ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2695 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تىمىنى ئوقۇپ ، قىزىل كارتا چىقىرىلغاندىن تارتىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارلىقتىكى بارلىق كۆرگەن مەنزىرىلىرىم قايتا كۆزئالدىمدىن بىر بىرلەپ ئۆتتى .
پەۋقۇلاددە بۇ ھەركەتتىن ھەممە خەۋەرسىز ئىدى ، سول يولدا ئاتتەك چىپىپ ئۆزىنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلغان مۇئاشقا لايىق توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ، مۇشۇنداق مۇھىم ۋاقىتتا ئاق باشلىق شۇ ئاتىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ مەيدانغا چىقارغانلىقىغا ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئىدى ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىسپاتلاپ بولغان ئەپسۇس ئۇ تىخىمۇ تولۇق مۇكەممەل ئىسپاتلاشنى ئەڭ چوڭ ۋەزىپە دەپ تونۇغان ئىدى . ئامما مەقسەتسىز ئىشلىگەن شۇ خەتەرلىك ھەركىتى پۈتۈن تىرانفورىد مەيدانىنى جىمجىتلىققا تاشلاپ قويدى ، ھەممە ھەيران قالدى ئىشىنىمەنكى نەق مەيداندىكى 11 نەپەر مادرىدلىق ھەتتە تىپىكتىن يەردە ياتقان ئاربىلويامۇ قىزىل كارتىنىڭ بىرىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . يەنە ئەپسۇس ھۆكۈم ئۆزگرمەيدۇ .
شۇ ۋاقىتتىكى فورگىسىن ئۆزى ئەڭ پەرۋىش قىلىپ ئىرادە بىلەن يۇغۇرۇپ سەپكە قوشقان شۇ قوشۇننىڭ مەغرۇر سەركىسى بۇنى قۇبۇل قىلالمىدى . ئۇنىڭ شۇ مەيدان ئۈچۈن تۈزگەن پىلانلىرى تىخى ئەمدى يىرىمىنى تۈگەتكەن ئىدى . شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تىخى ئاخىرقى مىنۇتلاردىكى ئەڭ مۇھىم جەڭگە تەييارلىق قىلىپ تۇرىۋاتقان ، رونى ، كاگاۋا ، ئاشىلىياڭ ...... قاتارلىق ئەسكەرلىرى بارئىدى . لىكىن ئۇ ئۆكۈنمەيدۇ !!!
شۇ ۋاقىتتىكى مورىنىيۇ، مەن ئۇنىڭ تىيىنىرلىق يولىدىكى كىتابىنى ئوقۇپ ، تارىختىكى مۇسابىقىلىرىنى قايتا كۆرۈپ ھازىرقى تىيىنىرلىق ھاياتىدىمۇ مەن كۆرۈپ باقمىغان مورىنىيۇ ئەمەس ، مەيداندىكى ئەسەبىيلىكى بىلەن رەقىبلىرىنىڭ سۆكۈشلىرى بىلەن ساراڭغا چىقىرىۋەتكەن ئۇ مورىنىيۇنى ئەسلا ئۇچۇرتالمىدىم ، چۈنكى ئۇمۇ بۇ ئۇشتۇمتۇتلۇقتىن شۇبھىلەنگەن ئىدى ، ئۆزىنىڭ خارەكتىرى بويىچە ئۇ بۇنداق مۇسابىقىنى كۆرۈشنى خالىمايىتتى .
مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلگەن شۇ ئەزىمەتنىڭ دولىسىدىن ئۇرۇپ قويغان شۇ ھەركىتى ھەرگىزمۇ مورىنىيۇنىڭ خوشاللىقى ئەمەس بەلكى قىزىل كارتا يىيىشتىن بۇرۇنقى شۇ مۇسابىقە جەريانىدىكى ئۇ ياشنىڭ ئىپادىسىگە بولغان ھۆرمىتى ھەم ئەپسۇسلىنىشى .
مۇسابىقە تۈگىگەندىن كىيىنكى ئۆزىنى ۋاقىتلىق يوقۇتۇپ قايتا مۇسابىقە ھالىتىگە كىرگەن شۇ بوۋايغا ئاستا پىچىرلاپ مەغلۇپ بولغان قومانداندەك مەيداندىن ئايرىلىشى .
ئۇنىڭ بۇ ھالەتتىكى مانچىستىرنى ئۇتقۇسى يوقلۇقى مانا مەن دەپ ئەكىس ئىتەتتى ، ئەپسۇس ھۆكۈم ئۆزگەرمەيدۇ . مۇخبىر زىيارىتىدە ئىيىتقان شۇ سۆزى ئۇنىڭ بۇۋايغا ، مانچىستىرغا بولغان ھۆرمىتى .
شۇۋاقىتتىكى رونالدو ، ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىكى بۇ يىقىن سەبدىشىنىڭ ئۆزى بىلەن ناھايىتى تەستە كىلىدىغان بۇ رىقابىتىدىن بۇنداق بالدۇر چىكىنىپ چىقىشىنى ئەسلا خالىمايىتتى ، ئەپسۇس ھۆكۈم ئۆزگەرمەيدۇ.
تىخى ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشۇشتىلا ئۇ كونا ئائىلىسىگە ھازىرى ئۆيىدە توپ ئۇرغان ئىدى ، گەرچە تەبرىكلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ھەركەتلىرى يوشۇرۇن خوشاللىق ئەكىس ئىتەتتى ، ئەپسۇس بۇ قىتىمقىسى ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ ، مەيدان ئىچى ھەم سىرتىدىكى خارەكتىرىدىكى مەغرۇرلىقى ھەم مۇسابىقىدىن كىيىنكى ھەرخىل تەبرىكلەش ھەركەتلىرى بىلەن تونۇلغان رونالدونى ئوخشاشلا مەن ھازىرقى ھالىتىدە پەرەز قىلالمايىتتىم . ئۇنىڭ توپ ئۇرۇپ بولۇپ ئىككى قولىنى كۆتۈرىۋىلىپ سەبداشلىرىنىڭ خوشاللىق بىلەن ئەسەبىي تەبرىكلەشلىرى ئارىسىدىكى سۇلغۇن بۇ ھالىتى پەقەت بۇ مەغرۇر ياشنىڭ مەغلۇبىيەتلىك مۇسابىقىلىرىدە ئۇچىرايىتتى . بۇ ۋاقىتتىكى ئۇ پەقەت تىڭىرقاش ئىچىدە ئىدى . ئەپسۇس ............
مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كىيىنكى مەيداندىن ئايتىلىۋاتقان رونالدۇنىڭ مەيدىسىگە مۇشىتلاپ قويغان شۇ كورۈنىشى ، ئۇنىڭ يۈرىكىدە مانچىستىرغا بولغان ھۆرمۈتى بۇ ئىللىق ئائىلىسىدىكى مەستانىلىرىگە قايتۇرغان جاۋابى ، لىكىن ئۇنىڭ روھى دۇنياسى ناھايىتى سۇلغۇن . ئەپسۇس مۇسابىقە ئاياغلىشىپ بولدى ، ھۆكۈم ،نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ .....
مەن كۆرۈپ باقمىغان بۇ مەنزىرىلەرگە سەۋەبچى مانچىستىرلىقلارغا رەھمەت ...... |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|