ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1077 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يازغانلىرىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، مادرېدنىڭ مۇداپىيە سېپى لىۋېرپۇلنىڭ ھۇجۇمىغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم گېرراردتەك كۈچلۈك ھۇجۇمچانلىققا ئىگە ئوتتۇرا مەيدان توپچىنى بېقىش ئاسان ئەمەس،ئەگەر مادرېد لىۋېرپۇلنىڭ يان ھۇجۇمىدىن مۇداپىيە قىلىشنى ئاساس قىلىپ ئوينايمەن دېسە،ئوتتۇرىدىن ئېنىقلا گېررارد،ئالونسولار ئىشنى چاتاق قىلىدۇ.ئەگەر ئوتتۇرىغا كۈچەپ ياننى بوش قويۇپ بەرسە لىۋېرپۇل ئوڭغا كۇيت،سولغا رىئېرا ياكى بابېلدەك پاس بېرىش،بۆسۈپ كىرىش نومۇر ئېلىش ئىقتىدارى ئوخشاشلا يۇقىرى بولغان يان ھۇجۇمچىلارنى چىقارسا مادرېدنىڭ ھالى خاراپ.شۇڭا ھەي مادرېد .بەلكىم كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ توپنى ئالغان ھامان روبېن،ۋەن دېرۋارتلار ئارقىلىق سۈرئەت ھەم تېخنىكا ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ نومۇر ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش خېلى ياخشى ھەم مۇۋاپىق چارە دەپ قارايمەن.ھازىرقى مادرېد ئۈچۈن بەلكىم مۇسابىقىنى نۇقتا توپ جېڭىگە ئەكىرىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ لىۋېرپۇل ئۈستىدىن غالىپ كېلىشمۇ بەك سەت ئىش ھېسابلانمايدۇ دەپ قارايمەن. |
|