بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-21 11:39
ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم
تارىخ ئىزىم ‹ ئانا تىل › ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم ،
ئىپتىخارىم ، يۇلتۇزۇم ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
ئاسقان سومكام بەك ئېغىر ، دۈمچەيگەچكە بەللىرىم ،
تىل چىقارغان‹ ئىلىپە ›، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
سالام – سائەت چاڭلىشىپ ،ئۇيغۇرچىلاپ دىيەلمەي ،
‹ ئەسسالامنىڭ › ھۆرمىتى ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
يىراقلاشقاچ بىزلەردىن ‹ سۇزۇق تاۋۇش ›ئوتتۇر ‹ئا› ،
‹ ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى ›، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
يازغان تېمام ئارىسىغا ، ئارلاشقاچقا يات تىللار ،
مەزمۇنى ھەم تۇراقسىز ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
بولغان ياخشى كۆپ تىللىق ،پەن بىلىمدىن شات قۇچۇپ ،
لىكىن ‹ ئانا تىل › مۇڭسىراپ ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
تېلفۇن نۇمۇر ئاتىلار ،‹ ياۋ سەن چى › ھەم ‹ ياۋ سەن با ›،
ئۆز تىلىمدا دىيەلمەي ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
تىلى چىققان بۇۋاقمۇ ، ‹ ماما › دەيدۇ ئانىنى ،
‹ ئانا › سۆزى ئۇنتۇلۇپ ،ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
ئەتراپىمدا جۇلادۇر ، ‹ پارىس تىلى › ‹ روس تىلى › ،
كۆمۈلۈپ قالغاچ ‹ئانا تىل ›، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
باش ‹ ئە › بىلەن ،ئاخىر ›‹ ئە › دەرىت تۆكىدۇ ئۆز ئارا ،
‹ ش › ھەرىپتە چىكىت كەم ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
جۇدۇن سوقتى ‹ ج › نىمۇ ، ياشلار تۆكەر ‹ ي › مۇ ھەم ،
ئۇيغۇرچىلاپ ‹ ئىسىم › كەم ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
خىيال قۇشۇم ئەسلەيدۇ، ‹ئوغاق ئاينى ›، بالىلىقنى ،
ئىسىم بېشىم ‹ خ › ھەرىپ ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
ھەر مىللەتكە ئۆزگىچە ، بەك يېقىملىق ئانا تىل ،
شۇ تىللارنىڭ ئىچىدىن ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم .
ئەسكەرتىش .. تېمىدىكى بەزى سۆزلەر تېمىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن يېزىلدى .
مەنبە---- تاڭنۇر‹ خەيرۇللا قۇربان› بۆرتالا
بەلكىم مۇشۇ يازمامدىمۇ نۇرغۇن خاتالىق بولىشى مۈمكىن ، تۈزۈتۈپ تەكلىپ بىرەرسىلەر ! |