- تىزىملاتقان
- 2012-4-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 146
- نادىر
- 0
- يازما
- 146
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hiyalim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 04:33
شىنلاڭ تەنتەربىيسى خەۋىرى.
يىللاردىن بۇيان بىرنابۇ مەيدانىنڭ جەنۇبىي كۈرۈش سۇپسىدىكى خان مادرىتنىڭ جاھىل (سادىق) مەستانىللىرى ئەزەلدىن ئۆز كۇلۇبىنىڭ يولباشچىسىنى ھاقارەتلەپ باقمىغان،لىكىن بۇ ئەنئەنە 20-ئاپىرىلدىكى مادرىت بىلەن خانلىق بىتىس ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە بۇزۇلدى.
ئىسپانىيە كېبىي تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، مادرىت بىلەن خانلىق بىتىس ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە كىيىنكى يېرىم مەيدانغا قەدەم قويغاندا بىرنابۇ مەيدانىنڭ جەنۇبىي كۈرۈش سۇپسىدىكى خان مادرىتنىڭ سادىق مەستانىللىرى كاپىتان كاشىلياسقا قارشى شۇئارلارنى توۋلاشقا باشلىغان،ئۇلار يۇقىرى ئاۋازدا :‹‹كاشىلياس دىگەن ئاغمىخان ( جاسۇس،مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىغۇچى دىگەن مەنىدە) ،كاشىلياس يوقال ›› دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ مەيداننى بېشىغا كىيگەن.
بىرنابۇ مەيدانىنڭ جەنۇبىي كۈرۈش سۇپسىدىكلەر خان مادرىتنىڭ چىكىدىن ئاشقان مەستانىللىرى بۇلۇپ ھەم مادرىتنىڭ ئەڭ سادىق مەستانىلىرى ھىسابلىنىدۇ. كاشىلياس بىلەن مۇرىنىھونىڭ كۈچ سىنىشىدا ئۇلار مورىنىھو تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن بۇلۇپ،ئىككى ئايدىن بۇيان مۇرىنىھو كاشىلياسنى ئورۇندۇققا مىخلىۋەتكەن بۇلۇپ،بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر ئوت بىلەن سۇدەك جىددى ھالەتكە كىرگەن ۋاقىتتا بۇ مەستانىلەرنىڭ مۇرىنىھو تەرەپتە تۇرۇپ كاپىتان كاشىلياسنى ھاقارەتلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
مۇرىنىھو بىلەن كاشىلياسنىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۈلۈنۈشى،توپ مەستانىلىرىنىڭمۇ ئىككى خىلغا بۈلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،جەنۇبىي كۈرۈش سۇپسىدىكى مەستانىلەر بىر نەچچە قېتىم ‹‹،كاشىلياس يوقال ،،كاشىلياس يوقال ››دەپ ۋاقىرغاندىن كېيىن ،ئادەتتە بەك جىمجىت ئولتۇردىغان ئاۋازمۇ چىقارمايدىغان باشقا كۈرۈش سۇپىسىدىكى مادرىت مەستانىلىرى بولسا‹‹ ئاغزىڭنى يۇم،ئاغزىڭنى يۇم››دەپ ۋاقىراپ جاۋاپ قايتۇرغان...
بېرنابۇ مەيدانىدىكى مەسلە ئەمدى كىلىشتۈگىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى،بۇ ئىش بەلكىم مورىنىھو ياكى كاشىلياسنىڭ مادرىتتىن ئايرىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن.
ئەسلى مەنبە:http://sports.sina.com.cn/g/laliga/2013-04-21/02406529834.shtml |
|