akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: زەربىدار

خەيتاڭ گۇرۇھى باش تارتتى! شىنجاڭ كوماندىسى ۋاز كەچمەكچى!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-3-10 23:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ   كۆڭلىنى  يىرىم  قىلدىغان   خەۋەركەنغۇ  بۇ  ئەزمەتلىرىمىزگە  ياخشى  پۇرسەت  بىرىلسە  بولىتى .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-10 23:15:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-10 23:17  

ئەڭ  مۇھىم  سەۋەب  كۆپ كۆك  رەڭلىك  كىيىمنى  كىيىۋېلىپ  ۋارقىراش  ،

جوڭگودىكى  ئەڭ  ئىتىبار بېرىپ  قوغدايدىغان  مەيدانغا  ئايلىنىپ  قالغىنى  .

خېڭدا بىلەن  ياپوننىڭكى  ئاندا  ساندا  ئويناپ  قويغان  مۇسابىقىسىنى  ھېسابقا  ئالمىغاندا .


ئۇيغۇر  بالىلاردا  قېنى  قىزىق  ، ئاۋۇ  نانىغا  پۇشتەك  چالغاندەك،  ياكى پېپى  ئارۋىسنىڭكىدەك  ئىش  چىقىپ  قالسا  ماۋۇ  مۇنبەر  ساق  قالغان  بىلەن  ، ئاۋۇ  مەيداندا  ئىش  تېرىپ  سېلىش  ئېھتىمالى  يوق  ئەمەس .

يىللاردىن  بېرى  شىنجاڭ  ئۇنۋېرسىتىتىدا  ئۆتكۈزۈلىدىغان  غۇلجا  ، قەشقەر  ، ئاتۇشلاردىن  كىلىپ  ئوينايدىغان  شۇ  كىچىك مۇسابىقىلەردىمۇ  پۇشتەك  خاتا  كىتىپ  قالسا  ، مۇشلاش  چىقىپ  قالىدۇ .


ھېلىمۇ  گۇاڭخۈينىڭكىدە  مەيدانغا  بۆسۈپ  كىرىپ  ئۇرۇپ  كەتمىدى  ،  قالايمىقان  نەرسە  ئاتقان  بولسىمۇ  .

شىنجاڭدىكى  كۇلۇپنىڭ  ئەڭ  ئويلىشىدىغان  تەرىپى  مۇشۇ  .

ئۇيغۇرلار  كۇلۇپ  قۇرسا  گالاتا  سارايدەك   ياكى ئاۋۇ  مىسىرنىڭ  كۇلۇبىدەك  بىر  قالايمىقانچىلىق  ئېزىپ  تېزىپ  كوزا  كۈندە  سۇنمايدۇ  ، كۈنىدە  سۇنىدۇ  دىگەندەك  بىر  چىقىپ  سالسا  .
شۇ  مەبلەغنى قايتۇرىۋېلىشتىن  باشقا  ، ئاۋۇ  كۇلۇپ  خوجايىنىمۇ  يۇۋېنتۇسلۇقلاردەك  ئاقىۋەتكە  قالىدىغان ئىش  چىقىدۇ .

دەل  مانا  مۇشۇ  تەرىپى  ئۇيغۇرلارنىڭ  مەبلەغ  سېلىشقا  جۈرئەت  قىلالماسلىقىدىكىمۇ  بىر  قىيىنچىلىق  .

  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-10 23:17:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاسانلىقنى  بەرسۇن   قىرىنداشلىرىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-10 23:24:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىستانبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-10 23:28  

ئۇيغۇر كارخانچىلىرى ھەر قانچە تەرەققىي قىلسىمۇ ،ئىستىمالچىلىرى ئون مىليۇندىن ئاشمايدۇ، خەنلەرنىڭ بولسا شىركىتىنى ئىزىغا سىلىۋالسىلا 1مىليارد 300مىليۇن ئىستىمالچى ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا دەيمەن قىرىنداشلىرىم ئامال بار مىللىي كارخانلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىتىۋالايلى،ئۇلار باي بولسا بىزگىمۇ پايدىسى بار .ھازىر ئىخلاس ئارمانلارنىڭمۇ دەردى ئۆزىگە يىتىپ ئاشىدۇ، مىنكاۋخەنلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مىللىي تاۋارلانىڭ سىتىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەۋاتقاندۇ ،ھە قاچان. ئەتراپىمغا قارىسام شۇنداق تۇيۇلىدۇ.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-10 23:29:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما رادىلكام ماڭا جاۋاپ خەت قايتۇرۋەتكەن بولسا ، ئىچىمدە ساقلاپ قالساممۇ تەپسىلاتىدىن بىر خەۋەردار بۇلۇپ ، شۇلارنىڭ دەردىنى بىر ئاڭلاپ باققان بولسام ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-10 23:33:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىزدە پۇتبول كەسىپلەشكىنىگە 22 يىل بولدى ،ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىشقا ، بايلاردىن تاما قىلىشقا  ھەققىمىز يوق،لېكىن شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتى   22 يىلدا  ئۇزۇن مۇددەت ھەمكارلىشىدىغانغا بىرەر كارخانىمۇ تاپالمىدى ،ئەينى چاغدا ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى ئىجتىمائى خىزمەتكە ماھىر بولغاچقا گۇاڭخۇي گورۇھىنى جەلىپ قىلىۋالدى ، پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە باش كاتىپ بولغان ئادەم  يا پۇتبولنى چۈشەنمىسە  ، يا  مۇناسىۋەتكە ماھىر بولمىسا ،  بايلار پۇلنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ئالدىغا ئەكىلىپ بەرمەيدۇ - دە !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-10 23:46:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     يانچۇقتا بولمىغاندىكىن خەقتىن يامانلىغىلى بولمايدىكەن ،،،  كارخانىچىلار دىگىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ دەردى ئوزى بىلەن ،،    ھېلىمۇ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان كۇچلۇك رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرۋاتىدۇ ،،،  ئۇلار ھەر ۋاقىت شاللىنىش دولقۇنىدا تۇرىدۇ ،، شۇڭا ئون يىگىرمە مىليۇن مەبلەغلىك كارخانىلارنىڭ ئېس يادى پۇت تىرەپ تۇرۇش يۇكسىلىشتە ، شاللىنىپ قالماسلىقتا بولىشى نورمال ،، ئۇنىڭدىن ئارتۇقنى تەلەپ قىلىشمۇ ئەقىلغە سىغمايدۇ ،،ئۇلار بۇ رىقابەتتە يوقاپ كەتمەي خەلىققە ساپ ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ بەرسە بولدى ۋەزىپىسى تامام ،،،،     يەنە بىرى ھىچكىم چاتاق تېپىۋىلىشنى خالىمايدۇ ،،، ئوتكەن يىلى بىرونىۋىك ، قوغدۇغۇچى ئەسكەرلەر ئارسىدىن مەيداندىن ئايرىلىپ چىقتۇق ،،،   ئەمدى بىر باش كوتۇرگەندە بىرلا چاتاق چىقسا ، بولدى ئۇ كارخانىنىڭ ئىستىقبالى تۇگىدى  دىگەن گەپ ،،،   گەپ ئۇچ مىليۇندا ئەمەس ،،  گەپ مەيدىگە ئۇرۇپ چىققان ئىكەن ئۇنى راۋرۇس ئىزىغا سېلىپ ماڭغۇزۇش ئۇچۇن نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ ،،،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-10 23:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلىتىىمزە تۇنجى بولۇپ ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقى 10 يىللىق تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ يولغا قويدى ، پىلان بويىچە ھەر يىلى مەكتەپلەر پۇتبولى ئۈچۈن 50 مىليۇن پۇل ئاجرىتىلىدۇ ، تەنتەربىيە ئىدارىسى  ياش ئۆسمۈرلەر مۇسابىقە ئويۇشتۇرۇشقا ، مائارىپ نازارىتى ئۈلگىلىك مەكتەپلەرنى بەرپا قىلىش ، بالىلار ئارىسىدا پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرۇش ، مەشىقلەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ئۈچۈن تەخىر قىلغايمىز .توپ مەستانىلىرى ھاياجنىڭلارنى بېسىۋېلىپ قالايمىقان خىياللاردا بولمايلى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-11 00:02:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-11 00:05:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەي  .....خوتەندىكى  4   5   تاشچىلار  ئازراقتىن  كۇچۇسە  گەپ  يوق  قاتنىشالايدۇ  ...

  پەقەت  پۇلىنىڭ  4تىن  1 نى  سالسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-11 00:49:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-3-10 21:11
قولايدىغانلار چىقمىدىما  شىنجاڭدىكى باي-سۇدىگەردى ...

توخرادەپسىز بۇرادەر تاما تاما كۆل بۇلار شۇنداق قىلساق بۇلدىخۇ ئەجىبا پۇلنى مۇشىنداق يەرگە ئىشلىتمەي يەنە نەرگە ئىشلتىمىز. بىزنىڭ مىللى كارخانچىلىرمىز دىمەي پولدى. يەنلا ئېلانخا ئىشلەتسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-11 00:56:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:39

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش