قىززىق دەيمەن. بەزى ئەزالارنى چەكلەپ تۇرساقمۇ تۇيۇقسىز چەكلىگىنىمىز بىكار بوپ قالىدىكەن. نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدىكىن؟!ئەسلى چەكلەش بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى ئەمەس، لېكىن بەزىلەر بىزنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويىۋاتىدۇ. كىچىك نومۇردا كىرىپ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىۋاتقانلارغا ھەيران قالىمەن، تور تاقىلىشتىن بۇرۇن مۇنبەر ناھايىتى ئاۋات ۋاقتىدا ئاشۇلارمۇ چوڭ نومۇرىدا كىرىپ مۇنبەردە ئەركىن، ئىلمىي مۇنازىرە قىلىپ يۈرگەن بولغۇيتتى. ئەمدى ئازىراقلا ئۆزگۈرۈش يۈز بەرسە كىچىك نومۇردىن بىرنى ئېلىپلا باشقا كىشىلەرنى دەپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى غاجاپ كېتىشلىرى... توۋا!
مېنىڭچە ئەمدى مۇنبەر قۇرغۇچىسى، مۇنبەر باشلىقلىرى، ھەمدە مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز كۈچ قوشىۋاتقان ئەزالار بىرلىشىپ بىرەر چارە ئويلاپ تېپىپ بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالمىساق بولمىدى. مېنىڭچە بولغاندا مۇنبەردە چوڭ بىر ئۆزگىرىش قىلىپ، مۇنبەرنىڭ ئەسلى خارەكتېرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا،يەنە باشقىچە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشساق. يېڭى كىرگەن ئەزالارنى 24 سائەتكىچە ئىنكاس يازالمايدىغان قىلساقمۇ بولىدۇ. ھەقىقىي مۇنبەرگە ئەزا بولىمەن دېگۈچىلەر ئۈچۈن 24 سائەت ھېچقانچىلىك كۆپ ۋاقىت ئەمەس. مېنىڭچە مۇنبەرنىڭ تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرساق، ئۇنداق قىتىغورلار مۇنبەردە بىر ئىككى قېتىم ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىپ باقار، لېكىن كېيىنچە ھەممىمىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ بىرلىشىۋالساقلا، ئۇلارمۇ كىردىغان يوچۇق تاپالماي قالىدۇ.
بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي پىكرىم خالاس... باشقا قېرىنداشلارمۇ ھەر قانداق ياخشى ھەل قىلىدىغان چارە بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساق.