akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3803|ئىنكاس: 67

بىزغۇ ساقلايمىز ، بىراق ئۇلارچۇ ؟ (تانكىچاق)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soccer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 22:22  




  تاكى بۈگۈنگىچە تېخى بۇ مۇسابىقىنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئازابىدىن تۇلۇق يېشىلىپ چىققىنىم يوق ، ئىچىم ئاچچىق ، ئىشقىلىپ بۇ خىل ھېسىياتنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن . بۇلۇپمۇ ئۇزۇغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ھەممىدىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن بىرنجى بۇلۇپ چىقىپ بولغان كوماندىنىڭ ئۇزۇغنلۇق شاللاش مۇسابىقىسىگە كەلگەندە ئوخشاشلا ھەممىنىڭ ئالدىدا شاللىنىپ كەتكىنىنى پەقەتلا قۇبۇل قىلالمايۋاتىمەن . مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىقى 20 مىنۇتىنى قانداق ھېسىيات بىلەن كۆرۈپ تۈگەتكىنىمىنى بىر ئۆزەم ھەم باشقا مانچىستىرلقىلار بېلىشى مۇمكىن ، رونى ، ۋەنپىرىسلارنىڭ كوماندا 10 ئادەم بۇلۇپ قالغاندىمۇ شۇ ئاخىرىقى دەقىقىلەردە ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەي چولپانلا توپلاشقان شۇ كوماندىنىڭ پۇلاتتەك مۇداپىئەسى ئالدىدا بار كۈچىنىڭ ھەممىنى ئىشقا سېلىپ ، جان تىركىششىنى كۆرۈۋېتىپ كۆزۈمگە ئىختىيارسىز ياشلار كېلىپ كەتتى . پۈشتەك چېلىندى ... تۈگىدى !! بۇ پەسىل بەلكىم بوۋاينىڭ كوماندىنى يېتەكلەپ ئۇزغۇنلۇق كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتى ئەڭ چوڭ پەسىل بۇلۇشى مۇمكىن ئىدى، يىللاردىن بۇيانقى شاللاش مۇسابىقىسىگە شاللاش مۇسابىقىسىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ يىل ياردارلارنىڭ يوق بۇلۇشى ، كوماندىدىكى ياشلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ، قېرىلارنىڭ تۇراقلىق ھالىتىنى ياخشى ساقلىشى ، ياخشى توپچىلارنىىڭ كىرگۈزۈلىشى ، ئەڭ مۇھىمى كوماندىنىڭ قۇرۇلمىسى تەجىرىبىلىك قېرى توپچىلار + تەجىربە ھەم ئىقتىداردا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان + ياش ، ئىقتىدارلىق توپچىلاردىن تەركىپ تاپقان ، مانا مۇشۇ ئامىللاردىن بىز بۇ يىلنى يىللاردىن بۇيانقى ئۈمۈد ئەڭ چوڭ يىل دەپ ھېسابلاپ كەلگەن ئىدۇق . ئاندىن ، بىز كۈتكەن شۇ ئارزۇ ئارمانلار رىپىرنىڭ چىقارغان بىر تال قىزىل كارتىسى بىلەن كۈپۈككە ئايلاندى ...

   پۇتبول دىگەن ئەركەكلەرنىڭ ئۇيۇنى ، شۇنداقلا ئۇ بىر رىقابەت خاراكتىرىدىكى تەنھەركەت . شۇڭا پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى يالغان يىقىلىش ، سۇغا سەكرەش ، خاتا ھۆكۈم دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى پۇتبولنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ، مەستانە بولغان ئىكەنمىز بۇ ھەقىقەتنى تۇنۇپ يېتىشىمىز كېرەك ...
  نانىنىڭ قىزىل كارتىسىغا كەلسەك ،مىىڭ ئادەمنىڭ كۆز قارىشى مىڭ خىل بۇلىشى مۇمكىن ، گەپنى يىغىنچاقلىساق مانچىستىر ئۇتتۇرغان بىلەن ئۆز ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلمىدى ، مادىرىدنىڭ غەلبىسىنى «مەينەت » دېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ . شۇڭا ھەممە مانچىستىرلىقلار مادىرىدنى چىن كۆڭلۈمىزىدىن تەبىرىكلىدۇق .

    بوۋاي ياشىنىپ قالدى ، گەرچە ئۇنىڭ چىرايدىن تەمكىنلىك ، ئىرادىلىك چىقىپ تۇرسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ يۈرىكى ئاللىبۇرۇن 70 ياشتىن ئېشىپ بولدى . ئۇ نۇرغۇن باللارنى تەربىيلىدى ، شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە تەربىيلىگەن باللىرى ئۆزىنىڭ ئېسىل ماھارىتى بىلەن ئاتىسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ ئۆزىنى ئىسپاتلماقچى بولدىيۇ ، بىراق تۇيۇقىسىز يۈز بەرگەن بۇ تاسادىبىلىق بۇنىڭ يول قويمىدى ...

   مۇسابىقىدىن كېيىن ، فىرىدىنەنىد ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگىدا : « مۇسابىقىدىن تۈگىكەندىن كېيىن نانى خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشاش يىغلاپ كەتتى ، بىز ھەممىمىز بېرىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردۇق ، چۈنكى ھىچكىم ئۇنىڭدىن ئاغىرىنمىدى ، ئۇنىڭدا گۇناھ يوق . بىراق ئۇنىڭ يىغىسى توختىماقتا يوق تېخىمۇ قاتتىق يىغلىدى ، ئۇ ئائىلسىدىكىلەرگە تىلغۇن قىلىپ توختىماي مەن نېمىنى خاتا قىلدىم دەپ يىغلاۋەردى . مانچىستىرنى سۆيگەن ھەر قانداق بىر كىشى ئىشىنىمەنكى مانچىستىرلىق توپچىلارنىمۇ شۇنداق سۆيىدۇ ، گەرچە بەزى توپچىلار بەزى ۋاقىتلاردا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسىمۇ ، بىراق ئۇلار ھامان مەستانىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ . مەن كۆردۈم بۇ قېتىم نانىنىڭ توختام ئۇزارتىش ئىشىنى قوللايدىغانلار باشىقا ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ بۇلۇپ كەتتى » دېدى ...

   گىگس مۇنداق دېدى :« نانىغا قىزىل كارتا بېرىلگەندە ، ھىچىكىم نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالمايلا قالدى ، پۈتۈن كونا تىرانفۇرىد مەيدانى 10مىنۇتقىچە تىمتاسلىققا چۆمدى ، چۈنكى ھېچكىم زادى نىمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىغان ئىدى . بىر ھازادىن كېيىن كونا تىرانفۇرىد مەيدانى باشقىچە كۈچلۈك « سىلكىنىپ » كەتتى . مانچىستىردا 20 نەچچە يىل توپ ئوينىغان تارىخمىدا كونا تىرانفۇرۇد مەيدانىنىڭ بۇنداق تىمتاسلىشىشىنى ، بۇنداق كۈچلۈك « سىلكىنىشىنى » تۇنجى كۆرۈشۈم ، بەكلا ھەيران قالدىم » دېدى .



   رونىنىڭ ئاساسلىق ئەزا بۇلالماسلىقى ھەممە كىشىنى چۈچىتىۋەتتى ، بىراق بىز ئىزچىل بوۋاينىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىپ ، بوۋاينىڭ چۇقۇم ئۆزنىڭ ئويلىغىنى بار ، شۇڭا ئۇ مانچىستىرنى بۈگۈنگە ئېلىپ كېلەلىگەن دېدۇق . گەرچە بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت رونىنىڭ ئاسالىق ئەزا بولماسلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ ، بىراق ئاخىرىدا تاكتىكا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشتى . مۇشۇ خىل مەغلۇبىيەتنى ئەمدى بىزگە كۆرۈش نىسىپ بۇلامدۇ يوق ؟ بوۋاينىڭ يوغان قۇلاقىنى ئېگىز كۆتەرگىنىنى كۆرۈش بىزگە نىسپ بۇلارمۇ ؟
سىر ئالىكىس فۇرىگسىن ، 1941-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى .



   ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا رېن رېن تورىدىكى مانچىسىترلىق خەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئاۋۇ 11-نۇمۇرلق « ياش » چولپىنىمىز بۇ يىل قانچە ياشقا كىرىدى دەپ ئۇنىڭدىن ئالامچە مەمنۇن ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن توختىماستىن سۇئاللارنى قۇيۇشۇپ كەتتى ، بىر نەچچەيلەن چاقچاق قىلىشپ بۇ « ياش » ماھىرىمىزنى مانچىستىر ئالدىنقى قېتىملىق يۆتكۈلۈشتە يۆتكەپ كەلگەن ، بۇ يىل تېخى ئاران 18،19 ياشلارغا كىردى دېيىشتى .1991-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى گىگس مانچىستىر ئۈچۈن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىغاندا كوماندىكى ھازىر بار توپچىلاردىن سىكولىس 16 ياش ، فىردىنەنىد 12 ياش، كارىك 9 ياش ، ۋىدىچ 9 ياش ، ئېۋىرا 9 ياش ، فىلەتچىر 7ياش ، ۋەن پىرىس 7 ياش ، لىندىگارىد 6 ياش ، ئاشىلى ياڭ 5 ياش ، ۋالنسىيە 5ياش ، رونى 5 ياش ، نانى 4 ياش ، ئېۋانىس 4 ياش ،ئەندىرسون 2 ياش ، پۇرچاق 2 ياش ، باتىنىر 2ياش ، كاگاۋا 1ياش 11 ئايلىق ، كىلەۋىر 1 يېرىم ياش ، سىمولىن 1 ياش ، ئاموس 11 ئايلىق ، رافائىل 9 ئايلىق ، دېھىيا 3 ئايلىق ، ۋېلبېك 3 ئايلىق ، فىلىپ جونىس بىلەن پوۋىل تېخى تۇغۇلمىغان ئىدى . بىراق مۇسابىقە تۈگىكەندە بولسا ھەممەيلەن ئازاپلانغان ھالدا :« گىگىس ، كەچۈرگىن ، سېنىڭ 1000 –مەيدان مۇسابىقەڭدە مانچستىر ئۇتتۇرۇپ قويدى ...» دېدى .
رىيان گىگىس ، 1973-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى .



   بىزنىڭ يەنە بىر « ياش » ماھىرىمىز قېنى ؟ يارىسى قانداقراقتۇ ؟ ئۇزۇن بوپ كەتتى ئۇنىڭ مەيدانغا چىققىنىنى كۆرمىگىلى ، ئۇنى تولىمۇ سېغىندۇق ، ئەجىبا ئۇ بۇ قېتىم بىزدىن راسلا ئايىرىلارمۇ ؟ پاۋىل سىكولىس ، 1974-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى .



   مۇسابىقە تۈگەپ ، سېنىڭ رىپىرنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىشىڭ ، ئۇنىڭغا قارىتىپ چالغان شۇ چاۋاكلىرىڭنىڭ بىر مۇشىتقا ئايلىنىشىنى شۇنداق ئۈمۈد قىلغان بولساممۇ ، بىراق سەن ئۇنداق قىلمىدىڭ . چۈنكى بۇ دىگەن پۇتبول مۇسابىقىسى . مانچىستىردا ئۆتكەن 10 يىلىڭ تولىمۇ مەنىلىك ئۆتتى . سەن مانچىستىر ئۈچۈن قۇلۇڭدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلدىڭ . بىراق بۇ پەسلىنىڭ سېنىڭ مانچستىردىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىلىرىڭ بوپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن، مۇئاشىڭنى تۆۋەنلەتسەڭمۇ ، قانداق بەدەل تۆلىسەڭمۇ ، سېنىڭ
چۇقۇم مانچىستىردا قېلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن . لىئون فىردىنەنىد ، 1978-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى.



   ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتلاردا بىز ساڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا ھەمىشە سەن يوق ، بىزنىڭ كاپىتانىمىز ئاغىرىق بىلەن جەڭ قىلىپ ، ئاخىرى ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كونا ھەمراھىڭ بىلەن بىزنى ئەڭ خاتىرجەم قىلىدىغان ئوتتۇرا بېك سېپىلىنى ھاسىل قىلغان ئىدىڭ ، شۇ تاسادىبىيلىق يۈز بەرمەستە مادىرىددىكى شۇ چولپانلارنىڭ يىرىتقۇچلارچە قىلغان ھۇجۇمىنى بىر بىرلەپ ياندۇرغان ئىدىڭ ، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئۈسكەن بىر توپىڭنى كىرىپ كەتتىغۇ دەپ سەكرەپ كەتكەن ئىدۇق ، شۇندىلا ۋارتارنىڭ ئىككى تەرىپىدە يان تۈۋرۈك بۇلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتتۇق .ھەر قېتىملىق بۇلۇڭ توپتا سېنىڭ سايەڭنى كۆردۇق ، سەن شۇنچە تىرىشتىڭ ، بىراق تەقدىر ساڭا چاقچاق قىلىپ قويدى ، سەندىكى تەلەينى تارتىۋالدى . بۇندىن كېيىن مانچىستىردا تېخىمۇ ساغلام كاپىتانىمىزنى ئۇزۇنراق كۆرۈشۈمىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . ۋىدىچ ، 1981-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى .



   مانچىستىرنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىن قالسا ئەڭ ئاجىز ھېسابلىنىدىغان يېرى دەل سول بېك ئورنى ، ھەر قېتىم دەل مۇشۇ ئورۇندىن سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە نۇرغۇن كىشىلەر سېنى ئەيىبلەشتىيۇ بىراق تا ھازىرغىچە ساڭا لاياقەتلىك بىر سەپلىمە ئەزا تېپىپ بەرمىدى . ھەر قېتىملىق ھۇجۇمغا چۇقۇم قاتنىشىسەن ، قارشى تەرەپ توپنى تارتىۋالغاندا يەنە سەن بار كۈچىڭ بىلەن مۇداپىئەگە قايتىسەن . ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە ، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر مەيدان مۇسابىقىدە سەن دەل مۇشۇنداق قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى تۇسۇش ئۈچۈن بار كۈچىڭ بىلەن يۈگىرەپ ، توپنى تېپىپ چىقرىۋەتتىڭ ھەم ئارقىدىنلا بەدەن قۇۋىتىڭ يىتىشمەي ، مەيداندىلا ياندۇرۋەتتىڭ ، شۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەر بىر مانچىستىرلىق قانداقمۇ كۆزىگە ياش ئالماي تۇرالىسۇن ؟ بۇ پەسىل كېلىشى بىلەن سەن بىراقلا پارتىلاپ چىقىپ ، كوماندىنىڭ نۇمۇر ئېلىشىدىكى مەخپى قورالى بۇلۇپ قالدىڭ ، مۇشۇ ئورنۇڭدا مۇشۇ ياخشى ھالىتىڭنى ساقلاپ ، مانچىستىردا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭگە تىلەكداشمەن ... ئېۋىرا ، 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى .



   بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، دۇنيادا سېنىڭدىنمۇ بەكرەك « جاپاكەش » ھۇجۇمچى بارمىدۇ دەپ ، ھەر قېتىم ئوتتۇرا مەيدان ، ھەتتا ئارقا مەيدانغا كېلىپ توپ ئالىسەن ، ھۇجۇم تەشكىللەپ ، يەنە تېز سۈرئەتتە ئۆزەڭنىڭ ئورنىغا قايىتپ ، ھەر ۋاقىت سەپدىشىڭ ئېتىپ بەرگەن پاسنى ئېلىپ نۇمۇر ئېلىشقا تەييار تۇرىسەن . قارشى تەرەپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلغاندا ئەڭ ئالدى بىلەن كەينىدىن قوغلايدىغىنى يەنىلا سەن .سېنىڭ شەھەرلىكلەرگە ئۇرغان ئاشۇ موللاق توپنىڭ ھەر بىر مانچىستىرلىقنىڭ ئېسدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ . مانچىستىرغا كەلگەندىن بۇيان ، بۇلۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان سېنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش خەۋىرىڭ ئۈزۈلۈپ باقمىدى ، بىراق بىز يەنىلا داۋاملىق ساڭا ئىشەندۇق ھەم ئىشىنىمىز ، رونالدو ، ۋەن پىرىس دىگەنلەر دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بۇلالىشى مۇمكىن ، بىراق ئۇلار ئالۋاستى دۆلتىنىڭ« پادىشاھى » بۇلالمايدۇ . گەرچە بۇ مۇسابىقىدە سېنى مەيدانغا بەكلا كېچىكىپ چىقارغان بولسىمۇ ، بىراق سەن يەنىلا شۇ پاسسىپ ئەھۋالدا رەقىبىڭنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتالىدىڭ ، يارايسەن . ساڭا مۇناسىۋەتلىك يۆتكىلىش خەۋەرلىرى بىلەن پەرۋايىمىز پەلەك ، سېنىڭ مانچسىتىردا چېكىنىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمىز . مانچىستىر شەھەرىدىكى بۇ قىزىل رەڭلىك جاي دەل ساڭا ئائىلەڭ . رونى ، 1985-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى .



   سەن دەل مۇشۇ يەردە ھەقىقى چولپان بۇلۇپ تۇنۇلدۇڭ ، بىراق بۇ قېتىم رەقىبىمىز بۇلۇپ كەلگىنىڭدە سېنىڭ ئۇرغان شۇ توپلىرىڭ ئۆزەڭنىڭ ئانا كوماندىسىنى شاللىۋەتتى . بىراق ھىچكىم سەندىن ئاغىرىنمايدۇ ، يارايسەن . تېخى مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا بارلىق مانچىستىر توپچىلىرنىڭ ئىمزاسى چۈشكەن ،گىگىسنڭ 1000-مەيدان مۇسابىقە كىيىمىگە ئېرىشتىڭ . پاھ ! سەن نىمدىگەن بەخىتلىك ، دۇنيادا ئەمدى 1000 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان توپچىنىڭ كىيىمىگە ئېرىشەلەيدىغان بىر ئادەم چىقارمۇ ؟ ئۇنى چۇقۇم قەدىرلە . كومانداڭنى باشلاپ ، ئانا كومانداڭنى قانداق شاللىغان بولساڭ باشقا رەقىبلىرىڭنىمۇ شۇنداق يەر چىشلەت ، بولمىسا بارلىق مانچىستىرلىقلارغا يۈز كېلەلمەيسەن .
رونالدو ، 1985-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى .



   ئاخرىدا سېنى يازماي تاشلاپ قۇيۇشقا زادى كۆڭلۈم ئۇنىمىدى . سەن بولمىغان مانچىستىرنىڭ قانداق بۇلۇپ كېتىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن . ئويلاپ باقسام مانچىستىردا ھەممدىن ساڭا بەك تەسكەن ، چۈنكى سېنىڭ ئورنۇڭ كوماندىڭ يۈرىكى . بەزىدە سېنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكىڭ سەۋەبىدىن ھەممە كىشىلەر سېنى تىللايدىيۇ ، بىراق چىرايلىق كىرىگەن توپلار بولسا توپ ئۇرغان ئادەمنىلا ماختاپ ، ئارقىدىكى ھەقىقى قەھرىماننى ئۇنتۇپ قېلىشتى . بىر نەچچە قېتىم مۇشۇ مۇنبىرىمىزدىمۇ بىر قانچە مانچىستىرلىقلار سېنى تىللىغاندا ئۇلارغا قاراپ ، مىيىقىمدىلا كۈلۈپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كەتتىم ، چۈنكى ئۇلار مانچىستىرنى چۈشەنمەيدىكەن دەپلا ئويلۇدۇم . بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مانچىستىرنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى ساڭىلا قاراشلىق بۇلۇپ قالدى ، سەنمۇ كوماندا ساڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا يىقىلپ چۈشمىدىڭ .مېنىڭ نەزىرىمدە سەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى . سېنىڭ چىكىنىدىغان ۋاقتىڭدا كۇلۇبنىڭ سەن ئۈچۈن خوشلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، مەيلى سەن مانچىستىر ئۆزى تەربىيىلەپ چىققان توپچى ئەمەس بول ، مەيلى مانچىستىر ئۈچۈن توپ تەپكەن ۋاقتىڭ ئاران 6،7 يىل بولسۇن ، لېكىن سەن مۇشۇ قىسقىغىنە مانچىستىر ھاياتىڭدا ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتىڭ . ئەگەر سەن مانچىستىرغا كەلگەن ۋاقىتتا سىكولىس بولمىغان بولسا ، خاگىرىفۇس يارلىنىپ يىقىلىپ قالمىغان بولسا ، بىز ئېنگلانىد كوماندىسىدا جىرراد + لەمپارىد گۇرۇپپىسى ئەمەس بەلكى كارىك + جىرراد ياكى لەمپارىد گۇرۇپپىسىنى كۆرگەن بۇلاتتۇق . تولىمۇ ئەپسۇس ، پۇتبول « ئەگەر » گە يول قويمايدۇ . كارىك ، 1981-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى .

   كوماندىدا يەنە كۈندىن كۈنگە ئىلگىرلەۋاتقان دېھىيا ، رافائىل ، كىلېۋىر ، ۋېلبىك ، پۇرچاق جونىس ، سىمولىن قاتارلىق ياش نوتىلار ، ۋەن پىرىس ، كاگاۋا قاتارلىق كوماندىغا بەلگىلىك كۈچ قۇشالايدىغان ماھىرلار بار .ئىشىنىمىز مانچىستىرىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بۇلىدۇ . ئەسىلى بۇ يىل چوڭ ھۇسۇل ئالىدىغان يىل ئىدى ، رىپىرنىڭ ئاشۇ بىر ھۆكۈمى بىلەن ھەممە نەرسە 0 گە ئايلىنىپ قالدى . بىراق بىز كوماندىمىزنى داۋاملىق سۆيىمىز . تىرىشىڭلار يىگىتلەر !! كېلەر پەسىل قايتا كېلىمىز ، توغرا كېلەر پەسىل ... بىزغۇ ساقلايمىز ، بىراق يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن چولپانلارغا يەنە ئۇزغۇنلۇق كۈتۈرگىدەك  پۇرسەت بۇلارمۇ ؟ ئۇلار ساقلىيالارمۇ ؟؟؟





باھالاش

قاتناشقانلار سانى 31مۇنبەر پۇلى +1370 تۆھپە +218 شۆھرەت +165 تەجرىبە +144 يىغىش سەۋەبى
ھۇجۇمچى9 + 20 قالتىس! قوللايمەن ، تە.
ئاتەش + 50
شەرىقى + 10 + 10 قالتىس!
almas0903 + 50 + 10 + 10 + 5 قالتىس!
bizqimpiyon + 50 + 10 + 9 + 5
ozili + 50 + 5 + 5 + 5 قالتىس!
ئەلبارىس + 100 + 10 + 10 + 10 نىمە دىيىشىمنى بىلەلم.
jasur316 + 50 قالتىس!
بېرنابۇ + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس! بەك تەسىرلىكك.
قىلىچ + 50 + 10 + 10 + 10 يۈركۈم يىغلايدۇ
نېھال11 + 50 + 10 قوللاش! مانا بۇ مانچى.
سەھرا9 + 50 قالتىس!
nijat + 100 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
alimran + 50 + 2 + 2 + 1 قالتىس!
ئۈلكەر + 50 + 10 + 10 + 10 سېنى ھەل قىلغۇچتا كۆر.
sarasim + 50 + 10 + 5 + 5 قالتىس!
enzo + 50 + 10 قالتىس!
eliborisi + 50 + 10 + 10 + 10 قوللاش! ئوقۇپ بىرخىل ك.
kakkuk11 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
قەلبىم + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-14 21:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى ھەرگىزمۇ ئۈتۈپ كەتكەن ئىشلارنى تەگەپ يېڭى باشتىن جىدەل چىقارغىلى يازمىدىم ، بەك ئىتتىك ھاياجانلىنىدىغانلار تېمىدىن يىراقراق تۇرارسىلەر ...

مۇشۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مانچىستىرنى ھۆرمەت قىلغان مادىردىلىق ئۈلكەر ، دىلكەش ، زەردار ، تەقدىرىم ، مىراس قاتارلىق قېرىنداشلارغا چىن دىلىمىدىن رەھمەت ئېيتىمەن ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
فاتىخ 204 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-14 21:26:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىتنىڭ ئۇتىشىنى خالىساممۇ 10  ئادەم بىلەن ئۇتۇشىنى  خالىمايتىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-14 21:28:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك يېزىلىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-14 21:32:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى كۆڭلىڭلارنى يىرىم قىلماڭلار  بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-14 21:36:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نانى نانى سەن بەكلا تىرىشقانتىڭ ،ئەپسۇس تەقدىر داۋاملىق ساڭا قوپال چاقچاق قىلىدىغان بۇلىۋالدى،سەن بىر توپنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەپ بولغىنىڭدا قېرى سىر ساڭا قاراپ بېشىنى رازىمەنلىك بىلەن لىڭشىتقان،ئەمدى سىنى ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىڭغا قايتىپ كەلدى دەپ تۇرساق ،نەس باسقۇر چاكىرنىڭ ساڭا كارتا بەرگۈسى كەپكەتتى،بوپتۇ ،سەپداشلىرىڭمۇ سىنى قوللايدىكەن،كىلەر يىلى كونا يېڭى ھىساپنى بىراقلا قىلىۋالارسەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-14 21:39:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرىدىنەنىد مىكروبىلوگىدا  قىلغان سۈزى بەك تەسىرلىك يېزلىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-14 21:43:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياجاندىن تىترەپ كەتتىم... مەن ھازىر ھېچنىمە يازالمىغۇدەكمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-14 21:45:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرئىشلار ئىسىمگە  كىلىپ قالدى ...ھەي رەھىمسىز پوتبۇل....
دۇنيادا  نىمە بولماق ئەڭ تەس دىسە بىرسىگە  ھەقىقى ئادەم بولماق تەس، يەنە بىرسىگە پوتبۇل مەستانىسى بولماق  تەس  دەيمەن.
ياخشى  يىزىلىپتۇ .ئۇقۇسا  ئوقىغىىسى كىلدىغان  تىما بوپتۇ..بۇلۇپمۇ گىگىسنىڭ  تەسىرلىك چىقىپتۇ ..
باشقا گەپ  يۇق...كۈرۈنگەن تاغ  يىراق ئەمەس. ئالۋاستىغا ئامەت تىلەيمەن.
فۇ بۇۋاي نانىنى ئىلىپ قالسا  بولاتتى ...ئالدىنقى كۈنى چىلىسى بىلەن بولغان موسابىقىدىمۇ مەيدانغا  چىقىپ  كەيپىياتى تازا  ياخشى ئەمەس  فۇ بۇۋاي ئالماشتۇرۋەتكەن...كۈرۈپ كۈڭلۈم بىر قىسىم بوپ قالدى گەرچە دۈشمەن بولسىمۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-14 21:53:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  ....
      نانىنىڭ شۇ قىزىل كارتىسى   ، پۈتۈن مەيداننىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى  ، بەلكىم شۇ قىزىل كارتا مەيدانغا چىقمىغان بولسا   بەلكىم  مانچېستېر بىرلەشمىسى  ....   كېيىنكى يېرىم مەيداندا تاكتىكىنىڭ يادروسى بولغان  ... بەدەن كۈچى يېتەرلىك بولغان رونى قاتارلىقلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن يەنە بىر ئىككى توپ ئۇرالىشى مۇمكىن ئىدى .   
   مەن راست گەپ قىلسام  ، مادرىت بىرىنچى توپىنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن .. ئەمدى توپ چۈشمەي   ئىككى تەرەپنىڭ نۇقتا توپ جېڭىگە قەدەم بېسىشىنى شۇنداق ئۈمۈد قىلغان ئىدىم  
نۇقتا توپ جېڭىدە  ئايرىلسا  10 دا  11  دېگەن گەپلەرمۇ چىقمايتى   پۈتۈن دۇنيادىكى مانچېستېرلىقلارمۇ  مادرىتلىقلارمۇ   قايسىسى ئۇتتۇرىشىدىن قەتئىينەزەر قايىل بولاتتى  .
   لېكىن  مادرىتنىڭ يەنە بىر قېتىم نۇقتا توپتا ئۇتتۇرۋەتكىننى كۆرگۈم يوق    ...مورىنىئو ئۈچۈن

               مادرىت بىلەن مانچېستېرنىڭ بۇنچە بالدۇر ئۇچرىشىپ كەتكىنى پەقەتلا ياخشى بولمىغان
   ئەسلى پىلانىم  مانچېستېرنى   بارسا بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-14 21:55:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن مۇشۇ  مانچېستېر دىكى ۋىدىچ دېگەن بالا   پەقەتلا كۆزۈمگە سىغمايدۇ  ...  
نېمىشقىلىقىنى بىلمەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-14 21:56:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇف ، خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدىم ...

ئالدىمدا بىر بىرىدىن مۇھىم ئىنتاھانلار مېنى قاچان كىلەركىن دەپ چىشىنى بىلەپ تۇرىدۇ . ئەمدى ئاستا شۇ ئىنتاھانلىرىمغا تەييارلىقنى باشلايمەن . ئالدىراش بۇلۇپ كېتىدىغان بولدۇم ...

ئېنگلانىد بىرلەشمە مۇسابىقە خەۋەرلىرىنى ئامال بار ئۆزەم يازىمەن ، يازالمىغان ۋاقتىمدا ئامىرىكا ، نىجات ، بەختىيار قاتارلىق بۇرادەرلەرنىڭ ۋاقتىدا يېزىپ قۇيۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 08:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش