akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: Яiwαyat

سىزنى پۇتبول دۇنياسىغا كىم باشلاپ كىرگەن ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-4-2 16:53:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ronaldooo تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 16:54  

مىنى پۇتبولغا قىزىقتۇرغىنى چوڭ رونالدو
مەن چوڭ رونالدونىڭ نامىنى 98-يىلدىن باشلاپ ساۋاقداشلىرىمدىن بەك ئاڭلايتىم
لىكىن مەن ئۇۋاقىتلادا پۇتبولغا قىزىقمايتىم كىيىن ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن 2002-يىلى پۈتۈن مەكتەپ ھەتتا مەكتەپتە ئوقۇمايدىغانلانىڭمۇ رونالدونىڭ 9-نۇمۇرلۇق كىيمىنى بەس بەستە سېتىۋېلىپ كىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەنمۇ 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى كۆرۈشكە باشلىدىم ھەقىقەتەن شۇ تۇنجى كۆرگەن مۇسابىقىدىلا رونالدونىڭ تاشقى پىلانت ئادىمى دىگەن نامىنىڭ بىكا چىقمىغانلىقىنى ھىس قىلدىم ۋە ئۆزۈممۇ بىلمەستىن پۇتبولغا قىزىقىپ رونالدو مەستانىسى بۇلۇپ كەتتىم
مىنىڭ نەزىرىمدە تاشقى پىلانت ئادىمىدىن نوچىسى يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 17:07:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 17:11  

مەن  ئەڭ ياقتۇردىغان توپچىلار گىرمانىيە پۇتبول كوماندىسى !  ...  بۇرۇنمۇ پۇتبولغا بەك قىزقاتىم ، لىكىن ھازىرقىدەك قىزىقمايتىم ... مىنى بۇنچىلىك پۇتبول مەستانىسى قىلىپ پۇتبولغا قىزىقتۇرغىنى 2010 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا گىرمانىيە كوماندىسىغا ئالاھىدە ئامراق بولۇپ قىلىشىم ، بۇنىڭ بىلەن مەن گىرمانىيە كوماندىسىغا مەدەت بىرىپ دۇنيا لوڭقىسى كۆرگەن ۋە تىخىمۇ پۇتبولغا بولغان قىزقىشىم يۇقىرى پەللىگە چىققان ...
1.jpg




3.jpg

كىيىن بارا - بارا پۇتبول بىرلەشمىللىرىنى كۆرۈشكە قىزقىپ مۇسابىقە كۆردۈم ، شۇ ئارىدا بەزى كوماندىلارغا ۋاقىتلىق مەستانە بولۇپ يۈردۈم ... كىيىن مەن گىرمانىيە پۇتبول كوماندىسى مەستانىسى بولغاندىكىن گىرمانىيەنىڭ كوماندىسى ۋە گىرمانىيە پۇتبولچىللىرى ئوينايدىغان گىرمانىيەنىڭ سېرىق ھەرە قوشۇنى دورتمۇند كوماندىسىغا ئالاھىدە قىزقىپ قالدىم ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسنىڭ دورتمۇند بىلەن ئارسىنالنىڭ گورۇپ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ شۇندىن تارتىپ دورتمۇند كوماندىسنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ كەتتىم ... كىيىن دورتمۇند كوماندىسىغا مەستانە بولغاندىن كىيىن گىرمانىيە چىمپىيۇنى بولۇش يەنى كىيىنكى پەسىل يەنە گىرمانىيە چىمپىيۇنى بولۇش ۋە قوش چىمپىيۇن بولۇشدەك شان - شەرەپلىرىنى كۆرۈپ نۇرغىنلىغان گۈزەل ئەسلىمىلەر قىلىپ دورتمۇند كوماندىسىغا تىخىمۇ ئامراق بوپ كەتتىم !
ئىشقىلىپ ھازىر ئاجايىپ ئامراق بوپ كىتىپتىمەنغۇ دورتمۇند كوماندىىسغا ! ... ( كەلگۈسىدە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلگىم بار دورتمۇند كوماندىسىنى ! )  
2.jpg

دورتمۇند كوماندىسىدا ئەڭ ياقتۇردىغان ئىككى گىرمانىيەلىك توپچى بار ئۇلار «گوتزى» ۋە « لۇيىس » ...
4.jpg


ھۇررا گىرمان تانكىللىرى !!! غەلبە ھامان تىرىشقانلارغا مەنسۇب !

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 17:17:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىچىكىمدىن تارتىپلا پۇتبولغا قىزىقاتتىم ، راستىنى دىسەم بىزنىڭ 98-يىلدىن بۇرۇن بىزنىڭ يۇرتتا ئاساسەن سىملىق تىلۋىزىيە يوقتى . بولسىمۇ بىر قىسىم كىچىك رايۇن ،ئولتۇراقلاردا بار ئىدى .ماڭا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈش مۇمكىن بولمايتى . كىيىن مۇزىكا ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن  98-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالدىم ۋە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قالدىم . بۇ دەل 98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينىلىۋاتقان ۋاقىت ئىكەن . تېلۋۇزۇردىن قانغۇچە كۆرۈپ ھوزۇرلاندىم ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ رونالدو دىگەن بۇ ئىسىم مىنى پۇتبول دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ كەتتى .


كېيىن يانا بىر رونالدو پەيدا بولدى ، چوڭ رونالدو پىنسىيىگە چىقتى . مانا ئەمدى ئىسىمداش كىچىكى مىنى مەستانە قىلىۋالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 17:22:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى بوپ پۇتبول كۆرۈشنى باشلىغان ۋاقىتلىرىمدا پۇتبولچىلارنىڭ بىرسىنىمۇ تونۇمايتتىم ئەڭ بۇرۇن تونۇغۇنۇم رىم كوماندىسى بوپتىكەن ئۇنىڭدىن كىيىن رىمنىڭ شاھزادىسىنى تونۇشقا باشلىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە رىمنىڭ ،  رىم شاھزادىسنىڭ ئوت مەستانىسى !!
614853480.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 17:29:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى پۇتبول دۇنياسىغا باشلاپ كىرگە نۇقۇل بىر پۇتبولچى يوق ،  بار دىسىمۇ مەن ئۈزۈم ، ئۈزەم پۇتبولنى كىچىكىمدىن ياخشى كۆرىمەن چۈنكى سەھرا تۇرمىشىدا تىلىۋىزۇردا نەقمەيداندىن كۆرۈش پۇرسىتىمىز يوق ئىدى . باشلانغۇچتا ئوقىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا دائىم بالىلار  بىلەن بىرگە مەھەللىدە مەھەللە-مەھەللىلەر ئارا توپ ئوينايتۇق ،  شۇ ۋاقىتلاردا مارادۇنانىڭ ، پىلىنىڭ  گەپلىرى بولۇنۇپ تۇراتتى ، ( مايمۇننىڭ قۇسۇقىنى تىشىۋىتىپتۇ )(كىچىك ۋاقتىدا  ئاپلىسىن تىپىپ مەشىق قىلاتتىكەن ) دىگەندەك ،كىيىن تۇلۇقسىزغا چىقتۇق پۇتبولچىلارنى ئازدۇر كۆپتۇر تونىدۇق ، تونىيدىغىنىمىز كۆپ ئەمەس ئىدى، ئەمما شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە مەن قىززىققان ھەم مىنىڭ ھۆرمىتىمگە ئېرىشكەن پۇتبولچىلار  ئاز ئەمەس ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ باشتا قىزىققىنىم مارادۇننا ئۇندىن كىيىن باكىيۇ ، ئوۋىن ،زىدانى ، چوڭ رونالدۇ ، ۋاننىستىرلوي ، رونى ، مىسسى ، كىچىك رونالدۇ ، ساراۋى ، ھەم كەپسىز مارىيۇ قاتارلىق ..
مىنى مانچىستىر مەستانىسى قىلغىنى بولسا ۋاننىستىرلۇي ...
2002 - يىلى بىلەن 2008 - يىلى دىكى تۈركىيە كۇماندىسى ئەزالىرىنى مەنلا ئەمەس بارلىق مۇنبەرداشلار ياقتۇرىدۇ ئەلۋەتتە ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 17:38:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىمۇ   شۇ  پۇتبولغا  مەستانە   قىلغىنى سىمىز   رونالدو  . 2002-يىلىدىن  باشلاپ  تۇنۇغان . لىكىن 2005-يىلدىن  باشلاپ  كاكانى  تۇنۇدۇم  ،مىنى ئەڭ  قايىل  قىلغىنى   بولسا  مەيلى  مەيدان  ئىچى  ياكى  مەيدان  سىرتى  بولسۇن ، ئەخلاقىغا  گەپ   كەتمەيدۇ ، بۇنداق  توپچى  پەقەت  ۋە  پەقەت  بىرلا__________ كــــــــــــــــــــــــــاكــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــا  .شۇنىڭ  تەسىرىدە مىلانغا   مەستانە   بولغان . كۇلۇپ  ناخشىسى  دەھششەت  يېقىملىق  ئاڭلىندۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 17:57:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق چوڭ-كىچىك، توڭ-پىششىق، قېرى-ياش، ئەبگا-ساز قىرىنداشلىرىم، كەمىنە مەرۋايىتتىن ھەممىڭلارغا سالام.
پېقىر بۇ مۇنبەرنى مارىلاۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشتى، كۈندە كىرىمەن، تېمىلارنى كۆرىمەن، ئىنكاسلارنى كۆرىمەن، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن، ئەزا بولۇپ قويدۇم، ئەمما ھىچنىمە يازمىدىم، سەۋەب نېمە؟
چۈنكى مەن پۇتبۇلغا سەت قىزىقىمەن، ئەمما بۇ توغرىسىدا بىلىمىم ئاز، كۇلۇبلارنىمۇ كۆپ بىلمەيمەن، قايسى پۇتبۇلچى قايسى كۇلۇبتا ئويناۋاتىدۇ، قايسى رەسىمدىكىسىنىڭ ئىسمى نېمە، ئىسپان بىرلەشمىسى، دىربىي دېگەندەكلەرنى چۈشەنمەيمەن. (ئەمما مازاق قىلىشىڭلارغا روخسەت) ئەمما پۇتبۇلغا ئىشتىياقىم بار. بۇندىن 5-6 يىل مۇقەددەم مەنمۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچى ئىدىم، ھەمدە قاپقىچى ئىدىم، جۇغۇم كىچىك، ۋىجىك بولغان بىلەن خېلى سەكرەپ قويىتىم، توپ تۇتۇشقا قالتىس ئېپىم بارتى، ھەتتا بىر قېتىم نوقتا توپ تۇتىمەن دەپ توپ مەيدەمگە تېگىپ ئۆلەپ قالغىلىمۇ تاس قالغان
بولدى، بولدى، تېمىدىن چەتنەپ كەتتىما مەن، يا بىرەسىڭلا پىشىمدىن تارتىپ قويمىدىڭلا ئەمدى تېمىغا كەلسەك، مېنىڭ پۇتبۇل دۇنياسىغا كىرىشىمگە بىرەر چولپان سەۋەبچىمۇ ئەمەس، كىچىكىمدە مەھەللىدىكى «بىزنىڭ ئاغىنىلەر» بىلەن پۇل يېغىپ، 11 كويغا بىر توپ ئېلىپ، چوڭلارنى دوراپ گۆلدۈرلەپ ئوينىغاندىن تارتىپ مەن پۇتبۇلغا قىزىقىغلىقتىم، ئەمما ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان پۇتبۇلچى زىدانىي، مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىغان كۆرۈنۈشۈم ئۇنىڭ ماتىراززىينىڭ كۆكرىكىگە قويغان بىر كاللىسى.
ھازىرقى چولپانلاردىن مەسۇت ئۆزىل، مىسسىي، كىرىستيان رونالدۇلارنى ياقتۇرىمەن(بىرسى زادى بىرسىنى تاللايسە دەپ تۇرۇۋاممىغاندىكىن، يوغانچىلىق بىلەن ياقتۇردىغانلىرىمنى دەۋەدىمغۇ) ئۇلارنىڭ بىرسىنى يەنە بىرسىدىن يامان دەپ ئويلىمايمەن، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار.
ئەمدى تۇنجى بىرنەرسە يېزىشىم بولغاچ سەل ۋاتىلداپ قالدىم، ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىلەر.
(قارشى ئېلىپ پۇل-پۈچەك، مىداللار بىلەن تارتۇقلىساڭلار ياق دېمەيتىم)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +51 تۆھپە +20 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
بېرنابۇ + 1 + 10 قىززىقارلىق ئىنكاس
بارچۇق + 50 + 10 + 10 + 10 كۈڭۈلدىكى گەپلەر

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 18:08:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
97-يىلى 5-فىۋرالدىن بۇرۇنقى غۇلجىنىڭ بولۇپمۇ مەھەللەمنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 18:13:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   munchen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 11:14  

مىنى پۇتپۇلغا باشلاپ كىرگەن تۇپچى زىدانى ، 2006 -يىلى ھەل قىلغۇچتا  ئۇنى  تۇنىدىم ، ھازىر  ئەڭ ئامراق  تۇپچىلىرىم      رونالدۇ   تۇتتى  شىمىستايگىر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 18:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى پۇتبول مەستانىسى قىلىپ قۇيغان : كاكا ئىدى بىر كۇنى تۇيۇقسىز يۇلدىن ئۇتۇپ كىتىۋاتسام كىشىلەر تۇپلىشۋاپتۇ نىمە بۇلغاندۇ دەپ قارىسام كاكا مادرىدقا كىلىپ بىر نۇخـتا تۇپنى ئۇرغىلى تەمشىلۋاتقانكەن كىشىلەر كاكا كاكا دەپ تۇۋلاپ كىتىپ تۇ ۇ بۇ تۇپنى شۇنداق پىچەت ئۇرىۋەتكەن ئىدى شۇندىن باشلاپ مەن پۇتبول مەستانىسى بۇلۇپ قالغانىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 18:40:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى پۇتبۇلغا قىزىقتۇرغىنى ماۋۇ مۇنبەردىكى ئوۋىن 2  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-2 18:43:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چېمپىئون تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 18:52  


ئامراق توپچىم .زىدانى    ،،، 1998 -يىلى ،فىرانىسيە دۇنيا لوڭقىسدا ،،ھەممىدىن بەك دۇنىيا لوڭقىسنىڭ ئاساىسى ناخشىسى بەك تەسىر
قىلپىتكەن ،،،
گوۋ گوۋ ،
ئالى ،ئالى ئالى :
ئككى كويلۇق چەك ئالسام،
چىقمىدى شالى ،،دەپ  ناخشىنى ئۆزگەرتىپ ئېيتاتۇق ،،ھەم ،،شۇ ۋاقىتا  تاقىر باش زىداننىڭ بىرازىليەنى بويسۇندۇرۇپ فىرانىسيەنى چېمپىئون قىلىشى ،،مېنى زىدانىغا ئامراق قىلپ قويىغان ،،،ئاندىن زىداننىڭ شۇ ۋاقىتتكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش رىكورتى 70 مىليون بىلەن يۇۋىنتۇستىن رېئال مادىردىىقا يۆتكەلگەندىن كېيىن ،مادىرىدىتتا 7 بۆرە شەككىللەندى،،،،،،      ئۇنىڭىدن كىېيىنكى ئامراق توپچى  :
مادىرد شاھزادسى رائۇل : يەنى ئۈزۈك شاھزادىسى رائۇل :

يەنە ،ئامراق توپچىلىرىم ،،بولسا ،،،،مادىرىد كاپىتانى كاسلىياس ،،،تاشىقى پىلانىت ئادىمى رونالدو ،بېكھام   ،،،،كىرستىيانو رونالدو ،،رۇنى ،، ئۆزئىل ،،قاتارلىقلار ،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش