- تىزىملاتقان
- 2012-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1421
- نادىر
- 0
- يازما
- 1421
|
مىنىڭچە ھەممىڭلار كۆردۈڭلار بارسىلونانىڭ ئۇتتۇرغىنى ھەق ،مادرىدمۇ بەك ياخشى ئوينىدى بولۇپمۇ پېپى،ۋارانى ۋە موراتتا قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى،بىر چاغدا قارىسام پې پالۋان بىزنىڭ چەكلەنگەن رايوندىمۇ توپ ئويناپ يۈرۈيدۇ،ئەمما بىزنىڭ ھۇجۇمچىلار نەگە كەتكەننى بىلگىلى بولمايدۇ،ئادىمىمىز ئازمىكىن دەپ سانىسام ئوخشاشلا 11 كەن بولمىسا!
قارىغاندا بارسىلونانىڭ تاكتىكىسىنى ھەممە كوماندىلار بىلىپ يەتتى،يە بىر ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىىچىدە قارشى تەرەپنى چۈچۈتكۈدەك چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن ۋارتارغا توپ تىپەلەيدىغىنى يوق،شۇنداق ياخشى توپ ئېلىپ كىتىۋېتىپ چەكلەنگەن رايونغا كەلگەندىلا ئاپتوماتىك تۇرمۇزلىنىپ قارشى تەرپنىڭ مۇداپىئەچىللىرىلا ئەمەس ھەتتا ھۇجۇمچىللىرىمۇ كىلىپ مۇداپىئە قىلغۇچە پاس ئويناپ ئۇندىن كىيىن يەنە كەينىگە يېنىپ كىتىدۇ،ئوغۇلبالىدەك بۈسۈپ كىرىپ يا بىر قارشى تەرەپكە بېسىم قىلالمىغان ،بۇنداق قىلسا ھېچ بولمىسا نوقتا توپ ئالالمىسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ كارتىسىنى كۈپەيتكىلى،ئاندىن ئۇلارنى سەل تىنجىتقىلى بولاتتى ،ئەپسۇس مىنىڭ بۇ گىپىمنى يە بىر ئۇ يوغانباش ئاڭلىمىسا ! |
|