پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
ئىگىسى: پارتىزان

بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەتنىڭ كوزۇر توپچىلىرى ( ماتىريال )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھۇررا گىرمانىيە پۇتبولچىلىقى!

555

تېما

36

دوست

4244

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9586
يازمىسى: 4244
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 59609
تۆھپە: 2419
ۋاقتى: 1489
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش دورتىموند لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 21:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى

دورتمۇند كوماندىسدىكى 3 پولشالىق ياخشى ئوينايدۇ ...  
ھۇررا سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند ! غەلبە ھامان تىرىشقانلارغا مەنسۇب !

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

4997

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 4997
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119287
تۆھپە: 862
ۋاقتى: 1766
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 21:16:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەتنىڭ كوزۇر توپچىلىرى

بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى چېمپىئوندە2012-06-05 10:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەتنىڭ كوزۇر توپچىلىرى :
بەك ياخشى يېزىپسىز بورھان ئىينىم     بەك  تەپسىلي بوپتۇ ،،مەنمۇ مۇشۇ كوماندا ئەزالارنىڭ ئارخپىنى ئىزدەۋاتقان نەق يەرگىلا كىرپتىمەن ئەتتىگەندە    
بورھان دەۋاتقىننى     پارتىزان ئىنىم دەڭلا مۇنداق    نەۋاق كەسىپ ئالماشتۇرغىلى
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

ھۇررا شىنجاڭ !!!

280

تېما

12

دوست

4030

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4030
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 357079
تۆھپە: 1440
ۋاقتى: 1186
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 22:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى

نىمە دىگەن تەپسىلى يېزىلغان تىما بۇ بولۇپمۇ كىيىن تۇلۇقلىغان تۆتى بەك ياخشى چىقىپتۇ
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھۇررا !!!

بىز يەنىلا بىز........

2

تېما

5

دوست

1313

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7720
يازمىسى: 1313
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 604686
تۆھپە: 480
ۋاقتى: 673
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 23:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

回 楼主(پارتىزان) 的帖子

ئاۋۇ شېۋىنىستايگىر دىگىنى چوشقىمۇ ياكى دىنوزاۋۇرمۇ .بەدەن ئېغىرلىقىدا مەسئىلە بار760
ئۇيۇن باشلاندى

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

4997

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 4997
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119287
تۆھپە: 862
ۋاقتى: 1766
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 23:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:回 楼主(پارتىزان) 的帖子

بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى خاقاندە2012-06-06 23:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 回 楼主(پارتىزان) 的帖子 :
ئاۋۇ شېۋىنىستايگىر دىگىنى چوشقىمۇ ياكى دىنوزاۋۇرمۇ .بەدەن ئېغىرلىقىدا مەسئىلە بار760
ۋوي ۋوي ۋوي      سەت بوپتۇ !   ھازىر ئوڭشىۋىتەي    ، قارىغاندا تېمىنى توللۇق ئوقۇپ چىقىپسىزدە
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

4997

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 4997
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119287
تۆھپە: 862
ۋاقتى: 1766
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 23:23:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى

بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى dilmurat.دە2012-06-06 22:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى :
نىمە دىگەن تەپسىلى يېزىلغان تىما بۇ بولۇپمۇ كىيىن تۇلۇقلىغان تۆتى بەك ياخشى چىقىپتۇ
ئا گۇرۇپپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ چولپانلىرىنى يازاي دىسەم تۈزۈك مەزمۇن تاپالمىدىم ! ھەم بەك قالايمىقان بوپ كەتكەنتى !  ئۈلگۈرەلىسەم سەل رەتلەپ يېزىشىم مۇمكىن
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

كىم سورايدۇ دەۋانى

346

تېما

12

دوست

2952

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7190
يازمىسى: 2952
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 1493829
تۆھپە: 715
ۋاقتى: 1622
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە مىلان لۈكچىكى 4 - لىك لوڭقىسى 2 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 14:55:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەتنىڭ كوزۇر توپچىلىرى

ئاخىرىنى يىزىۋەتمەپسىزغۇ؟

كىم سورايدۇ دەۋانى

346

تېما

12

دوست

2952

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7190
يازمىسى: 2952
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 1493829
تۆھپە: 715
ۋاقتى: 1622
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە مىلان لۈكچىكى 4 - لىك لوڭقىسى 2 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 15:47:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەتنىڭ كوزۇر توپچىلىرى

ئىرلاندىيە كوماندىسى
ئىرلاندىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىنگىلاند دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە توپ تىپىدۇ، لىكىن بۇلارنىڭ ئارسىدا پەۋقۇلاددە نام چىقارغان چولپان توپچىلار يوق . ئىرلاندىيە كوماندىسىنىڭ مەنىۋى تۈرىكى بولۇپ ھىسابلىنىدىغان كوزۇر توپچىسى :- روبىي گىئان
گىئان  1980-يىلى 7-ئاينىڭ 8- كۈنى ئرلاندىيەدە تۇغۇلغان . بوي ئىگىزلىكى 175 .  مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمچى . ئۇ ھازىر ئامرىكىدىكى لوس ئانجىلىس  پۇتبول كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ .
2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندىدىكى بىردىن-بىر پىشقەدەم تەجىربىلىك توپچى . شۇقىتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا 4 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 3 توپ كىرگۈزگەن .
ئەپسۇس 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىدە فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن بولغان تاللاش مۇسابىقىسىدە ، فىرانسىيە كوماندىسىدىكى «ھىنىرى» نىڭ ئۇرغان قول توپىسى بىلەن ئىچىنىشلىق ھالدا شاللىنىپكىتىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش چۈشى بەربات بولغان.
بۇ قىتىم ئىرلاندىيە كوماندىسىنىڭ 2002-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىنكى خەلقئارا دەرجىلىك مۇسابىقىغە قايتىدىن قايتىپ كىلىشى. يەنە ھەم شۇنداقلا 1988-يىلىدىن كىيىنكى ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى سەھنىسىگە قايتىدىن چىقىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
گىئان 1997-يىلى ئىنگىلاند دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى « بۆرە كوماندىسى » دا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان . ئىلگىرى -ئاخىرى بولۇپ ئىتالىيە ئادەرجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ئىنتىر مىلان ، ئىنگىلاند دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى لىز بىرلەشمىسى ، توتىنھام، لىۋىرپول ، غەربى ھام، شوتلاندىيەدىكى كىلىتلىقلار، ئامرىكىدىكى لوس ئانجىلىس قاتارلىق كەسپى پۇتبول بىرلەشمىللىرىدا ۋە كۇلۇبلىرىدا توپ ئوينىغان.  
يۆتكىلىش باھاسى : 2008-يىلى توتىنھام كۇلۇبى 20 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن بىر يىللىق توختام ، لىۋىرپول كۇلۇبىغا ساتقان .  2009-يىلى توتىنھام كۇلۇبى 4 يىللىق توختام بىلەن گىئاننى لىۋىرپول كۇلۇبىدىن 16 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن ياندۇرۇپ ئەككىلىۋالدى . ئۇنىڭدى كىيىن غەربى ھام ، كىلىتلىقلار ، ۋە ھازىر توپ تىپىۋاتقان لوس ئانجىلىس قاتارلىق كۇلۇبلاردا ئىجارىگە بىرىلىپ توپ تىپىۋاتىدۇ .  يىللىق ئىش ھەققى 7 مىليون ياۋرو .


كىرودىيە كوماندىسى:
كىرودىيە كوماندىسىدا ئىنگىلاند توتىنھام كوماندىسىدىكى  مۇدىرىچ ۋە گىرمانىيە بەيرىن كوماندىسىدىكى ئولىچ  قاتارلىق كوزۇر توپچىلار بار .
مۇدىرىچ :-  1985-يىلى 9-ئاينىڭ-9-كۈنى كىرودىيەدە تۇغۇلغان . بوي ئىگىزلىكى 174 .  مەيداندىكى ئورنى   ئوتتۇرا مەيدان . ھازىر توپ ئويناۋاتقان كۇلۇبى : ئىنگىلاند دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى  توتىنھام كوماندىسى .
دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 27 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 4 توپ ئۇرغان . ئۇنىڭ توپ كونتىرول قىلىشى پاس تارقىتىشى ئىنتايىن ياخشى . ئۇ داۋاملىق ئۆزىگە « مەن پورتىگالىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى دىكو غا ئوخشاش كوماندىنىڭ ھۇجۇمىنى ياخشى تەشكىللەپ بەرسەم دەيمەن » دەيدۇ .
2008-يىلى ئوكرائىنا دىنامۇ كوماندىسىدىن  16.6 مىليون ياۋرولۇق يۆتكۈلۈش باھاسى بىلەن  ئىنگىلاند توتىنھام كوماندىسىغا قىتىلغان. يىللىق مائاشى  3 مىليون ياۋرو .
ئولىچ:- 1979-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كىرودىيەدە تۇغۇلغان . بوي ئگىزلىكى  184 .  مەيداندىكى ئورنى  ھۇجۇمچى .  ھازىر توپ ئويناۋاتقان كۇلۇبى : گىرمانىيە ۋولفورىسبورگ كوماندىسى.
ئولىچ كىرودىيە كوماندىسىدىكى ئەڭ تەجىربىلىك توپچىلارنىڭ بىرسى، ھەمدە كوماندىنىڭ ھەقىقى مەنىۋى تۈۋرىكى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
ئۇ ئىلگىر - ئاخر بولۇپ گىرمانىيەدىكى بىرلىن ھىرتا ، كىرودىيەدىكى ساگىلىپ دىنامۇ ، روسسىيەدىكى موسكىۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ،گىرمانىيەدىكى ھامبۇرگ ، بەيرىن مىيۇنخىن قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن .  بۇيىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەركىن توپچى سۈپىتىدە گىرمانىيە  ھولفورىسبورگ كوماندىسىغا 2 يىللىق توختام بىلەن قىتىلدى . يىللىق ئىش ھەققى 5 مىليون ياۋرو .


ئۇكرائىنا كوماندىسى.
ئوكرا ئىنا دۆلەت كوماندىسىدا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان «يادىرو ئوق بىشى» دەپ نام ئالغان چولپان شىفىچىنكو بۇ كوماندىنىڭ ھەقىقى مەنىۋى تۈرىگى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . ھەم بۇقىتىملىق ياۋروپا لوڭقىسى شىفىچىنكونىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدىن كىيىن شىفىچىنكو پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن چىكىنىشى مۇمكىن .
شىفىچىنكو : 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 27- كۈنى ئوكرائىنادا تۇغۇلغان ، بوي ئىگىزلىكى 183 . مەيداندىكى ئورنى  ھۇجۇمچى .  نۇمۇرى 7- نۇمۇر . ھازىر توپ ئويناۋاتقان كوماندىسى : ئوكرائىنا جىفۇ دىنامۇ كوماندىسى .
ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ جىفۇ دىنامۇ ، ئىتالىيەدىكى مىلان ، ئىنگىلانددىكى چىلسسى كوماندىللىرىدا توپ تەپكەن . كۇلۇبلاردا ئىرىشكەن شەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ گەۋدىلىكلىرىدىن 2004-2005يىللىق ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان. 2006- يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئوكرائىنا كوماندىسىنى باشلاپ 8 كۈچلۈككە ئەككىرگەن .

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

4997

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 4997
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119287
تۆھپە: 862
ۋاقتى: 1766
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 19:46:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەتنىڭ كوزۇر توپچىلىرى

ئېنگىلانىد كوماندىسى
ئېنگىلاند كوماندىسىمۇ بۇيىللىق داڭلىق چولپانلار توپلاشقان كوماندىلارنىڭ بىرسى بولۇپ ، رونىي ، جىراد ، ئاشلى كول ، ئاشلى ياڭ ، تېررى ، خارىت ، پاك ،  ۋالكوت ، ۋېلبىك ، دىفۇ ..... ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىق چولپانلىرى توپلاشقان كوماندا!  
بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ۋەكىللىك شەخىسلەردىن رونىي ، جىراد ، خارت ، تېررى قاتارلىقلار بار !

