akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: چىنار

قىسقىغىنە ئەسلىمە-يۇۋېنتۇسنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئاتاپ !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-5-7 22:33:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ‹‹ تاغىل ئاتلار ››  ! ئالدىغا قاراپ يۈگېرەۋېرىڭلار ...تاكى چۆپ قالمىغۇچە !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 23:42:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتۇسنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسى ياخشى بولدى. بىكالىق كەلگەن پىرلونى بۇنچە ياخشى ئوينايدۇ دەپ ھىچكىم ئويلىمىغان بولغىيتتى.
مۇبارەك بولسۇن تاغىل ئاتلىقلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-8 00:01:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن تاغىل ئىشەكلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-8 13:05:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنقەر باشلىق بۇ تېمىنى نادىرلاپ قۇيۇپتۇ! شۇنىڭغا چۇشلۇق يەنە بىر ئاز قۇشۇپ قۇيىدىغان يېرى بار ئىدى قۇشۇپ قۇياي!

يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ پەسىل چېمپىيونلۇق مۇساپىسىدىكى ئەۋزەل شارائىتلىرى:
   1. يۆتكىلىش بازىرىغا  توغرا مەبلەغ سېلىش
   ئۇدا نەچچە پەسىل كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەندىن كېيىن بۇ پەسىل باشلاپ كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى ئىسلاھات ئېلىپ باردى، يېڭى دېرىكتور ماروتتا يۆتكىلىش بازىرىدا كونتېغا تەلىپىگە ماس ھالدا پىرلو،ۋۇچىنىچ،ۋېدال،لىسىسىتەينېر لارنى يۆتكەپ كەلدى،نەتىجىدە بۇ يېڭى كەلگەن توپىچىلار  كوماندىغا ناھايىتى تىزلا ماسلىشىپ،چېمپىيون بۇلۇشتىكى ئاساسلىق تۆھپىكارلار بۇلۇپ قالدى.
  2. كۈچلۈك كوماندىلار ئۇچىرىشىشىدا غەلبە قىلىش
  بۇ پەسىلدە كوماندىنىڭ تەڭلىشىشى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى ،ئاساسلىقى ئوتتۇرا،كىچىك كۇلۇبلار بىلەن بولغان ئۇچىرشىشىتا باشقا جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ زىچ مۇداپىسىگە ئامالسىز قالدى،لېكىن كۈچلۈكلەر ئۇچىرشىشىدا ئاساسەن غەلبە قىلدى. ئىنتېر 2 ئۇتۇق،مىلان 1 ئۇتۇق 1 تەڭلىشىش، رىم 1 ئۇتۇق1 تەڭلىشىش،لازىئو 2 ئۇتۇش،ناپولى 1 ئۇتۇق 1 تەڭلىشىش،مۇشۇ 5 كوماندىنى ھېسابقا ئالغاندا 30 نۇمۇردىن 24 نۇمۇر ئالدى. مىلان بۇپەسىل ئوتۇرا كىچىك كۇلۇبلاردىن نۇمۇر كەتكۈزمىگەن بىلەن لېكىن كۈچلۈكلەر ئۇچىرشىشىدا ئالغان نۇمۇرى ئاز، يۇۋېنتۇستىن 1 نۇمۇر ئالدى،ئىنتېرغا 2 ئۇتتۇرۇپ نۇمۇر ئالالمىدى،ناپولىدىن 1 نۇمۇر ئالدى ،رىمدىن 6 نۇمۇر ئالدى،لازىئودىن 1 نۇمۇر ئالدى. بۇ 5 كوماندىدىن ئاران 9 نۇمۇر ئېلىپ يۇۋېنتۇستىن 13 نۇمۇر ئاز ئالدى.
   3. ياۋروپا مۇسابىقىسى
  ئۇدا ئىككى پەسىل ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى قاتنىشالماي كۇلۇبىنىڭ ياۋروپادىكى ئورنى ھەمدە ئىقتىسادى ئەھۋالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى.لېكىن بۇ پەسىل ياۋروپا مۇسابىقىسى ۋەزىپىسى بولمىغانلىقتىن، تېرىنىر ھەم توپچىلار پۈتۈن زېھنىنى بىرلەشمىگە قاراتتى .ھەپتىدە ئاساسى جەھەتتىن بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىغاچقا كوماندا ئەزالىرىنىڭ بەدەن قۇۋېتى جەھەتتتە كۆرۈنەرلىك ھېرىپ چاچارش كۆرۈلمىدى.33- ياشلىق پىرلومۇ 36 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى تۇلۇق ئوينىدى ( بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختۇتۇلغان) .

  4. يارلىنىش ئەھۋالى
  ئالىدىنقى پەسىلدە دېرنىلى تېرىنىرلىق قىلغان ۋاقىتتا كوماندا ئاساسلىق ئەزالىرى ئېغىر يارلىنىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن،ئاساسلىق ئەزالاردىن بۇففېن،چېرلىنى،كۇالىيارېللا،ماركىسىئو قاتارلىقىلار  ئىلگىرى ئاخىرى بۇلۇپ يارلىنىپ كوماندا نەتىجىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن،بۇ پەسىلدە يۇۋېنتۇسنىڭ يارلىنش ئەھۋالى بىرلەشمە بۇيىچە ئەڭ ئاز بۇلۇپ بىرلەشمە 32-ئايلانمىغا قەەەر يۇۋېنتۇسنىڭ يارلىنىش قېتىم سانى 40مەيدان قېتىم،مىلاننىڭ بولسا 247 مەيدان قېتىم بۇلۇپ يۇۋېنتۇتىن 6ھەسسە كۆپ. بۇپەسىلدە كوماندىنىڭ بەدەن مەشىقى يىتەكچىسى مەشىق ئۇسۇلىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بۇلۇپ،پىرلو قاتارلىق ياشتا چوڭ توپچىلارغا قارىتا يۈگرەش مەشىقىلىرنى ئازايتىپ، بەدەن كۈچەيتىش مەشىقىنى كۆپەيتكەن.نەتىجىدە يارلىنىش ئەھۋالى ئالدىنقى پەسىلىدىكىگە قارىغاندا%  80 ئازايغان .

  5. يېڭى مەيداننىڭ ئىشقا كىرىشتۈرىلىشى
  بۇ پەسىل باشلاپ يۇۋېنتۇسنىڭ يېڭى مەيدانى رەسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى،يېڭى مەيداننىڭ پۈتۈشى بىلەن يۇۋېنتۇس ئىتالىيەدىكى تۇنجى بۇلۇپ ئۆزىنىڭ مەيدانى بولغان كۇلۇب بولۇپ ئىتالىيەدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تۇلۇق ئاساس سالدى،يېڭى مەيدان كۇلۇبقا مۇقىم بولغان ئىقتىسادى كىرىم يارىتىش بىلەن بىرگە يەنە مۇكەممەل بولغان مۇلازىمەت سېستىمىسى ھازىرلىغان بۇلۇپ مەستانىلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ كوماندىغا مەدەت برىشىگە تۈرتكىلىك رول ئويندى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە كۇلۇبنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىدا زور ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ كىرىم جەھەتتە ياۋروپا بۇيىچە ئالدىنقى 5 نىڭ ئىچىگە كىرىشى مۇمكىن.


يۇۋېنتۇس چېمپىيون بولغاندىن كىيىن توپچىلار ۋە مەستانىلار بىرلىكتە تەبرىكلەشتى:

تۇرىن شەھىرىدىكى مەستانىلەر :

پەسىللىك 10 نادىر توپ :

كاپىتان پىئېرونىڭ 10 نادىر توپى :
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-8 14:08:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتېرى ماڭا ئەڭ ياقىدىغىنى ماتېرى  بۇنى ساتامسىلەر توپ تەرگۈچى بولسا ما بىزنىڭ لىۋېرپۇلدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرەي ساتساڭلار چۇقۇم ئالىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-8 23:40:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتىس مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-9 09:36:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-9 13:24:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېرلوغا يەنە بىر قېتىم قول قۇيدۇم دە!!كېلىپلا بىر لوڭقا ئالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-10 16:43:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن
غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-11 12:25:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى ھالىتڭىگە قايتقىن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-11 13:17:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى abduginiدە2012-05-07 21:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مۇبارەك بولسۇن.
غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.
ئەمدى توپ تەپكۈچى ئاكامنىڭ يۇۋىنتىس چىمپىيۇن بولۇپ قالسا، يۇۋىنتىسنى تەپسىلى يىزىپ چىقىمەن دېگەن گېپى يادىمدا، توپ تەپكۈچى ئاكامنىڭ شۇ تىمىسى ساقلايمەن.
ئالدىنقى قېتىم يۇۋېنتۇس توغىرسدا بىر نادىر تېما يازغان،شۇ تېمىغىمۇ ئىككى كۈن كەتكەن،يېقىندا سەل ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم،بۇ قېتىم نۆۋەت چىنارغا كەلدى.چىنارمۇ بۇ تېمىنى شۇنداق ياخشى يېزىۋەتتى...مەن يازساممۇ شۇنداق يازىىتىم....كېيىن چۇقۇم تېخىمۇ كۆپ يازىمىز ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-7-31 03:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋېنتۇس قايتىدىن باش كۈتۈرۇپ چىقتى
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 20:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش