ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4078 |
تۆھپىسى: سەر |
|
خانلىق مادرىد ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ تۇنجى شاللاش باسقۇچىدا ئۆزىگە ئوخشاشلا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدا مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى زەردار كوماندا لىۋېرپۇل بىلەن تۇتىشىدىغان بولدى. بۇ ئىككى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق تۇتۇشىشى 1981- يىللىق ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا پارىژنىڭ شاھزادە تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان، نەتىجىدە لىۋېرپۇل بىردە نۆل ئۈستۈنلۈكتە چېمپىيون بولغان. 27 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدىكى بۇ كاتتا ئىككى كوماندا ئۆز ئارا تۇتۇشۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. يېقىنقى يىللاردىكى ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدىكى ئىپادىلىرىنى سېلىشتۇرغاندا لىۋېرپۇل مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ، بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىدىن قارىغاندىمۇ لىۋېرپۇل ئۈستۈنلەككە ئىگە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە سۈكۈتكە چۆمگەن قىزىل ئارمىيە بۇ قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغىمۇ نىيىتىنى بۇزدى، شاللاش خاراكتېرلىك مۇسابىقىلەردە داڭقى چىققان تاكتىكىغا باي بېنىتېز بۇ مۇسابىقە پەسلىدە سەپ شەكلىنى ئەڭ مۇقىم ھالەتكە كەلتۈردى ھەم شۇنىڭ پايدىسىدا بىرلەشمىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئوينىلىپ بولغاندا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنچى ئورنىدا تۇرۇپتۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى لىۋېرپۇل ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىللىرىدىكىگە ئوخشىمايدۇ، زېھنىنىڭ يېرىمى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە چېچىلىدۇ، بۇ دەل مادرىدقا پايدىلىق بىر ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
راموس - خانلىق مادرىد - قوللىنىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى تاكتىكىلار
خانلىق مادرىد تېرىنېرى يەنە ئالماشتى، بۇ قېتىملىق تېرىنېر راموس ئىسپانىيەدە سېۋىللانىڭ تېرىنېرى بولغان مەزگىلدە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان، بىراق سېۋىللادىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئېنگىلاند سەپىرى مەغلۇب بولدى. ئېنگىلاندتىكى ئوتتۇرا كۈچلۈك كوماندا توتتىنخام كوماندىسى راموسنىڭ يېتەكلىشىدە تارىخىدىكى ئەڭ ناچار باشلانغان بىرلەشمىنى يەنى سەككىز مەيداندا ئاران ئىككى نومۇر ئېلىشتەك نومۇسلۇق تارىخنى ياراتتى. راموسمۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىزمىتىدىن توختىتىلدى. خانلىق مادرىدتا بىرىنچى مۇسابىقە پەسلىنى غەلىبىلىك تاماملىغان تېرىنېر شۇستېرنىڭ ئىككىنچى مۇسابىقە پەسلىدە تەلىيى كەلمىدى. ئۇنىڭ ھۇجۇمچى سېتىۋېلىش ھەمدە كىراي توپچى سېتىۋېلىش پىكرى مىياتوۋىچ بىلەن كاردېلوڭنىڭ سانسىزلىغان < ماقۇل> لىرى بىلەن بېسىلىپ قالدى. بۇ يەتمىگەندەك كوماندىدىكى ئەڭ مۇھىم ھۇجۇم تەشكىللىگۈچى ھەم بېسىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان روبىنخو سېتىۋېتىلدى، بۇنىڭ بىلەن شۇستېرنىڭ خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىغا بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى. يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە روبىنخو بولمىغان بىلەن رۇبېن ئۇنىڭ رولىنى چاندۇرماي ئۆتەپ كەلدى، يارىلانمىغان ھالەتتىكى ۋەن نىستېلرويمۇ مادرىد ھۇجۇم سېپىنى ئەڭ كۈچلۈك ھالەتتە ساقلاپ كەلدى. ئارقا بەلدىكى دىئارانىڭ يارىلىنىشىدىن پەيدا بولغان يوچۇق گاگو تەرىپىدىن توشقۇزۇلدى، قوش ئارقا بەلنىڭ يەنە بىرىدە ئىجارىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن دېرارېد ئوينىدى ھەمدە خېلى ياخشى ئىپادىدە بولدى. بىراق ئەڭ چاتاق يېرى ئارقا سەپتە تۆت يادرولۇق بېكلىرىمىز تەڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى. پېپې ساقايسا كاناۋارو يارىلاندى، كاناۋارو، پېپېلەر تەييار بولغاندا خېيىنز يارىلاندى، خېيىنىز ساقايسا راموس كارتا سەۋەبلىك مۇسابىقىدىن توختىتىلدى، بۇلارنىڭ ئورنىغا چىقىپ تۇرغان مارسېلو بولسا مادرىدتىكى ئەڭ چوڭ كاۋاك بولۇپ قالدى. بۇلارغا قوشۇلۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى قاپقىچىمىز كاسىللاسمۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئانچە مۇنچە سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇردى. مۇشۇ يوچۇقلار سەۋەبلىك خانلىق مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا ھۇجۇمنى ياخشى قىلسىمۇ مۇداپىئەدىن توختىماي مەسىلە چىقىپ تۇردى، بىراق ھۇجۇم سېپىدىكىلەرنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن يېگەندىن كۆپرەك توپ كىرگۈزۈپ دېگەندەك نومۇر تەرتىپىدە رەقىبلەردىن بەك پەرقلىنىپ كەتمىدى. 11- ئايدا يەنى ئالۋاستى مۇسابىقە سەپىرىگە بىر ئايچە ۋاقىت قالغاندا مادرىدلىقلارغا شۇم خەۋەر كېلىۋەردى. ئالدىنقى ھەپتىسى دىئارا بىلەن گۇتىنىڭ يارىدىن ساقايغىنىنى تەبرىكلىگەن مادرىدلىقلار بۇ ھەپتىدە ۋەن نىستېلرويدىن ئىبارەت ھۇجۇم سېپىدىكى گىگانت ئەزادىن ئايرىلىپ قالدى. ھەپتە ئارىسىدىكى مەشقىلەردە ھەمدە كېيىنكى مۇسابىقىلەردە بولۇپ سىنېيدېر،پېپې،كاناۋارو،دىئارا،دېرارېد،خىگۇائىن،رۇبېن...قاتارلىق مۇھىم ئەزالار يارىلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەننىستېلروي، دىئارا،دېرارېد ئۈچىسى بىر مۇسابىقە پەسلى بىلەن ئاساسەن خوشلىشىپ بولدى. باشقىلىرى بىرى ساقايسا يەنە بىرى يارىلىنىپ دېگەندەك جىددىي سىمىنا ئالمىشىپ ئالۋاستى مۇسابىقە سەپىرىدىكى ئىككى مەغلۇبىيەت بىلەن بىر غەلىبىنى كۈتىۋالدى. ئالۋاستى مۇسابىقە سەپىرىنىڭ ئالدىدىكى بىر قانچە مەيداندىكى مەغلۇبىيەتلەر قوشۇلۇپ مادرىد بىرلەشمە نومۇر تەرتىپىدە رەقىبىدىن خېلىلا كەينىدە قالدى. بۇلاردىن باشقا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق مادرىدنىڭ تەلىيىمۇ ئانچە كەلمىدى. ھەر بىر مۇسابىقىدە گارغا تېگىۋاتقان ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ قاپقىچىسىنىڭ ئېسىل ماھارەتلىرى ھەر ھەپتىدە مېنى خوشاللىقتىن مەھرۇم قىلدى. بۇلاردىن باشقا بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى قارا پۈشتەكلەرمۇ مادرىدقا ئاز زىيان سالمىدى. كىرگۈزگەن بىرمۇنچە توپ خاتا ھالدا ئوفسايت قىلىندى، قارشى تەرەپنىڭ قىزىل كارتىغا لايىق ھەرىكەتلىرى نورمال ھەرىكەت ھېسابلاندى، مادرىدقا ئارتۇقچە نۇقتا توپتىن بىر نەچچىسى قويۇپ بېرىلدى. ئەلۋەتتە بۇ ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى رېپىر ھەم تەلەيگىلا ئارتىپ قويغىنىم ئەمەس، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىتتىپاقلىق ھەم جەڭگىۋارلىقنى كۆرمىدۇق. شۇستېرنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى تاكتىكا ئۆزگەرتىشىنىڭ ئاددىيلىقىغا ياكى ئازلىقىغا نارازى بولغان رائۇل باشلىق ئەزالار بىلەن شۇستېر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولدى. كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە رائۇل تولا سۆزلىمەس بولدى، شۇستېر بىلەن رائۇل پاراڭلاشماس بولدى، ئاخىرىدا دېربى جېڭى ئالدىدا شۇستېرنىڭ خانلىق مادرىدلىقلار ھەمدە مەستانىلىرىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان بىر سۆزنى قىلىپ قويغانلىقى سەۋەبلىك جىددىي ھالدا خىزمىتىدىن توختىتىلدى ھەمدە يېڭى تېرىنېر راموس كۈتىۋېلىندى. راموس تېرىنېر بولۇپلا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا بىر مەيدان غەلىبە قازاندى، دېربىدا ئاخىرقى مىنۇتلاردا مەغلۇب بولۇپ قالدى، بىراق بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەت ھەممىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈگلۈكلا بولغانلىقتىن ئۇنىڭغا ھېچقانچە بېسىم ئېلىپ كەلمىدى. 2008 - يىللىق ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ۋالېنسىيا ئۈستىدىن غەلىبە قازاندى. ھۇجۇم سېپىدىكى ۋەننىستېلروينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يارىلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن يوچۇققا ئىقتىدارى ۋەننىستېلرويغا ئوخشايدىغان ھۇجۇمچى خۇنتېلارنى ئەكەلدى. دىئارا،دېرارېد ئىككىسىدىن شەكىللەنگەن يوچۇققا < ئىككىنچى ماكېلېلې> دەپ ئاتالغان لاسانا دىئارانى ئەكەلدى. ئەمدىلىكتە يان ھۇجۇمنى ئاساس قىلىپ ئوينىتىدىغان تېرىنېر راموسنىڭ تەلىپى بويىچە كىراي پۇتبولچى سېتىۋېلىشقا جىددىي ئاتلىنىۋاتىدۇ. راموسنىڭ ئالاھىدىلىكى سېۋىللانى تۇتقان مەزگىللىرىدىلا گەۋدىلىنىپ تۇراتتى، ئۇمۇ ئوخشاشلا قوش ئارقا بەل ھەمدە يان ھۇجۇمىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان تېرىنېر. يان ھۇجۇمىنى ئاساس قىلىدىغان كوماندىلار قوش ئارقا بەل ئىشلەتمىگىنىدە ھۇجۇمچان بېكلەردىن شەكىللىنىدىغان يوچۇقلار بىر ئارقا بەل تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ بولالمايدۇ، شۇڭا راموسنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورنى ئارقا بەل. مەسىلە ئەمدى مەيدانغا چىقىدۇ، لاسانا دىئارانى سېتىۋالدۇق،خۇنتىلارنىمۇ سېتىۋالدۇق، بىراق بۇ ئىككىسى ئاجاكېس بىلەن پورتىموزغا ۋەكىل بولۇپ ياۋرۇپا ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىغا تىزىملاتقان. ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمىسى قائىدىسىدە ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىغا تىزىملاتقان پۇتبولچىدىن پەقەت بىرىنىلا ياۋرۇپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىغا قوشۇپ تىزىملىتىپ ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ ئىككىسىنى بىرلەشمىدە ئىشلىتەلىگەن بىلەن ياۋرۇپا لوڭقىسىدا پەقەت بىرىنىلا ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ ئىككىسىدىن قايسىسىنى تاللاش كېرەك ؟ مۇداپىئەدە گاگونىڭ ئىپادىسى ياخشى، بىراق قوش ئارقا بەلگە ياردەملىشەلەيدىغان پۇتبولچىدىن پەقەت بىرىلا بار، ئۇ بولسىمۇ گارسىيا. گارسىيا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىجارىدىن قايتۇرۇپ ئەكىلىۋېلىنغان، بىراق مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بەك ئاز بولدى، مەيدانغا چىققان مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس. ھۇجۇم سېپىدە بولسا ۋەننىستېلروي يارىلىنىپ ئوتتۇرا ھۇجۇمچى قالمىدى. رائۇل كوللىكتىپنىڭ كۈچى ئارقىلىقلا گەۋدىلىنەلەيدىغان ھۇجۇمچى، ۋەننىستېلروي بار مەزگىللەردە ئۇنىڭ ياخشى ئىپادىدە بولىشىدا ۋەننىستېلروينىڭ تۆھپىسى بەك چوڭ. ۋەننىستېلروينىڭ قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىلىرىنى جەلپ قىلىش كۈچى بەك يۇقىرى، ئۇندىن باشقا ئېگىز كەلسە كاللىدا، پەس كەلسە پۇتىدا ئوخشاشلا توپ ياساپ بېرەلەيدۇ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك رائۇل ۋەننىستېلروينىڭ ياردىمىدە داۋاملىق توپ كىرگۈزۈپ تۇراتتى. كېيىن ئۇ يارىلانغاندىن كېيىن بولسا ھۇجۇم سېپىدە يېتىمسىراپ قالدى، ھۇجۇم سېپىنى تاشلاپ قويۇپ ئوتتۇرا مەيداندا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىدىغان بولدى. ھۇجۇم سېپى بولسا خىگۇائىنغا قالدى. خىگۇائىندا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىللىرىگە قارىغاندا ئىلگىرىلەش چوڭ، بىراق ئۇنىڭ قاپقىغا توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى يەنىلا تۆۋەن، بىر توپ ئۇرغان بىلەن ئىككى ئۈچ كىرىشكە تېگىشلىك توپلارنى بۇزۇپ ئاران بىرنى ئۇرىدۇ، بۇنداق تۆۋەن ھۇجۇم ئۈنۈمدارلىقى مادرىدنىڭ يېقىنقى مەغلۇبىيەتلىرىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۇلاردىن باشقا ياشلار كوماندىسىدىن ئېلىپ چىققان بۇئېنو ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولالمايدۇ، ساۋىئولامۇ شۇ، شۇڭا ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلىق ئورنى يېڭى ئەزا خۇنتىلارغا ئوڭچە قالدى. پۇرسەت تۇتۇش ئىقتىدارى ۋەننىنىڭكىدىن قېلىشمايدىغان بۇ گوللاندىيەلىككە كۆز تىككىنى ئىككى مۇسابىقە پەسلى بولغانىدى، ئاخىرى سېتىۋالدى. ئەمدىكى مەسىلە ئۇنىڭ قانداقراق ئىپادىدە بولىشىدىلا قالدى. مېنىڭچە ئۇزغۇللار لوڭقىسىدىكى يېڭى تىزىملىككە خۇنتىلار كىرىدۇ. راموسنىڭ يېڭى تاكتىكىسىدا مېنىڭچە رۇبېن ئەڭ ھالقىلىق ئەزا بولۇپ قالىدۇ. يان ھۇجۇمنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان راموس ئالدىنقى بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدىكى مادرىدنىڭ كونا تاكتىكىسى بويىچە بىرلا قاناتنى ئاساس قىلىپ ئوينامدۇ ياكى ئىككى قانات ئىشلىتەمدۇ دېگەن سوئال پەيدا بولىدۇ. ھازىرقى مادرىد ئەزالىرىنى ئويلاشقاندا مېنىڭچە بىر قانات ئوينىتىلىش ئېھتىماللىقى چوڭراق. ئەگەر ئىككى قانات ئوينىتىلدى دەپ پەرەز قىلساق، بىرى ئېنىقلا رۇبېن، يەنە بىرى خىگۇائىن ياكى دېرۈنت ياكى پالەنكا ۋە ياكى سېتىۋېلىش ئالدىدا تۇرغان x، ئىككى قانات ھۇجۇمى ئاساس قىلىنغانىكەن ئوتتۇرا مەيداندىكى توپ تالىشىشنى كۈچەيتىپ قارشى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى ئەۋزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش كېرەك، گاگو ئېنىقلا بەك يېتىمسىراپ قالىدۇ، مادرىدتا گاگودىن باشقا ئارقا بەلدىن پەقەت ئىپادىسى ياخشى بولمىغان گارسىيالا بار، ئىككى ئارقا بەل ئارقىلىق مۇداپىئەنى كۈچەيتكىنى بولغان بىلەن گاگو،گارسىيا ئىككىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا مەيداندا توپ كونترول قىلىش ھەم پاس تاشلاش سەل تەسكە توختايدۇ. ئارقا بەللەردىن پاس تاشلانمىغانىكەن رۇبېندەك قاناتلارنىڭ قايتىپ توپ ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ، قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ رولى بولماي قالىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا مەيداندا ئارقا بەلگە بىرلا سان بېرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا يان بېكلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ كېتىشى ئەڭ خەتەرلىك ئىش، شۇڭا بىر ئارقا بەل ئوينالغان ئەھۋالدا مۇداپىئە سېپىدە كاناۋارو،پېپې،راموس،خېيىنزدىن ئىبارەت تۆت مۇداپىئەسى كۈچلۈك بېكلەر مەيدانغا چۈشۈشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئالدىدىكىلەر ھۇجۇمغا تولۇق قاتنىشالايدۇ،قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرىنى ئۈنۈمسىز قىلىپ قويغىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا مەيداندا گاگودىن باشقا سىنېيدېر بىلەن گۇتى ( ۋەندېرۋارت) نى چىقىرىپ ئوتتۇرا مەيداننى كونترول قىلغىلى ھەم پاس تاشلاپ تۇرغىلى بولىدۇ. بىر قاناتتا رۇبېن ئوينايدۇ، ھۇجۇم سېپىدە خۇنتىلارغا رائۇل ياردەمچى بولۇپ چىققىنىدا ئوڭ تەرەپ سېرگىئو راموسنىڭ ئەركىن ھەرىكەت دائىرىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، بىراق مۇداپىئەدە بىر يوچۇق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر خۇنتىلارغا خىگۇائىن قوشۇلۇپ چىقسا خىگۇائىن ئوڭ تەرەپكە كۆپرەك قاتراپ قاناتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى مۇمكىن، يان ھۇجۇمىنى ئاساس قىلىدىغان راموسنىڭ مۇشۇ ھۇجۇم سېپىنى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارايمەن. شۇڭا مادرىد 4-3-3 سەپ شەكلىدە مەيدانغا چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن...
بېنىتېز ۋە ئۇنىڭ لىۋېرپۇلى
ھازىرقى لىۋېرپۇل كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى بېنىتېز ئىلگىرىكى مادرىد تېرىنېرى بوسىكېغا ئوخشاشلا مادرىدنىڭ مەھسۇلاتى. ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتى خانلىق مادرىدنىڭ ياشلار كوماندىسىدىن باشلانغان. كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىپادىدە بولالمىغانلىقتىن مادرىدتىن ئايرىلغان. تېرىنېرلىق ھاياتىدا نۇرغۇن بوران چاپقۇنلۇق سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ھازىر ئۆز كەسپىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. 1986-يىلى 26 يېشىدىلا مادرىدنىڭ تېرىنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان ھەمدە 19 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مەشىقىگە مەسئۇل بولغان. 1994 -يىلى مادرىدB كوماندىسىنى تۇتقان ھەمدە شۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندا مادرىد تېرىنېرى بوسكېغا ياردەمچى تېرىنېر بولغان.(مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۇنىڭغا ھۆرمىتىم چوڭقۇر). 1995 - يىلى ۋالادولىد كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى بولغان، بىراق كوماندىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن 23 ئايلانما مۇسابىقە ئوينىلىپ بولغاندا خىزمەتتىن توختىتىلغان . 1996 - يىلى ئىسپانىيە تۆۋەن دەرىجىسدىكى ئوساسۇنانى تۇتقان، بىراق 9 مەيدان مۇسابىقىدە كوماندىنى بىرلا قېتىملىق غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەنلىكتىن شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىزمىتىدىن يەنىلا توختىتىلغان. 1997- يىلى ئىسپانىيە تۆۋەن دەرىجىسىدىكى Extremadura كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى بولۇپ كوماندىنى 42 مەيدان مۇسابىقىدە 23 مەيدان غەلىبە قازاندۇرغان، ھەمدە ئىككىنچىلىك سالاھىيىتى بىلەن كوماندىنى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە ئۆرلەتكەن. 1999- يىلى Extremadura كوماندىسى قوشۇمچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ( 附加赛 ) ۋىللارېئالغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ يەنە تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ كەتكەن. شۇ يىلى بېنىتېز كوماندىدىن ئايرىلىپ ئىتالىيە، ئېنگىلاندلاردا بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. 2000- يىلى ئىسپانىيە تۆۋەن دەرىجىسىدىكى تېنىرېف كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى بولغان ھەمدە كوماندىنى شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلغان. 2001 - يىلى ۋالېنسىيانى ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە ئەكىرگەن تېرىنېر كۇپېرنىڭ ئورنىغا چىقىپ ۋالېنسىيانىڭ تېرىنېرى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا غەلىبىسىدىن مەغلۇبىيىتى كۆپ بولغان < سويما > بېنىتېزنىڭ ئىسپانىيەدە مادرىد ۋە بارسادىن قالسىلا كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغان ۋالېنسىيا كوماندىسىغا تېرىنېر بولىشى ۋالېنسىيا مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان . بىراق شۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئۆزىدىلا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باقمىغان ۋالېنسىيا كوماندىسىنى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرگەن. 2003 - يىلى ۋالېنسىيانى ئۇزغۇنلار لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈكىگە كىرگۈزگەن، بىراق بىرلەشمىدە بەشىنچى بولۇپ قالغانلىقتىن كېيىنكى پەسىللىك ئۇزغۇنلار لوڭقىسى بېلىتىدىن مەھرۇم بولۇپ ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىغا تىزىملاتقان. 2004 - يىلى ۋالېنسىيانى قوش چېمپىيون قىلغان يەنى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ھەمدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرگەن. شۇ يىلى ۋالېنسىيا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ئېنگىلاند زەردارى لىۋېرپۇل كوماندىسىنىڭ تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ھەمدە لىۋېرپۇل تارىخىدىكى تۇنجى ئىسپانىيەلىك تېرىنېر بولۇپ قالغان . لىۋېرپۇلنى تۇتقان تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىلا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىتالىيە زەردارى مىلان بىلەن تۇتۇشۇپ مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇپ، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئىستانبۇل مۆجىزىسىنى ياراتقان. لىۋېرپۇلنى بەشىنچى قېتىملىق ئۇزغۇنلار لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن ھەمدە تەلۋە مورىنخودىن كېيىنلا كوماندىسىنى ئىككى مۇسابىقە پەسلىنىڭ بىرىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقلىق لوڭقىسى چېمپىيونى يەنە بىرىدە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى چېمپىيونى قىلغان تېرىنېر بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ مۇسابىقە پەسلىنىڭ بىرىدە ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە ئەكىرگەن، يەنە بىرىدە تۆت كۈچلۈككە يەنە بىرىدە 16 كۈچلۈككە ئەكىرگەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مەغلۇب بولۇپ باقمىدى ھەمدە گۇرۇپپىسىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى. خانلىق مادرىد تۇتۇشماقچى بولۇۋاتقان كوماندا مانا بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تېرىنېر قولىدىكى كۈچلۈك كوماندا. ئەمدى بىز بېنىتېزنىڭ تاكتىكىسى توغرىسىدا توختىلىپ باقايلى....
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە لىۋېرپۇلنىڭ ئۇزغۇلار لوڭقىسى ۋە بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولۇپ ئارانلا تۆت مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ بېقىپتىمەن،بۇندىن ئىلگىرىكى يىللاردا لىۋېرپۇلنىڭ مۇسابىقىلىرىنى خېلى كۆپ كۆرۈپ تۇراتتىم. مېنىڭچە بىر بېنىتېزنىڭ قولىدىكى لىۋېرپۇل كوماندىسى يەنىلا شۇ بېنىتېزنىڭ تاكتىكىسى بويىچە مۇسابىقە ئوينايدۇ . لىۋېرپۇلنىڭ تاكتىكىسىدا مېنىڭچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، ئۆزگىرىش بولسىمۇ يېڭىلانغان ئەزالار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساس قىلىنغان ھالدا كىچىك ئۆزگىرىشلەر بولغان. خانلىق مادرىدقا لىۋېرپۇلنىڭ چېكى چىققاندىن بۇيان لىۋېرپۇل توغرۇلۇق خېلى كۆپ ماتىرىياللارنى كۆرۈپتىمەن، شۇ ماتىرىياللاردىن پايدىلانغان ھالدا لىۋېرپۇلنىڭ ھازىرقى ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلغان تاكتىكىنى گاراڭ بولسىمۇ چۈشىنىپ قالدىم، چۈشەنچەم بويىچە بىلجىرلاپ باقاي.
بېنىتېزنىڭ ۋالېنسىيانى تۇتقان مەزگىللەردىكى ئاساسى تاكتىكىسىدا مېنىڭچە ھازىرغىچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. كۆپىنچە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان تېرىنېرلار ئۆز تاكتىكىسىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ، مىسال ئالساق كاپېرو،مورىنخولارمۇ شۇنداق. بېنىتېزمۇ ئۆزىنى مۇۋاپپىقىيەت قازاندۇرغان كونا تاكتىكىلىرى 4-4-2 بىلەن 4-2-3-1 نى لىۋېرپۇلدىمۇ بەك كۆپ ئىشلىتىپ كەتتى. 4-3-3 سەپ شەكلىدىكى ئىككى يان ھۇجۇمچى مۇداپىئەگە كۆپرەك ياردەملەشسىلا يەنىلا 4-2-3-1 شەكىللىنىپ قالىدۇ. بېنىتېزنىڭ سەپ شەكلىدىكى ھۇجۇم سېپى بىردىن ئىككىگە،ئىككىدىن ئۈچكە ئۆزگەرسە ئۆزگىرىپ باقتى، لېكىن ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان قوش ئارقا بەل تاكتىكىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. ۋالېنسىيانى تۇتقان مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ ئەڭ مۇقىم ئەزالىرى قوش ئارقا بەل ئالبېلدا بىلەن بالاخا ئىدى. لىۋېرپۇلنى تۇتقاندىن كېيىن ئۇ يەنىلا ئالونسو،سىسوكو، ( سىسوكونى دەسلەپتە ۋالېنسىيادا ئىشلەتكەن، كېيىن لىۋېرپۇلغا يۆتكەلگەندە لىۋېرپۇلدا ئىشلەتتى) ماسچېلانو...قاتارلىق ئارقا بەللەرنى ئىشلەتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ داڭقىنى چىقاردى. قوش ئارقا بەلنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ياندىن كۆپرەك ھۇجۇم قىلىدىغان كوماندىلارنىڭ ھۇجۇمىغا قاتنىشىدىغان يان بېكلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش، بۇندىن باشقا يەنە ئوتتۇرا مەيداندىكى توپ تالىشىشنى كۈچەيتىپ قارشى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ كۈچلۈك ئوتتۇرا مەيدان بېسىمى پەيدا قىلىش. بېنىتېز ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ كەلگەن ئارقا بەللەرگە قارىساق ھەممىسىنىڭ مۇداپىئەسى كۈچلۈك ھەمدە يىراقتىن توپ سېلىش ئالاھىدىلىكى بار. قوش ئارقا بەلدىن باشقا بېنىتېز تۇتقان كوماندىنىڭ يەنە بىر خاراكتېرى ھۇجۇملىرى كۆپىنچە ئىككى ياننى ئاساس قىلغان ھالدا باشلىنىدۇ. ۋالېنسىيادا سۈرئەت ھەم بەدەن قۇۋۋىتى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە ۋىسېنت،فىرانسىسكو،جىلى گونزالېز قاتارلىق كىرايلار ھەمدە ئورېلىئو، جاۋېر گارىدو... قاتارلىق ھۇجۇمچان يان بېكلەر ئارقىلىق ئىككى ياندىكى ھۇجۇمنى ئاساس قىلىپ ئوينايتتى. لىۋېرپۇلنى تۇتقاندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز ھالدا كوماندىدا چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ تۇردى. مەقسىتى لىۋېرپۇلنىمۇ ئۆزىنىڭ كونا تاكتىكىسى بويىچە مۇسابىقە ئويناتقۇزۇش . بېنىتېزدىن ئىلگىرىكى لىۋېرپۇل كوماندىسىدىكى مۇقىم ئەزالاردىن ھازىر پەقەت كوماندا باشلىقى گېررارد بىلەن كاراگېرلا قالغانلىقىدىن بۇنى ھېس قىلىۋالالايمىز. لىۋېرپۇلغا كېلىپلا ئۆزى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئارقا بەل ھەم ئىككى يانغا بىر قىسىم پۇتبولچىلارنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ ئىشلەتتى. شۇ جەرياندا ئانچە نامى چىقمىغان ئالونسو ۋە سىسوكو قاتارلىقلارنىڭ داڭقىنى چىقاردى. ئىككى ياندىمۇ بېسىپ ئۆتۈش ھەمدە توپ تاشلاش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان پۇتبولچىلارنى ئىشلەتتى. بېنىتېس تۇتقاندىن تارتىپ لىۋېرپۇلدا يان بېك،كىراي،قانات ئورۇنلىرىدا فىننەن،رىس، دوسسىنا ، ئورېلىئو،(بۇنىمۇ ۋالېنسىيادىن ئەكىلىۋالغان) كېۋىل،گارسىيا، پېننەنت،بېنايون،رىئېرا،كۇيت...قاتارلىق ھۇجۇمدا ئەمەلىي كۈچى ئۈستۈن پۇتبولچىلارنى ئىشلەتتى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن سەپ شەكلى 4-2-3-1 بولۇپ ،ئاساسلىق مۇقىم ئەزالىرى رېينا؛ ئاربېلوئا ( مادرىدتىن چىققان پۇتبولچى، راموس سەۋەبلىك مادرىدتا پۇرسەت تاپالمىغان...)،كاراگېر،ئاگېر (سىكرتېل)،دوسسېنا؛ ماسچېلانو،ئالونسو؛ كۇيت،رېئېرا،گېررارد؛ توررېس...دىن ئىبارەت بولۇپ بۇ سەپ شەكلىدىنمۇ تىپىك بېنىتېز ئالاھىدىلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. قوش ئارقا بەلدىكى ماسچېلانو بىلەن ئالونسو ئىككىلىسىنىڭ مۇداپىئەسى ياخشى، يىراقتىن توپ سېلىش ئالاھىدىلىكى بار، ماسچېلانونىڭ بېسىپ ئۆتۈش ئالاھىدىلىكىمۇ بار. ئىككى يان تەرەپتىن كۇيت،لىئېرا ( بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ياخشى)،ئاربېلوئا،ئورېلىئو..لار ئۈزلۈكسىز بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى كىرايدىكى كۇيت بىلەن لىئېرانىڭ مۇداپىئەگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن لىۋېرپۇلنىڭ ھۇجۇم مۇداپىئەسى ئوخشاشلا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغان ھالەتتە تۇرىدۇ. ئالدى بەلدىكى گېرراردنىڭ ئىككى قانات ھەم ئالدىدىكى توررېسقا تاشلايدىغان خەتەرلىك پاسلىرى ھەمدە پۇرسەت بولسىلا ئۇرۇپ تۇرىدىغان يىراقتى مۇساپىلىك توپلىرى ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى ئەڭ خەتەرلىك ھالەتكە كەلتۈرگەن. مەن ئەڭ خەتەرلىك دەپ قارايدىغان ھۇجۇم تاكتىكىسى ئىككى يان ھۇجۇمى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا بېكى ياكى ئارقا بەللىرىنى ئۆز ئورنىدىن يۆتكەپ ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئورنىدىكى توررېسقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، توررېس بېقىۋېلىنغاندا قارشى تەرەپ ئارقا بەل ئەزاسىنىڭ ئىككى يانغا مۇداپىئەگە ياردەملىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدىغان 18 چەك سىرتىدىكى بوشلۇقتا ئالونسو،گېررارد..لارغا يىراقتىن توپ سالىدىغانغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش.... لىۋېرپۇلنىڭ مۇسابىقىلىرىدە مۇشۇ شەكىلدە ئۇرۇلغان دەرىجىدىن تاشقىرى توپلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. مانا بۇ تەرەپ ھازىرقى ھالەتتىكى مادرىدقا ئەڭ چوڭ زىيان قىلىدىغان ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا لىۋېرپۇل پاسسىپ ھالەتتە قالغاندا قوللىنىدىغان 4-3-3 سەپ شەكلىمۇ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بۇ سەپ شەكلىدە سۈرئەت،تېخنىكا جەھەتلەردە ئالاھىدىلىكى بار بولغان كىئېن بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى سەپلىمە بابېللارمۇ مەيدانغا چىقىدۇ. قايتۇرما ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورېلىئونىڭ ئورنىغا كاراگېر بېرىپ ئوتتۇرا بېكتە سىكرتېل تۇرۇشى مۇمكىن...
خانلىق مادرىد VS لىۋېرپۇل
ئەمدى ئىككى كوماندىنىڭ ئالاھىدىلىك ۋە يوچۇقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. خانلىق مادرىدقا قارىغاندا لىۋېرپۇل ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالايدىغان كوماندا، ئۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى ئەۋزەللىكى خانلىق مادرىدتىن يۇقىرى. لىۋېرپۇل مۇداپىئە سېستىمىسىدا خىگۇائىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى مۇمكىن، بىراق ۋەن نىستېلروي تىپىدىكى خۇنتىلارغا پۇرسەت يوق دېگىلى بولمايدۇ. لىۋېرپۇل مۇداپىئە سېستىمىسىدا كاراگېرنىڭ مۇداپىئەسىنى ئەڭ ياخشى دېيىشكە بولىدۇ، ئاگېرنىڭمۇ ئوتتۇرا ھال، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە تونۇلۇپ چىققان سكېرتېلنىڭ مۇداپىئەسىمۇ خېلى ياخشى. بىراق مۇداپىئەدىكى يوچۇق ئىككى يان بېكتىن چىقىدۇ. مەيلى دوسېنا،ئاربېلوئا ۋە ياكى ئورېلىئو بولسۇن ھېچقايسىسى ساغلام ھالەتتىكى رۇبېننى توسىيالايدىغان تىپتىكى مۇداپىئەچىلەر ئەمەس. (لىۋېرپۇل مۇداپىئە سېستىمىسىدا ئىككى ئوتتۇرا بېكتىن باشقا رۇبېننى توساشقا ئەڭ ياخشى نامزات ماسچېلانو بولۇپ قېلىشى مۇمكىن) رۇبېننىڭ ياندىن بېسىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، سۈرئەت ھەم شەخسىي تېخنىكىسى يۇقىرى، ياندىن توختىماي پۇرسەت چىقىرالايدۇ، ياندىكى يوچۇقنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىككى ئوتتۇرا بېكلەر تىنماي يانغا ياردەمگە بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ دەل خۇنتىلاردەك پۇرسەت تۇتۇش تىپىدىكى ھۇجۇمچىلارغا پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ، ياندىكى مۇداپىئەگە ئارقا بەللەر ياردەملەشكەندە خانلىق مادرىدتا سىنېيدېر ( ۋەن دېرۋارت) نىڭ يىراقتىن توپ سېلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، بېسىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىمۇ بار، ئۇنىڭغا پۇرسەت چىقىشى مۇمكىن، بۇندىن باشقا يانغا ئارقا بەللەر ياردەملەشكەندە توپنى گۇتىغا تاشلاپ گۇتىنىڭ ئوتتۇرىدىن يوچۇق ئىزدەپ پاس بېرىشىگە پۇرسەت چىقىدۇ. خانلىق مادرىدنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرگەنلەر بىلىدۇ، گۇتىدەك كاللىسى ئوچۇق، تەپەككۇرلۇق پاس بېرىدىغان پۇتبولچى كۆپ ئەمەس، خانلىق مادرېدتا ئەڭ خەتەرلىك ھۇجۇملار گۇتىنىڭ پاسلىرى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. دېمەك مادرىدنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى رۇبېن،خۇنتىلار،گۇتى ئۈچىسىدە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. لىۋېرپۇلدىكى يوچۇق ئىككى يان بېكتىكى يوچۇق. ئەمدى ئەكسىچە لىۋېرپۇلنىڭ ھۇجۇمىغا مادرىد قانداق تاقابىل تۇرالايدۇ دېگەننى تەھلىل قىلىپ باقايلى. يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇزغۇنلار لوڭقىسىغا قوشۇپ قويالايدىغان سان خۇنتىلارغا بېرىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇ ئەھۋالدا يان ھۇجۇمنى ئاساس قىلىدىغان راموسقا قوش ئارقا بەل بولمىسا بولمايتتى، بىراق كوماندىدا گاگولا بار. گارسىياغا بۇنداق مۇھىم مۇسابىقىدە ئىشىنىش بىر قاراملىق بولۇپ قالىدۇ. مۇداپىئەدىكى بۇ يوچۇق قانداق تولۇقلىنىش كېرەك ؟ بىر ئارقا بەل ئوينالغانىكەن يان بېكلەر ھۇجۇمنىلا ئاساس قىلىدىغان پۇتبولچىدىن شەكىللەنسە چاتاق چىقىدۇ. سېرگىئو راموسنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى ئىپادىسى ياخشى، كوماندا مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ ئوينىغاندا ئۇنىڭ ھۇجۇمغا قاتنىشىشىنى توسۇپ تۇرغىلى بولىدۇ. يەنە بىر يان بېكتە خېيىنز تۇرسا مۇداپىئەلا قىلىمىز دېگەن گەپ، ئوتتۇرا ئىككى بېكتە كاناۋارو بىلەن پېپې ئەڭ ياخشى نامزات. مېتزېلدېرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىپادىسى ياخشى بولسىمۇ توررېس،كىئېن قاتارلىق چاققان ھۇجۇمچىلار ئۇنىڭدىن يوچۇق چىقىرالايدۇ. شۇڭا لىۋېرپۇل بىلەن چۈشكەندە يۇقارقى تۆت گىگانت بېك مەيدانغا تەڭ چۈشۈشى كېرەك. تاسسادىپىي ئوتتۇرا بېكلەردىن بىرەرىدىن چاتاق چىققاندا مېتزېلدېرنى چىقىرىشقا بولىدۇ، يان بېكتىن چاتاق چىقسا باش ئاغرىقى كەلدى دېگەن گەپ. مارسېلونى بىرلەشمىدە چىقارغان بىلەن بۇنداق شاللاش خاراكتېرىدىكى مۇسابىقىدە تەۋەككۈل قىلىپ چىقارسا ئەڭ چوڭ يوچۇق بولۇپ قالىدۇ، كوماندىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە بىر ئوچۇق يول قويۇپ قويغانلىق بولىدۇ، شۇڭا يان بېكلەردىن چاتاق چىقسا تەجرىبىسىز بولسىمۇ مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى توررېسنى ئوينىتىش كېرەك. پېپې بىلەن توررېسنى توسۇپ قويغىلى، كاناۋارو بىلەن كىئېن ياكى كۇيتنى ياۋاشلاشتۇرۇپ قويغىلى بولىدۇ. ئىككى يان ھۇجۇملىرىغا ئوتتۇرا بېك ياكى گاگونىڭ ياردىمىدە خېيىنز بىلەن سېرگىئو راموس تاقابىل تۇرالايدۇ. مانا ئەڭ چوڭ يوچۇق ئۆزلىكىدىنلا پەيدا بولدى. مۇداپىئە قىلىنىۋاتقان جەرياندا ئالدى تەرەپ بىلەن يان تەرەپنى توسقانمۇ بولدۇق، بىراق گېررارد،ئالونسولارنىڭ يىراق مۇساپىلىك توپلىرىنى قانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ؟ گۇتى،سىنېيدېرلارنىڭ مۇداپىئەسى ھەم ئادەم بېقىشى ياخشى ئەمەس، لىۋېرپۇلدا بولسا گېررارد،ئالونسودىن باشقا يەنە ماسچېلانو،رىئېرا،ئاگېرلارنىڭمۇ يىراقتىن توپ سېلىش ئىقتىدارى بار. بىر ئارقا بەلگە قالغان مادرىدتىكى ئەڭ چوڭ يوچۇق دەل قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ئارتۇقچىلىقى بولغان يىراق مۇساپىلىك توپتىن شەكىللىنىدۇ. بۇ بىر يوچۇق. تۆت گىگانت بېك تەڭ مەيدانغا چۈشەلمىگىنىدە ياكى چۈشكەن ھالەتتىمۇ ئوخشاشلا يان ھۇجۇمىنى كۆپ قىلىدىغان لىۋېرپۇلنىڭ يان تەرەپتىن كۆپرەك بېسىمغا ئۇچرىغاندا ئوتتۇرا بېكلەرنىڭ ياردەمگە بېرىشى بىلەن توررېسقا ھەمدە ئىككىنچى ھۇجۇمچىلاردەك بېسىپ كىرىپ تۇرىدىغان جېرراردقا پۇرسەت چىىقىشى مۇمكىن. ( خۇددى رىمدىكى پېروتا،چېلسىدىكى لامپاردلاردەك...) يەنە بىرى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان ئەھۋال مادرىدتا ھۇجۇمنى ئەڭ ياخشى تەشكىللىيەلەيدىغان سۈرئەت ھەم تېخنىكىسى ئۈستۈن رۇبېندىن باشقا قارشى تەرەپكە شەخسىي ئالاھىدىلىك ئارقىلىق بېسىم ئەكىلەلەيدىغان پۇتبولچى يوق. دېرۈنتنىڭ توپ تاشلىشى بەكلا ناچار، پالەنكا چوڭ مۇسابىقە كۆرۈپ باقمىدى. خىگۇائىن بېسىم ئاستىدا قالغاندا يوقاپ كېتىدۇ. گۇتى،سىنېيدېر،ۋەندېرۋارتلار بولسا ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، لېكىن لىۋېرپۇلدەك ئوتتۇرا مەيدانى زىيادە كۈچلۈك كوماندا بىلەن ئوتتۇرا مەيداندا ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئۆزىنى قىينىغانلىق بولۇپ قالىدۇ، يۇقارقى ئۈچىنىڭ توپ كونتىرول قىلىشى ياخشى بولغان بىلەن توپ تالىشىشى ياخشى ئەمەس، قارشى تەرەپتە بولسا جېررارد،رىئېرا،ئالونسو،ماسچېلانو تۆتىلىسى مۇداپىئەنىمۇ قىلالايدۇ، توپمۇ كونتىرول قىلالايدۇ، ئالونسو بىلەن ماسچېلانو تىپىك كەينى بەل، شۇڭا مادرىد يان تەرەپتە كۆپرەك ئوينىشى كېرەك، يان تەرەپتە ئوينىغانىكەن قايتۇرما ھۇجۇم ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا رۇبېن قارشى تەرەپ قوش ئارقا بەلىنىڭ خالىغان بىرى بىلەن يەنى ئالونسو ياكى ماسچېلانو بىلەن مۇقىم بېقىۋېلىنسا مادرىد ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن....
خۇلاسە
يۇقاردا ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى زەردار كوماندا توغرىسىدا ئۆز تەھلىللىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ھازىرقى كوماندا ئەھۋالى ۋە پۇتبولچىلىرىنىڭ ھالىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا لىۋېرپۇل كوماندىسى ئۈستۈنلۈكتە؛ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا چېچىلىدىغان زېھنىدىن قارىغاندا خانلىق مادرىد ئۈستۈنلۈكتە. چۈنكى خانلىق مادرىد بىرلەشمىدە بىرىنچىدىن خېلىلا پەرقلىنىپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا كېلەر پەسىللىك چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بېلىتىگە ئېرىشىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاساسىي زېھنىنى چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا قارىتىدۇ. لىۋېرپۇل بولسا نۆۋەتتە بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپتۇ، لىۋېرپۇللۇقلار ئېنگىلاند بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باقمىغىلى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالدى، بىرلەشمىدە لىۋېرپۇلغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن چېلسى ئىككىلىسى ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدا كۈچلۈك رەقىبكە ئۇچرىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىرلەشمىگىلا كۈچەيدىغان ئەھۋالدا قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار، بۇلارنى كۆزدە تۇتقاندا مادرىد زېھىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكتە. رېينا بىلەن كاسىللاس بىر بىرىدىن قېلىشمايدۇ. بېكلىرىنى سېلىشتۇرساق مادرىد قىسمەن ئۈستۈنلۈكتە بولۇشى مۇمكىن. ئارقا بەل ھەم ئوتتۇرا مەيداندا لىۋېرپۇل مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە. قاناتنى سېلىشتۇرغاندا رۇبېنى بولغان مادرىد ئۈستۈنلۈكتە، ھۇجۇم سېپىدە تاللىشى ئىنتايىن كۆپ بولغان لىۋېرپۇل ئۈستۈنلۈكتە. ئومۇمىي سەپ شەكلى ھەمدە ماسلىشىشچانلىقتا لىۋېرپۇل ئۈستۈنلۈكتە. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئومۇمىي نەتىجىدە لىۋېرپۇلنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى سەل يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئەمەلىي كۈچىدە چوڭ پەرق بولمىغان ئىككى زەردارنىڭ مۇسابىقىسىدە قايسىسى غەلىبە قازانسا ئوخشاشلا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان نەتىجە ھېسابلىنىدۇ، ئۇندىن باشقا پۇتبولدەك مۆجىزىگە تويۇنغان تەنتەربىيە تۈرىدە ھەر قانداق ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىشى نورمال ئىش. شۇڭا كىچىك بالىدەك خانلىق مادرىد ئانداق قىلىۋېتىدۇ، لىۋېرپۇل مانداق قىلىۋېتىدۇ دەيدىغان تايىنى يوق پىكىرلەرنى قىلىشمىساقمۇ بولار. بۇ ھەپتە خۇنتىلارنىڭ مادرىدتىكى تۇنجى مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن تېخىمۇ تونۇشۇپ قالارمىز. بىر خانلىق مادرىد مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خالايدىغىنىم خانلىق مادرىدنىڭ غەلىبىسى .........
HALA MADRID ! ! !
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|