- تىزىملاتقان
- 2009-4-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 3654
- نادىر
- 3
- يازما
- 3654
 
|
بۇرۇن بايرېننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باقمىغاچقىمۇ ، بايرېننىڭ زادى قانداق تىپتىكى ئويناش ئۇسۇلىنى قوللىندىغانلىقى چۈشەنمەيتىم . لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى ، تاكتىكا جەھەتتە ئارسېنال ئۈستۈن ، بەدەن جەھەتتە بايرېن ئۈستۈن دىگەن سەپسەتىنى ئاخشام بايرېن ئاللىقاياقلارغا چۆرۈپ تاشلىۋەتتى . ئىككى ياندىن قىستاپ ، ئۇتتۇردىن بۆسۈپ كىرىش ، مۇداپىئەگە ھەممە بىردەك قاتنىشىش يەنە كېلىپ بايرېننىڭ مۇداپىئەگە ئۆتۈش تىزلىگى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تاكتىكا جەھەتتىمۇ بايرېن بىز ئويلىغاندەك ئويناش ئۇسلۇبىنى قوللانماي ، پۈتۈنلەي ئېنگىلانىدچە ئىككى ياندىن تىز ئويناش ، مۇداپىئەگە تىز قايتىش پىرىنسىپى بويىچە ئوينىدى. بۇ مەيدان خۇددى بىر مەيدان ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە ئوخشاپ قالدى دىسەكمۇ بولار. بايرېننىڭ ئارسېنالنىڭ مەيدانىدا ئارسېنالنىڭ پەدىسىگە چۈشۈپ بۇنچىلا تىز ماسلىشىپ كېتىشىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن. بايرېنغا قايىلمەن ، تېرىنىر خەيكىنىسقا قايىلمەن... قايىلمەن... !!!
ئاخشام ، ۋېرمالىننى ئوڭ بېككە چىقارغانلىقىدىنلا ۋېنگىرنىڭ موللېردىن كېلىدىغان خەۋىپكە بەك دىققەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن ئوڭ بېكنى ۋېرمالىن ئويناپ تۇرسىمۇ ئىككى توپ دەل ئوڭ تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئارسېنالنىڭ ئاخشام ئوينىغان سەپ شەكلى ، ئۈچ ئارقا بەل . لېكىن سوڭ كەتكەندىن كېيىن ئارسېنالدا تىپىك بولغان ئارقا بەل قالمىدى. ئاخشامقى ئارتېتا ، ۋېلشىر ، رامسىيلارنىڭ ھېچقايسىسى تىپىك ئارقا بەلنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمىدى. ئارسېنالنىڭ ئوتتۇرا مەيدىنىدا ھازىرچە ، ئالدى بەل تولۇق ، ئوتتۇرا مەيدانمۇ تولۇق... لېكىن ئارقا بەل بىلەن بىر سول مۇداپىئەچى كام . بىرىنجى توپنىڭ كىرىشىمۇ شۇ ئارقا بەلنىڭ كاملىقىدىن بولدى. بۇرۇنقى ئارسېنالنىڭ ئوتتۇرا مەيدىنى بەك مۇكەممەل بولۇپ كەتمىسىمۇ لېكىن ۋېنگىر ئوتتۇرغا چىقارغان كىلاسىك ئوتتۇرا مەيدانغا ئېگە ئىدى. مۇشۇ ئوتتۇرا مەيدانغا تايىنىپ ، بارسېلونانىڭ توپ كونتورول قىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ ئۆز مەيدانىدا غەلبە قىلغان ئىدى. سوڭ ، ۋېلشىر ، فابرېگاستىن تەركىپ تاپقان ئوتتۇرا مەيداننى شۇ پەسىلدىكى ئەڭ قالتىس توپ كونتۇرۇل قىلىدىغان ئوتتۇرا مەيدان دىسەك ئارتۇق كەتمەس. ( ئېنگىلاند بىرلەشمىسى بويىچە ) . سوڭ بىلەن فابرېگاس كېتىپ تا ھازىرغىچە بۇ بوشلۇق تولۇقلانمىدى..............
3:1 نەتىجىنى قوبۇل قىلغىلى بولمىسىمۇ ، لېكىن قايىل بولۇشقا بولىدۇ. خۇددى ئامېرىكا ئېيتقاندەك مېھمان مەيداندىمۇ پۇرسەت بار ! |
|