ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىنتېرغا يېڭىدىن قوشۇلغان تالانتلىق ياش كاستاينىئوسنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭدىن نىمىشقا مانچېستېر،بارېسلونالارغا قوشۇلماي(بۇ توپچىنى مانچېستىېر،بارېسلونا،ئىنتېر قاتارلىق نۇرغۇن زەردار كولۇبلار قوغلاشقان)،ئىنتېرغا قوشۇلغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ :«مەنچە ئىنتېر ئىزچىل كىشىلەرنىڭ تۆۋەن قارىشىغا ئۇچراپ كەلدى، ئىنتېر ئەسلى دۇنيانىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى كېرەك ئىدى، مېنىڭ قەلبىمدە ئىنتېر دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كولۇب»دېگەن. ئۇنىڭ بىر ئېغىز گېپى شۇنداق بىر كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ھەقىقەتنى قايتىدىن كىشىلەرگە نامايەن قىلدى:ئىنتېر بۇ شەخسىيەتچىلىككە تولغان دۇنيانىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىغا ،ھوقۇقدارلارنىڭ مەنسىتمەسلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن، گۇپپاڭچى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن بىر «تۆۋەن تەبىقىلىق قەھرىمان»!!
تۆۋەن تەبىقىلىق قەھرىمان دېگەن نېمە ؟ ئىقتىدارى، تالانتى،پەزىلىتى،نەتىجىسى بار ، ئەمما دائىم بۇ جاھاننىڭ يېتەرلىك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان كىشى ياكى مەۋۇجاتلىقتۇر. بۇ جاھاندا بەزىلەر تۇغۇلۇپلا باشقىلاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ، مەيلى ئۇ نەتىجە قازانسۇن ياكى قازانمسۇن،كەينىدە بىر ئوچۇم دېپىنى چالىدىغانلار ئۆسىمەيدۇ،ئەگەردە سەللا نەتىجە قازىنىپ قالسا ئەتراپى گۈل-دەستە ۋە ئالقىش سادالىرى بىلەن تولىدۇ.ئەمما جاھاندا يەنە بەزىلەر باركى، ئۇلارنىڭ تايىنىدىغان ھوقۇقدار تايانچىسى يوق، ياكى ئارقىدىن داقا-دۇمباق چېلىپ بېرىدىغان گۇپپاڭچىلىرى يوق، ھەتتا مۇھىم پەيتتە ھەمدەم بولىدىغان شېرىكلىرىمۇ يوق، ئۇلار ئۈچۈن ھەر بىر ئۇتۇق ، ھەر بىر نەتىجە قان تەر بەدىلىگە، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلغان كۈرەش بەدىلىگە،جەۋرۇ-جاپالار بەدىلىگە كەلگگن. ئەمما ئېچىنىشلىقى ،مەيلى ئۇلار قانداقلا تىرىشسۇن،قانداقلا نەتىجە قازانسۇن،باشقىلارنىڭ نەزىرىدە سىز يەنىلا ئاشۇ ئاتالمىش يۇقىرى تەبىقىلىقلاردىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان ئادەتتىكى كىشىلەردۇر. مانا بۇ ئىنتېرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قۇتۇلالمايۋاتقان كاج تەغدىرى.
ئۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ئەمىسە ئاۋۋال ئېتوغا قاراپ باقايلى. ئېتو كىم ؟ زامانىمىز پۇتبول ساھەسىدە ھەر پەسىلدە 20دىن ئارتۇق توپ ئۇرالايدىغان، ئۈچ قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا كىرىپ ھەممىسىدە غەلىبە قىلغان ۋە ئىككى قېتىم ھالقىلىق توپ كىرگۈزگەن ، يېىقىنقى يىللاردىن قايسىلا كوماندىغا بارسا شۇ كوماندىنى دۆۋە دۆۋە لوڭقا بىلەن توشقۇزىۋاتقان پۈتۈن ۋۇجۇدى تالانت ۋە غەيۇرلۇق بىلەن تولغان بىر توپچى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى زامانمىزدا ئېتوغا يېتىدىغان پۇتبولچىنى بارماق بىلەن سانىۋېلىشقىلا بولىدۇ. ئەمما مۇشۇنداق بىر توپچى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەرلىك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى، مۇشۇنداق بىر توپچىنى بەزى كوماندىلار بىر تېپىك بىلەنلا قوغلاپ چىقاردى ھەتتا ئىبراھىموۋىچ=ئېتو +46مېلىيونلۇق ئويۇنلاردىلا ئۇچرايدىغان كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان باھا بىلەن ئېتونىڭ پۇتبول ھاياتىغا ئەڭ نومۇسلۇق بىر بەتنى تەغدىم قىلدى ، كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى ئېتو ئار نومۇسقا چىداپ كۆرەش قىلىپ ، ئىنتېرنىڭ 5 شاھ بولۇشىدەك بۈيۈك نەتىجە قازىنىشغا زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ بۇ نومۇسنى يۇيالمىدى،پۇتبولچىلارنىڭ بىر يىللىق تىرىشچانلىقىنى تارتۇقلايدىغان مۇكاپاتلارمۇ داۋاملىق ئۇنى نەزىرىدىن يىراققا ساقىت قىلدى، بەزى نومۇسسىز كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنىڭ قەلىمىدە «ئىبراھىموۋىچ ئېتودىن كۆپ ئۈستۈن»دېگەندەك سۆزلەرنى مەتبۇئاتلارنىڭ باش بېتىگە تارتىنماي يېزىۋەردى . ئەمما ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئاق بۇغا مەيدانى (توتتىنھامنىڭ مەيدانى) ۋە ئەللىيەنز(بايرېننىڭ مەيدانى)دىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ۋىجدان ئىگىسى بۇ يەكۈنلەرنىڭ قانچىلىك كۈلكىكىك،نادان ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. نېمە ئامال؟! مانا بۇ ئېتونىڭ تەغدىرى، كىم ئېتونى ئافرىقىدىن كەلگەن «تۆۋەن تەبىقىلىق» بولۇپ قالسۇن دەپتۇ.
يەنە سىنەيدېرمۇ بار. سىنەيدېرنى جاھاندىكى ئەڭ تالانتلىق،قابىلىيەتلىك،ئەتراپلىق يېتىشكەن ھەم پىداكار ئوتتۇرا مەيدانلارنىڭ بىرى دېسەك ئارتۇق كەتمەس. ئەمما سىنەيدېر مۇشۇنىڭ بىلەن «يۇقىرى تەبىقە»گە كىرەلىدىمۇ ؟ ئاخىرى كېلىپ يەنىلا خانلىق مادىرد تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە سۈپۈرۈپ چىقىرىلدى، ھەتتا بىچارىنىڭ سۇ توشۇغۇچى بولساممۇ قالىمەن دېگەن سۆزلىرىمۇ ھاۋادىلا قالدى. ئىنتېرغا كەلگەندىن كېيىن سىنەيدېر بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى، ئاخىرى 6 ئالتۇن لوڭقا 2 كۈمۈش لوڭقىغا ئېرىشتى، بولۇپمۇ ئاشۇ يىللىق پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى مۇسابىقىدە، كىشىلەر تۆۋەن قارىغان ئىتنېرنى يېتەكلەپ ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشتى ھەم ئەڭ كۆپ ياردەمچى پاس بەردى ، گوللاندىيەنى يېتەكلەپ ھېچكىم ئويلىمىغان ھالدا ھەل قىلغۇچقا كىردى ۋە ئەڭ كۆپ توپ ئۇردى. بۇنداق نەتىجە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن، شەخسىي پۇتبولچىلارغا نىسبەتەن قازانغان شەرىپى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى دېيىشكە بولار؟ ئەمما ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشتىمۇ ؟ ياق !!! مۇشۇنداق بىر توپچى ھەتتا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئالدىنقى 3 نامزاتىغىمۇ كىرەلمىدى! ئالتۇن توپنىڭ سايلىغۇچىلىرى بېلەتنى يەنىلا شۇ يىللىق ئەڭ مۇھىم مۇسابىقىدە بىر مۇ توپ ئۇرالمىغان بىرىگە تاشلاشتى. كېسىپ ئېيتالايمەنكى، سىنېدېر ئەگەر يۇقارقى نەتىجىلەرنى بارېسلونا، مادىرد ياكى ئاسى مىلەن كوماندىلىرىدا قازانغان بولسا شەك شۈبھىسىز ئالتۇن توپقا ئېرىشەتتى.پۇتبولنى سۆيىدىغان ھەربىر كىشىنىڭ ۋىجدانىنى سوراق قىلىدىغان مىسلىسىز شەرمەندىچىلىك. نېمە ئامال ؟ كىم سىنەيدېرنى قۇرۇق تالانتى بار ئەمما نامى يوق «تۆۋەن تەبىقىلىق»بولۇپ قالسۇن دەپتۇ.
ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق ، ئىنتېردىكى ھەر بىر ئەزا دېگۈدەك بۇرۇن پۇتبول دۇنياسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن، كەمسىتىلگەن، ئېتراپ قىلىنمىغان كىشىلەر. زانېتتى ؟پۇتبول مەيدانىدا كۆرەش قىلىۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولغان، ئون نەچچە يىلدىن بېرى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىپادە، ئاجايىپ سادىقلىق ،پەزىلەت بىلەن ئىنتېرلىقلارنىڭ مەبۇدىسىگە ئايلانغان بۇ توپچىنى پۇتبول دۇنياسى بىرەر قېتىم ئېرىشىشقا تېگىشلىك شۆھرەتكە سازاۋەر قىلىپ باقتىمۇ؟ مىللىتو ؟ ياۋروپادا شۇنچە ئۇزۇن يىل كېزىپ ، يېشىدىن كەتكەن ۋاقىتتا ئاندىن بىر زەردار كولۇبنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىپ ئىنتېرغا كەلدى. موتتا ؟ ئەينى چاغدا بارسېلونادا ئېغىر يارىلانغاندا ئۇنىڭ ئېرىشكىنى سۈپۈرۈپ چىقىرىلىش ۋە 10 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى 11 ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان سۆزى :«بولدى ئاۋارە بولما، چېكىنگىن...»بولدى.ئۇنىڭدىن باشقا سامۇئېل،كامبىياسسو،لۇسىئولارنىڭ قايسى بىرسى تاشلاندۇق ، «تۆۋەن تەبىقە »ئەمەس؟ ئىنتېر دەل مانا مۇشۇنداق كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن «تۆۋەن تەبىقىلىق»كوماندا ! نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدا مۇشۇنداق زەربىلەرگە ئۇچرىغاندا ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ، مەڭگۈ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. ئەمما ئىنتېرلىقلار بۇنداق كىشىلەر ئەمەس،ئەكسىنچە ئىنتېرلىقلار مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان، چەكسىز غەيرەت شىجائەتكە ئىگە كىشىلەر. ئۇلار ئۆزىنى قويىۋەتمىدى ، ئەكسىنچە ئۇزۇن يىل چىشىنى چىشلەپ تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى مادىرد ۋە ئەبۇزەبىدا پۈتۈن جاھانغا ئۆزىنى تەنتەنىلىك ھالدا تونۇتۇپ قويدى! بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ قانچىلىك جاپالارنى تارتقانلىقىنى پەقەت ئۇلار ئۆزىلا بىلىدۇ.
شۇنىڭلىق بىلەن ئىنتېر ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشتىمۇ ؟ رېئاللىق ئىنتېرلىقلارنى يەنە بىر قېتىم ئۈمىدسزلەندۈردى. چۈنكى ئىنتېر مەيلى قانداقلا قىلمىسۇن، جاھاننىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىدىن ، كۆرەلمەسلىكىدىن يەنىلا قۇتۇلالمىدى. يىللار بۇرۇن ئىنتېر ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغاندا ئۇلار ئۇنى «قارا ئۆڭكۈر » دەپ تىللاشتى. بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى ئالغاندىچۇ ؟«تېلىفۇنغا تايىنىپ ئالدى»دەپ ئېتراپ قىلمىدى، ئۇدا بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلىقىنى مونوپول قىلغاندا بولسا «بىرلەشمە چېمپىيون بولغىنى بىلەن ئۇزغۇنلۇقتا ئوينىيالمايدۇ، يامان بولسا ئۇزغۇنلۇقتا زەردارلارنى يېڭىپ باقسۇن »دېيىشتى. چېلسىنى ئۇتقاندا رېپىرغا تاياندى دېدى، بارېسلونانى ئۇتقاندا بولسا «يانار تاغ توزىنىغا تاياندى»دېيىشتى، خوپ،ئىنتېرلىقلار ئاخىرى ئېنگلاند،ئىسپانىيە، گېرمانىيەنىڭ چېمپىيونلىرىنى يېڭىپ ئۇزغۇنلۇقنى ئېلىپ،ئەمدىغۇ بولار دېيىشىگە، كىشىلەر بىر ئېغىز «كۆرۈمسىز پۇتبول» دېگەن سۆز بىلەنلا ئىنتېرنىڭ 50 نەچچە مەيدان تىرىشىشى، نەچچە يۈزمىڭ كېلومىتېرلاپ جېنىنى تىكىپ يۈگۈرۈشى، تالاي قېتىم يارىدار پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاغرىققا چىداپ كۆرەش قىلىشى بەدىلىگە كەلگەن نەتىجىلەرنى نۆلگە تەڭ قىلدى. ئاخىرى كېلىپ تېخى ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى شەرمەندىلەرچە ئىپادىسىنى، ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ چېكىنىشىنىنىڭ گۇناھلىرىنى يىغىپ كېلىپ ئىنتېرنىڭ بېشىغا ياراشتۇرۇپ كىيگۈزۈپ قويۇشتى. ئىنساننىڭ ئېغىزى دېگەن نېمىدىگەن يامان نەرسە ھە!
مانا بۇ پەسىل كېلىپ ، بىر يىل كۈچەپ چاپقان ئاتمۇ ھېرىپ ، ئىنتېرنىڭ ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىدى، ئىنتېرنىڭ رىقابەتچىسى بولغان ئاسې مىلەن كوماندىسى بولسا قايتا قۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىپادىسى ياخشىلاندى ۋە بىرلەشمىنىڭ بىرىنچى ئورنىنى قايتا قولىغا ئالدى. بۇ چاغدا ھېلىقى كىشىلەرنىڭ ئىپادىسى قانداق بولدى؟ تۈگىمەس مەسخىرە قىلىش، تەنتەنە قىلىش... بولۇپمۇ پۈتۈن ئىتالىيەلىكلەر خۇددى ئىنتېر باشقا دۆلەت كوماندىسىدەك ئىنتېرنىڭ ھالسىراپ قېلىشىدىن قاتتىق مەمنۇن بولۇشتى. ئاخىرىچۇ ؟ يەنىلا ئىنتېر ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكىگە تايىنىپ ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ئاخىرقى يۈزىنى ساقلاپ قالدى. بۇ نېمىدىگەن مەسخىرىلىك رىئاللىق.
لېكىن مەنچە بۇنىڭلىق بىلەن ئىنتېر يەنىلا بەزىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، بەزىلەر يەنىلا كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، ئاغزىغا كەلگەننى دەۋېرىدۇ.
كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى،مەيلى باشقىلار قانداق مۇئامىلە قىلسۇن ،ئىنتېر يەنىلا شۇ ئىنتېر ،شۇ يېڭىلمەس روھقا ئېگە پاك ئىنتېر. ئىنتېردا مۇشۇنداق روھلا بولىدىكەن،مەڭگۈ يىقىلمايدۇ!
ئاخىرىدا ئىنتېرنىڭ مەستانىلەر تەشكىلاتى ماسچېرانوغا يازغان بىر ئوچۇق خەت بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:
«پۈتۈن دۇنيادىكى تالانتلىق ئەمما ئوڭۇشسىزلىق،ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان توپچىلار،سىلەرنىڭ ئىنتېرغا قوشۇلۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى ئىنتېر شۇنداق كوماندىكى ، بۇ يەرگە كەلسىڭىزر كۈندە ئاخباراتچىلارنىڭ تەنقىدلەيدىغان نىشانىغا ئايلىنىسىىز، بارلىق چېمپىيونلۇق لوڭقىلىرىغا ئېرىشسىڭىزمۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەيسىىز،قانداقلا قىلماڭ جاھاننىڭ ئادىللىق بىلەن ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەمما ، بۇرۇن سىز قانداق نومۇس ياكى خالىماسلىققا ئۇچراڭ، ياكى قايسى كوماندا تەرپىدىن ئادالەتسىزلىك،ئۇۋالچىلىققا ئۇچراڭ، ئىنتېر سىىزگە مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى بېرىدۇ:سىز ئوڭۇشسىزلىق،ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرالايسىز،كۆرەش قىلالايسىز، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىڭىزنىڭ يارىماس ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيسىز، چىرايىڭىز ياكى كېلىپ چىقىشىڭىز بىلەن ئەمەس، ئىككى پۇتىڭىز بىلەن شۆھرەت قازىنالايسىز ، ھەقىقىي پۇتبول بىلەن ئاشۇ قەلەم تۇتقان، مۆھۈر تۇتقانلارغا شۇنداق دېيەلەسىز: سىلەر ماڭا تېگىشلىك شەرەپ،گۈل ۋە ئالقىشلارنى يوقىتىۋېتەلەيسىلەر،ئەمما مەڭگۈ مېنىڭ غورۇرۇم ۋە پۇتبولۇمنى ئېلىپ كېتەلمەيسىلەر. ئەگەر سىز ھەقىقىي بىر ئەركەكتەك كۆرۈش قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتىنى غورۇر بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولسىڭىز قېنى ئىنتېرغا كېلىڭ!» |
|