ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4739 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۇلۇقسىزدىكى ۋاقىتلىرىم سىنىپتىكى بىر يېقىن ئاغىنەم بىلەن داۋاملىق بىللە پۇتبول ئۇيۇنى ئوينايتۇق ئۇ ۋاقىتلاردا مەن پۇتبول تەپكىنىم بىلەن پۇتبول ئۇيۇنىنى ئانچە ئوينىمايتىم ئۇ داۋاملىق بىرازىلىيەنى تاللايتى. مەن قايسى كوماندىنى تاللاشنى بىلمەي خالىغانچە تاللايتىم (قايسى دۆلەتنىڭ بايرىقى چىرايلىق بولسا شۇنى تاللايدىغان گەپ) كىيىن داۋاملىق يېڭىلىپ قالغاندىن كىيىن خەپ گۇي دەپ ئىچىمدە ئۇنى ۋە ھېلىقى سېرىق كىيىم كەيگەن بىرازىلىيەنى تىللايتىم . ئىچىمدە خەپ دەيتىم خيالىمدا بۇ كوماندىنىڭ دۈشمىنى كىمدۇ دەپ ئويلايتىم كىيىن باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ بىرازىلىيەنىڭ ئەشەدى دۈشمىنى بولغان ئارگىنتىنانى تاللايدىغان بولدۇم . كىيىن مىنىڭمۇ تېخنىكام ئۈسۈپ ئارگىنتىنانى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن دو تىكىشىم ئوينايدىغان بولدۇم . ئۇ ھۇجۇمغا قارىغاندا مۇداپىيەگە بەكرەك كۈچەپ تۇرىۋالاتتى شۇ ۋاقىتتا كۈچلۈك مۇداپىيەدىن ئۈتەلمىسەم باتىستوتا بىلەن 18 نىڭ سىرتىدىن توپ ئۇراتتىم ئۇنىڭ توپى شۇنداق بېسىملىق بۇلۇپ يىراقتىن تەپسەم ھىچ بولمىسا بىرەرسى بولسىمۇ چۈشۈپ مىنى شۇنداق خوش قىلىۋىتىتى . كىيىن ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سوراپ بۇنىڭ ئىسمىنى ئوينايدىغان كۇلۇبىنى بىلىۋېلىپ داۋاملىق مۇسابىقە كۈرىدىغان چوڭ ئاغىنىلىرىمدىن سوراپ يۈرۈپ ئۇلارنىڭكىدە بىرگە مۇسابىقە كۈرەتتىم . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ باتىستوتا مەستانىسى بۇلاپ قالغان . تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتتا بىر سىنىپتىكى ئاغىنىلىرىم بىلەن پۇتبول كىيمى ئالماقچى بۇلۇپ دۇكاندىن بىر قىزىل كىيىمگە كۈزۈم چۈشۈپ باشقىلار بىرازىلىيەنىڭكىنى تاللاپ ئالسا مەن ئاغىنىلىرىمنىڭ بۇنى ئال دىيىشىگە ئۇنىماي شۇ قىزىل كىيىمنى ئالدىم . شۇ ئىشتىن بىرەر ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۈيىدە مۇشۇ كىيىمنى كىيگەن كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن ئىدىم ئۇلار شۇ ۋاقىتتا 3-1 مۇ شۇنداق يەڭگەن ئىدى شۇ ۋاقىتتا بۇ كوماندىغا ئامراق بۇلۇپ قالغان ئىدىم . كىيىن بۇ كوماندىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ مانچىستىر بىرلەشمىسى ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن بىرى تا ھازىرغىچە ئالۋاستى مەستانىسى بۇلۇپ كىلىۋاتىمەن . |
|