- تىزىملاتقان
- 2008-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1587
- نادىر
- 0
- يازما
- 1587
|
كاشىلياس ئون يىل مادرىتنىڭ ۋارتاسىنى باقتى ، (مېنى تاللىغان بولسىمۇ باقاتتىم، سىزمۇ ھەم شۇ ياق دىمەيتىڭىز ) مادرىد نەدىكى بىر چۇپەي كاماندا ئەمەس ، تۇتسا سىپى بار ، چاقىرسا ئېتى بار كوماندا ، كاشىلياس مۇشۇ كوماندىنىڭ ئون يىللىق ۋارتارسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كوماندىغا ئەڭ سادىق ئەزا بولىشى كېرەك ئىدى ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇستىدىن بولىنىۋاتقان گەپلار ئاز ئەمەس ، يۇقىرىدىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ دېگىنىدەك ، كاشىلياس تېرىنىر مۇرىنيۇغا ماسلىشىپ ، كوماندىنىڭ ئېتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك ئىدى . لېكىن كاشىلياس مۇرىنيۇغا قارشى چىقىش بىلەن بىرگە ، كولۇپقا تەھتىد سېلىپ ، ئۆزىگە ناقناقشىغىلى تۇردى . مۇرىنيۇنى يېڭى كەلداخۇن دەپ قاراپ ، بۇزەك قىلىمەن دىگەن پۇسىتسىيەدە بولدى . شۇ پەيىتلەردە كاشلىياس كىلشىمەسلىككە ئۇچىراپ ، قولى سۇنۇپ كەتتى ۋە كاشىلياس ئۆزىنىڭ ئورۇنىنى ، ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتقان دىياگۇ لۇپىزغا تارتقۇزۇپ قويدى . لۇپىزنىڭ ئىپادىسى ، بىزگە مادرىد كاشىلياسسىزمۇ مۇسابىقە ئوينىسا يېڭەلەيدىغانلىقىنى ئسىپاتلاپ بەردى . (بارسلۇنانى بىر ھەپتىدە قوش بۇغۇزلاش) . دىمەك كاشىلياسنىڭ مادرىتتىكى رولى قانچىلىك ئىكەن . بۇ ھەممىمىزگە ئايان بولدى .
پوتپۇل دىگەن رىقابەتكە تولغان بىر جەڭ . ئۇ جەڭدە سىلى ئۆزلىرى دەيدىغان ، ئۇيغۇرچە ئاڭ بىلەن مۇئامىلە قىلسا . ئاقىۋەت: دۇستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بۇيۇمدا قالدى دىگەن نەتىجە چىقىدۇ . بۇ جەڭدە كىم كۈچلۇك بولسا شۇ مەيدانغا چىقىدۇ . داش قازاننىڭ تامىقىنى يەيدىغان پۇرمىلا پوتپۇلدا ئاقمايدۇ .
ئەمدى بارسلۇنا مەستانىلىرىغا دەيدىغىنم . سىلەر كاشىلياسنى دەستەك قىلىپ ، مادرىتنى بىر ئېغىزدىن تىللىۋالساڭلار ، ھاردۇقۇڭلار چىقىدۇ . چۈنكى ھازىرىقى مادرىد كوماندىسى سىلەر ئۇچۇن ئاز بولمىغان كۆڭۇلسىزلىكلەرنى ئىلىپ كەلدى . سىلەر مەغلۇب بولغاندا ، مۇرىنيۇ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلەپ سەپرايىڭلارنى ئۆرلەتتى، لېكىن كاشىلياس سىلەرنىڭ بېشىڭلارنى سىلاپ سىلەرگە غەمخۇرلۇق قىلدى .
شۇڭلاشقا بىز مۇرىنيۇنى قۇغلاپ ، كاشلىياسنى قولىنىڭ سۇنغانلىقىنى ھېساپقا ئالماي ۋارتار قىلساق ، ئاندىن بىز يۈزسىزلىك قىلمىغان بولىمىز شۇنداقمۇ ؟ سىلەرگە يەنە شۇنى دەپ قوياي ، مادرىد باشقىلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغان قېرىلار ساناتۇرىيسى ئەمەس ، ئۇ بىر ئوت كوماندا . |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50
باھا خاتىرىسى
|