تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
بىر كۈن سودا تورى
كۆرۈش: 438|ئىنكاس: 24

2-ئاينىڭ 21- كۈنى دۇنيا « ئانا تىل » بايرىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالغا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى!!!

133

تېما

26

دوست

2271

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  22
يازمىسى: 2271
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 4957
تۆھپە: 540
ۋاقتى: 979
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىرازىلىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 02:15  

133217jr6cpf1lo2gw3rzz.jpg


دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنيانىڭ ئىناقلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت كومىتېتى 1999-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەشنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كۆپ خىل تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاۋاز قوشماقتا. ب د ت نىڭ بۇنداق بىر كۈننى بېكىتىشىدىكى ئاخىرقى نىشانى: چۈشىنىش، يول قويۇش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگ ئاساسىدا كىشىلەرنىڭ تىل ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتۇر.
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان خەلق تىلنىڭ تەرەققىياتقىلا ئەمەس، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگدا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا يول قويۇش ئاساسىدىكى بىلىملىك جەمئىيەت قۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىلغار مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش جەھەتتىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رولىنى تونۇپ يەتتى. بۇ يىلقى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تىمىسى مائارىپتا كۆپ خىل تىلغا ئورۇن بېرەيلى! (使用多种语言,促进全纳教育)(Multilingualism for inclusive education). بالىلارنىڭ ئۆزى چۈشىنەلەيدىغان تىل ئارقىلىق تەربىيىلىنىشى ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئانا تىل ۋە باشقا كۆپ خىل تىلدىكى تەربىيە بولسا كەمسىتىشنى تۈگىتىش، كەڭ قورساق بولۇش ھەمدە ھەممە كىشىنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھالقىلىق مەسىلىدۇر.
سىز كالكوت تىلى (kalkoti) دەپ ئاڭلىغانمۇ؟  ئۇ بولسا پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدىكى بىر كىچىك كەنىتتىكى 4000 غا يېقىن كەنىت ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىلدۇر، 2011-يىلى «ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار خەرىتىسى» نى ئىشلىگەندە بۇ تىلنى خىرسقا دۇچ كەلگەن تىل قاتارىغا كىرگۈزدى. پۈتۈن دۇنيادىكى 6000 خىل تىل ئىچىدە، 96% تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران 4%ىنى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ 6000 خىل تىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىنكەن.
يېقىنقى بىر ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىدا ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ  ئەھۋالى مۇنداق. :
(1) مۇڭغۇللارنىڭ 30٪مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 40٪مۇڭغۇلچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 70٪مۇڭغۇل مۇڭغۇليېزىقىنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(2) 95٪مانجۇ، مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، مانجۇچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(3)25٪تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 70٪تىبەتچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(4)65٪جۇاڭزۇ، جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 85٪جۇاڭزۇچە خەتنى ئوقىيالمايدىكەن.
(5)10٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 20٪ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 30٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇشتا ساۋاتسىز ئىكەن.
بىرمىللەتنى ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشتىن ساقلاپ تۇرىدىغان ئۈچ نەرسە بار.(1)تىل يېزىق.(2) دىنى ئىتىقاد.(3) مىللى ئۆرۈپ ئادەت ۋە مىللى مەدەنىيەت.

              ئانا تىل ئانىنىڭ مىھرىدىن تامغان،

            مىھرىگە پەرزەنتلەر سۈت بىلەن قانغان.

            قانداقمۇ ئۆزىنى ئىنسان ھېساپلار،

            سۈت بەرگەن ئانىنىڭ تىلىدىن تانغان؟!



            ئويلىغان ھەرخىل تىل بىلەن ئويلىشار،

            تەپەككۈر ئانا تىل بىلەن تويلىشار.

            ئۆزگە تىل بويلاشسا روھتا[دەريا]غا،

            ئانا تىل دېڭىزى شۇڭغار - بويلىشار.



            بوۋاقلار گۇڭرايدۇ بالا تىلىدا،

            موزايلار مۆرىشەر كالا تىلىدا.

            شاتۇتى بۇلبۇلنى دورىغان بىلەن،

            سايرارمىش مەھشەردە ئانا تىلىدا.



            ئوغۇزدىن كۈچ-قۇدرەت ئىمىپ ئوغۇزخان،

            [مەن خاقان]دەپ دەسلىۋىدە قىيان ئوۋلىغان.

            تەڭرىنىڭ قامچىسى ئاتىلىپ ھەمدە،

            ئاتىللا شۇ تىلدا ھۇررا توۋلىغان.



            قوي ئۈچۈن ئانا تىل ئۇنىڭ مەرىشى،

            كالىنىڭ مۆرىشى،ئاتنىڭ كىشنىشى.

            بۇيرۇلسا ئۇلار گەر قۇشلار تىلىغا،

            كەينىگە ئايلىنار پېلەك گەردىشى.



            تىل ئۇ ئىنساننىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى،

            ئاچقۇچى كۆپ كىشى بايدۇر باشقىچى.

            ۋە لىكىن ئانا تىل بىلمىگەن ئادەم،

            ئۆز ئۆيى ئالدىدا ئىشىك باققۇچى.



            جان ئەزىز ۋە لىكىن بىر كۈن كىتىدۇ،

            قەبرىنى مەڭگۈلۈك ماكان ئىتىدۇ.

            ناھەتكى خىسلەتلىك ئۇلۇغ ئانا تىل،

            بىر ئەمەس،تۈمەن مىڭ ئەۋلات يېتىدۇ.



     شىئېرنىڭ ئاپتۇرى: تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس


مەنبە: باغداش تورى، مىسرانىم تورى،كىروران تورى
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپە شۆھرەت يىغىش سەۋەبى
دىلكەش + 5 + 5 ئاناتىلىم،مىنىڭ كىمل.
ئەلبارىس + 5 قوللاش!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10  شۆھرەت + 5   باھا خاتىرىسى

قاپ يۇرەكلەر مەي

5

تېما

0

دوست

255

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9320
يازمىسى: 255
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 89110
تۆھپە: 208
ۋاقتى: 191
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىمىزنىڭ ئانا تىل دېگەن ناخشىسى ئېسىمگە كېپ قالدى.   ھەممىمىز تىرىشايلى.
img]/attachment/photo/Mon_1203/3496f270890652dd74b.jpg[/img]

9

تېما

1

دوست

358

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12042
يازمىسى: 358
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1258
تۆھپە: 359
ۋاقتى: 79
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم جان تىلىم...ئانا تىلىم ئانامدەك قەدىرلىك

ھەق يولىدىن ئۆزگ

441

تېما

0

دوست

6280

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8221
يازمىسى: 6280
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 10011993
تۆھپە: 633
ۋاقتى: 1030
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەڭگاھلاردا ياراق ئانا تىل،
سەپەرلەردە بايراق ئانا تىل.
قۇياش كەبى پارلاق ئانا تىل،
مەن ساڭا بەك ئامراق ئانا تىل.

147

تېما

10

دوست

3729

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10433
يازمىسى: 3729
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 1020
تۆھپە: 1445
ۋاقتى: 1715
h
ھالەت

2 - لىك لوڭقىسى ئالاھىدە تۆھپە بايرىن لۈكچىكى ئىجاتچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلى
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
بىپايان تىل كۆكىدە، چولپان، ئۇكەر ئۇيغۇر تىلى،
مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇقەدەر ئۇيغۇر تىلى،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.
ئانا تىل ھەر دەم قوۋم-مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى،
ئانا تىل پەن-مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى،
ئانا تىل چوڭۇ كىچىكنىڭ يۈرىكى، تاغ-يۆلىكى،
ئانا تىل ۋاسىتە-قورال ئالاقىدە، قەلب ئەينىكى،
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى.
پەنگە ئاشىق-بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم،
تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەمبەر تىلىم،
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال-شېكەر، كەۋسەر تىلىم،
بولدى ئەل دۈشمەنلىرىگە تىغ-تەبەر، نەشتەر تىلىم،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى.
«ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا، تىل-زۇۋانغا مەڭگۈ تەم،
قىلدى تىل ئاقىل، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم،
تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم،
تىل بىمار، ئاجىز-ئورۇققا ئەم- داۋا، ئاچلارغا يەم،
خاسىيەتلىك تىلتۇمار، قالقان ـــ سىپەر ئۇيغۇر تىلى.
يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام،
مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا، قىلىپ پەرۋاز داۋام،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام،
مۇشۇ تىل بەردى چىدام، مەردلىك، ۋاپادارلىق مۇدام،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى.
سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل ـــ ئالتۇن بۇلاق،
ئۇ ـــ چىراغ، پەرۋانە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق،
ئانا تىل ـــ يىلتىز، ئوزۇق ئالغۇچى بىز ـــ نوتا-ئۇلاق،
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ، تاپتۇق ئەقىل، سەمرىپ قۇلاق،
بىزگە پۈتمەس كان، خەزىنە شام-سەھەر ئۇيغۇر تىلى.
قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي-غەزەل يۈكسەك باھا،
ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش، «مىڭ ياشا!»دېگەن سادا،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما،
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى.
شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان،
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەت نەۋايى تاپتى شان،
مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان،
مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى.
مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق، بىباھا،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا، خاتا،
مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان، مېھرى ئاتەش جان ئانا،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات، جاننى ئاتا،
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ – ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى.
ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئىپتىخار،
ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار،
ئانا تىل بار ـــ ئەلمۇ بار، ھېكمەت، مۇھەببەت… ھەممە بار،
بىزگە ئاش-ناندەك زۆرۈردۇر، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى.
بولغۇسى قەدرىم پاخال-خەس، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم،
ئۆز تىلىم بار، ئاي، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا، ئۆتتى شاد ھەر ئاي، يىلىم،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم،
ماڭا ئۇستاز، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى.
خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس، تىل ھايات، بىزمۇ ھايات،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق، ئەل-يۇرت ئاۋات،
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات،
مەن ئاڭا دىل بەرگىنىمچۈن، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد،
ئۇتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.
تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ، باش قاشلىما،
بولسا بىل كۆپ تىل، ئەقىل، كۈچ تاپ ھامان، يانپاشلىما،
بۇ قورالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما،
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما،
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى.
ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا،
مەن ئانا تىل ـــ  ئۆز تىلىمغا قىلىمەن مىڭ جان پىدا؛
ئۆز تىلىم يوق بولسا شۇئان  بولىمەن جاندىن جۇدا،
چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا:
سۇلىرىدا ئاق، ئوتىدا كۆي! گۆھەر ئۇيغۇر تىلى!…
مەنبە: («جۇڭگو مىللەتلىرى» 2006-يىللىق 4-سان مۇقاۋىدا ئېلان قىلىنغان)

82

تېما

12

دوست

1484

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8930
يازمىسى: 1484
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 81409
تۆھپە: 960
ۋاقتى: 1103
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
   مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
   ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
   ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...
      

                                 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

82

تېما

12

دوست

1484

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8930
يازمىسى: 1484
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 81409
تۆھپە: 960
ۋاقتى: 1103
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىجات باشلىق ، ئانا تىل ھەققىدە بىر كۈنلۈك بىرەر پارچە رەسىم ئىشلەپ مۇنبەرگە چىقىرىپ قۇيۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن .

 ئالغا تاش ئالما

5

تېما

8

دوست

664

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  577
يازمىسى: 664
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 2800
تۆھپە: 189
ۋاقتى: 654
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرېسا ئەتە ئۆيدىكىلەرگە دوسلىرىمغا تىلفۇن قىلىپ  ئانا تىلىمدا جىق سۆزلەپ بۇ كۈننى ياخشى خاتېرلەيمەن

دوسلۇق ھەممىدىن مۇھىم

12

تېما

1

دوست

208

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10172
يازمىسى: 208
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 998833
تۆھپە: 100233
ۋاقتى: 46
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن

0

تېما

4

دوست

256

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11517
يازمىسى: 256
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 869
تۆھپە: 349
ۋاقتى: 191
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل _جان تىل .
C:\Users\Administrator\Desktop

مىدالىم يوق تۇرىدا ؟؟؟

17

تېما

0

دوست

924

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8919
يازمىسى: 924
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 313
تۆھپە: 221
ۋاقتى: 339
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىمىڭغا مۇبارەك ‹ ئۇيغۇر تىلى › !  




ناۋادا دۇنيادا ئۇيغۇر تىلنى بىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم قالدى دېيىلسە ئاللاھ خالىسا ئۇ مېنىڭ بالام بولغۇسى

8

تېما

1

دوست

1052

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 1052
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10003211
تۆھپە: 936
ۋاقتى: 213
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن بىر كۈن بولسىمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا تېما، ئىنكاسلارنى يازايلى
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备12001847号-1 )  

GMT+8, 2013-2-24 16:01 , Processed in 0.167555 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش