akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2681|ئىنكاس: 36

قىسقىغىنە ئەسلىمە-يۇۋېنتۇسنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئاتاپ !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



  ئالدىن بىلەن يۇۋېنتۇسنىىڭ بۇ پەسىللىك بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەنلىگىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن

  يېقىنقى 6 يىل ئىچىدىكى تۇنجى لوڭقا...6 يىل لوڭقا ئالالماسلىق،بۇ گەپ يۇۋېنتۇس ئۈچۈن تولىمۇ يات. پۇتبول ساھەسىدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان كۇلۇبلارنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يۇۋېنتۇس كۇلۇبى پۇتبول ساھەسىدە زور شان شەرەپ قۇچقان كۇلۇبلارنىڭ بىرى، ئىتالىيە ھەم ياۋروپا پۇتبولچىلىقدا ‹تاغىل ئات قۇشۇنى › نامى بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. لېكىن  ئالدىنقى 5 يىل ئچىدە كوماندىنىڭ نەتىجىسى ئۇدا ياخشى بولماي كەلگەن. بۇ پەسىلدە سابىق كاپىتان كونتېنىڭ يىتەكچىلىگىدە بىرلەشمىدە 37 مەيدان ئۇتتۇرماي بىر ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى،ھەمدە ئىتالىيە لوڭقسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغا كىردى.
  تۆۋەندە يۇۋېنتۇسنىڭ چېمپىيون بۇلۇش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز :

   2007-2008 -پەسىلدە يۇۋېنتۇس قايتىىدىن ئا دەرىجىگە قايتىپ كەلدى، ھەمدە كۆپلەپ مەبلەغ چىقىرىپ دىياگو،شىسوكې،ياكۇنتا  قاتارلىق يېڭى توپچىلارنى كىرگۈزدى، لېكىن  باشقۇرۇش تۈزۈلمىسنىڭ ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك كىرگۈزگەن توپچىلرىنىڭ كۆپى كوماندىغا ماسلىشالمىدى،بەزىسى ئېغىر يارلاندى، ھۇجۇمچى ياكۇنتا ئاران 8 توپ كىرگۈزدى.
كوماندا يەنىلا پىئېرو،نېدۋېد،تېرىزىگۇت،كامورانىېسسى قاتارلىق تەجىربىلىك توپچىلارغا تاينىپ بۇ پەسىلدە 3-بولۇپ،ئۇزغۇنلۇق بېلىتىنى ئالدى،پىئېرو بىلەن تىرىزىگۇت بىرلەشمە مەرگنلىكىنىڭ ئالدىنقى 1،2-لىكىنى ئالدى،يەنە بىر تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى مېھمان ھالەتتە ئىنتېرنى 2-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتى.مەستانىلەر ئۈمۈدىنى كىيىنكى پەسىلگە باغلىدى.

  2008-2009-پەسىل بېشىدا مەستانىلەر قايتىدىن يېڭى ئۈمۈتنى كۆردى،ئۇ بولىسىمۇ كۇلۇبىنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ چىقىرىپ توپچى كىرگۈزىشى ئىدى، كۇلۇب يېڭىدىن سىالىھامىجىچى،پولسېن ھەمدە 22مىليونغا مەستانىلەر ‹يۇۋېنتۇس تۆمۈر بېكى› دەپ ئاتىۋالغان ھۇجۇمچى ئاماۋرىنى كىرگۈزدى،لېكىن ئالدىنقى پەسىلدىكىگە ئوخشاش بۇ پەسىللىك يۆتكىلىش ئىشلىرىمۇ مەغلۇپ بولدى، كوماندىنىڭ نەتىجىسى كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇفېن،چېرلىنى قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالار ئارقا ئارقىدىن يارلىنىپ كوماندى نەتىجىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى،ھەمدە 10 نۇمۇر پەرىق بىلەن ئىككىنچى بولدى. ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسدە گۇرۇپپىدىن چىققاندىن كېيىن چېلسى تەرىپىدىن شالللاندى. پەسىل ئاخىردا كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكەزدى،ئۇ بولسىمۇ باش تېرىنىر لانىرىنى ئورنىغا فېررانى ئىشقا قويدى.

