ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4078 |
تۆھپىسى: سەر |
|
لېۋىرپۇل چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇلار ئىزچىللا كۈچلۈكلەرنى مەغلۇب قىلىپ ئويلىمىغاندا ئاخىرقى چەككە يېتىۋاتىدۇ،بۇ يىللىق لېۋىرپۇل ھۇجۇم سېپى ئەڭ كۆپ تاللاشقا ئىگە،توررېس،ۋورونىن،كىروچ،بابېل،كۇيت.... توررېسنىڭ ئېنگىلاندقا ماسلىشىشى ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى تېز بولدى. ئېنتىر بولسا بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا،كىروز،ئىبرايىماخۇنمۇ خېلىلا ئېسىل ھالىتىدە تۇرۇپتۇ،ئوتتۇرامەيداندىكى يارىدار ئەزالارمۇ لېۋىرپۇل بىلەن تۇتۇشۇش باشلانغىچە ئاساسەن ساقىيىپ بولغۇدەكئ. ئېنتىر لېۋىرپۇلنىڭ مەيدانىدىكى پەرقنى بىر توپتىن ئاشارۇۋەتمىسىلا 8 كە كىرىش ئېھتىمالى خېلى چوڭ بولارمىكىن، بىراق 2 توپقا يېتىپلا قالسا لېۋىرپۇل ھەر قانداق كوماندىنى ئۆز سەنىمىگە ئاسانلا دەسسىتىۋالىدىغان كوماندا....
رىم سىپارېتتى تۇتقاندىن بۇيان قايتۇرما ھۇجۇم ئۈنۈمدارلىقى بىرلەشمىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرالايدىغان ھالەتكە ئۆتتى، رىم ياش پۇتبولچىلىرىمۇ مەيدانغا خېلىلا ئۆزلىشىشكە باشلىدى،بىراق مادرىدنىڭ بۇ پەسىللىك ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا رىم بىلەن مادرىد ئوتتۇرىسىدا يەنىلا كۈچ پەرقى مەۋجۈت،مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى ئەڭ ئوبدان نەتىجە بىلەن تۈگىتىۋالدى،چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا كۆنۈك مادرىد مەستانىلىرى بۇ لوڭقىنى سېغىنىپمۇ قالدى،بىرلەشمىدىكى ئاكتىپ ھالىتى چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى ھالىتىگىمۇ تۈرتكە بولۇپ قالغۇسى....
ئولېمپىياكوسنىڭ 10 يىلچە ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم 16 كۈچلۈككە چىقالىشى ئۇلار ئۈچۈن يېتەرلىك نەتىجە،چېلسى گەرچە بىر مەزگىل تۇراقسىز بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ 8 كۈچلۈككە كىرىش بۇلار ئۈچۈن تەس ئىشمۇ ئەمەس.
فەنەرباغچا كوماندىسىنىڭ پاسلىرىنىڭ چىرايلىقلىقى،ھۇجۇم تەشكىللىنىشلىرى ئادەمنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ،بۇلارنىڭ مۇقىم ئەزالىرى ئىچىدىكى 8 چە ئادەم بىرازىلىيەلىككەن،پاس،تېخنىكىلىرىغا گەپ كەتمەيدۇ. بىر نەچچە مۇقىم ئەزاسىدىن ئايرىلغان سېۋىللا كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك ئىپادىسى بىر قەدەر ناچار بولۇپ قالدى،چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدە گەرچە ئۆز گۇرۇپپىسىدىن بىرىنچىلىكتە چىققان بولسىمۇ بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى كۆڭۈلسىز داۋاملاشماقتا،مېنىڭچە بۇ يىللىق تۇلپار كوماندا تۈركىيەنىڭ فەنەر باغچا كوماندىسى بولۇپ قالارمىكىن..... |
|