ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 374 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سىلىنىڭ سەللا ئېغىر گەپنى كۆتۈرەلمەيدىغان ناھايىتى «تىنچلىقپەرۋەر »«تارتىنچاق» ئىنتېرچى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ سېسىق دۇفۇ دەك «تاتلىق» گەپلەرنى قىلماي بوپتۇلا دەپ كىنونى ئاخىرلاشتۇرغانىدىم ، |
مەن خېلى گەپنى كۆتىرىمەن، گەپ كۆتىرىپ باشتىن - ئاخىر ھەرقايسىڭلارنى ئاقچى - كۆكچى دەپ باقمىغان ئىدىم، مۇشۇ تېمىدا دىيىلىپ كېتىپ قالدى. « تىنىچلىقپەرۋەر» «تارتىنچاق» دېگەنلەرنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويغانغا قارىغاندا ئەكىس مەنىدە ياكى كىنايە قىلىۋاتقان ئوخشايسىز، ئىختىيارىڭىز، گەپ بولسا دەۋېرىڭ، بىز ئۇيغۇرلاردا :« ئىش يۈزدە، گەپ تۈزدە » دەيدىغان گەپ بار. ماۋۇ يەردە سەتلەشمەي دەپ ئالدى بىلەن مەن توختىۋالغان ئىدىم، بوپتۇ سىزنىڭ توختىۋالغانلىقىڭىزنى مەن بىلمەي قالغان ئوخشايمەن، مەندىن ئۆتتى.
قارىسام «تاتلىق»گەپلەرگە باشقىچە ھېسياتىڭىز باركەن ، كەمىنىمۇ تارتىنمىدىم ئەمىسە |
مەن بىرسىدىن گەپ ئاڭلاشنى تىلەپ تاپىدىغانلاردىن ئەمەس، خېلى ئۆزۇمنى توختاتقان، ئىشنىڭ باش - ئاخىرىنى ئويلايدىغانلاردىن، لېكىن بىرسى زادى گېپىم بار دېسە ھەم يانمايمەن، تارتىنماي دېۋېلىڭ، ئىچىڭىزدە قالسا دۇشمەنلىشىپ قالىمىز، دەۋەتسىڭىز كېتىدۇ، يەنە بىر كۇن كەلسە قول بېرىشىپ ئاداش بوپ قالىمىز.
مىلانغا ئۆچ دېگەن يەرگىچە مىلاننى چۈشۈرىدىغان گەپلەرنى قىلمىدىڭىز ؟ تېمىڭىزدىن ۋە 3-بەتتىكى ئىنكاسلىرىڭىزدىنلا مىىلانغا ۋە مىلانچىلارغا نەشتەر سانجىغىلى ئاران تۇرغانلىقىڭىز مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ ، ئىنتېرنىڭ تېمىسىدا مالدىنىنىڭ گېپى نەدىن چىقىپ قالدى ؟ |
نەشتەر سانجىغىلى ئاران تۇرمىغان، شۇنداق بىلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ھەم نەشتەر سانجىشقا ئارانلا تۇرۇپسىز دېگەن گېپىڭىزدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، تېخى نەشتەر سانجىماپتىمەن؟ « تۇنۇگۇن يولدىن بىرسى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپتى، يامان ئۆلتۇرۋىتەي دەپ ئويلىغان، لېكىن ئۆلتەرمىگەن » بۇنىڭغا جىنايەت، خاتا - توغرا كەتمەيدۇ، چۇنكى مەن دېمىسەم كىم بىلىدۇ؟ مالدىنىنىڭ گېپىنى مەن چىقارمىدىم، چىقىرىپمۇ باقمىغاندىمەن دەپ ئويلايمەن.
4- قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزغا چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋەتكەنىدىم ، قايتىدن كېلىلى |
تېمىنى باشتىن قايتا ئوقۇپ ئىنكاسلىرىمغا قاراپ كەلدىم، تاكى 4- بەتكە قەدەر مەن ھېچقانداق باشقا ئەمەس مەنىدىكى گەپلەرنى دېمەپتىمەن : 1- ۋە 2 - بەتلەردە ھېچقانداق ئىنكاسىم يوقكەن، 3 - بەتتە سىزنىڭ ئىبرايىموۋىچ ۋە باتىستا توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزغا نەقىل قىپتىمەن. لېكىن بۇ يەردە مىلان ياكى سىز توغرىسىدا ھېچقانداق شەخسىيەتكە تېگىدىغان گەپ يوقكەن. ئارقىدىن ئوغلانىنىڭ گېپىگە جاۋاپ يېزىپتىمەن، ئاستىغا يەنە مىلەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپتىمەن، 4 - بەتكە كەلگەندە كەلگەندە سىز ئىنتېرنى چۇشۇردىغان گەپنى قىلغاندىن كېيىن مەن ئاستىغا ئاۋۇ «جىڭ گەپنى دەۋېرەي - جاھاندا ھەممىدىن مىلان بىلەن يۇۋېنتۇس ئىككى كۇلۇب بىلەن خوشام يوق، لېكىن يۇۋېنتۇسنىڭ مەستانىلىرى ھەر ھالدا گەپ قىلىپ گېپىمىزنى بىلىشكىلى بولىدۇ، ئەمما مىلاننىڭ لوڭقىغا كۆمۇلۇپ كەتكەن مەستانىلىرى بىلەن دېيىشكەن گەپنى قىلچىلىك چۇشەنگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ دەۋاتقان گېپىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى مەڭگۈ يوق، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا، لوڭقىمىز جىق دەيدۇ، لېكىن قانچىلىك لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقىنى جىڭ ئويناپ ئالغانلىقىنى كىم بىلىدۇ، گاتتۇسۇغا ماتىرازنى، زانىتىغا مالدىنى سېلىشتۇرۇشقا ئاماق، لېكىن گاتتۇس قانداقمۇ لۈكچەك مىجەز ماترازغا تەڭ تۇرالىسۇن، يالغان توپ ئويناش، ساختا مۇسابىقە سەتچىلىكىگە ئاز چېتىلدىمۇ؟ يېقىندا تېخى تەكشۇرۇلدى ... مانا مۇشۇنداق ~~~~ لېكىن ئىنتېرنىڭ مەستانىلىرى ھېچ بولمىغاندا ئالغان لوڭقىنىڭ جىڭ ئىكەنلىكىگە مەيدىسىگە مۇشىتلىيالايدۇ، مىلانلىقلار قىلالامدۇ؟ يا خاتا بولاپ قالدى، قىلالايدۇ، يۈزىنى قېلىن قىلىپ تېخى ئىنتېر ئىتالىيە بىرلەشمىسىنى تۈگەشتۇردى دەيدىغانلار» ئىنكاسنى يېزىپتىمەن، دەل مۇشۇ يەردە مەن ئىتتىكلىك قىلدىم، مەندىن ئۆتتى.
بجاھاندىكى ئەڭ بىچارە مەستانىلەر ئىنتېرنىڭ مەستانىلىرى دېسەك توغرا بولىدۇ . سەۋەبىنى مەندىن ياخشىراق ئۆزىڭىز بىلىسىز. |
ماۋۇنى پۇتبول كۆرۇپ باققان ئادەملەرگە دېمەڭ، ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
ئارقىدن چىشلەيدىغان ،تالايدىغان ئىشلارنى ئەڭ قاملاشتۇرىدىغىنى يەنىلا ئىنتېر ۋە سىزدەك ئىنتېرچىلار ، ئالدىدىن پەشۋا ئېتىپ قويۇپ كەينىدىن سەن بىلەن تەڭ بولمايمەن دەپ ئىككى قولىنى سوزۇپ دۈم يېتىپ بېرىشتە مۇنبەردە سىز بىلەن تەڭلىشەلىگۈدەك بىرەرىنى كۆرۈپ باقمىدىم . تور ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىڭ ؟ |
ئارقىدىن چىشلەيدىغان، تالايدىغان ئىشلارنى مەن قىلىپ باقمىدىم، ئارقىدىن چىشلەيدىغان ئىش بولسا ئىدى، بۇ مۇنبەردە ( ھەممە ئادەم كۆرىدىغان يەردە ) ئەمەس، كوچا كويلاردا، ئۇ يەر بۇ يەرلەردە دەيتتىم، ئەزەلدىن بىرسىگە سەۋەبسىز پەشۋا ئاتىدىغان ئوغاۋالا ئەمەسمەن.
سىزنىڭمۇ نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئېنىقتىن ئېنىقلا ئىنتېر كۇلۇبىدىن قالغان ئۇدۇمغۇ ئۇۋۇ ، سەن تاز دېگۈچە مەن دەۋالاي دېگىنىڭىزما بۇ |
ماۋۇنى مەن ئاچچىقىمدا دېگەنگە ياندۇرۇپ بەرگەنلىكىڭىز دەپلا چۇشەندىم.
ئىككى گەپنىڭ بىرى بولماي تۇرسا رەئىسنى ، سىياسىنى سۆرەپ چىقىسىلەر ، مىلانچىلار بىلەن قىزىرىشىپ قالساڭلار لوڭقا ئۈچۈن مەستانە بولغان دەپ ما+زاق قىلىسىلەر ئادەمنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرۈپ ، بايا دېدىم ، قايسى زەردار ئاتالغان كۇلۇبنىڭ لوڭقىسى يوقكەن ؟ |
ئىنتېرنىڭمۇ بار، باشقا زەردارلارنىڭمۇ بار، مىلان مەستانىلىرى تولىراق تىلغا ئالغاچقا، شۇنداق تۇيۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ ماڭا....
مىلانچىلار لوڭقا سارىڭى بولسا مادىرىتچىلارنى نېمە دەمىز ئەمدى ؟ يۇقارقى مىلانچىلارنى كوچىغا چىقىپ قالغان قىزغا ئوخشىتىپ قىلغان ھاقارىتىڭىز بىر بىچارە بايقۇشنىڭ ئىچىدىكى دەر-ئەلىمىنى ئاچچىق بىلەن چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس | .
ماۋۇ گېپىڭىزگە قوشۇلىمەن، ئاچچىقىمدا دېگەن گەپلەر ئىدى.
مەخسىدىمنى بىلمىگەن بولسىڭىز ئېنىق بىر دەي بىلىۋېلىلىڭ : ئەسلى تېمىدا ھېچقانداق مەخسەدنى ئىپادىلىمەكچى ئەمەس ئىدىم ،ئىنتېرچىلارنىڭ كېيىنكى يازمىلىرى شۇنداق بىر مەخسەدنى دېيىشكە مەجبۇرلاپ قويدى ...___ ئېنىق دېمەكچى بولغۇنۇم تېمىدا يازغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى بىر تالاي سەپسەتە ھەم بىمەنىلىك. قايسى زەرداردا ئىنتېردا بار نەرسە يوقكەن ؟ |
ماۋۇ گېپىڭىزگە راسمىي كۇلۇۋېتەي، كۈلمىسەممۇ كۈلگىم كەلدى، بۇ مېنىڭ ئىنتېرنى ياخشى كۆرۇشۇمدىكى سەۋەبلەر ئىدى، باشقا كۇلۇبلاردا بار بولسا مېنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق، بۇ تېمىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى :« شۇ سەۋەبلەر بىلەن مەن ئىنتېرنى ياخشى كۆرۇپ قالغان» ھەرگىزمۇ سىز خۇدىكسىراپ چۇشىنىۋالغان « تېمىدا دېمەكچى، ئىنتېردا بار، باشقىلاردا يوق ...» ئەمەس. باشقىلاردا بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ئەمەسمۇ؟ مەن يا تېمىدا مىلاندا يوق، مادرىتتا يوق... يا مىلان ئانداق مانداق دەپتىمەنمۇ؟
ئىنكاسىڭىز قانداق ئاھاڭدا چىقسا شۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ ئىنكاس قوبۇللايسىز ، گەپ سۆزلەردە دېھقەت قىلغان ياخشى ، بولمىسا ھېلىلا ئۇيغۇر تۇرۇپەي ، ئۇنداق تۇرۇپەي دەپ توقىناق بالاغا بىز قېلىپ سىلەر ئېسىلزادە مۆتىۋەر بولىدىغان ئىش چىقىدۇ !~~! |
ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ يوقتۇر قىممىتى، سەمىمىي تەكلىۋىم : ئەپۇچانلىق، ئېغىرلىق ئىنساننىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىدىندۇر، باشقىلار بىرنى قىلسا، چۇقۇم بىرنى قىلىۋالىمەن دەيدىغان ئىدىيىدە بولماڭ، مۇھەممەت ئەللىلاھۇ سەلەيھۇ ۋەسسالامنىڭ :«دۇشمىنىڭ قىلمىغاننى قىلىپ ئۇيۇلدۇر» دەيدىغان ھەدىسى بار ئەمەسمۇ؟
ئاخىردا قوشۇپ قوياي : « ھەر كىشنىڭ ئۆز ياقتۇرىشى بولىدۇ، ئۆزى ياقتۇرغاننى ماختىغانلىق، باشقىلار ياقتۇرغاننى چۇشەرگەنلىك ئەمەس، پەقەت پەزىلەتسىز كىشى ئىدىيىدە مۇستەبىتلىك قىلىپ، ھەر قاچان ھەممە ئادەمنى ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، باشقىلار ئۇ ياقتۇرغاننى ياقتۇرماي، ياقتۇرمىغاننى ياقتۇرسا ھامان ئەخمەق بىلىنىدۇ ... بولدى تالاشمايلى، لېكىن مىلەننى ياقتۇرمايدىغانلىقىم راىست، سىزنىڭمۇ ئىنتېرنى ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىز ئېنىق، شۇڭا مەن مىلەن توغرىسىدىكى تېمىلارغا گەپ قوشمايمەن ( ئىنتېرنى چۇشەرمىگەن بولسىلا) چۇنكى كىشى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان نەرسىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىسلا ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، ھىسيات بىلەن قىلىنغان ئىشنىڭ ئاخىرى كۆڭۇلسىزلىكتۇر.... » مەندىن ئۆتتى، كەچۇرۇڭ. |
|