ھازىر بىر رادىل ئابلانىڭلا ئەمەس.ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ بىر كۇلۇبنى بىقىشى ئۈچۈن يەنە خېلى ۋاقىت بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 10:47:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇز ئەپەندىم تىمايازغان قولىڭزغا كۆپ رەھمەت ھەممە ئىشلارنى يەنى ياخشى ئىشلارنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ،ئۇيغۇر كارخانىلىرىدىن ئاغرىنىشقا ھازىرچە بىزنىڭ ھەققىمىز يوق .ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 10:49:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇنلۇق گەپلەركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 10:58:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە دىسەم يەنە شۇ، ىىقتىسادىي مەسىلە ىەمەس سىياسىي مەسىلە، ھېيتگاھدا ساما سېلىشنى چەكلىگەن خەق نەچچە ىونمىڭ ىۇيغۇرنى بىر يەرگە توپلىيالايدىغان پۇتبولغا ىوخشاش ىېسىل تەنھەرىكەتنى چەكلىمەسما؟ شۇڭا ھېچكىممۇ مەن قوللايمەن دەپ كۆكرەك كېرىپ ىالدىغا چىقالمايدۇ. قوللىماقچى بولغانلارغا كەلگەن بېسىمنى سىلەر ھەرگىزمۇ ھېس قىلالمايسىلەر...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 11:08:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق بىر تىمىنىڭ چىقىشىنى بەك ئۆمۇد قىلىپ تۇرغان،ئۇ كارخانچىلار بىز مەستانىلەرنى دەپ كولۇپتىن بىرنى قۇردۇق دەپلا قۇرۇپ قويغان بىلەنلا ئىش پۇتمەيدۇ،كولۇپ قۇرۇشتىىن بۇرۇن نۇرغۇن تەييارلىق قىلىش كىرەك،كولۇپنى نۇرمال ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇقىم كىرىم مەنبەسى بولۇش كىرەك.رادىل ئەپەندىم مىنىڭ قارشىمدا خېلى كۈچەۋاتىدۇ،ئۇ بىزگە ھېچ ئىش قىلىپ بەرمىدى دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرچە ماركىدا ئىچكىردە ئەمەس شىنجاڭدا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقاردى ،مىللىي كارخانچىلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ گوروھلىشىشى يولىغا،پايچېكىنى بازارغا سېلىش يولىغا قاراپ ماڭدى،بۇلارنى پۇل تېپىشنى قىلىپ قىلدى دىسەكمۇ بىز ئۇيغۇرلارنى خېلى تونۇتتى.مىللىي كارخانچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىللىي سودا ئويۇشمىسىنى قۇردى، شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كارخانچىلار بار،تاپقان پۇلىنىڭ ھورىنى چىقارماي ئۆزى خەجلەيدىغان،رادىل ئەپەندىم خېلى ياخشى ئىشلارنى قىلىپ تۇردى،شۇڭا مىنىڭچە رادىل ئەپەندىمدىن رەنجىشىمىزنىڭ ،تىللىشىمىزنىڭ ئورنى يوق،ئۇنىڭ بىزدە قەرزى يوق.رادىل ئەپەندىمنىڭ ئىمانى،دۆلەت،مىللەت ئېڭى يوق دىيىش مىنىڭچە سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 11:35:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 11:36:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بىرەرئىش قىلىشتا چۇقۇم ئۆزقەۋمىنىڭ قوللىشىغا  ئىرىشىش كىرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 12:38:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۇندىكى تىمىدا مەھمۇدىيە رادىل ئابلا توغۇرلۇق ئازراق گەپ قىلىۋىدى ھەممىڭلا رادىلنى ئاقلاپ سىنىڭ بىر كىمنى ئىمانلىق ئىمانسىز دەپ باھا بىرىشكە سالاھىتىڭ توشمايدۇ دەپ قايناپ يۇردۇڭلا ،بۇ تىمىدىمۇ يەنە شۇ گەپ توغرا ئىماننى بىزنىڭ ئۆلچەشقە سالاھىتىمىز توشمايدۇ ،بىراق ئۇنى ئايەت ۋە ھەدىس ئارقىلىق ئۆلچەيمىز،
رەسۇلۇللا كىمكى غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئىشىنى قىلدىكەن ئۇ كىشى شۇلارنىڭ قاتارىدىن قوپىدۇ دىگەن
مەھمۇدىيە  ئارمان شىركىتىنىڭ تارقاتقان كالىندارىدا  مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى بولغان ئىككى ھېيىتنىڭ ۋاكتى يوق ئەكىسچە روژىستىۋا ۋە ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى قاتارلىقلارنىڭ ۋاقتىنى قىزىل قىزىل چەمبىرەكنىڭ ئىچىگە ئېلىپ جىقارغانلىقى شۇنداقلا مەھمۇدىيە ئاتايىن 12ئاينىڭ 30كۇنى مارىبىروۋىن تىز تاماقخانىسىنىڭ ئالدىغا بارسا خىزمەتچىلەنىڭ ئويغۇرلارنىڭ دوپپىسىنى ئەمەس خىرىستىيانلا روژىستىۋا بايرىمى كېيدىغان كىيىملەرنى كىيىۋالغانلىقىنى كۆرگەن، دىمەك ئۇلار  ئاشىق مەشۇق بايرىمى روژىستىۋا بايرىمى قاتارلىقلارنى تەبىرىكلىگەنلىكى ۋە ئۆتگەزگەنلىكى ۋە ئارماندا ھارام قىلىنغان بىر تامچە ئىچسە قامچىلىنىدىغان ھاراقنى ساتقانلىقى     ئۇچۇن رادىل چۇقۇم قايتا شاھادەت ئېيتىشى لازىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 12:39:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-5-14 12:49:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنا تورى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۆتكەن يىلقى جۇڭگو Bدەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى شىنجاڭ كوماندىمىزنىڭ 40 مىڭ كىشىلىك مەستانىلىرىنىڭ قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرىسى ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇنداق كۆرۈنۈشنى بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە كۆرەلمەيدىغان بولدۇق، چۈنكى يېڭى پەسىللىك Bدەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار قاتارىدا شىنجاڭ كوماندىسى يوق. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۈچۈن «رول ئالىدىغان» بۇ كوماندا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقىلىرىنىلا ئوينايدۇ. 93-يىلى تۇغۇلغان بۇ بىر تۈركۈم شىنجاڭU18 كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ تېخى تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى كوماندا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ كىرىش بېلىتىنى ئالالمىغان بولسىمۇ، كوماندا شىنجاڭغا قايتىپ تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ماھىرلار بىر دانە ئوتتۇرا تېخنىكوم دېپلومىغا ئېرىشەلەيدۇ.
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، نۇرغۇن پۇتبولچىلار جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى، جۇڭگو Aدەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو Bدەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى، دەپ قاراشقانىدى. ئەمما رىئاللىق تولىمۇ رەھىمسىز بولىدۇ، ئەمما قوللىغۇچى كارخانىلارنىڭ كەمچىل بولىشى بىلەن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، 2-ئايدا شىنجاڭ پۇتبولچىلىرىنىڭ پويىزدا ئىككى كۈن ئۆرە تۇرۇپ شىنجاڭغا قايتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. يېتەرلىك ئىقتىساد بولماسلىق، مەخسۇس پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ بولماسلىقى شىنجاڭ پۇتبول تەرەققىياتىدىكى بىر پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالماقتا.
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى جۇڭگو Bدەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار 93-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى كوماندىسى ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە داۋامىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان بولۇپ، شىمالىي رايون بويىچە 5-لىكنى قولغا كەلتۈردى، كوماندىنىڭ ئۆز مەيدانىدىكى تاماشابىنلىرى جۇڭگو Bدەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا تاماشىبىنلارنىڭ سانى ھەتتا 46 مىڭغا يېتىپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇردى. ئەمما يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تىزىملىككە شىنجاڭ كوماندىسى يوق بولۇپ قالدى، بۇ كوماندا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە بېيجىڭنى ئۇتۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاچقا، Bدەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە تەييارلىق قىلىدىغان ۋاقتى چىقمىدى، يەنى «ئالۋاستى مەيدان» يارىتىش پۇرستىدىن مەھرۇم قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش