ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2183 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئالبېنىنى مەشنىڭ ئۈستىدە قويۇپ قىزىتىپ يەيدىغان باللا كۆپ جۇمۇ
ئالدىنقى قېتىم بىر لاتارىيەچى ئىنتېرنىڭ ئۇتۇشىغا ئېلىپ ئۇتتۇرىۋەتتى ،ئەگەر ئۇتتۇرىشىغا ئالغان بولسا ئۇتاتتى ......
بەزىلەرنىڭ ئەگەر ئۇنداق بولسا ... ئەگەر مۇنداق بولسا دېگەن گەپلىرىنى كۆرسەم كۈلگۈم كېلىدۇ ، «ئەگەر»نى مۇنبەردە خەت يېزىپ ئىشلەتكىلى بولغان بىلەن پۇتبول مەيدانىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ . كەمىنىمۇ ئا Q لارچە ئەگەرلەپ باقسام _ ئەگەر مالدىنى ئىنتېر مەستانىسى بولۇپ ئىنتېردا بولغان بولسا بىر ئۆمۈر لوڭقىسىز ئۆتۈپ كېتىشى ، بىر ئۇلۇغ كوماندىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالاتتى.
يەنە ئەگەر مالدىنى ئىنتېر مەستانىسى بولۇپ ئىنتېردا توپ تەپكەن بولسا يۇۋىنتۇس ،مىلانلارنىڭ بىر نەچچە لوڭقىسى ئاز بولغان بولۇشى ،چىمپىيونلۇق ئۈچۈن تېلفۇن ۋەقەسىنى ساقلىماسلىقى ، 6-0دېگەن قارا ئىنتېرنىڭ يۈزىگە سۈرتۈلمىگەن بولاتتى ...
ئەگەر دەپ سۆزلىگىلى تۇرساق گەپ دېگەن مۇشۇنداق چىقىۋېرىدۇ . ئۇنىڭدىن ئەمىلىيەتكە قارىغان ئەۋزەل ، زانېتى ئىنتېردا توپ ئويناپ ھەقىقەتەن ئىنتېرچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى ، ئەگەر ئارگىنتىنالىقنىڭ مەخسىدى ئىتالىيانلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش بولسا ئۇ ئاللىقاچان مەخسىدىگە يەتتى .
مالدىنىنىڭ ئوتتۇرا بارماق ۋەقەسىنى شە موللام بەك كۆپتۈرىۋەتتىمۇ ياكى مەن خاتا ئاڭلىۋالدىممۇ ؟ بىلىشىمچە ئەينى ۋاقىتتا بەزى مەستانىلەر «سەن مەڭگۈ بارېسىغا يېتەلمەيسەن»دېگەندە مالدىنى ئۇلارغا قارىتىپ ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقارغان !~~~!
ئۈستىدىكى بىر ئىنكاس توغرا بوپتۇ ، مالدىنى بىلەن زانېتىنى سېلىشتۇرۇش ئاسان ئەمەس . سادىقلىق ۋە مىلان شەھىرىدىكى مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورۇن جەھەتتە مالدىنى زانىتىدىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرىدۇكى تۆۋەن تۇرمايدۇ . شان-شەرەپ جەھەتتە زانېتى مالدىنىغا يېتىشىش ئۈچۈن يەنە كەم دېگەندە ئون يىلچە مۇسابىقە ئويناپ ئۈزۈلدۈرمەي لوڭقا كۆتۈرۈشى كېرەك . ئىككىسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى رولى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق !~~! |
|