- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 3361
- نادىر
- 7
- يازما
- 3361
 
|
مۇسابىقە ئېسىل مۇسابىقە بولدى...ئارسىنالنىڭ باللىرى ھېلىمۇ راۋۇرۇس كۈچەپ قويدى، ھېلىقىدەك زىرىكىشلىك مۇسابىقە جەريانلىرىمۇ يوق،كۆزنى مەيداندىن ئۈزگىلىمۇ بولمىدى دە بىرەر مىنۇتمۇ...
نويىر كاللىسى دەقىقە توختاپ قىلىپ بۇ يىلقى تۇنجى توپنى ئىستىمال قىلىۋالدى...پودلىسكىي بىلەن يۇشۇرۇن ئاغا ئىنىمۇ يا...بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رىبىرىينىڭ ئىپادىسىنى تازا كۆرگىلى بولمىدى،ئارسىنالنىڭ سول بېقىنىغا ئەپكەلگەن تەھدىدلىرى ئاساسەن يوق، ئەكسىچە موللىر ئوڭ بېقىندىن ئارسىنالنى قىيناپ قويدى...ھايىنكىسمۇ يامان قېرى، رىبىرىنىڭ ھالىتىنى دەسلەپتىلا بايقىۋالدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋېنگىرنىڭ رىبىرىغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرغان ئادەملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەزىپىسىنى سېرىق كارتا يەپ بولسىمۇ ئۇرۇنداپ ئۇنى قاتمال ھالەتكە ئەكەپ قويغان، روببىن رىبىرىنىڭ ئورنىغا چىققاندىن كىيىن يان تەرەپتىن ئارسىنال ۋارتارىغا كىلىدىغان تەھدىت باشقىدىن كۈچەيدى...ئارسىنالنىڭ مۇداپىيە مەسلىسى خېلىلا ئېغىركەن...ھۇجۇم تىز سۈرئەتلىك بولسىمۇ ئاخىردىكى بىر تەرەپ قىلىشتا يەنىلا ئىككىلىندىغان، تەمتىرەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى.توپ كونتىرول قىلىشتا ئىككى كوماندا ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما ئۈنۈم جەھەتتە ئارسىنالنىڭ باللىرى يەنىلا ئاجىز كەپ قالدى.بايرىن تەرەپتىكى ئەڭ ئاجىز نوقتا شۇ 40 مىليۇنلۇق ئارقا بەل مارتىنىز بوپ قالغاندەك قىلىدۇ، بەدەن بۇراش،سۈرئەت بىر قەدەر ئاستا ھەم ئېغىر،ئۇنى ساموئىل ئالاھىدە ئەپكەلگەچكە، گۇستاۋۇنى ئولتاغۇزۇپ قۇيۇپ داۋاملىق ئۇنى چىقىرىۋاتىدۇ.مۇسابىقىدە بايرىنغا شۇنچە كۆپ بۇلۇڭ توپ پۇرسىتى كەلدى، شۇ بىرلا قېتىم دارازا بىك ۋان بۇتتىن ۋارتاغا ئۈسۈپ، مۇللىر توپ ئۇردى. ئەمما بايرىننىڭ بوشلۇق زومىگىرى بولالايدۇ دەپ قارالغان مارتنىزنىڭ ئىپادىسى يوق...ئۆزىغۇ بەك تىرىشچان، توختىماي يۈگىرەيدىغان بالىكەن، ئەمما ئارمانغا تۈشلۇق دەرمان يوق بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ...ياخشى بوپ كىتەر...
تىز رىتىملىق مۇسابىقە يەنىلا باشقىچە بولىدۇ جۇمۇ...بايرىن مادىرىد، ئارسىنال،دورتموند دىگەنلەرنىڭ ئۇچرىشىشىلىرى ئاساسەن مەستانىلەرنى رازى قىلىدۇ....ئۇزۇن بوپتىكەن ئاخشامقىدەك ھۇزۇرلۇنۇپ مۇسابىقە كۆرمىگىلى... |
|