- تىزىملاتقان
- 2008-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-19
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2486
- نادىر
- 3
- يازما
- 2486
 
|
ھەر قېتىم مادرىد بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە بىر بۇلۇڭ توپ بارلىكى بار ، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەت ۋاران ئىش بۇزغان ، ئەمدى بۇ قېتىم راموس ، راۋۇرۇسراق بېكتىن ئالمىسا بولماپتۇ ، ماسچىرانو بېكنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالمايدىكەن ، پۇيۇل قېرىپ قالدى ، ئېگىز توپلارغا پېك يالغۇز يېتىشەلمەيۋاتىدۇ ، ئەڭ ئاددىسى ۋاران ، قەدىرا ، موراتا لارنىڭ بويى 1.90 دىن كېلىدۇ ، رونالدومۇ 1.86 ، بارسادا بولسا يالغۇز پېكنىڭلا بويى 1.90 دىن ئاشىدۇ ، شۇڭا بوشلۇق تەرەپتىن بارسىلونا ئەڭ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئۇتتۇرىشى ھەق بولۇپ قاپتىكەن ، بارسا ئۆزى ئەمەسلا بولۇپ قاپتۇ ، ئادەملىرىدە بىر خىل جانسىزلىق ، سۇسلۇق بار ، پاسلىرىمۇ قولاشمىغانلا . ھازىر بۇرۇنقى تاكتىكا بىلەن يېڭى تاكتىكا ئارىسىدا جان تالىشىپ قالغاندەك ، ئەسلىسىنى ئىشلىتەي دېسە ئەسلى ، يېڭىسى تېخى يوق ، ئىككى ئارىلىقتا قاپتۇ ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ چىقالايدىغان بىر تېرىنىر كام بولۇۋاتىدۇ ھازىر ، ئەگەر بىرەرسى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ يېڭى جەڭ ھالىتىنى بەلگىلىيەلىسە بارسانىڭ ھازىرقى ئادەملىرىمۇ خېلى راۋۇرۇس كۈچلۈك ،
بۇرۇن گۇۋادىئولا بار ۋاقىتتا مادرىدنى خېلى ئۇتىدىغان ، ۋىلانوۋانىڭ دەۋرىدە تەڭلىشىپ يۈردى ، ئەمدى رورانىڭ قولىغا قېلىپ تەڭلىشىشمۇ يوق ئۇدا ئۇتتۇرماقتا . |
|