ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4078 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئارسىنال ياشلىرى ۋېنگېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالدىنقى يېرىم مۇسابىقە پەسلىنى خېلىلا كۆڭۈلدىكىدەك تۈگەتتى،ئارسىنال ئەزالىرى ئومۇمەن ئېسىل ھالىتىدە ئويناۋاتىدۇ،چېمپىيونلار لوڭقىسىدا مىلان بىلەن تۇتۇشقاندا تەجرىبە جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك ئۇلارغا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن،مىلان ئەزالىرىنىڭ قېرىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مەيداندىكى ھەر قانداق بىر ئەزاسى خېلىلا داڭلىق توپچىلار،بىرلەشمىدە گەرچە ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىدە بولالمايۋاتقان بولسىمۇ كۇلۇبلارغا نىسبەتەن ئەڭ يۇقىرى پەللىدىكى بۇ لوڭقا ئۇلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولالايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ئارسىنالدا مىلان بېكلىرىگە زور دەرىجىدە خەۋپ بولالىغۇدەك ھۇجۇمچى بار دەپ ئويلىمايمەن،ئادېبايور؟؟ بەك تۇراقسىز،ۋەن پېرسىنىڭ تېخنىكىسى نېستا،مالدىنى...لارغا ئانچە ئېقىپ كەتمەيدۇ،ۋولكوت ئازراق چوڭ بولۇپ كەلسۇن....
كىلىتلىقلار كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم مانچېستېرنى يېڭىۋالغانلىقى بۇيىل بارسېلوناغىمۇ خىرىس ئېلىپ كېلىشى ناتايىن،بارسا گەرچە ۋاقىتلىق تۇراقسىز ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئالدى مەيدانغا چۈشىدىغان ھەر قانداق بىر ئەزاسى كىلىتلىقلارغا بىۋاستە خەۋپ ئېلىپ كېلەلەيدۇ، 16 كۈچلۈكتە دائىملا كۈچلۈكلەرگە ئۇچرايدىغان بارسانىڭ بۇيىل تەلىيى كەلدى، كىلىتلىقلاردىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ مېنىڭچە ياپونلۇقنىڭ ئىختىيارى توپى.....
لىئون بىلەن مانچېستېرنىڭ ئۇچراشقىنى خېلى ئوبدان بولدى،مانچېستېر گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققانلىقتىن،تۇتۇشۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئىككىنچى قاتاردىكى كوماندىلاردىن ئەڭ كۈچلۈكى مۇشۇ لىيون ئىدى، ئارسىنال،لېۋىرپۇللار بىلەن بىر دۆلەتنىڭ كۇلۇبى بولغانلىقتىن 16 كۈچلۈكتە تۇتۇشمايدۇ،رىم بىلەن بولسا بىر گۇرۇپپىدىن چىققان، شۇڭا بۇلارنىڭ لىيونغا ئۇچرىغىنى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبكە ئۇچرىغانلىقىدۇر. قارىشىمچە ئالدىنقى يىلدىكى لىيون بىلەن بۇ يىللىق لىيوننى سېلىشتۇرساق چېكىنىش زور، گەرچە بىرلەشمىدە يەنىلا بىرىنچى ھالىتىدە بولسىمۇ بىراق ئۇلار بىر نەچچە مۇھىم ئەزاسىدىن ئايرىلىپ كۈچلۈكلەرگە نىسبەتەن سەل ئاقساپ قالدى،مانچېستېر بولسا ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئېسىل ئويناۋاتىدۇ،ھۇجۇم سېپىدىن ۋەننى يوقالغاندا ئۇلارنىڭ توپ كىرگۈزۈش نىسبىتىدىن ئەنسىرەپ قالغانىدىم، ئويلىمىغاندا رۇنى توپ كىرگۈزۈشنى ئۆگەندى،رونالدو بولسا ھۇجۇمچىلاردىن ئۆتە توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى....
شارك بىلەن پورتۇنىڭ تۇتۇشۇشى بىر تۇلپارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بولدى-دە،شارك بايرىننىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا يوقلۇقىنى چاندۇرماي يۈرەلەرمۇ؟؟ بۇ تۇتۇشۇش بۇ ئىككىلى كوماندا ئۈچۈن ئەڭ ئادىل تۇتۇشۇش بولدى...
ئازراق ئىش چىقىپ قالدى، قالغان قىسمىنى ئەتىگە قويدۇم..... |
|