  2009 دىن 2011 غىچە بولغان ئىككى پەسىلدە بولسا  كوماندىنىڭ نەتىجىسى بارغانچە ناچارلاشتى، كۇلۇب يۇقىرى باھادا ئەكەلگەن مېيلو،دېيىگولار كوماندىغا ئەسلا ماسلىشالمىدى،كوماندىدىكى ئەسلى بار توپچىلارنىڭ يېزى چوڭىيىپ يارلىنشتىن خالى بولالمىدى، نېدېۋېدمۇ بۇ پەسىل ئاخىردا چىملىقتىن خوشلاشتى، ئۇزغۇنلۇقتا گۇروپپىدىنمۇ چىقالمىدى،بىرلەشمىدە 7-ئۇرۇنغا چۈشۈپ كىيىنكى پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىدى. كىينكى يىلى يەنە كۆپلەپ پۇل خەجلەپ يېڭى توپچىلارنى ئەكەلگەن بولسىمۇ يەنە كوماندا نەتىجىسى يەنىلا  ياخشىلىنىش بولمىدى، لېكىن بۇ پەسىل كۇلۇب بەزىبىر ئۆزگىرىشلەرنى قىلدى، قىشلىق يۆتكىلىشتە كەلگەن ماتېرى،بارزالى قاتارلىقلار  بۇ پەسىلدىكى كوماندىنى قايتا قۇرۇش پىلانغا كىرگۈزۈلدى،ھەمدە ئاماۋرى قاتارلىق يۇقىرى مائاشلىق توپچىلارنى تازلىدى،ھەمدە ئىقتىسادى قىينچىلىقلارنى يېڭىپ يېڭى مەيدان قۇرۇلۇشنى باشلىدى.
بۇلار كىينكى پەسىلدىكى كوماندىنىڭ ئەسىلىگە قايتىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى .

11-12 پەسىلنىڭ بېشىدا كۇلۇب چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى،ئەڭ ئاۋال ئانىلى جەمەتىدىن بولغان ئاندرى.ئانىلى كۇلۇب رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى،كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىمۇ تازلاش ئېلىپ باردى، ھەمدە يۇۋېنتۇسنىڭ سابىق كاپىتانى كونتېنى تېرىنرىلىققا تەكلىب قىلدى، مەبلەغ چىقىرىپ پىرلو،ۋېدال،لىسىسىتەينا،ۋۇچىنىچ قاتالىق يېڭى توپچىلارنى كىرگۈزۈپ كوماندىنى مۇكەممەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى مەيدان رەسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
بۇ پەسىلدە كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىنىڭ توغرا تەدبىرلىرى،پىرلو،ۋېدال،ۋۇچىنچ قاتارلىقلارنىڭ كوماندىغا تىزلا ماسلىشىشى،كونتېنىڭ توغرا قوماندانلىق قىلىشى،يېڭى مەيداننىڭ باشقىچە كەيپىياتى نەتىجىسدە ئاخىرى بۇ پەسىللىك بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى.بۈگۈنكى بۇ لوڭقىنى ئېلىش ئاسانغا توختىمىدى،ئۈتۈپ كەتكەن 6 يىلدا يۇۋېنتۇس نۇرغۇن ئىسسىق سڭغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزدى،3 رەئىس.5 تېرىىنىر ئالماشتۇردى،ئۇدا ئىككى پەسىل 7-بۇلۇپ ئۇزغۇنلۇق ئوينىيالمدى،ئاخىرى مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇش سېستىمىسى،چمپىيونلۇققا خىرىس قىلالىغۇدەك ئەمىلى كۈچى بولغان يېڭچە يۇۋېنتۇس بۇلۇپ قايتىپ كەلدى.

بۇ پەسىل چېمپىيونلۇققا مۇھىم رول ئوينىغانلار:

1.ئانتونىيو.كونتې-  باشقىلار قاندق قارايدۇ بىلمىدىم،لېكىن مېنىڭ قارىشمچە كونتېنىڭ بۇ پەسىللىك چېمپىيونلۇقتا رولى ئەڭ چوڭ، كونتې 13 يىل يۇۋېنتۇستا توپ تەپكەن ھەم يۇۋېنتۇسنىڭ سابىق كاپىتانى، يۇۋېنتۇستا توپ تەپكەن ۋاقتىدا 5 قېتىم بىرلەشمە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق ئالغان. چىكىنگەندىن كېيىن ب بىرلشمىدە بارى ھەم سېينا كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئا دەرىجگە ئاچىققان، ئا ەرىجىدە ئاتلانتا كوماندىسىدا تېرىنىرلىق قىلغان. كونتېنىڭ كوماندىغا قۇيىدىغان تەلىپى ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئە تەڭ بۇلۇش،ئۇنىڭ بۇ تەلىپى بۇ پەسىلدىكى ئۇتتۇرماسلىق ھەم ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزۈشتەك ياخشى نەتىجە ئېلىشىدا رولى ئەڭ چوڭ، يەنە بىرسى پىرلو كەلگەندىن كېيىن كونتې ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سەپ شەكلى 4-4-2 دىن پىرلوغا ماس كەلگەن 4-3-3 ياكى 3-5-2 سەپ شەكلىنى قوللاندى،ھەم توپچىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا قارىتا مۇشۇ سەپ شەكلى بۇيىچە ئۇرۇنلاشتۇردى،نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە كوماندا توپ ئۇرالماي قىيىن ئەھۋالدا دۇچ كەلگەندە ھالقىلىق ۋاقىتتا ئادەم ئالماشتۇرۇپ غەلبە قازاندى. يەنە بىرسى كۆپ قېتىم ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزگەن بۇنۇچىغا باشتىن ئاخىرى ئىشىنىپ ئۇنىڭغا پۇرسەت بەردى، ئاخىرى بۇنۇچىمۇ تېرىنىرنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي ۋەزىپىسىنىڭ ھۆدىدىسىن تۇلۇق چقىتى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى كونتې ئەينى ۋاقىتتىكى يۇۋېنتۇسنىڭ غەيرەت شىجائىتىنى يۇۋېنتۇسقا بىللە ئەكەلدى،ناپولى بىلەن بولغان بىرىنچى ئۇچىرىشىشىتا يۇۋېنتۇس 2 توپ كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا تەڭلەشتى،يەنە بىرسى مىلان بىلەن بولغان ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 120 مىنۇت مۇسابىقە جەريانىدا ياندا تۇرۇپ ۋارقىراپ ئاۋازى پۈتۈپ قېلىپ مۇسابىقىدن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۆتىۋېلىش يىغىنىغىمۇ قاتنىشالمىدى.ئۇنىڭ دەسلەپ يۇۋېنتۇسقا كەلگن ۋاقىتتىكى بىر گىپى بار :خىزمەت ،خىزمەت ،يەنىلا خىزمەت...دىمەك كونتې بۇ پەسىلدە ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆدىدىسىن تۇلۇق چىقتى.

2. پىرلو-- ئالدىنقى پەسىلدە پىرلونىڭ مىلان بىلەن توختامى تۇشۇپ قايتا توختام ئۇزارتمىدى،شۇنىڭ بىلەن پىرلو ھەقسىز يۇۋېنتۇسقا قۇشۇلدى،پىرلو يۇۋېنتۇسقا كەلگەندىن كېيىن كونتې ئۇنىڭغا كوماندىنىڭ ھۇجۇم تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى. نۇرغۇن كىشلەر باشتا پىرلونىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان سەۋەبلىك بۇ پەسىلنى تۇلۇق ئوينىشىغا ئىشەنمىگەن،ئۆز ۋاقىتا مىلاننىڭ ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتمىغانلىق سەۋەبىمۇ ئۇنىڭ بەدەن قۇۋىتى يىچىشمەيدۇ ەپ قارىغان،لېكىن پىرلو يۇۋېنتۇسقا كېلىپ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئىككىچنى باھارىنى كۈتىۋالدى. پىرلونىڭ بۇ پەسىلدىكى سانلىق مەلۇماتلرىغا قاراپ باقايلى، مەيدانغا چىققان سانى 36 مەيدان بۇلۇپ  ئۇمۇمى ۋاقتى 3240 مىنۇت پۈتۈن كوماندا بۇيىچە بىرىنچى،پەقەت بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختالغانلىقتىن مەيدانغا چىقمىغان ،قالغان ۋاقىتتا تۇلۇق مۇسابىقە ئوينىغان. تەكىتلەپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى 2006-يىلدىن كېيىن پىرلونىڭ مىلاندا مەيدانغا چىققان سانى 33 مەيداندىن ئېشىپ باقىمىغان،دىمەك پىرلو بۇ پەسىلدە يۇۋېنتۇسنىڭ  تۆمۈر ئادىمى دىگەن نامغا لايىق.  پۈتۈن پەسىلدە 14 ياردەمچى پاس چىقارغان،  پىرلو ياردەمچى پاس جەھەتتە ئۆزىل،مىسىى،دىماريانىڭلا كەينىدە تۇرىدۇ ،ئۆتكەن 5 يىل ئچىدە پىرلو مىلاندا 22 ياردەمچى پاس چىقارغان،يېقىنقى 3 يىلدا ئاران 9 پاس چىقارغان.
  بۇ پەسلدە 3099 قېتىم پاس بېرىپ 128 قېتىم خەتەرلىك پاس بەرگەن ،بۇ جەھەتتە 5 چوڭ بىرلەشمدە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. پىرلونىڭ مەيداندىكى قوماندانلىقىدا يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ پەسىلدىكى توپ كونتىرول قىلىش نىسبىتى  %61 يىتىپ بۇ جەھەتتە بارېسلونا بىلەن بەيرېننىڭلا كەينىدە تۇرىدۇ. 33 ياشلىق پىرلوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھازىرقى مۇشۇ ئىپادىسى يىتەرلىك . بۇ پەسىلدىكى ئىتاليە بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ چوڭ نامزاتى پىرلو.

3. ۋۇچىنچ-- ئالدىنقى پەسىلدە رىمدىن 15 مىليونلۇق باھادا يۇۋېنتۇسقا يۆتكەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىتا كۆپ پىكىرلە چىقمىغان،چۈنكى ئۇ ئىتالىيەدە ئۇزاق يىل توپ تەپكەن بولغاچقا كوماندىغا تامامەن ماسلىشىشى تەبىئى، يۇۋېنتۇسقا كەلگەندىن كېيىن كونتېنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەزىپىسى بىرسى يان تەرەپتە ھەركەت قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى يان تەرەپكە بۇراش،يەنە بىرسى قارشى تەرەپنىڭ مەيداندا ھۇجۇم تەشكىللەش، ۋۇچنىچ بۇ ۋەزپىنىڭ ھۆدىدىسىن ئاساسى جەھەتتىن چىقتى، بۇ پەسىلدە 9 توپ ئۇرۇپ 8 ياردەمچى پاس چقاردى،يەنە بىرغۇن چاغلاردا ئۇنىڭ ۋاستىلىك بەرگەن پاسلىرى كوماندىنىڭ غەلبىسىگە ئاساس سالدى. بۇلۇپمۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كوماندىسى رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كىرگەن 4 توپنىڭ ۋۇچىنچ بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. كوماندا پەسىل ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم تەڭلىشىپ قالغان چاغدا مەستانىلەر ئۇنىڭدىن نارازى بولغان،لېكىن ئۇ بۇنىڭغا قارىتا : ئۇلارنىڭ ئاچچىقلىنىشى توغرا،ئۇلار كوماندىنىڭ غەلبە قىلغىنىىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ،بىزنىڭ مەقىسىدىمىز غەلبە قىلش،مەن نىمە قىلشنى بىلىمەن،توپ كىرگۈزمىسەم ھچقىسى يوق،كوماندا ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشنى خالايمەن دىگەن. دىمەك ئۇ قىلالىدى .

4. بارزالى -- ئالدىنقى پەسىلدە 300مىڭ  باھادا يۇۋېنتۇسقا يۆتكەلگەن ئوتتۇرا بېك،ھازىرقى بازار باھاسى 8 مىليوندىن يۇقىرى. ئالدىدا دەپ ئۆتكۈنىمىزدەك بۇ پەسىلدىكى قايتا قۇرۇش پىلانىدىكى مۇھىم توپچىنىڭ بىرسى. بۇ پەسىلدە
بۇ پەسىل كوماندىدا ئۇمۇمى بۇلۇپ 18 ئادەم توپ كىرگۈزدى،ئاساسلىق ئەزادىن مۇشۇ بارزالىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى توپ كىرگۈزۈپ باقتى،سەبداشلىرى ئۇنىڭغا چاخچاق قىلىپ ؛قارا ،توپ كىرگۈزمىگەن سەنلا قالدىڭ دىگەن.لېكىن بارزلى تۇرغان مۇداپىئە بۇ پەسىلدە پۈتۈن ياۋروپادا ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزدى، بۇ پەسىلدىكى ياخشى ئىپادىسى بىلەن پەسىللىك ئەڭ مۇنۇۋەر بېك نامزاتىنىڭ بىرسى.

5. ۋېدال-- بۇ پەسىلدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان بىرلەشمىسى -پىرلو،ماركىسىئو،ۋېدال. ۋېدالنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھدىلىگى،مەيداندا ھارماي يۈگرەيدۇ،يەنە بىردە بىر بەدەن ئېلشىتا بىرلەشمىدە ئەڭ ئالدىدا،سەپداشلىرى ئۇ توغىرىلىق : ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ پۇتىدىكى توپنى قانداق ئېلىۋالايدىغانلىقىنى ئوقمىدۇق،ئۇنىڭ پۇتىدا ئىلمەك باردەك ھېس قىلىمىز ...مان بۇ ۋېدالنىڭ ئالاھىدىلىگى،مەيداندا پىرلونىڭ ئەڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى،ئۇ بولغاچقا پىرلو خاتىرجەم.بۇ پەسىلدە ئۇ يەنە 7 توپ كىرگۈزدى.ئۇ كوماندىنىڭ كەلگۈسى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم شەخىس،يېڭى دېۋىس دەپ تەرىپلەنمەكتە. يۇۋېنتۇسقا كەلگەندىكى باھاسى 10مىليون+2 مىليون مۇكاپات. ھازىرقى باھاسى 25 مىليون ئەتراپىدا.

6.ماركىسئو-- ھازىر كوماندىدىكى يۇۋېنتۇس ياشلار بازىسىدىن چىققان بىردىنبىر ئاساسلىق ئەزا،كەلگۈسىدىكى كاپىتان. ئالدىنقى نەچچە پەسىلدە ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇداپىئە يەنى ئارقا بەل،لېكىن ئۇ بۇجەھەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولمىغان،لېكىن بۇ پەسىل كونتې سەپ شەكلىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن بۇ پەسىلدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلىدى. مىلان بىلەن بولغان بىرىنچى ئۇچىرشىشىتا ئاخىرقى ۋاقىتتا 2 توپ كىرگۈزدى،ئىنتېرنى بۇغۇزلىدى. بۇ پەسىلدە 9 توپ ئۇرۇپ 4 ياردەمچى پاس بەرگەن ،ئۇمۇمى مەيدانغا چىققان سانى36 مەيدان .

7. لىسىسىتەينېر--ئوڭ بېك مەسلىسى نەچچە يىلدىن بېرى باش قاتۇرىۋاتقان مەسلە بۇلۇپ بۇ پەسىل بېشىدا 10 مىليون باھادا ئەكەلگەن. كوماندىغا كەلگەندىن كېيىن ناھايتى تىزلا كوماندىغا ماسلىشىپ كەتتى، مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمغا تەڭ ماسلىشىپ كوماندىنىىڭ ئوڭ تەرەپ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.يەنە بۇ پەسىلدىكى ھەم يېڭى مەيداندىكى تۇنجى توپنى ئۇردى.

ئۇنىڭدىن باشقا چېرلىنى،بۇنۇچ،بۇففېن،ماتېرىلانىڭ ئىپادىسمۇ ناھايتى ياخشى..
كاسېرېس،بورېيېلو قاتارلىق ھەل قىلغۇچ رول ئوينغان توپچىلارمۇ بار لېكىن بۇلارنىڭ مەيدانغا چىققان سانى ئاز.
كاپىتان پىئرو بۇ پەسىل ناھايتى ئاز مەيدانغا چىقىتى لېكىن مۇھىم ۋاقىتلاردا يەنىلا رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇردى. بۇ پەسلدە ئۇمۇمى بۇلۇپ 4 توپ كىرگۈزدى .مىلان قوشكزىگى بىلەن رىم قوشكېزىگە بىردىن توپ كىرگۈزدى. پەسىل بېشىدىلا :مەسن مەشىقىنى ياخشى قىلىشنىلار ئويلايمەن،مەيدانغا چىقىش چىقماسلىغىم مۇھىم ئەمەس،غەلبە قىلساقلا بولدى دىگەن .ئەڭ ئاخرقى يىلىدا ئۆز قۇلى بىلەن لوڭقا كۆتۈردىغان بولدى....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +40 يىغىش سەۋەبى
ankar528 + 40 ياخشى يىزىلىپتۇ ! مۇمكىن بولسا يەنە ئاز

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 20:54:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېرلوغا يەنە بىر قېتىم قول قۇيدۇم دە!!كېلىپلا بىر لوڭقا ئالدى !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 21:04:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن.
غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.
ئەمدى توپ تەپكۈچى ئاكامنىڭ يۇۋىنتىس چىمپىيۇن بولۇپ قالسا، يۇۋىنتىسنى تەپسىلى يىزىپ چىقىمەن دېگەن گېپى يادىمدا، توپ تەپكۈچى ئاكامنىڭ شۇ تىمىسى ساقلايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 21:05:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يارايسەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 21:16:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى كوماندىغا ئۆزىنىڭ ئادىمى ئەڭ ئەسقاتىدۇ
توپچى ۋاقتىدا ئوتتۇرا مەيدان ئوينىغانلار تېرىنىر بولسا ئالامەت قاملاشتۇرىۋىتىدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 21:54:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەسىل يۇۋېنتۇسنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى...دەسلەپتە ئارقا-ئارقىدن يەڭگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يۇۋېنتۇستا بۇ پەسىل ئۈمۈت چوڭ دەپ قارىغان....لېكىن ھىس قىلىشىمچە، نۇرغۇن كىشىلەر يۇۋېنتۇس ئاخىرغا كەلگۈچە بەرداشلىق بىرەلەيدۇ دەپ ئويلىمىغان،يەنە شۇ چاغدا كۆپلىگەن خەۋەردىمۇ شۇنداڭ گەپ بار ئىدى..يۇۋېنتۇس ئالدىنقى ئۈچىنىڭ ئىچىگە كىرىشى مۈمكىن دەپ،ئارلىقتا يەنە 10 نەچچە مەيدان تەڭلەشتى....بۇ چاغدا يەنە خېلى گەپ بولدى..لېكىن مۇسابىقە تەجىربىسى مول بولغان تېرىنىر كۇنتىنىڭ ئىشلەتكەن سەپ شەكىل ۋە  تاكتىكىسى جايىدا بولدى.بۇ جەريانىدا  كۆپ ئۆزگەرتىش قىلمىدى.ئۈزىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرغان سەپ شەكلنى كۆپ قېتىم ئىشقا سالدى..بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ كۈرىنەرلىك بولدى.بۇ تېرىنىرغا بىز ئەلۋەتتە قايىل...
مىنڭ قارىشىمدىمۇ پىرلونىڭ رولى بۇ پەسىل چوڭ بولدى..ئوتتۇرا مەيداندىكى ھۇجۇم تەشكىللەش ئاساسلىق پىرلونىڭ قومادانغىلىغدا بولدى..يەنە بىرسى سەبدىشىغا ئەڭ ئولچەملىك توپ يەتكۈزۈپ بەرگەن ،كۆپ خاتالىق سادىر قىلمىغان پۇتبولچى دەل مۇشۇ پىرلو،
يەنە بىرسى ۋىدال ،دەسلەپتە ئانچە بەك ياخشى ئوينىمىغاندەك بىلىنگەن...كېيىن بارغانسېرى ئېچىلىپ كەتتى...بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان توپتىن بىرنەچچىنى ئۇرىۋەتتى..ۋۇچىنىچنىڭ ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە ...بۇساقالمۇ كۆپ قېتىم مۇسابىقە نەتىجىسنى مۇقىلاشتۇردىغان ئەجەللىك توپ ئۇردى...
يىغىنچاقلىغاندا ...مۇشۇ كوماندىدىكى بەزى پۇتبولچىلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى سەۋەيىسىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ بۇلالمىغان توپچىلارمۇ بار...كۇنتى بۇلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى..قانداق ئىشلىتىشنى ،قانداق ماسلاشتۇرۇشنى،قايسى ئۇرۇنغا قۇيۇشنى  دىگەندەك ئۇسۇلار ئارقىلىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ مۇۋاپىقىيەت قازاندى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 21:57:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغىل ئات يارايدۇ .. غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ ..بۆرىلەرمۇ كىلەر پەسىل كارامىتىنى كۆرسەتسە بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 22:05:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ...
لىكىن سەل قاملاشمىغانراق ئېلىپ قالدىڭلا بۇ لوڭقىنى مىلانلىقلا تازا بەك قايىل ئەمەس . مونتارىنىڭ توپى ھىساپ قىلىنغان بولسا  پىچىتىڭلار بۇزۇلۇپ قالىتى ئەپسۇس ھىساپ بولمىدى . مىلاننىڭ مۇشۇنداق توپىدىن ئۈچى ھىساپ قىلىنمىدى دىسە  
لىكىن ئەمدى كۆپ سۆزلىگەنمۇ بىكا ، نىمە دەيمىز  مۇبارەك بولسۇن ،دېل پىئېروغا مۇبارەك بولسۇن پىرلوغا مۇبارەك بولسۇن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 22:13:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەرنىڭ چى چ توپىنى قاتقىلى بولمايدىكەن يا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-7 22:19:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

回 5楼(توپ تەپكۈچى) 的帖子

كونتې بەلكىم مۇرىنئو ،فوگېسىنلاردەك نوچى تاكتىكا ئۇستىسى بولماسلىقى مۇمكىن،لېكىن مۇشۇ پەسىلدىكى بىر قانچە مەيداندىكى ئادەم ئالماشتۇرۇشىغا ھەم بەزى ئادەم ئويلىمىغان توپچىلارنى ئاساسلىق ئەزا قىلىپ چىقىرىشىدىن ئۇنىڭ ئادەم ئىشلىتتىشىگە قايىل بوپ قالدىم. كۆپ ۋاقىتتا ئالماشتۇرغان ئادەم توپ ئۇرىدۇ،يەنە بەزىدە تۇرۇپلا 24-نۇمۇر جاچېرىنى دىگەننى ئاساسلىق قىلىپ چۈشىرىدۇ، جاچېرىنى دىگىنى بۇرۇن ب دەرىجە ئوينىغان بالىكەن، بىر قارىسا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق،ئادەتتىكىدەكلا،لېكىن ئادەتتە ئاجىز كوماندا بىلەن ئوينىغاندا دائىم مۇشۇنى چۈشىرىدۇ.........10 مىليونلۇق ئېلىيا بىلەن 15 مىليونلۇق كىراسىك مۇشۇ بالىنىڭمۇ زاپىسى بۇلۇپ قالدى،لېكىن بۇ بالىنىڭ بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزگىنىنى كۆرمىدىم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-7 22:20:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ئۇيىقدىن ئويغۇندىغان ۋاقتىمۇ كەلگەن ، مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-7 22:27:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى ۋىروسدە2012-05-07 22:05يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مۇبارەك بولسۇن ...
لىكىن سەل قاملاشمىغانراق ئېلىپ قالدىڭلا بۇ لوڭقىنى مىلانلىقلا تازا بەك قايىل ئەمەس . مونتارىنىڭ توپى ھىساپ قىلىنغان بولسا  پىچىتىڭلار بۇزۇلۇپ قالىتى ئەپسۇس ھىساپ بولمىدى . مىلاننىڭ مۇشۇنداق توپىدىن ئۈچى ھىساپ قىلىنمىدى دىسە  
لىكىن ئەمدى كۆپ سۆزلىگەنمۇ بىكا ، نىمە دەيمىز  مۇبارەك بولسۇن ،دېل پىئېروغا مۇبارەك بولسۇن پىرلوغا مۇبارەك بولسۇن ...
نۇمۇر تەڭ ھالەتتە چېمپىيون بولغان بولسا تېخى ئىش باتتىدە
لېكىن شۇ مۇسابىقىدىن كېيىن قارىسام كۆپ قسىم مىلان مەستانىلىرى مۇسابىقىدىن كىيىنكى مېكىس بىلەن ئىبرايىم ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرىزگە بەك يۈزەكى قاراشتا بوپ قاپتۇ،مىلانمۇ پىرلو ئۈستىدىن ئەرىز قىلدى،لېكىن مۇشۇ ئەرىزنى كىم سورايدۇ،يەنە شۇ 6 يىل بۇرۇنقىلار سورايدۇ، بۇ ئەرىزلەر قەستەن قىلىنغان ئەرىزلەر ....بۇنى قانداق قىلىسەن قېىنى كۆرۈپ باقايلى دىگەن ئىش خالاس.....
شۇ ۋاقىتتا مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ،كىيىن كىرسەم بىر تارىمىنىڭ قارىشى باشقىچە ،قالغانلار ھەممسىى رىپىر بىلەن بۇففېننى تىللاپ چۈشۈپتۇ...
توپنى 22 ئادەم مەيداندا ئوينىغان بىلەن مەيدان سىرتىدا ئۇنىڭدىن كۆپ ئىشلار بار....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 20:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش