akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: vieri

===كەمسىتىش ئىچىدىكى زەپەر ساداسى===

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-3-19 23:14:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 53قەۋەتتىكى دونادە2011-03-19 22:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئۇيغۇر توپ ئاكىمىزغا خەت :
مېنىڭ بەزىدە ئىنتېر توغۇرلۇق پو ئاتقىنىم راس...ئەمما قارىسىغا پو ئاتمايمەن....ئاتقان پولىرىممۇ ( پو دەپلا ئىشلىتىۋېرەي )    ناھايىتى توغرا چىقىۋاتىدۇ، ئەمما ئاتقان پولىرىمنىڭ سىزگە ئۇنداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەسمىكىن،سىز مانچېستىر ۋە مادىرىد مەستانىسىكەنسىز ، ئىنتېر بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتىمۇ يوق،چۈنكى بۇ پەسىل ئىنتېر سىزنىڭ ئۇ ئىككى كۇلۇبىڭىز بىلەن مۇسابىقىلەشكىنى يۇق، سىزدىن سوراپ باقسام سىزنىڭ كوماندىلىرىڭىز توغرىسىدا مەن ھېچقاچان قالايمىقان گەپ قىلماپتىمەن،بەزىدە نىمىشقا ئىنتېرغا بۇنداق چېچىلىسىز ؟ بەلكىم سىز يەنە ئاشۇرىۋېتىدىكەنسىز دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ ئۇ ئىنكاسلىرىم ھېچقاچان ئېشىپ كەتكەندەك ئەمەس، ئىنتېر بىلەن بايرېننىڭ مۇسابىقىسىدە مەن باشتىلام بايرېن ھەرگىز ئىنتېردىن ئۆچ ئالالمايدۇ،ئەكسىچە بىز يەنە ئۇلارنى جايلايمىز دەپ ئېيتقان..... چۈنكى مەن بۇنىڭغا ئىشىنەتتىم، بۇندىن كېيىنمۇ ئاتقىدەك پو بولسا ئېتىۋېرىمەن،چۈنكى ئىشەنچىم بولسىلا ئاتىمەن....چۈنكى مەن ئىنتېر مەستانىسى.....سىزنىڭ بەزىدە ئىنتېر ئاق ئىنتېر كۆك دېسەم ئاپىرىپلا تېلىفۇن ۋەقەسىگە ئاپىرىدىغىنىڭىزغا قەتئىي ئىچىپ پۇشۇپلا قوپىدۇ،يەنە بىر نەچچىسى بار، ئىنتېرنىڭ تېلىفۇن ۋەقەسى بىلەن زور ئالاقىسى بار،موراتتىنىڭ ئالاقىسى بار،يۇۋېنتۇس تەرەپ سوتقا مانچە مىنۇتلۇق دوكلات تاپشۇرۇپتۇ،ئەگەر ئاشۇ ئېنىقلانسا ئىنتېر ئاق ۋەيران بولىددۇيەي،كۆك بولىدۇيەي دەپ....توۋا دەپ قالدىم..... 2006-يىلىدىن بۇيان موجى باشچىلىقىدىكى شەرەپسىزلەر ھارماي ئىنتېر ئۈستىدىن ئەرز قىلىۋاتىدۇ..مەقسىتى ئىنتېرنى يىقىتىش،ئاشۇ يىلىدىكى لوڭقىنى قايتۇرۇۋېلىش...ئۇلار نىمىگە ئېرىشتى..شۇ يەنىلا ئاشۇ موجى قېرىنىڭ ۋالاقشىغىنى بولدىغۇ خالاس........ بۇندىن كېيىن ئىلمىي مۇنازىرىلەشسەك...ئىنتېر ئاق،ئىنتېر كۆك دەپ قارغايدىغانلاردىن جاق تويدۇم...... بۇنداق دېسەم مېنى باشقا كوماندىلارنى قارغىمايدىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭ..مەن ئۆچلەرمۇ بار....... ئەمما ئىنتېرنىڭ لوڭقا ئېلىپ كۆرەلمىگەنلەرنى..بۇغۇ مەيلى ..ئاشۇ ئاپىرىپ ئىنتېر ۋە موراتتىلارنى سۆرەپ ئېپچىقىپ تېلىفۇن ۋېەقەسىدە بۇلار باش جىنايەتچى دەپ بۆھتەم چاپلىشىشىغا جاق تويدۇم.....تۈزۈك بىر ئاساس كۆتۈرۈپ چىقسىچۇ دەيمەن.....
بوھتان ئەمەسقۇ،ھازىرمۇ تەكشۇر ۋاتىدۇ....
بىركىم تىخى بىر كوماندىنى قاغىغىنى يوق...چۇشىنىپ ئۆتەپ كىتىپسىز....
مەن سىزگە دىدىم مەن پۇتبولنى خۇشاللىق ئۇچۇن كۆرىمەن،قانداقتۇر بىر كوماندىغا قىزىقىش ئۇچۇن ئەمەس!
ھاھا!!!!!!!!مەن ياختۇردىغان كوماندىلار بىلەن مۇشابىقىلەشسە سىز بىلەن مۇنازىرلىشىپ بولمىسا ئىشىمنى قىلىپ يۇرەمدىم،ما گەپنىئ........
مۇشۇگەپلىرىڭىزدىن كىمنىڭ قانداقلىقى چىقىپ تۇرىدۇ،دىدىمغۇ مەستانە بولسىمۇ جايىدا ،كەمتەر بولۇڭ،سوزلىسىلا ھىاب ئەمەس....
ھەم تىگى بار شۆز ئىبارىلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ،ئوزىڭىزنى كۆرسىتىشكەتىرىشماڭ،ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.
مەن بىرنەچچە ئىغىز توغرا گەپ قىلسام سىزگە مۇش بولۇپ تىگىپ كىتىپ قاپتۇ،ياخشىسى مەن خاتا گەپ قىلماي.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:17:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنازىرە بىر يەرگە بارغاندا سۆز قوشۇش توغرا كېلىپ قالدى :

1. كۇلۇبنىڭ قۇرۇلىشى :
كۇلۇب 1908 -يىلى مىلەننىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىتالىيە ۋە شىۋىتسىيىلىك توپچىلار كۇلۇبنىڭ ھەدىدىن زىيادە ئەنگىلىيىلىشىپ بېرىشىغا بولغان نارازىلىقى تۇپەيلىدىن ئايرىلىپ چىقىپ قۇرۇلغان ۋە ئىككى يىلدىن كىيىن تۇنجى چىمپىيونلۇقنى ئالغان.
كۆرۇۋېلىش تەس ئەمەسكى كۇلۇبنىڭ ئەنئەنىسى - كۈچلۇكلەردىن قورقماسلىق ۋە ئېتىبارسىزلىق، كەمسىتىلىشكە بولغان قارشىلىقتىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇنداق بىر ئەنئەنە سەۋەبىدىن قۇرۇلغان بىر كۇلۇب دۇنيادىكى نۇرغۇن باشقىلار تەرپىدىن ئېتراپ قىلىنمىغان توپچىلارنى قۇشۇۋېلىپ كەلدى.

2. دائىملىق ھۇجۇم :
1940- يىلى ئىتالىيە فاشىستىك ھۆكۇمىتى مەجبۇرى ھالدا كۇلۇب ئىسمىنى :«A.S. Ambrosiana» غا ئالماشتۇرغۇزغان ۋە ئىتالىيىدىن چىققان تۇنجى دۇنياۋى چولپان مىئاززانى مەجبۇرى ھالدا مىلانغا يۆتكىگەن. ( ئىشەنمەيدىغانلار http://baike.baidu.com/view/2243.htm دىن كۆرۇڭ) ھالبۇكى بۇ تۇنجى دۇنياۋى چولپان مىلانلىقلارنىڭ ئېتراپ قىلىشغا بۇگۇنگىچە ئېرىشەلمىدى، ئېرشكەن بولسا ئىدى، مىلان شەھەر ھۆكۇمىتى تەرپىدىن بېكىتىلگەن قانۇنلۇق مەيدان نامى ئىشلىتىلگەن بولاتتى.

دائىم مېدىئالارنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئىنتېرغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى كۆرۇپ تۇرىمىز:« قاراڭغۇ ئۆڭكۇر» شۇ ۋاقىتلاردىكى مىساللاردىن بىر قەدەر گەۋدىلىكلىرىدىن بىرسى، بۇنى بۇرۇنقى بىر تېمامدا تەھلىل قىلىشىپ بولغان، دېسەم يەنە شۇ.
« مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» ئۆتكەن يىلى «دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا يۇمۇر - ئىنتېر مىلان » دېگەن تېمىدىكى خەۋەردە مۇنداق دەيدۇ:« ئىنتېرنىڭ نىشانى ئۇزغۇنلۇق؟ ئەڭ يومۇر گەپ مۇشۇ بولدى، كاللىسى قىزىپ كەتكەن مۇرىنىئو ئەڭ قىسقا يۇمۇرنى يازدى » دەيدۇ، ناھايىتى ئەپسۇس ئىنتېر ئۆتكەن يىلى :« دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا يۇمۇر - مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» دەپ تارىخ بېتىگە يازدى.

«دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىدە ياخشى ئوينايدۇ، دۆلەت سىرتىدىكى مۇسابىقە نەتىجىسى ناچار» - مانا مۇنداق گەپلەرمۇ بار - مىسالەن ئالايلۇق مانچىستىرنىڭ قانچە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى بار؟ لېۋېرپولنىڭ قانچىسى بار؟ ئارسىنالنىڭ قانچىسى بار؟ بارسالونانىڭ قانچىسى بار؟ ئوخشاش بىر بىرلەشمىدىكى يۇۋېنتۇسنىڭ قانچىسى بار؟

«ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبى ئىنتېرنىڭ چىمپىيون بولىشى» - نەقەدەر قاملاشمىغان لوگىكا ياكى مەن ئىتالىيىلىك بولمىغاچقا ئىتالىيە دۆلەت ئەھۋالىنى چۇشەنمىگەچكە شۇنداق ئويلاپ قالدىممۇ؟

ئەڭ ئاخىرىدا قۇشۇپ قويىدىغىنىم مۇنداق بىر ئەسلىمە : 5 - 6 يىل بۇرۇنقى بىر قىش كۇنى كەچ، يۇۋېنتۇس بىلەن ئىنتېرنىڭ مۇسابىقىسى - مۇسابىقىدىكى داڭلىق رېپىر پاپالېس مىئاززا مەيدانىدا قۇلىغا «ئالتۇن پۇشتەك »نى ئېلىپ مۇسابىقىگە رېپىرلىق قىلىۋاتىدۇ، ئادىرىيانو ئۇرغان توپ چۇشتى، مەن سەكرىدىم، خۇشاللىقىم ... ئەپسۇس رېپىرنىڭ پۇشتىكى قايتىدىن ئاڭلاندى، داڭلىق رېپىرنىڭ چۇشەندۇرشىچە بۇ بىۋاستە ئۇرۇلدىغان ئىختىيارى توپ ئەمەس، ۋاستىلىك ئۇرۇلىدىغان ئىختىيارى توپمىش، ئىنتايىن ئەجەبلىنەرلىك بىلەن قۇيۇلغان يەنە بىر ئىختىيارى توپ يۇۋېنتۇسقا بېرىلدى ... مانا مۇشۇنداق ئۇيۇنلار قانچلىك داۋاملاشتى ھە؟!

مانا 5يىلدىن كىيىنكى ئۆتكەن يىلى پەسىل بېشىدىلا تېخى - باشقىلاردىن 4كۇن كام دەم ئېلىپ پەسىل باشلىدۇق، 4 ئادەم كام ئەھۋال ئاستىدا ... نۇرغۇن كىشىلەر مۇسابىقىگە بالدۇرلا پۇشتەك چېلىشتىن توختىغان پاپالېستادىن قالماشتۇرۇپ ئويۇن باشلغان ئىدى، ئىنتېر قىيىن كۇنلەردىن يەنە ئۆتۇپ كەتتى، مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن كۇنلەر كەلسىمۇ باش ئەگمەسلىك ئىنتېرنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، ھەر بىر ئىنتېر مەستانىلىرىنىڭ قېنىغىمۇ سىڭىپ كەتسۇن، قېنى ئىنتېرلىقلار پۇتبول مۇنبىرىدىلا ئىنتېرغا چاۋاك چالماي، تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئىنتېر مەستانىلىرىدەك قىيىن كۇنلەردە، بېسىلىشلاردا مەيدىمىزنى تىك تۇتۇپ تىرىشايلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:17:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر توپ ئاكىمىزغا :
ۋاي ۋۇي بولدى تالاشمايلى...... يەنىلام شۇ ئۆزىمىزنىڭ دىگىنىنى راست قىلىدىكەنمىز......

سىزنى رەنجىتكەن يېرىم بولسا كەچۈرىۋېتەرسىز........      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 61قەۋەتتىكى ئۇيغۇر توپدە2011-03-19 23:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

بوھتان ئەمەسقۇ،ھازىرمۇ تەكشۇر ۋاتىدۇ....
بىركىم تىخى بىر كوماندىنى قاغىغىنى يوق...چۇشىنىپ ئۆتەپ كىتىپسىز....
مەن سىزگە دىدىم مەن پۇتبولنى خۇشاللىق ئۇچۇن كۆرىمەن،قانداقتۇر بىر كوماندىغا قىزىقىش ئۇچۇن ئەمەس!
ھاھا!!!!!!!!مەن ياختۇردىغان كوماندىلار بىلەن مۇشابىقىلەشسە سىز بىلەن مۇنازىرلىشىپ بولمىسا ئىشىمنى قىلىپ يۇرەمدىم،ما گەپنىئ........
.......

ھازىر تەكشۇرۇۋاتقىنى ئىشنىڭ جەزىملەشكەنلىكىنى بىلدۇرمەيدۇ، قانۇندىمۇ ئادەم ئۆلتۇرگەن قاتىل بولسىمۇ سوت ھۆكۇم ئىلان قىلغۇچە ئۇنى جىنايەتچى دېمەيدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:20:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىتتەك پىكىر تونۇش...قوللايمەن.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:21:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما مەن بىر ئىشقا ئىشىنىمەنكى تېلىفۇن ۋەقەسىدە ئىنتېرنىڭ جىنايىتى بار دېسە مەن قەتئىي ئىشەنمەيمەن......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 54قەۋەتتىكى ئوكودە2011-03-19 22:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
موجى باشچلقدىكى يۇۋنتۇسىنىڭ تىلفۇن ۋەقەسىنى قايتا كۆتۇرۇپ چىقىپ  ئەرز قىلىپ يۇگىلى  ئۇزاق بولدىما ..؟  تىخى  ئۆتىكەندە چىققان گەپىلەرغۇ .؟  موجنڭ ۋاختى توشقىلى ئۇزاق بولماي تۇرۇپ قانىداق بولۇپ يىلىدا ئىنتىر تۆپسدىن پىتىنە -ئىغۋا تارقاتقان ،قانىداق قىلىپ ئەرىز قىلىپ يۇرگەن ھەم ئەرزى ئاقىمىغان بولدۇ ..؟  موجىنىڭ چەكىلەش ۋە سولاق مۇددىتى  توشىماي تۇرۇپ  قانىداق بولۇپ ئىنتىرنى ئۇلىنى كولايىدۇ ..؟  ئارنى جەمەتىدىن ھەقىقەتەن بەك تەشۋشلىنەمسىلە يە ..؟

ئۆتكەن يىلىمۇ چىققان، بۇ يىلمۇ چىقتى، چىققاندىمۇ ئىنتېر تازا بەيرېن بىلەن ئوينايدىغان چاغدا چىقتى ...

ئورىنى كولىغان كولىمىغان بولسۇن ئۇيغۇردا : ئورىنى كىم كولىسا شۇ چۇشۇدۇ دەيدىغان ماقال بار.
بىر گەپنى قۇشۇپ قويغۇم كېلىپ قالدى : بىر كوماندىغا بولغان ئامراقلىقنى باشقا بىر كوماندىغا بولغان ئۆچمەنلىك بىلەن ئىپادىلەشكە مەن قارشى، سىز قانداق قارايسىزكىن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:24:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئېنتىرنى ياقتۇرغان ۋاقتىمدا ئۇلار «قارا ئۆڭكۈر» دىيىلەتتى، مەن ئېنتىرنى ياقتۇرغان ۋاقتىمدا ئۇلار شان-شۆھرەتكە ئىنتىلەتتى، نامۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن قولغا ئالمىدى.
ئېنتىرنى ياقتۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتىگە ئەمەس، پەزىلىتىگە قىزىققانلار. 98-يىلدىن باشلاپ ئېنتىرنى ياقتۇرۇپ كەلدىم، ھەقىقى مەنىدىكى شان-شۆھرەتنى تېخى بۇلتۇرلا كۆردۈم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:28:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 67قەۋەتتىكى tunuxدە2011-03-19 23:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :


ئۆتكەن يىلىمۇ چىققان، بۇ يىلمۇ چىقتى، چىققاندىمۇ ئىنتېر تازا بەيرېن بىلەن ئوينايدىغان چاغدا چىقتى ...

ئورىنى كولىغان كولىمىغان بولسۇن ئۇيغۇردا : ئورىنى كىم كولىسا شۇ چۇشۇدۇ دەيدىغان ماقال بار.
بىر گەپنى قۇشۇپ قويغۇم كېلىپ قالدى : بىر كوماندىغا بولغان ئامراقلىقنى باشقا بىر كوماندىغا بولغان ئۆچمەنلىك بىلەن ئىپادىلەشكە مەن قارشى

.......


تونۇش دۈشمەننىڭ ماۋۇ گېپى ماڭا ياقتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:28:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 68قەۋەتتىكى xamxadدە2011-03-19 23:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مەن ئېنتىرنى ياقتۇرغان ۋاقتىمدا ئۇلار «قارا ئۆڭكۈر» دىيىلەتتى، مەن ئېنتىرنى ياقتۇرغان ۋاقتىمدا ئۇلار شان-شۆھرەتكە ئىنتىلەتتى، نامۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن قولغا ئالمىدى.
ئېنتىرنى ياقتۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتىگە ئەمەس، پەزىلىتىگە قىزىققانلار. 98-يىلدىن باشلاپ ئېنتىرنى ياقتۇرۇپ كەلدىم، ھەقىقى مەنىدىكى شان-شۆھرەتنى تېخى بۇلتۇرلا كۆردۈم.

مەنمۇ دەل شۇنداق. ئەلۋەتتە ئۆتكەن يىلقى ئۇزغۇنلۇقنىڭ چىمپىيونلىقىنى ئالغاندا كۆزۇمگە ياش كەلگەن ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:34:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 41قەۋەتتىكى دونادە2011-03-19 19:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

كىمۇ ما بۇرادەر...... ئەسلى سوككېر شۇمۇ يا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ گەپكە تولا قۇشۇق ساممايلى ......
يارايسىز ، غەرەزلىق ياخشىچاق بولىمەن دەيدىغانلارغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-19 23:36:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاچاندىن بېرى ئىنتېر مەستانىسى بولۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن......  ئېسىمدە قىلىشىچە باشلانغۇچ 1-يىللىققا چىققان يىلى،دەل 1998-يىلى ئىدى....مېنىڭ تۇرۇپلا مەكتەپتىكى چوڭ بالىلارنىڭ پۇتبول كىيىمىنى كىيىپ ئوينىشىنى كۆرسەم ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتىم..شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئانام بىلەن بىللە بازارغا چىقىپ پۇتبول كىيىمى كۆردۇق،تۇرۇپلام ماڭا كۆك قارا رەڭلىك بۇ كىيىم ماڭا يېقىپ قالدى،ئۆيگە كىيىپ كىرگىنىمدە دادام دەرھاللا :«ۋوي !!! مېنىڭ بالام ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىنتېرنىڭ كىيىمىنى كىيىپتىغۇ،ئىشقىلىپ قارا ئۆڭكۈر دىگىنى يادىمدا بار،چۈنكى دادامنىڭ پۇتبول توغرىسىدىكى بىلىمى مۇنبەردىكى ھەرقانداق بىرىڭلاردىن بېسىپ چۈشىدۇ، دادام دائىم ئىنتېر توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى،بۇ كوماندىنىڭ خىلىدىن بۇيان لوڭقا كۆتۈرمىگەنلىكىنى دەيتتى..... دادام تىپىك ناپولى مەستانىسى..... بولۇپمۇ مارادونا دەۋرىدىكى ناپولىغا بەكلەم ئامراق...... كېيىن مەن ئاستا ئاستا چوڭ بولدۇم،بالىلار مىلان دېسە مەن ئىنتېر دەپ يۈردۈم...ئەمما ئۇ بالىلارنىڭ دىيىشىچە ئىنتېر يارامسىزمىش...نېمىشقىدۇر بۇنداق دېسە كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى........ ئاخىرى بۇلتۇر 5-ئاينىڭ23-كۈنى بىز ئۇزغان بولدۇق..قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن...يىغلىۋەتتىم.... ئەتىسى دادامغا ئىنتېرنىڭ چىمپىيون بولغانلىقىنى دېدىم....... .......

ئىنتېر ....قەلبىمدىكى ئەڭ ئېسىل كوماندا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!1
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 08:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش