( /cW ئېنگىلاند 36-ئايلانمىدا چېلسى كۇلۇبى ئايال پادىشاھ باغچا كوماندىسىنى 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن ئۇتقاندىن كېيىن چېلسى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى باشلانغان 1992-يىلدىن بۇيانقى 400-مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداقلا مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن ئارسېنالدىن كېيىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن 3-كوماندا بولۇپ قالدى.
LW;UL}av سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا 1992-يىلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان جەمئى 45 كۇلۇب مۇسابىقىگە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كۇلۇپ ھازىرغىچە تېخى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە دەرىجە چۈشۈپ باقمىدى بۇلار: چېلسى، مانچىستېر بىرلەشمىسى، ئارسىنال، ئاستون ۋېللا، ئېۋېرتون، لىۋېرپول، توتىنھام قاتارلىقلار. ئالۋاستىلار بىرىنچى بولۇپ يەنە 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى(مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمكەن ھى ھى ھى) 400-مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بۇلۇپ ئۇلارنىڭ بۇ غەلبىسى ئۈچۈن 17 مۇسابىقە پەسلى ۋاقىت كەتتى. ئارسىنال 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 20 مۇسابىقە پەسلى بىلەن 2-قىتىم 400-مەيدان مۇسابىقە غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. چېلسى مانا تۈنۆگۈن ئارسىنالدىن 142 كۈن كېيىن 3-بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.
*n)3y.s /:
a~;i 1992-يىلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە باشلاندى. چېلسى ئاۋالقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە 3 مەيدان تەڭلىشىپ 1 مەيدان ئۇتتۇردى. 5-مەيداندىن باشلاپ ئاندىن غەلبە يولىغا قاراپ ماڭدى. شۇ قىتىم چېلسى تۇنجى قىتىم 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغىنى تۈنۆگۈنكى ئايال پادىشاھ باغچا كوماندىسى ئىدى..
n_@YKz;8 Ms*;?qtrR بۇ 400 مەيدان غەلبە جەريانىدا چېلسى ئەڭ چوڭ پەرق بىلەن ئۇتقان مۇسابىقە 2010-يىلىدىكى ۋېگان بىلەن مۇسابىقە بولۇپ چېلسى 0 گە قارشى 8 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان.بىرلەشمىدە ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇرنىمۇ چېلسى ياراتقان بولۇپ چېلسى كۇلۇبى 2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە 38 مەيدان مۇسابىقدە 29 مەيدان غەلبە قىلغان. پەقەت 9 مەيدانلا مۇسابىقدە 3 نۇمۇر ئالالمىغان. چېلسى كۇلۇبى ياراتقان يەنە بىر رىكورد بولسا چېلسى ئۆز مەيدانىدا يەنى سىتانفور كۆۋرۈكى مەيدانىدا ئۇدا 86 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن چېلسى 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە تۆت يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. 2010-يىلى ۋېگاننى 0 گە قارشى 8 نەتىجە بىلەن ئۇتقان شۇ كۈنى چېلسى كۇلۇبى بىر مۇسابىقە پەسلىدە 100 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ياراتقان.
63QSYn,t يەنە بىر نۇقتا 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى چېلسى بىرلەشمە باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قىتىم پۈتۈنلەي چەتئەللىك توپچىلار بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ جەنوبى ئانپىتۇن كۇلۇبىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان.
BCya5
!uy x3L3K/qMg بۇ 400 مەيدان غەلبە چېلسىنىڭ ئۈچ قىتىملىق بىرلەشمە چىمپىيونلۇقى( 2004-2005، 2005-2006، 2009-2010 )غا ۋە تۆت قىتىملىق(2003-2006،2004-2007،2007-2010،2008-2011) ئىككىنچىلىك شان-شەرىپىگە گۇۋاھ بولغان. چېلسىنىڭ بۇ 400 مەيدان غەلبىسىنى 15 مەشقاۋۇل كۈچ ئۇلاپ تاماملىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مورىنىئونىڭ تۆھپىسى ئەڭ زور. مورىنىئو چېلسىدا 89 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئەنچىلودى 48 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ ئىككىسى چېلسىنى ئۈچ قىتىملىق چىمپىيونلۇق ۋە ئىككى قىتىم ئىككىنچىلككە ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە 137 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
#Dx$KPD RIUJ20PfYQ ئاخىرىدا چېلسىنىڭ 400 مەيدان غەلبىسىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە مۇشۇ 15 نەپەر مەشقاۋۇلغا ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمىز:
wX7B&w8wV بوت:1991-1993 ، ۋېيبو:1993 ، خۇدېر 1993-1996، گۇلىت:1996-1998، ۋېئال:1998-2000، رېكىس ۋە ۋېركېنس:2000 ، رانېرى:2000-2004، مورىنىئو:2004-2007، گىرانت:2007-2008،سىكېلالى:2008-2009، ۋېيركېنس:2009، ھېدنىك:2009 ، ئەنچىلودى;2009-2011،,بوئاس:2011-2012، دىماتىئو:2012 دىن 2012 گىچە...