سىز بۇ تېمىنىڭ 1724 - ئوقۇرمىنى
تېما: بارلىق مۇنبەر ئەزالىرى دىققەت!
شۇ كۈنلەرنى تېخى ئۇنۇتمىدۇق...
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 9027
جەۋھەر: 4
يازما: 949
شۆھرەت: 1883 نۇمۇر
پۇل: 5737 سوم
تۆھپە: 151 نۇمۇر
ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
توردا: 405(سائەت)
تىزىملاش: 2011-05-10
ئاخىرقى: 2012-05-24
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 13:29

بارلىق مۇنبەر ئەزالىرى دىققەت!

ئەسكەرتىش: بۇ يازما nijat تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى(2012-02-29)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!                             ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى:

نۇرغۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئوقۇش،خىزمەت،تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە يۈرسەممۇ، مۇنبەرگە ئاز تولا بولسىمۇ كىرىپ خەۋەر ۋە نادىر تېمىلارنى ئوقۇپ ئۆز ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلىپ كېلىۋاتىمەن. قارىسام خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى مۇنبەرنىڭ كەيفىياتى بۇزۇلۇپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلار تولا يۈز بېرىۋاتىدۇ. مۇنبەردە چوڭى كىچىكىنى ئىززەتلىمەيدىغان ،كىچىكى چوڭىنى پوش دىمەيدىغان ئەھۋاللار كۈنسىرى ئېغىرلىشىپ ،مۇنبىرىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئوت يۈرەك پۇتبول مەستانىسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  رايىنى ياندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.   مۇنبىرىمىزدە خەۋەر يوللايمىز يۇ، شۇ خەۋەر سەھىپىسىگە كىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە يەتكۈچە ئازار بېرىۋالغاندىن كېيىن ، ‹‹بىز قېرىنداش، بىز بىر مىللەت ، بىز بىر دىندىن ،ئېتىقادىمىز بىر، مەقسىدىمىز بىر...........›› ئەيتاۋۇر نۇرغۇنلىغان سىلىق سۆزلەر بىلەن بۇ جېدەللەرنى ئاران بېسىقتۇرىۋاتىمىز. ئۇ ئازلىق قىلغاندەك ئۇ گەپلەرمۇ پىسەنىت قىلماي، مۇنبەرگە كىرىپ مەلۇم بىرەيلەننى يەتكۈچە تىللاپ قورساق كۆپىكىمىزنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن مۇنبەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدىكەنمىز.    مۇنبەر ئەھلىدىن، جۈملىدىن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇشۇ مۇنبەرگە كىرىپ ئۆز خوشاللىقىنى ئىزدىشىۋاتقان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمدىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ:‹‹بىز قېرىنداش، بىز بىر مىللەت ، بىز بىر دىندىن ،ئېتىقادىمىز بىر، مەقسىدىمىز بىر...........››   مۇشۇ گەپلەرنى  نىمىشقا جېدەل باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېسىمىزگە ئالمايمىز؟؟؟؟    
ئەمەلىيەتتە بىىز قىلالايمىز.بىراق قىلاي دىگەندە ئاللىبۇرۇن كېچىكىمىز. چۈنكى، بىزدە ئېتىقاد خۈنۈكلەشتى، مىللەتكە بولغان ئىشەنىچ خىرەلەشتى،ئاخىرى كەلگۈسىمىزگە بولغان ئارزۇ-ئارمان غايىپ بولماقتا.....
ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ، 2007-يىلى پۇتبول مۇنبىرىمىز شىنجاڭدا تۇنجى بۇلۇپ قۇرۇلغان ئۆز ئانا تىل -يېزىقىمىزدىكى پۇتبول مۇنازىرە مۇنبىرى ئىدى، دەسلەپتە مەنمۇ بىر مەزگىل مۇنبەرگە كىرىپ خەۋەر كۆرۈپ، بىزدىن چوڭ، بىلىملىك ئاكىللىرىمىزنىڭ ناھايىتى ئەتراپلىق قايىل قىلارلىق يېزىلغان تېمىللىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئېلىشنىلا بىلەتتىم، شۇچاغلاردىمۇ مۇنبىرىمىزدە  مىلەن،ئېنتىر،مانچېستېر،چېلسى،لېۋېرپول،مادرىد ،بارسا،بەيرىن،لېۋېركوسۇن ........... ئىشقىلىپ ھەممە كوماندىلارنىڭ مەستانىللىرى،ئالىي ئەزالىرى بار ئىدى، شۇ چاغدىمۇ ھازىرقىغا ئوخشاش، ئېنگىلانىد،ئىتالىيە،گېرمانىيە،ئىسپانىيە دېربىلىرى بار ئىدى، لېكىن ئۇچاغدا بۇنداق جېدەل يوق ئىدى، بەتلەپ بەتلەپ نادىن تېما چىققۇدەك ،ناۋاتتەك ئىنكاسلار چۈشەتتى يۇ ،لېكىن ھازىرقىدەك ئادەم ئېغىزىدىن چىقىشقا تېگىشلىك بولمىغان سەت گەپلەر چىقمايتتى.. مۇنبەر ئەزالىرى شۇنداق ئىناق ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيتتتى . ئەپسۇسلىنىمەن، چۈكى كونا ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن مۇنبەرگە كىرمەيدۇ، ياكى كۆپىنچىسى  ۋەقەدىن كېين تور تاقىلىپ مۇنبەر نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ شۇ پېتى رايى يانغان .   ھەيرانمەن؟؟؟؟؟  بىزمۇ شۇلارغا ئوخشاش، بەش ئەزايى ساق ئادەمغۇ؟ ؟ ؟   نىمىشقا بۇرۇنقىلاردەك ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ مۇنبەرگە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى ئويلىمايمىز؟؟؟؟؟؟؟؟  خەنزۇچە تورلاردا 90 دىى كېيىنكى بالىلارنى ‹‹كاللىسى پالەچ›› دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يېشى قىلىۋاتقان ئىشىغا پەقەت ماس كەلمەيدۇ، ئۇلار خالىغىننى قىلىۋەرگەچكە شۇنداق ئاتىشىۋالغان.   لېكىن ھازىر قاراپ باقسام مۇنبەردە شەخسەن ئۆزۈم  خېلى چوڭ بىلىدىغان ئەزالىرىمىز2000 دىن كېيىنكى كىچىك باللىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈردىكەن، بۇرۇنقى تېمىللىرىنى كۆرۈپ ھېچكىم ئۇلارنى ئۇنداق ئويلىمايدۇ، لېكىن  يېزىۋەتكەن ئىنكاسىغا قارىسىڭىز ..... كىمدۇ مۇشۇ دەپ شۇنداق مەھەللىسىگە كىرسىڭىز 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلار، بىر بولسا ئۇلار يالغاندىن يېشىنى ئەتەي چوڭ قىلىۋالغان، بىر بولسا شۇنداق يېشى چوڭ ئەقلى كىچىك بالىلار بۇلىشى ئېنىق.  ئۇلار شۇنداق ئىنكاسلارنى يېزىشتىن بۇرۇن نىمىشقا ئويلاشمايدۇ؟؟؟؟  گەپ تالىشىڭ دېسە،‹‹ مەن سەندىن نەچچە ئىشتاننى جىق كىيگەن ........›› دەپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەردەك بولىۋالىدۇ. كىچىكلىرىمىز بولسا ئۆزىنىڭ كەمتۈكلىكىنى تولۇقلاپ ،كۆپرەك بىلىدىغانلاردىن سوراي دىمەي، قارىغۇلارچە ئۆزلىرىنىڭ شوئارىنى توۋلاپ،‹‹ پالانىغا ھېچكىم يەتمەيدۇ، پۇستانىغا ھېچكىم يەتمەيدۇ........›› دەپ چوڭلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن جېدەل باشلىنىدۇ... ئاخىرى يەنىلا يۇقىردا دىيىلگەندەك ئاياقلىشىدۇ.

توغرا ، بىز ئەلمىساقتىن تارتىپ بىر پۇتبول سۆيەر مىللەت، قېنىمىز قىززىق. قېنىمىزدا ئوغۇزنىڭ،تەڭرىقۇتنىڭ قېنى بار..... لېكىن ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى بىزدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئېسىل پەزىلەتلىك ئالىملار بار، بىز شۇلارنىڭمۇ ئەۋلادلىرى، بۇنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى قېرىنداشلىرىم!!!    سىرىتلاردا بولسا ‹‹ بىز پالانى ئالىمنىڭ ئەۋلادلىرى، پۇستانى باتۇرنىڭ ئەۋلادلىرى .....›› دەپ تولا داۋراڭ سالىمىز يۇ، مۇنبەردە ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تىللاشقاندا بۇلارنى ئۇنتۇيمىز .... نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟؟؟؟ چۈنكى بىزدىكى مىللەت، قېرىنداشلىق ئېڭى ئاللىبۇرۇن خىرەلىشىپ كەتتى....   ئۆزىمىزنى ئىسپان زېمىنىدىكى كاتالونلۇقلارغا، ئسرائىلىيە ۋە ئامرىكا زېمىنىدىكى يەھۇدىلارغا ئوخشاش ئەقىللىق دەپ ئويلايمىز يۇ ،لېكىن دىنى ئېتىقادى جەھەتتە بىزگە ئەشەددى دۈشمەن بولغان شۇ كىشىلەرنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مىللەتچىلىك روھىغا تەڭ بولالمايۋاتىمىز....    قېرىنداشلىرىم ئويلايلى؟  مۇنبەردە جېدەل باشلىنىپ ئاقىۋەت مۇشۇ ‹‹ بىر دىن ، بىر مىللەت ...›› دىگەن سۆزلەر چىققاندىلا ئاندىن جېدەل بېسىقىدۇ. اللە نىڭ بىرلىك بارلىقىغا ھەممىمىز ئىشىنىمىز يۇ ، ئۇنى دائىم ئېسىمىزدە ساقلىمايمىز، دېمەك قىلىدىغاننى قىپ بولۇپ پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرىمىز. شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيىتساممۇ ، مۇنبەردە ئويلىمىغان يەردىن ئىنكاسىم بىرەرسىنىڭ كۆڭلىگە تىگىپ كېتىپ قالسا شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭمۇ ئۆزۈمگە ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلماننىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالىمەن. شۇندىن كېيىن شۇنداق بىر گەپ قلىۋالغۇم كەلسىمۇ مۇنبەرنى تاقاپ بىردەم باشقا ئىش قىلىپ ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىمەن... لېكىن شۇنداق توختىماي جېدەللىشىپ ،تىللىشىپ يۈرىۋېردىغان ئەزالارغا نىمە دەيلى؟  ؟ ؟  ئۇلارغا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ بۇ يەردە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئەركىنلىكى بار . لېكىن شۇنداق ئەزالار مۇنبەردە بىراۋنى توختىماي تىللىغىنى بىلەن قايسى ئىش ھەل بولدى؟؟؟   ‹‹پالانى جېنىمدىن ئۆتكۈدەك گەپ قىلدى، ئانا+سىنى،ئاچا+سىنى  بىر نەرسە قىلىۋېتىمەن.... ..... ..... ....›› دىگەن گەپلەردىن نىمە چىقتى؟؟؟  شۇڭا قېرىنداشلىرىم ،ھەربىر ئىنكاسنى يازغاندا .ماۋۇ گېپىم بىرەرسىنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ كېتەرمۇ يا؟ دىگەننى ئوبدان ئويلىشىپ يازساق. دۇنيادىكى ھېچقايسى كوماندا بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ كوماندىسى ئەمەس، لېكىن بىز شۇ كۇلۇبلارنىڭ مەستانىلىرى ، بۇ كۇلۇپ ئۆز قېرىندىشىڭىزدەك بولالمىسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈوپ تاپقان خوشاللىقىڭىز ،باشقا خوشاللىقلىرىڭىزدىن ئېشىپ چۈشىشى مۇمكىن. نىمە ئۈچۈن؟   چۈنكى---------------- سىز ،بىز پۇتبول مەستانىسى.
شۇڭا ئۆزىڭىزنى ھەقىقى پۇتبول مەستانىسى دەپ قارىسىڭىز ئۇنداق قاراتمىلىق ھالدا بىرەر كوماندىنى ياكى بىرەر ئەزانى ئاغزىڭىزنى بۇزۇپ تىللىماڭ، چۈنكى سىز تىللىغان شۇ كوماندا ياكى ئەزانى بىرەر مۇنبەردىشىمىز ياخشى كۆرىشى مۇمكىن. ئۇنى بەك تىللىغۇڭىز كەپ كەتسە ، ئىچىڭىزدە بىلىڭ ياكى بىرە ئاغىنە بۇرادىرىڭىزگە تىللاپ بېرىڭ، ھەرگىزمۇ مۇنبەرگە كىرىپ‹‹‹ مۇشۇ پالانىنىڭ نەرىنى ياقتۇردىغانسىلەر... پالانى دىگەن XX نىڭ بالىسى......›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ باشقا مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەڭ. چۈنكى -------------------------------------------------------ئىت بولسىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق كۆڭۈل بار!!!!!

ھازىر بىلىشىمچە مۇنبەردە بىر -بىرىنى كۆرۈپ باققان ئەزالار ساناقلىقلا ئىكەن،  مەن شۇنداق ئويلاۋاتىمەن. مۇنبىرىمىزدە نىمىشقا بۇرۇنقىغا ئوخشاش يىغىلىش قىلىنمايدۇ؟؟؟؟    مەيلى سىز قەيەردە بولۇڭ چوقۇم ئۆز رايونىڭىزدا 2 بولسىمۇ مۇنبەرداش چوقۇم بار،  نىمىشقا بىرەرە ۋاق بولسىمۇ بىر يەرگە كېلىپ بىرگە  تاماق يىگەچ راسا مۇڭدىشىپ ،ئۆز -ئارا تونۇشۇپ ‹‹بىز قېرىنداش...بىز بىر مىللەت، بىز بىر دىن........›› دىيىشىپ ، ئىناق -ئىتتىپاق ئۆتمەيمىز؟؟؟؟   ئۆچى بارلار شۇچاغدا قېنى شۇ مۇنبەردىكىدەك چانىشالامسىلار؟ بىر -بىرىڭلارنىڭ ھەدە-سىڭىللىرىنى تىللىشىپ  ئۇرۇشالامسىلەر؟ شۇچاڭغا بەك كۆرۈپ باققۇم بار، بىزلەرنى شۇنچىۋالا ئۆز -ئارا پېتىشتۇرمايۋاتقىنى زادى نىمە؟؟؟؟؟؟   مۇنەر ئەسلى بىزلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇپ بىزگە مۇنازىرە قىلىشىدىغان ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى ، بىز بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشمىز كېرەك ئىدى..........
ھەرگىزمۇ ‹‹مۇنبەر دىگەن مۇشۇنداق مۇنازىرە بىلەن قىززىيدۇ .......››دەپ ئوت پىلتىسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق، مۇنبەر دىگەن ئىلمىي، تەربىۋىي ئەھمىيىتى بار  مۇنازىرە بىلەن قىززىيدۇ  

    
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن :  توپ تەپكۈچى، ئامرىكا،پارلاق.... قاتارلىق بىر قىسىم سوغۇق قان ،مۇنبەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان قېرىنداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن
تىلغا ئېلىنماي قالغانلار كۆڭلۈڭلەرگە ئالماڭلار، مۇنبەردە  ھەممىڭلارنى ئېسىمدە تۇتۇپ بولالمايمەن ئەلۋەتتە.....



ئاخىردا بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا قاتتىق ئويلىشىپ بېقىشىنى سورايمەن، بىز مۇشۇنداق زىددىيەتلىشىپ ،تىللىشىپ ،قارغىشىپ ئاخىرى نىمىگە ئېرىشەلەيمىز ؟؟؟
بۇنداق قىلسان سىز- بىز گە قالىدىغىنى پەقەت ئاچچىق پۇشايمانلا خالاس!!!

ئەگەر ئۈرۈمچىدىكى مۇنبەرداشلارنى بىر يەرگە يىغىلايلى دىسەڭلار مېنىڭ ھەر ۋاقىت ۋاقتىم بار. گەپ سىلەردە قالدى



                                       ھۆرمەت بىلەن :    بالا پېقىر  (ئەلى)

                                                                         مىلادى 2012-يىلى2-ئاينىڭ 29-كۈنى



[ بۇ يازمىنىbalapekirدە2012-02-29 13:45قايتا تەھرىر ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇل:+5000(چوكىنات) ئورۇنلۇق پىك ..
  • ياخشى باھا:+31(Яiwαyat) خورازدىكى خو ..
  • مەن توردا يوق !
    دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
    UID: 10202
    جەۋھەر: 0
    يازما: 221
    شۆھرەت: 245 نۇمۇر
    پۇل: 88752 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 84(سائەت)
    تىزىملاش: 2012-01-27
    ئاخىرقى: 2012-04-22
    1  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 14:34

    ئوبدان ئويلاپسىز  ... ..    
    شۇ كۈنلەرنى تېخى ئۇنۇتمىدۇق...
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 9027
    جەۋھەر: 4
    يازما: 949
    شۆھرەت: 1883 نۇمۇر
    پۇل: 5737 سوم
    تۆھپە: 151 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
    توردا: 405(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-05-10
    ئاخىرقى: 2012-05-24
    2  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 14:34

    تېمىنىڭ ئالدىغا سۈرلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    مەڭگۈلۈك مەستانە
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 8725
    جەۋھەر: 0
    يازما: 3214
    شۆھرەت: 3947 نۇمۇر
    پۇل: 4502882 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 547(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-03-03
    ئاخىرقى: 2012-05-24
    3  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 14:36

    تىمىنى ياخشى يىزىپسىز قوللايمىز
    ئالغا مادرىد
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

    UID: 8994
    جەۋھەر: 0
    يازما: 927
    شۆھرەت: 1075 نۇمۇر
    پۇل: 2096 سوم
    تۆھپە: 3 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 813(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-05-02
    ئاخىرقى: 2012-05-24
    4  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 14:40

    ناھايتى ئورۇنلۇق تىما بولۇپتۇ.مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا.
    3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

    UID: 9222
    جەۋھەر: 9
    يازما: 1841
    شۆھرەت: 3241 نۇمۇر
    پۇل: 2238808 سوم
    تۆھپە: 51 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 249 نۇمۇر
    توردا: 321(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-06-30
    ئاخىرقى: 2012-05-24
    5  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 14:41

    تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ئىنتايىن ئورۇنلۇق گەپ بوپتۇ

    3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى رونالدو !
    مەڭگۈلۈك مەستانە
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 8725
    جەۋھەر: 0
    يازما: 3214
    شۆھرەت: 3947 نۇمۇر
    پۇل: 4502882 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 547(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-03-03
    ئاخىرقى: 2012-05-24
    6  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 14:49

    يزغان ئىنكاسلىرىم ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ باشقۇرغۇچىلار بەك شاش بولاپ كەتتىيا
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
    UID: 10302
    جەۋھەر: 0
    يازما: 169
    شۆھرەت: 106 نۇمۇر
    پۇل: 186 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردا: 63(سائەت)
    تىزىملاش: 2012-02-15
    ئاخىرقى: 2012-04-15
    7  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 14:50

    yahxi  nasihat...........toghra  gap.............japa qikipsiz   dostu................rahmat...............
    ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 8189
    جەۋھەر: 2
    يازما: 1698
    شۆھرەت: 2167 نۇمۇر
    پۇل: 4754 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردا: 139923(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-10-08
    ئاخىرقى: 2012-05-24
    8  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 14:59

    بەزى ئىتنىڭ  پوقلىرىنىڭ 2~3 نۇمۇرى بار ئوخشايدۇ  .........يىزىشنى چەكلىمەي مەڭگۇلۇك چەكلەش كىرەك .......
        مەيلى كونا مەيلى يىڭى ئەزا بولسۇن چەكلەشكە تىگىشلىكلىرىنى چەكلەش كىرەك    .............
                  ئاڭلىسام بەزى لالما مەستانىلارنىڭ مۇنبەردە باشلىق دەرجىلىك نۇمۇرى بارمىش چەكلىنىشتىن قورقۇپ قالماسمىش .........تىخى باشقا مۇنبەرگە چىقىپ بىزنىڭ مۇنبەرنى سۆكىدىغان ئەھۋاللارمۇ باركەن ..........
                    يەنە تىخى بۇمۇنبەرنى مادىرىتنىڭ مۇنبىرى دەپ ئاغىرنىپ كىتىپتىمۇش بەزىلەر .........ئىسڭدە بولۇشسۇن سەن لالما مەستانىلەرنىڭ مۇنبىرىمىزدىن ئاغىرنىدىغان ھوقوقىڭ يوق ..........مۇنبەردە چىلسى مانچىستىر لىۋىرپول ئارسىنال مىلان رىم ئىنتىر يۇۋىنتۇس  مادىرىت بارسىلونا بەيرىن دورتىمونىد نىڭمۇ مەستانىلىرى بار ئۇلار ئاغىرىنمايدۇ ھەجەپ سەنلەر ئاغىرنىشىپ كىتىپسەن ............
    تىما ئىگىسى بۇتىمىنى ياخشى يوللاپسىز ............شۇندالارغا ئىبىرەت بولسۇن............يەنە بىر تىمىدىكى مۇنبەر باشلىقلىرىنى قايتا سايلاشقا مەن قوشۇلمايمەن ..........مۇنبەر باشقۇرۇش توردا بار ئادەمنىڭلا قىلىدىغان ئىىشى ئەمەس ...ئۇنىڭغا كۆزگە كۆرۇنگەن مۇنبىرىمىز دىكى بۇرۇنقى كونە ئەزالارنىڭ يەنى ھازىرقى مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭ مۇنبەرنى باشقۇرغىنى ياخشى ............
        
    بۆرە رىۋايىتى
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

    UID: 2263
    جەۋھەر: 5
    يازما: 1390
    شۆھرەت: 2639 نۇمۇر
    پۇل: 37 سوم
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    توردا: 672(سائەت)
    تىزىملاش: 2008-02-22
    ئاخىرقى: 2012-05-23
    9  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 15:03

    ئىمزايىمدىكى گەپنى تەۋسىيە قىلىمەن
    بىز رىۋايەتتە كۆك بۆرىلەر بىز، بىز ئۇيۇشقان جەم بۆرىلەر بىز، بىز رىۋايەتتە داڭقى كەتكەن شۇ بۆرىلەر بىز
    بىز چېمپىئون !
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

    UID: 8971
    جەۋھەر: 3
    يازما: 2644
    شۆھرەت: 3140 نۇمۇر
    پۇل: 1000365 سوم
    تۆھپە: 161 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردا: 936(سائەت)
    تىزىملاش: 2011-04-27
    ئاخىرقى: 2012-05-23
    10  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 15:08

    بالا پېقىرنىڭ سۆزلىرى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق بوپتۇ ..يۈرەكنى ئەزگۈدەك گەپلەرنى قىپسىز  
    بولسا مۇشۇ تېمىنى باشلىقلار بىر مەزگىل ئالدىغا سۈرۈپ قويساق !
    i love inter
    مەن توردا يوق !
    دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

    UID: 7982
    جەۋھەر: 12
    يازما: 6118
    شۆھرەت: 9122 نۇمۇر
    پۇل: 166634 سوم
    تۆھپە: 206 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 300 نۇمۇر
    توردا: 905(سائەت)
    تىزىملاش: 2010-08-06
    ئاخىرقى: 2012-05-24
    11  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 15:23

    نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم،راستىمنى ئېيتسام مۇنبەردىن كۆڭلۈم سوۋۇپ قالدى،بۇرۇن خاپا بولساممۇ،ئۇرۇشۇپ قالساممۇ ئىنتىلىپ تۇرۇپ كىرەتتىم.ھازىر بەرىبىرلا بولۇپ قاپتۇ.ئىلمىي مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىلار يوق دىيەرلىك،ئىلمىي مۇنازىرە قىلىدىغانلارمۇ يوق دىيەرلىك،شۇڭلاشقا مەنمۇ بېشىمنى چۆكۈرۈپ ئوقۇشقا كىرىپلا كەتتىم.تورغا چىقساممۇ مۇنبەرگە قاراپ قويىمەن،تىزىملاتمەيمەن. ياكى ئۆزۈم بەك چوڭ سۈپەت بولۇپ كەتتىممۇ ؟! خۇددى چوڭ ئەيسادەك : « بۇرۇنقى شان - شىپىلار يوق» دىگەندەك !
    ئەما بىر ئېغىز گەپ : بۇ مۇنبەرنىڭ يامان گېپىنى باشقا مۇنبەرلەردە قىلىپ يۈرمەڭ،كۆرۈپلا قالدىم تۇتۇشۇپ قالىمەن،مەيلى ھازىر بۇ مۇنبەرگە نىمىلا بولسۇن بولمىسۇن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل پۇتبول مۇنبىرى ! داۋاملىق كىرىشكە،تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن ! ۋاقتىم چىقسىلا !
    بۇرۇن مەندىن كۆڭلى ئاغرىغان دوستلار كەچۈرگەيسىلەر !

    خەير ! دەرس ۋاقتى بولۇپ قالدى
    [ بۇ يازمىنىپارلاقدە2012-02-29 15:42قايتا تەھرىرلىد ]
    كېچە قاراڭغۇ ، ئاسمان چوقۇم كۆك !