elan ornielan orni
ئىگىسى: forzayuven

پۇتبول ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈستىدە ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-18 18:09:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

点球点                              جازا توپ نۇقتىسى                                              penalty spot  
ماۋۇنى  بۇنداق دىسەك ئېنىق بولغان ئۇقىمىنى چىقىرامامدۇ توپ تەپكۈچى ئاكا ... چىكىت توپ نۇقتىسى دىسەك قانداق بولا ...
جازا توپ نۇقتىسى دىسەك  禁区 نىمۇ شۇنداق دەيدىكەنمىز
   
     ئنگىلىزچىدىكى penalty erea   دىگەننى خەنچىدە 禁区 دەپ ئىشلەتكەن،بۇنىڭدىكى ئەسلى ئۇقۇم جازا توپ رايونى ،penalty دىگەن  جازا( توپ) دىگەن مەنىدە ،点球  دىگەننى خەنلەر ئۆزى ئىجادى تەرجىمە قىپتىكەن.        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 19:00:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپقا دىمەي ئۇمۇملاشقان، ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان ۋارىتا، قاپقىچى نى ۋارىتار دىسەك ھەممە ئەدەم چۈشىنەتتى...قاپقا دىسە تازا مۇۋاپىق بولمىغاندەكلا....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 21:02:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ بۇنى  تەتقىق  قىلىۋاتقىلى  خېلى  بولغان ....بەزى  ئاتالغۇلار ھەرخىل ئاتىلىپ  كىلىۋەردى، يات تىلنىمۇ  قوللىنىپ  كىتىۋەردۇق...ئاساسلىقى ئىنتايىن  كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مەيدان ئورۇن ، مەنسەپ ئىسىملىرىنى بىز ئۇيغۇرتىلىدا  بار  بولغان قەدىمى ھەربىي ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىشنى  توغرا  تاپقان، چۈنكى  بۇ  ئاتالغۇلار ھازىر  ئىشلىتىلمەي  غايىپ بۇلۇش  گىرداۋىدا تۇرماقتا، پۇتبولنىڭ ئۆزى ئىس-تۈتەكسىز  جەڭ  بولغاچقا بۇ  قەدىمقى ئاتالغۇلار  بۇنىڭغا  تولىمۇ  ماس  كىلىدۇ   دەپ  قارايمىز....
  بىز  ئويلاشقان  كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىسىملار--

تېرىنىر -----مەشقاۋۇل
مۇئاۋىن تېرىنىر---  مۇرشاۋۇر
ۋارتار--------قاپقاۋۇل
بېك--------باقاۋۇل
ئوتتۇرا  بىك ---ئوق  باقاۋۇل
ئارقابەل-----ياساۋۇل
ئالدى بەل----تۇرشاۋۇل
سېنتىر------ئۇرغاۋۇل( ھۇجۇمچى)  ئوق ئۇرغاۋۇل ...سايە  ئۇرغاۋۇل...
توپچى بايقاشقا مەسئۇل خادىم--- بايقاۋۇل

   رىپىر------ھۆكۈمدار
يان رىپىر-----يان  ھۆكۈمدار
كوماندا  دوختۇرى--ئەمچى
   ئوفسايىت-نابابجاي( يان ھۆكۈمدار ئۇرغاۋۇلنىڭ ھۇجۇمىنى نابابجاي دەپ  ھۆكۈم  قىلىپ بايرىقىنى كۆتۈردى....قارشى  تەرەپ باقاۋۇللىرى ناھايتى ئۇستىلىق  بىلەن نابابجاي  ياسىغان ئىدى....)
  ( ئۇرغاۋۇل  توپنى ناھايتى  چىرايلىق  بابجاي (反越位) بىلەن ھۇجۇم   قىلىپ  كەلدى...قاپقاۋۇل جىددىيلەشتى!!!    .......دىگەندەك....)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 21:12:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-18 21:14  

手术刀般的传球           ئىسكەندەرنىڭ شەمشىرىدەك پاس

ئەمما ما تەرجىمە گەپ توغرا كەلمىگۇدەك بوپتۇ ،،،  پۇتپول چۇشەندۇرگۇچىلىرى چۇشەندۇرۇپ قالسا
«  ۋاھ ،،  ئىنىستا ئىسكەندەرنىڭ شەمشىرىدەك پاس بەرگەنتى  مېسسىغا،، مېسسى مامۇت كەپتەرۋازنىڭ كەپتىرىدەك ئورلىتىپ تېپىۋىدى ، ۋارتا ئاپتاپسىنغان پاقىدەك ئېسىلىپ قالدىدە ،، توپ توشقاننى ئالغان لاچىندەك شۇڭغۇپ چىركەتتى  »

بەك ياخشى ئىش قىلىپسىلەر ،، بولسا پىكىرلىشىپ بىرلىككە كەلتۇرسەك ،، توردا بولسىمۇ ئۇمۇملاشتۇرساق ياخشىى بولاتتى ،، قولاڭلارغا دەرت كەلمىسۇن ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 21:16:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇران يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 17:08
越位 نى   ئۇرۇن ئاتلاش دىسەك مۇۋاپىق !

توغرا  مۇشۇ  ئەڭ  مۇۋاپىق  !  ئوفسايىد  دىگەنمۇ  ئۇيغۇرچە  ئەمەس!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 21:29:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-18 21:37  

ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تېگىشلىك تما بوپتۇ ...بەزى ئاتالغۇلارغا خېلى باش قاتۇرمىسا بولمايدۇ ...ئىسكەندەرنىڭ قېلىچى ،بۇمۇغۇ قالتىس كەپتىكەن  ..يەنە بىرسى ،قوش ئولجا ئېلىش ، مۇشۇ ئىككىسىنى باشقىچە ئاتىساق قانداق بۇلا ؟ ...مۇسابىقىگە تېخىمۇ يېقىن كەلتۈرۈپ دىگەندەك ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 21:37:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىمىز  سۆز ئىشلىتىشتا  خەنچىگە كىتىپ  قېلىشقا  باشلىغان مۇشۇنداق ئاتالغۇلار ئارقىلىق ئاتىساق تولىمۇ  ياخشى  بولاتتى    بىز  ئۆزىمىز  ئىشلەتمىسەك ئۆز  تىلىمىزغا ئاسىيلىق  قىلغان  بولمىز   
     تەرجمە جايىدا  بوپتۇ    رەھمەت سىزگە   !!!
  باشلىقلار  بولسا  بۇ  تېمىنى يورۇتۇپ  قويساڭلار  بوپتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 21:47:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ،باشلىقلار بۇ تېمىنى ئىتتىك پەسكە چۈشۈپ كەتمەيدىغان قىلىپ قۇيىلى ....يەنە بىرسى ،مۇنبەردە سىك ئىسىملىك بىر ئۇكىمىز يازغان بىر تېما بار ئىدى ...مەخسۇس كۇلۇبلارنىڭ ئۆلچەملىك ئىسمىنى ئېنگىلىسچىدىن تەرجىمە قىلغان .كوماندا ئىسمى ھەر خىل يېزىلىپ كېتىۋاتىدۇ ...بۇمۇ بىز پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى تېما ....مۇشۇ ئىككى تېمىنى ،بولسا ياخشى ئىملا تەھرىرلىگۈچتىن بىرنى قىستۇرۇپ چىقىرىپ قويساڭلار ...مەن ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بۇلىدۇ .قانداقلا باللا تېما يازسا قىينالغاندا يۇقۇردىكى ئىككى تېمىدىن پايدىلانسا ،ئاندىن ئىملا تەھرىرلىگۈچتە بىر تاسقىۋېتىپ يوللىسا باشلىقلارغىمۇ ئاۋارچىلىق يوق ...سۈپەتلىك تېما پۈتۈپ چىقىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 22:09:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   frank تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-18 22:15  

1. مېنىڭچە يەنىلا قاپقا ، قاپقىچى دەپ كۆنەيلى . تىلىمىزدا يوقنى ئۆزلەشتۈرۈپ ، بارنى ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلەتمەك مەجبۇرىيەتتۇر .
2. 射门,进球,助攻 ... ئاتالغۇلىرى (پۇتبولدا ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئاتالغۇلار تېخى) ‹قاپقىغا ئۇرۇش ياكى ئاددىيلا قىلىپ تېپىش ، نومۇر ئېلىش ياكى توپ كىرگۈزۈش ، توپ ئۇرۇپ نومۇر ئېلىش ، ياردەم پاس ياكى توپقا پاس چىقىرىش ، ئۈنۈملۈك پاس ...› دەپ ئېلىنسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن جۈملە ئىچىدە ئاڭلاپ چۈشىنىشكە قولاي بولغان بىلەن سانلىق مەلۇماتلاردا ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەندە ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە مەن ‹قاپقىغا ئۇرۇش ، نومۇر ئېلىش ، ئۈنۈملۈك پاس› دېگەن تەرجىمىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
3. 禁区 نى جازا توپ رايونى ياكى 18 چەك دەپ ئېلىشنى مەنمۇ قوللايمەن ، ھەر ئىككىسىنى تەڭ قوللىنىشقا بولىدۇ .
4. 点球点 دىكى كېيىنكى 点 يەنى spot بىر نۇقتىنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭا بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ نۇقتا توپ تېپىش نۇقتىسى دېگەندىن كۆرە جازا توپ نۇقتىسى دېگەن ئەۋزەل . پۇتبول مەيدانىدىكى 禁区 ئەسلى ماھىيىتىدىن ‹بۇ رايون ئىچىدە ھەرقانداق قائىدىسىزلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە قاپقىغا بىۋاستە نۇقتا توپ تېپىش جازاسى بېرىلىدۇ› دېگەندىن ئىبارەت ، شۇڭا 禁区 نى ‹جازا توپ رايونى› ، 点球点 نى ‹جازا توپ نۇقتىسى› ئېلىش تولىمۇ مۇۋاپىق . ‹18 چەك› ، ‹6 چەك› دېگەنلەر ‹چوڭ-كىچىك چەكلەنگەن رايون› نى ناھايىتىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ئىپادىلىگەن . ئەمدى بۇ ‹چوڭ-كىچىك چەكلەنگەن رايون› ئاتالغۇسى گەرچە فونېما جەھەتتىن دەل جايىغا چۈشمىگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇقۇشماسلىق تۇغدۇرمىغان ئەھۋالدا تەڭ ئىشلىتىپ مېڭىشمۇ يامان ئەمەس ، كۆنگەن يامان-دە ئەمدى ~
5. مەيداندىكى ئورۇن جەھەتتە قاپقىچى ئاتالغۇسىنى كېڭەيتىشتىن باشقا يەنە ئوڭ  ،سول ، ئوتتۇرا بېك (ئۆز تىلىمىز بولمىسىمۇ لېكىن يەنىلا ئىخچام ، چۈشىنىشلىك بولۇش ئەۋزەللىكى بىلەن قېلىپلاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ ، ئەلۋەتتە يەنە مۇداپىئەچى سۆزىنىمۇ يانداش ھالەتتە ئېلىپ مېڭىشقا بولىدۇ) ، ئالدى-ئارقا بەل ، ئوڭ-سول قانات ، ئوڭ-سول ھۇجۇم ، غول ھۇجۇم ، سايە ھۇجۇم ... ئاتالغۇلىرى تولىمۇ ماس كەلگەن .
6. ئوفسايد ئاتالغۇسى ھازىرغىچە مەن بىلىدىغان بارلىق تىللاردا شۇ پېتى ئۆزلەشتۈرۈلگەن ، شۇڭا بۇنى سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلغاندىن كۆرە پۈتۈنلەي يېڭى بىر سۆز ياسىغان تۈزۈك . ئۇنداق بولغانىكەن مۇشۇ سۆزنىڭ ئۆزىنىلا يېڭى ياسالغان سۆز دەپ باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر قاتارىدا لۇغەت تەركىبىگە كىرگۈزۈپ ئومۇملاشتۇرغان ئەۋزال .
7. ‹ئاتامان› ئاتالغۇسىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇشنى ، بولۇپمۇ نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا قوللىنىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمەن ! مەيلى ‹تېرىنېر ، مەشقاۋۇل ، 教练 ، coach , trainer› ...  ھېچقايسىسى ئەمەلىيەتتە بۇنى دەل جايىدا ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ (بۇنى پۇتبولنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلار ئوبدان بىلىدۇ) ، ئەمەلىيەتتە ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە ئەسلى ئاتالغۇلاردىمۇ ئاتاماننىڭ خاسلىقىنى تولۇق ئىپادىلەش جەھەتتە قېيىش ياكى كەمتۈكلۈكلەر بار . شۇڭا بۇ ئاتالغۇنى ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلى تىلدىكىدىنمۇ دەل جايىغا كەلتۈرۈپ ئېلىنغان دەپ قاراشقا بولىدۇ ! شۇندىلا مەشقاۋۇل، يېتەكچى ، ئەمچى ... دېگەن ئاتالغۇلارمۇ ئۆز ئورنىغا چۈشكەن بولىدۇ . بولۇپمۇ ئاۋۇ ‹بايقاۋۇل› دېگەنگە پاتېنت ھوقۇقى تەلەپ قىلسا بولغۇدەك ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 22:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلانى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 21:02
بىزمۇ بۇنى  تەتقىق  قىلىۋاتقىلى  خېلى  بولغان ....بەزى  ئ ...

بۇنداق دىسەك بولماسمىكىن ؟؟ چۈنكى بىز دىگەن ھازىر يېڭى دەۋىردە بىزمۇ يېڭى دەۋىرگە ماس سۈزلەرنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك ، چۈنكى قاپقاۋۇل .... دىگەندەكلەر جەڭلەرگە ماس كىلىدۇ . بۇ دىگەن پۇتبول ھەممە مىلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە قوللىندىغان سۈز ۋە سۈز بىرىكمىلىرى ئۇخشاش بولمايدۇ . شۇڭا بىزمۇ ھەر ساھەگە ئوخشىمىغان سۈز بىرىكمىلىرىنى ئىشلىتىشمىز كېرەك ، بولمىسا باشقىلارغا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويىمىز . بىزنىڭ سۈز - سۈز بىرىكمىلىرىنى تەرجىمە قىلىشىمىز ئاساسەن خەنچە ۋە قازاقچىدىن كىرىدۇ . ئاندىن كېيىن ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللاردىن كىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىك ، ۋاراتار ، ھۇجۇمچى دىگەنلەرنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي بولمايدۇ . ئەگەر شۇنداق قىلساق بىزنىڭ تىلىمىز تەرەقىي قىلىشتا يوق ئارقىسغا قاراپ چېكىنىدۇ . چۈنكى مۇشۇنداق قاپقاۋۇل ، تۇرشاۋۇل دىگەنلەر جەڭگە ماس كىلىدىغان سۈزلۈكلەر ، شۇڭا يېڭىچە سۈز ياكى سۈز بىرىكمىلىرىنى ئىجات قىلساق بولىدۇ ، لېكىن بارنى يوق قىلساق ، بىر ساھەدىكى سۈزلۈكلەر كەملىسە . . . . ئاخىرىدا بارا - بارا يوقايدۇ . ئەمدى ئورتاقلىشىپ باقساق بولىدۇ . چۈنكى بىك ، ھۇجۇمچى ۋاراتار دىگەنلەر شۇنداق سېستىمىلاشقا . بىك ياكى ۋاراتار دىگەن سۈز ئۆزىدىنلا توپقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ ھەم ئىخچام ھەم چۈشۈنۈشلۈك . ئەگەر تورشاۋۇل دىسەك باشقىلار نېمە دەپ چۈشۈنۈپ قالىدۇ ؟؟؟ سىلەرمۇ تەھلىل قىلىپ بىقىڭلار .   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 22:24:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
top-targuqi يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 22:16
بۇنداق دىسەك بولماسمىكىن ؟؟ چۈنكى بىز دىگەن ھازىر يېڭ ...

چۈشەنمىگەنلەرگە  شۇنداق  چۈشەندۇرۇپ كىلىۋاتىمىز.......قانداق  ئاتىغىڭىز  بولسا  شۇنداق  ئاتاۋىرىڭ...
ھازىر  ئۇ كونا  سۆزلەرنى جايىغا ئىشلىتىدىغان ئورۇن،سورۇنمۇ  يوق.......ئەمما  بىر ئىككى ئىنساننىڭ قارشىلىقى  بىلەن بۇنى توختىتىپمۇ قويمايمىز...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 22:34:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 21:29
ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تېگىشلىك تما بوپتۇ ...بەزى ئاتالغ ...

二过一  نى « ئىككىدە بىر پاس » ئەمەس ، بەلكى « ئىككىنىڭ بىردىن ئۆتىشى » دەيمىز ،撞墙式配合 نى  « تام قايتىلما پاس » ئەمەس ، بەلكى « تام بىلەن ماسلىشىش » ، 助理教练 نى ياردەمچى ياكى قۇشۇمچە ترېنىر ، 梅开二度 نى قوش گۈل قېسىش ، 手术刀般的传球 نى ئوپراتسىيە پىچىقىدەك پاس  ، 盯人防守 نى ئادەم بىقىش مۇداپىئەسى ، 首开纪录  تۇنجى  توپنى كىرگۈزۈش . 底线 ئىتەك ياكى ئاستى سىزىق . 背后铲球 كەينىدىن پوت سىلىش . 倒钩 بەدەننى تاشلاپ كەينىچىلاپ تىپىش ، چۈنكى بۇ توپنى تەپكەندە مۇللاق ئاتمايدۇ بەلكى بەدەننى يەرگە تاشلاپ توپنى ئارقىغا قايرىيدۇ . 直塞 سىرۇ ياكى مۇداپىئەچىنىڭ كەينىگە بىرىلگەن پاس . 吊射 دىگەن ئىلما توپ ياكى ئىلىپ ئۇرۇش . 盘带 ،带球  توپ ئېلىپ مېڭىش ، 中锋 ئۇتتۇرا ھۇجۇمچى ، 自由人  ئەركىن ئادەم ياكى ئەركىن ئەزا ( بۇنى ئارقا بەل دىسەك سەل ماس كەلمەيدىكەن چۈنكى مېسسىمۇ مەيداندىكى ئەركىن ئەزا . ) ئاندىن كېيىن قاپقا دىگەنلەرنى ۋاراتار دەپ ئالساق . 禁区 چەكلەن رايون .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 06:40

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش