مەنغۇ بۇ ئۇرۇشلاردىن خەۋەرسىز ، كۆرسەممۇ ئارىلاشمايمەن ...
قارىسام ئۇرۇشنىڭ ھەممىنى يېڭى نۇمۇرلار چىقىرىدۇ ، يا س.رونالدونىڭ ياكى مېسىنىڭ رەسىمى بار ،ۋە ياكى مىلاننىڭكىنىمۇ كۆرۈپ قالىمەن

، ئۇرۇش جىدەل چىقسا ھېچ قايسىسى قەتئىي ئۆزىدىن ئويلاشنى بىلمەيدۇ !
يەنە بىر دېگو دەپ بىرسى بار ، ئۆزىنى كونا ئەزا دەپ تىللايدىغاننى تىللاپ بۇلۇپ «ئىنكاس قۇبۇل قىلمايمەن»دەپ يىزىۋالىدىغان ...
يەنە بەزى بىر قىسىم كونا ئەزالار بار ، مۇنبەر ئۇنداق بوپ كەتتى ،بۇنداق بوپ كەتتى ، بۇ كۆڭلۈمگە ئازار بەردى ، ئۇ ئۇنداق قىلدى، ئەمدى كىرمەيمەن ، دەيدىغان مۇشۇنداق ئىنكاسلارنى كۆرسەممۇ سەل چىچىلىپ قالىمەن ، خۇددى مۇنبەر ئۈچۈن بەك يوغان كۈچ چىقىرىپ بەرگەندەك ، بەلكىم چىقارسىمۇ چىقارغاندۇ ،بىراق مۇنبەر دىگەن ئومومنىڭ ، ئۇنى مەخسۇس بىر ئادەم ئۈچۈن ئىچىپ بەرمىگەن ، كىرگىسى كەلمىگەنلەر كىرمىسە بۇلىۋېرىدۇ ،مۇنبەر ئۇلار يوق بوپ قالغانغا تاقىلىپ قالمايدۇ ...