bt,^-gt@ ئېنگىلاند 36-ئايلانمىدا چېلسى كۇلۇبى ئايال پادىشاھ باغچا كوماندىسىنى 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن ئۇتقاندىن كېيىن چېلسى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى باشلانغان 1992-يىلدىن بۇيانقى 400-مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداقلا مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن ئارسېنالدىن كېيىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن 3-كوماندا بولۇپ قالدى.
\1[I(u سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا 1992-يىلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان جەمئى 45 كۇلۇب مۇسابىقىگە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كۇلۇپ ھازىرغىچە تېخى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە دەرىجە چۈشۈپ باقمىدى بۇلار: چېلسى، مانچىستېر بىرلەشمىسى، ئارسىنال، ئاستون ۋېللا، ئېۋېرتون، لىۋېرپول، توتىنھام قاتارلىقلار. ئالۋاستىلار بىرىنچى بولۇپ يەنە 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى(مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمكەن ھى ھى ھى) 400-مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بۇلۇپ ئۇلارنىڭ بۇ غەلبىسى ئۈچۈن 17 مۇسابىقە پەسلى ۋاقىت كەتتى. ئارسىنال 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 20 مۇسابىقە پەسلى بىلەن 2-قىتىم 400-مەيدان مۇسابىقە غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. چېلسى مانا تۈنۆگۈن ئارسىنالدىن 142 كۈن كېيىن 3-بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.
$GyO+xF G"=tQ$ZU 1992-يىلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە باشلاندى. چېلسى ئاۋالقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە 3 مەيدان تەڭلىشىپ 1 مەيدان ئۇتتۇردى. 5-مەيداندىن باشلاپ ئاندىن غەلبە يولىغا قاراپ ماڭدى. شۇ قىتىم چېلسى تۇنجى قىتىم 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغىنى تۈنۆگۈنكى ئايال پادىشاھ باغچا كوماندىسى ئىدى..
jGzs; bE :z^ps0 بۇ 400 مەيدان غەلبە جەريانىدا چېلسى ئەڭ چوڭ پەرق بىلەن ئۇتقان مۇسابىقە 2010-يىلىدىكى ۋېگان بىلەن مۇسابىقە بولۇپ چېلسى 0 گە قارشى 8 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان.بىرلەشمىدە ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇرنىمۇ چېلسى ياراتقان بولۇپ چېلسى كۇلۇبى 2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە 38 مەيدان مۇسابىقدە 29 مەيدان غەلبە قىلغان. پەقەت 9 مەيدانلا مۇسابىقدە 3 نۇمۇر ئالالمىغان. چېلسى كۇلۇبى ياراتقان يەنە بىر رىكورد بولسا چېلسى ئۆز مەيدانىدا يەنى سىتانفور كۆۋرۈكى مەيدانىدا ئۇدا 86 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن چېلسى 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە تۆت يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. 2010-يىلى ۋېگاننى 0 گە قارشى 8 نەتىجە بىلەن ئۇتقان شۇ كۈنى چېلسى كۇلۇبى بىر مۇسابىقە پەسلىدە 100 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ياراتقان.
FDaHsiI: يەنە بىر نۇقتا 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى چېلسى بىرلەشمە باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قىتىم پۈتۈنلەي چەتئەللىك توپچىلار بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ جەنوبى ئانپىتۇن كۇلۇبىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان.
z0V d(QL ch