رونىي :  1985-يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان ،  ئېنگىلانىد كوماندىسىنىڭ كەسپىي ھۇجۇمچىسى ،  بوي ئىگىزلىكى 178سانتىمىتىر ، 83 كىلوگىرام ،  رونىي لېۋىرپولنىڭ بىر چەت نامرات رايونىدا نامرات ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،  رونىينىڭ دادىسى ئېۋىرتون كۇلۇبىنىڭ ئەشەددى مەستانىسى بولغاچقا رونىي ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ ئېۋىرتون مەستانىسى بولغان ، ھەمدە رونىي جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق لېۋىرپول شەھەرلىك ئوتتۇرا -باشلانغۈچ مەكتەپ كوماندىلىرىنىڭ توپ ئۇرۇش رىكورتىنى بۇزۇپ ئاخىرى ئېۋىرتون كۇلۇبىنىڭ ياشلار كوماندىسىغا كىرگەن .   2001-2002-يىل مۇسابىقە پەسلىدە 15 ياشلىق رونىي ئاللا بۇرۇن ئېۋىرتون كۇلۇبىنىڭ 1-كوماندىسىغا تاللانغان .
17 ياشقا توشىدىغانغا 5 كۈن قالغان كۈنى ئارسىنال كومانداىسىغا بىر توپ ئۇرۇپ ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ كىچىك توپ ئۇرۇش رىكورتىنى بۇزغان ( ھازىر بۇ رىكورتنى ئېنگىلاند كومانداىسىدىكى مېرنا بۇزىۋەتتى يەنى 17 ياشقا توشىدىغانغا 95 كۈن قالغاندا بۇزغان   )
رونىي ھازىر مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىدا توپ تىپىدۇ ، كۇلۇبتىكى ۋە دۆلەت كوماندىسىدىكى نومۇرى 10  .  رونىي ئەينى ۋاقىتتا ئېۋىرتونغا قۇشۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ھەپتىسىگە 100 فونىستىرلىڭ مائاش ئالاتتى ،  كىيىن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە يۆتكەلگەندىن كىيىن 50 مىڭ فونىستىرلىڭغا ئۆسكەن !  
رونىي 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 17 ياش ۋاقتىدا  ئاۋىستىرالىيە بىلەن بولغان دوسىتلۇق مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقىپ  ئەڭ كىچىك مەيدانغا چىققان دۆلەت كوماندا ئەزاسى بوپ قالغان .
2004-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 27مىليون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن ئېۋىرتوندىن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەن ! ھازىرغىچە مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ كىلىۋاتىدۇ !

جىراد : 1980-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان .   مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان ،  ئېگىزلىكى 186 سانتىمىتىر ، ئېغىرلىقى 82كىلوگىرام ،  ھازىرقى كۇلۇبى لېۋىرپول !  كۇلۇبتىكى نومۇرى 8 ، دۆلەت كوماندىسىدىكى نومۇرى 4 !
جىراد 9 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا لېۋىرپول كۇلۇبىنىڭ ياشلار بازىسىغا قوبۇل قىلىنغان .   14 ياشقا كىرگەن يىلى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ سىناق مەشىقىغا قاتناشقان ، شۇنىڭ بىلەن لېۋىرپول تەرەپ جىددىيلىشىپ 1997-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى جىراد بىلەن رەسمىي تۈردە توختام تۈزگەن .
    جىراد ھازىر لېۋىرپول كوماندىسىنىڭ مەنىۋى داھىيسى ۋە سادىق كاپىتانى !   لېۋىرپول كوماندىسى ئۈچۈن 15 يىل جاپالىق كۈرەش قىلغان ھەقىقى سادىق جەڭچى !  2005-يىلى 7-ئايدا چېلسى كۇلۇبى جىراد ئۈچۈن 32 مىليون فونىستىرلىڭلىق باھا قويۇپ كوماندىغا قۇشۇۋالماقچى بولغان ، لېۋىرپول يۇقىرى قاتلىمى جىرادنىڭ كىتىشىنى خالىمىغان ئەھۋال ئاستىدا جىراد  7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆزىنىڭ قىزىل ئارمىيەدىن ئايرىلىش ئويى بارلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە چىلسىغا قوشۇلماقچى بولغان ، بۇنىڭ بىلەن لېۋىرپول مەستانىلىرى تەۋرەپ كەتكەن ، جىرادقا سان-ساناقسىز تەھدىد خەتلىرى كەلگەن ، شۇنىڭ بىلەن جىراد لېۋىرپول مەستانىلىرىنى ئۈمۈدسىز قويماسلىق ئۈچۈن ، كوماندىدا قېپ قېلىشنى تاللىغان .

تېررى : 1980-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان .     بوي ئىگىزلىكى 187سانتىمىتىر ، 90 كىلوگىرام ،  ھازىرقى كۇلۇبى چىلسى كۇلۇبى !
مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا بېك ، ھازىرقى چىلسى كۇلۇبىنىڭ كاپىتانى !
دۆلەت كوماندىسىدىكى نومۇرى 6 !   دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن70مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 6 توپ ئۇرغان !
تېررى لوندون شەھىرىدە توغۇلغان ، 16 ياشقا كىرگەن يىلى چېلسى كۇلۇبىنىڭ ياشلار بازىسىنىڭ تەييارلىق كوماندىسىغا تاللانغان ۋە ئىزچىل ئوتتۇرا مەيدان ئورنىدا توپ تەپكەن ،  كىيىن كوماندىدا ئوتتۇرا بېك كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئوتتۇرا بېك ئورنىغا يۆتكىۋىتىلگەن ، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تېررى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا بېكلەرنىڭ بىرسى بوپ قالدى ،  
تېررى 1999-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى  چىلسى كۇلۇبى بىلەن رەسمى توختام تۈزگەن !  ھازىرغا قەدەر چېلسى ئۈچۈن 13 يىل توپ تەپكەن سادىق كاپىتان .  ھازىرقى كۇلۇبتىكى نومۇرى 26 !
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

4997

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 4997
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119287
تۆھپە: 862
ۋاقتى: 1766
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 20:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەتنىڭ كوزۇر توپچىلىرى

فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى
فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدىمۇ داڭلىق چولپانلار خېلى كۆپ بولۇپ ، رىبىرى ، بېنزىما ، ناسىرى ، بېن ئارفا ، مالۇدا قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بار !
بۇلارنىڭ ئارىسىدا رىبىرى ، بېنزىما ، ناسىرى قاتارلىقلار نىڭ تەسىر كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ !
بېنزىما : 1987-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان ، بوي ئىگىزلىكى 183سانتىمىتىر ، 74 كىلوگىرام ،
فىرانسىيەنىڭ لىيون شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ،  ھازىرقى كۇلۇبى خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ،  مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى !
بېنزىما 15 ياشقا كىرگەن يىلى لىيون كوماندىسىنىڭ ياشلار بازىسىغا قوبۇل قىلىنغان ،  2004-يىلى لىيون كۇلۇبى بىلەن رەسمى توختام تۈزگەن ،  2009-يىلى يازدا 35 مىليون ياۋرۇلۇق يۇقىرى باھا بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ،
رىبىرى : 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان ،  ئېگىزلىكى 171 سانتىمىتىر ، 62 كىلوگىرام ، مەيداندىكى ئورنى سول كىراي ،  ھازىرقى كۇلۇبى گېرمانىيەنىڭ بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى ،  كۇلۇبتىكى نومۇرى 7 .
رىبىرى نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن چولپان بولۇپ ، ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە يۈزىدە چوڭ بىر تاتۇق پەيدا بولۇپ قالغان ،  
رىبىرى 2005-يىلى 5-ئايدا 2مىليون 500 مىڭ ياۋرۇلۇق باھا بىلەن تۇركىيەنىڭ غەلىتە ساراي كۇلۇبىغا قۇشۇلغان ،  كەينىدىن توختام مۇددىتى توشۇپ ئەركىن ئەزا سالاھىيىتىدە فىرانسىيەنىڭ ،مارسىل كۇلۇبىدا توپ تەپكەن ،  كىيىن 2007-يىلى يازدا 25 مىليون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن بەيرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن ،    مانا ھازىرقى كۈنگە كەلگگندە رىبىرى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يان ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ ، شۇنداقلا بەيرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان داڭلىق چولپانلىرىنىڭ بىرسى .

ناسىرى :  1987-يىل 6-ئاينىڭ 26 -كۈنى تۇغۇلغان ،  بوي ئىگىزلىكى 178سانتىمىتىر ،  ئېغىرلىقى 75 كىلوگىرام ،  ھازىرقى كۇلۇبى مانچىستىر شەھىرى ، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان ،  كۇلۇبتىكى نومۇرى 19  ،  دۆلەت كوماندىسىدىكى نۇمۇرى 11 ،
2004-يىلى ناسىرى 17 ياشقا كىرگەن يىلى مارسىل كۇلۇبىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم فىرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىققان ،  2006-2007-يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە ناسىرىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان ئۇدا 3 ئاي فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر شەرىپىگە ئېرىشكەن ،  شۇنداقلا 16 -قېتىملىق فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ياش ماھىرى شەرىپىگە ئېرىشكەن ، شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلىلا دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان .  
2008-يىلى 11 مىليون فونىستىرلىڭ باھا بىلەن ئارسىنال كوماندىسىغا قېتىلغان ،  4 يىل ئارسىنالدا توپ تەپكەندىن كىيىن ، 24 مىليون فونىستىرلىڭ باھا بىلەن مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىغا قېتىلغان  ھەمدە شۇ يىلىلا بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن .
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

4997

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 4997
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119287
تۆھپە: 862
ۋاقتى: 1766
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 23:12:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بۇيىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16دۆلەتنىڭ كوزۇر توپچىلىرى

ما تېمىغىمۇ ناخشا قوشۇپ قويدۇم  
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

مەستانە

0

تېما

17

دوست

1388

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9458
يازمىسى: 1388
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 51136
تۆھپە: 1339
ۋاقتى: 133
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 19:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاي كۈزەم نادىر تىما
تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھدىن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )