سىز بۇ تېمىنىڭ 1406 - ئوقۇرمىنى
تېما: ئۇرۇشقاقنىڭ ھېكايىسى (كۆك بۆرە)
بۆرە رىۋايىتى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 2263
جەۋھەر: 5
يازما: 1367
شۆھرەت: 2598 نۇمۇر
پۇل: 5 سوم
تۆھپە: 100 نۇمۇر
ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
توردا: 661(سائەت)
تىزىملاش: 2008-02-22
ئاخىرقى: 2012-05-07
0  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 16:54

ئۇرۇشقاقنىڭ ھېكايىسى (كۆك بۆرە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما گىلادىئاتور تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-02-11)
بۇ تېمىدا يازغىنىم بىر ئۇرۇشقاق، مەيلى توپچى، تېرنىر ۋە ياكى رېپىر بولسۇن ھەممىسى بىلەن ئېتىشىپ باققان بىر جېدەلخور، لېكىن ئۇنىڭ مەيداندىكى بەزى پەزىلەتلىرىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ بولسا ئىتالىيىلىك دىكانىئو +2E~=xX  
}0R"ZPU1Rw  
نۇرغۇنلىغان تالانتلىق توپچىلارغا ئوخشاش دىكانىئونىڭ پەقەت ئۇنىڭ توپ تېخنىكىسى جەھەتتىلا ئەمەس يەنە نەگىلا بارسا ئىش تېرىپلا يغرىدىغان مىجەزى جەھەتتىمۇ نامى چىققان. 2000-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ بۇ كىتابتا ھەرپ تەرتىۋى بويىچە تۆۋەندىكى بىر قانچە جېدەل تىزىپ چىقىلغان: ئارت جېنسىن بىلەن بولغان جېدەل؛ بوئېنس بىلەن بولغان جېدەل؛ كاپېرو بىلەن بولغان جېدەل؛ فۇرگۇسون بىلەن بولغان جېدەل؛ تراپاتونى بىلەن بولغان جدەل؛ ۋېلسون بىلەن بولغان جېدەل ....، ئىشقىلىپ كونا توپ مەستانىلىرى بىلىشى مۇمكىن، بىر پروگراممىدا ھېچكىمدىن قورقمايدىغان 10 جېدەلخورنىڭ بىرىنچىسىگە مۇشۇ تىزىلغان. 1|*%  
بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا دىكانىئو پۇتبولدىكى ئاساسلىق پېرسوناژ بوپ كەلگەن. ئۇ رىمنىڭ كادىچىئو رايونىدا بىر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ رايوندىكى كۆپلىگەن كىشىلەر رىم كوماندىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىدى، ئەكسىچە ئۇ بولسا رىمنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان لازىئو كوماندىسىغا مەستانە بولغان. كىچىك ۋاقتىدا ئۇ Zorro تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ ئارتېستلىققىمۇ تاللانغان، لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا 50 مىڭ لىرالىق تۇرالغۇ ھەققىنى تاپشۇرالمىغاچقا ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى بالا چولپان بولۇش چۈشى بەرپات بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۇتبول مۇساپىسىنى باشلىغان. L%7WHtU*#  
پۇتبولچىلىق يولىنىڭ باشلىنىشمۇ ئۇنچە ئاسان بولمىغان، دىكانىئو پۇتى ئىچ مايماق بولغان بىر بوردەك ئىدى، شۇڭا ئۇ ئالاھىدە ياسالغان ئاياغ كىيەتتى. يەنە ئۇ كولاغا ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن دوستلىرى ئۇنى Palloca دەو چاقىراتتى، بۇ گەپنى تۈز تەرجىمە قىلغاندا چوشقا يېغى كۇمۇلىچى دېگەندەك بىر گەپ ئىدى. تەشۋىشلىك كېسىلى ۋە ئېگىزىدن قورقۇش كېسىلى ئازابى تۈپەيلىدىن تا 11 ياشقا كىرگۈچە يوتقىنىغا خەرىتە سىزىپ قوياتتى (سىيىپ ياتىدىكەن). k: s86q  
بالىلىق دەۋىدىكى بۇ قارا سايىلەرنىڭ تۈپەيلىدىن ئۇ بالدۇرلا ھەقىقەتنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ قالغان. 12 ياش ۋاىتىدا ئاكىسىنىڭ ۋېلسىپىتىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن پۇلغا ماروژنا، كەمپۈت سېتىۋالغان، ئويناپ تۈگەتكەن، پۇتبولغا ئىشلەتمىگەن. گەرچە ئۇ مۇشۇنداق بەزى قىلىقلىرى بولسىمۇ ئەمما ئۇ كەلگۈسىدىكى كۆزنى چاقىتىدىغان چولپان بولۇشقا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. «مەن ئەزەلدىن قاچمايمەن»، 2011-يىلى ئۇ بىر قېتىملىق زىيارەتتە «مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن مەشىق قىلاتتىم، بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن مەن ئاز تىرىشمىدىم» دېگەن. bxz6 >>  
كەسپىي پۇتبولچىلىقنىڭ دەسلىپىدىلا ئۇنىڭ تالانتى نامايان بولۇشقا باشلىغان. ئۇ دەسلەپتە لازىئونىڭ ياشلار تەربىيىلەش بازىسىغا كىرگەن ھەم 1985-يىلى 17 ياش ۋاقتىدا كوماندا بىلەن توختاملاشقان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولغان. «ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلار توپى» (لازىئو كوماندىسىنىڭ سېسىق نامى چىققان ئەسەبىي توپ مەستانىلىرى تەشكىلى) نىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن لازىئو كوماندىسى بىلەن توختاملىشىشىتىن ئىبارەت بۇ ئىش ئۇنىڭغان نىسبەتەن ھېچنىمە بىلەن تەڭ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىدى.بەزەن ماتېرىياللاردە دېيىلىشىچە ئۇ كوماندىنىڭ چوڭ تىزىملىكىگە كىرەلمىگەن ۋاقىتلاردىمۇ كوماندا بىلەن بىللە يىراقلاردىكى مېھمان مەيدانغا باراتتى. 2005-يىلى نەشىر قىلىنغان «قايتىش» دېگەن تەرجىمىھالىدا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار: مەن ئىلگىرى قارشى كوماندىنىڭ توپ مەستانىلىرىدىن تەرىپىدىن خىش بىلەن ئۇرۇلغان. مەن ئىلگىرى كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ ئازابى بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىغا يەتمەيدىغانلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان؛ ئۇ يەنە مەلۇم بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىر ساقچىنىڭ تاماشىبىنلار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شۇنچە يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ قىلچە ئارىلاشماي تاماشا كۆرگەنلىكىنى دېگەن. .dBW{|gN  
لازىئودا توپ ئوينىغان 5 يىلدا ئۇ كوماندىنىڭ ب دەرىجىدىن ئۆرلەپ چىقىشىغا ياردەم قىلغاندىن كېيىن 1990-يىلى يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ تەرسا بولۇشى لازىئونىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ئۇ تورېندا يەنە بىر داڭلىق توپچى ۋېئارى بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن دىكانىئو «442» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ۋېئارى ھەرقانداق ئادەمدىن يامان ئىدى، ئۇ باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئەبلەخ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. ئۇ ماڭا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ھەر قېتىملىق مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە 40 مىنۇت ۋاراتارغا توپ تېپىشنى مەشىق قىلاتتى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئۆز ئۆزۈمگە سۆزلەپ كېتەتتىم. ئەبلەخ، ئىسسىق ئۆيىدە تۇرماي مۇشۇنداق ھاۋادىمۇ ۋاراتارغا توپ تېپىشنى مەشىق قىلىپ يۈرگىنىنى» دېگەن. > m9ge`!9  
بۇ ھەمراھلار بىر پەسىل ھەمكارلاشقاندىن كېيىن دىكانىئو شۇ ۋاقىتتىكى تېرنىر تراپاتونى بىلەن ئېغىر ھالدا تالىشىپ قالغان. بۇ جېدەلنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى بولسا تاكتىكا مەسىلىسى ئىدى. دىكانىئو يېڭى كەلگەن ۋاقىتتا كوماندا مائىفوردنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5 نەپەر ھۇجۇمچى بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقاتتى. لېكىن تراپاتونى مۇداپىيىگە بەكرەك ئېتىبار بېرەتتى، بۇنىڭ بىلەن دىكانىئو بىلەن تراپاتونى ئارىسىدىكى چىقىشالماسلىق باشلانغان. دىكانىئو «ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۇ مېنىڭ بىر يان يولدا ئوينىشىمنى ئويلايتتى. مېنىڭ مۇسابىقىدىكى ھەرىكەت قىلىش دائىرەم ئوڭ تەرەپتىكى بىر رامكا شەكىللىك دائىرىدە بولۇپ، مۇشۇ دائىرىدىن چىقىشىمغا بولمايتتى، مەن ئۆزەمنى خۇددى بىر باغلاقلىق ئىتقا ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم» دېگەن. 9hwn,=Vh)  
گەپ تالىشىش ئاخىرى تەرەققىي قىلىپ مەشىق مەيدانىدا مۇش پەشۋا ئېتىشىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن نابلېسقا ئىجارىگە بېرىلگەن. بۇ بىر قېتىملىق يامان ئەمەس يۆتكىلىش بولغان، بىر مۇخبىر ماقالىسىگە «دىكانىئو تېرنىر لىپىنىڭ قول ئاستىدا تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىغا ئايلاندى، ئۇ ۋاقىت دەل ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىدى»دەپ يازغان. دىكانىئونىڭ تالانتى ئاخىرى ئېتىراپ قىلىنغان. < uzDuBN  
u-Ip*1/wp  
شۇ ۋاقىتتا AC مىلان كوماندىسى ئۇنىڭغان دىققەت قىلىشقا باشلىغان ھەم ئاخىرى ئۇنى كاپېرو يېتەكچىلىكىدىكى چېمپىيون كوماندىغا ئېلىپ كەلگەن، 1991-يىلىدىن بۇيان مىلان ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بوپ كېلىۋاتاتتى. لېكىن دىكانىئو باشتىن-ئاخىرى تارىختىكى داڭلىق كوماندىغا ئۆزلىشەلمىگەن. 2 يىلدىن كېيىن كۈدە-كۆرپىسىنى يىغىپ كوماندىدىن كەتكەن. 1995-96-مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئىتالىيە بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇقىنى ئالغان. ماتېرىياللارغا قارىغاندا كاپېرو مادرېدقا بېرىش نىيىتىگە كەلگەن كېيىنكى بىر ۋاقىتتا يازدا ئاسىيادا كوماندا بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقاندا دىكانىئو ئۇنىڭ بىلەن جېدەللەشكەن. شۇ ۋاقىتتا مىلان كوماندىسى جۇڭگونى بىر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن، مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كېيىنكى مەيدان باشلىنىشتىن بۇرۇن كاپېرو بىر مۇداپىئىچىنى مەيدانغا چىقىرىپ دىكانىئونى ئالماشتۇرۇۋەتكەن. بىر مەيدان تىللاشقاندىن كېيىن كاپېرو كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە كاپېرونى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكەن ھەم دەرھال مەيدان ئايرىلىپ مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەن ھەم «قېرى قاقباش، مەن ئەمدى كوماندىدا قالمايمەن، بۇ يەردە سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق» دەپ خەت قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالغان. كاپېرو مادرېدقا كېتىدىغان بولسىمۇ لېكىن دىكانىئو مىلاننىڭ كىيىمىنى كىيمىگەن، ئۇ شوتلاندىيىگە بېرىشنى تاللىغان ھەم 1 مىليون فوندستېرلىڭ باھا بىلەن كېلىتلىقلار كوماندىسىغا يۆتكەلگەن. بىراق ئۇنى ساقلاپ تۇرغىنى كېلىتلىقلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان گلازكو سەرگەردانلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي مەزھەپلەر توقۇنۇشى ئىدى، لېكىن پۇتبول دۇنياسىدىكى بۇنداق سىياسىي توقۇنۇشلار ئۇنىڭغا ناتونۇش ئەمەس ئىدى، ئىلگىرى لازىئودىكى ۋاقىتلاردا فاشسىت مۇسسۇلىننى قوللىغۇچى تەرەپدارى بولۇپ كۆنۈپ كەتكەن دىكانىئو بۇ يەردە خۇددى بېلىق سۇغا كۆنگەندەك كۆنۈپ كەتكەن. كوماندىدىكى ئىوادىسىمۇ ياخشى بولغان. لېكىن ئۇنىڭ ناتسىسقا ماھىل ئارقا كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنى يېپىپ كەتكەن. 38 مەيدان مۇسابىقىدە 15 توپ ئۇرغان ھەم بىرلەشمىدە يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالانغان بولسىمۇ كېلىن كوماندا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق توختام تۈزمىگەن. كېيىن ئۇ «مەن ھەرگىز يالغان گەپ قىلىپ دوستىنى سېتىۋىدىغانلار ئۈچۈن توپ تەپمەيمەن» دەپ كوماندا مۇدىرىيىتىنى ئەيىبلىگەن. a U*cwR  
1997-98-پەسلىدە سېفىرد چارشەنبە كوماندىسىنىڭ تېرنىرى ئارت جېنسىن رېكورت يارىتىپ 4 مىليون 800 مىڭ فوندستېرلىڭ باھا بىلەن دىكانىئونى يۆتكەپ كەلگەن. كوماندىغا كەلگەن دەسلەپكى پەسىلدە ئۇ 14 توپ كىرگۈزگەن ھەم توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئۆزىنىڭ «يالقۇنتاغ» نامىنىڭ بىكارغا چىقمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. 1998-يىلى 9-ئايدا ئۇ ئارسېنال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئېنگلاند تارىخىدىكى ئەڭ سەت بىر قىلىقنى چىقارغان، يەنى رېپىر پائۇل ئاركىكنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكەن، بۇ ئىشمۇ ئۇنىڭ مۈشۈكياپىلاق (چارشەنبە كوماندىسىنىڭ نامى) دىكى مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان. *$ 7c||J7  
مەيداندىن چۈشۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇ ئارسېنال بېكى ۋېنت بوئېنغا «ھېلى بىكار ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ تەھدىت سالغانلىقى ئۈچۈن 11 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن، 10مىڭ فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇلغان. ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئۇنىڭغا قارىتا ئەيىبلەش زەمبىرەكلىرىنى ئېتىشنى باشلىغان، ئۇنى «ساراڭ»، «ئىپلاس» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلىگەن. شۇ ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان تونى بانكىسمۇ (ئېنگلاندنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان چولپىنى، ۋاراتار) ھۇجۇم قىلغان، دىكانىئونىڭ ئەسلىشىچە بانكىس «ياۋايى، ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت» دېگەن. «مۇستەقللىق گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «شۇ ۋاقىتتا بەزىلەر مېنىڭ بۇ ئىشىمنىڭ تەسىرى 96 ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن سېلسبۇرگ ۋەقەسىدىنمۇ يامان بولدى دەپ قارىشىدۇ، مەن ھازىرغىچە شۇ ۋاقىتتىكى گېزىتنى كېسىپ ساقلاپ قويدۇم» دېگەن. A =k{Rl{LA  
بۇ ئىشتىكى ياراشتۇرۇش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن دىكانىئو 4 ئاي مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن، ھەم شۇنىڭدىن كېيىن كوماندىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپ باقمىغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىگە يېڭى بىر ماكان تاپقان، يەنى رېدىكناپ يېتەكچىلىكىدىكى غەربىي ھام بىرلەشمە كوماندىسى ئۇنى 1مىليون 700مىڭ فوندستېرلىڭغا كوماندىغا ئەكەلگەن ھەم ئېسىل ئىپادىسى بىلەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 1999-2000-پەسلىدىكى بىر توپى ئېنىگلاند بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپلار قاتارىغا كىرگەن. '.DFyHsq  
دىكانىئونىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدا شان شەرەپ ۋە كەينىدىنلا قىيىنچىلىق بولۇپ كەلگەن. لېكىن بۇ قېتىم ئۇ قەتئىي ئۆزگەرگەندەك قىلاتتى. 20001-يىل 12-ئايدا ئېۋېرتون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ ۋاراتارى پائۇل.گېراد ئېغىر يارىلىنىپ ئورنىدىن تۇرالمىغاندا دىكانىئو ھاۋادىكى كېلىۋاتقان توپنى قۇرۇق ۋاراتارغا كىرگۈزۈۋەتمەي قولى بىلەن تۇتۇۋالغان. مۇشۇ بىر ھەرىكىتى بىلەن خەلقئارا پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ «ئادىل رىقابەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1 ئايدىن كېيىن مانچېستىر بىرلەشمىسى ۋاراتارى بارتېس ئۇنىڭ ئالىجانابلىقىدىن پايدىلانماقچى بولغان، لېكىن دىكانىئو ئۇنداق قىلىشقا يول قويمىغان، يەنى دىكانىئو تاقىرباش ۋاراتارنىڭ ئۇنىڭ ئفسائىد بولغانلىقىنى ئىشارەت قىلغانلىقىغا قارىماي توپنى كىرگۈزۈپ «قىزىل ئالۋاستى» نى ئۇيۇشما لوڭقىسىدىن شاللىۋەتكەن. wN!5[N"  
rOy-6og  
پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۇنى كوماندىغا يۆتكەپ كەلمەكچى بولغاندا ئۇ غەربىي ھام مەستانىلىرىدىن ۋاز كەچمەيمەن دەپ بېرىشنى رەت قىلغان. لېكىن كوماندىنىڭ ۋاقىتلىق تېرنىرى گېرىن لودېر بىلەن جېدىلى باشلانغان. 2002-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ مەيداندىن ئالماشتۇرۇپ چۈرۈۋېتىلگەندە ئۇ تېرنىرغا ئېغىر گەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى كوماندىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. لېكىن ئۇ بولمىغان ئەھۋالدا كوماندا بىر مەيدانمۇ غەلىبەقىلالمىغان. كېيىن ئۇ «ئەگەر بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام بىر پۇتۇم قالغان بولسىمۇ مەيداندا ئوينايتتىم» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. p[%FH?  
ئاخىرىدا غەربىي ھام بىرلەشمە كوماندىسى دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن، دىكانىئوغىمۇ كېتىشكە يول قويۇلغان كېيىنكى پەسىلدە ئۇ چارلتون كوماندىسدا بىر پەسىلنى ئۆتكۈزگەن ھەم كوماندىنىڭ 20-ئەسرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلغان (بىرلەشمىدە يەتتىنچى). پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ دەرھال داۋاملىق توختام تۈزگەن بولسىمۇ لېكىن يۇرتىنى سېغىنغان ئىدى. رېم شەھىرىدىن كەلگەن تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ داۋاملىق كوماندىدا قېلىش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى. دىكانىئو چارلتون كوماندىسى مەستانىلىرىدىن كەچۈرۈم سوراپ «ئېھتىمال بۇ مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن بولغان تاللاش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەن سىلەرگە پەقەت كەچۈرۈڭلار دېيەلەيمەن» دېگەن. h{cJ S9e}  
ئۇ ئۆزى ئىلگىرى توپ تەپكەن لازىئو كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ «كۆك بۈركۈت» كە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ كونا مىجەزى يەنە قوزغىلىش ئالدىدا تۇرغاندەك ئىدى. بىر قېتىملىق دېربىدا 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن رىمنى يەڭگەندىن كېيىن ئۇ توپ مەستانىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلەش جەريانىدا ناتسېسچە بىر ھەرىكەت ئىشلىگەن. ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىش جازاسى بەرگەن. لېكىن دىكانىئو ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ھېچقانداق سىياسىي مەنىسى يوقلۇقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن. \Z ^YaKj&  
{(#>%f+|C  
ئۇنىڭ بۇ ئىپادىسى يەنە ئۇنى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان، ئۇنىڭ كوماندىغا كەلگەندىن كېيىن پەيدا قىلغان يامان تەسىرى تۈپەيلىدىن كوماندا ئۇنىڭ بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغان ئۇنىڭ كوماندىدا قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى پائالىيىتى بولسا كوماندا رەئىسى رودىتو بىلەن بولغان جېدەل، يەنى تاماقخانىدا ئۇ ئۈستەلنى مۇشتلاپ قولىغا چىققان نەرسىنى ئېتىپ دېگەندەك قىلىقلارنى قىلغان. 2006-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىگە كەلگەن. س 2-دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى رىم ماھارەت كوماندىسى ئۇنىڭ بىلەن 18 ئايلىق توختام تۈزگەن. لېكىن كوماندىنىڭ دەرىجە ئۆسۈشىگە ياردەم قىلالمىغان. كېيىن بۇ كوماندا ئۇنىڭغا ھەم توپچى ھەم تېرنىر بولۇش توغرىلىق توختام سۇنغان. لېكىن دىكانىئو يەنىلا 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزىنىڭ رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ;k 
ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن كەسپىي ھاياتىدا توختىماي مەيداندىن جازالىنىپ چۈشۈرېۋىتىلىش ھەم كۈن بويى تېرنىرغا قارشىلىش بىلەن ئۆتكەن پۇتبولچىغا نىسبەتەن توپچىلىقتىن قوماندانلىق قىلىشقا ئۆزگىرىش بىر غەلىتە تاللاش ھېسابلىنىدۇ. لېكىن غەربىي ھام كوماندىسىغا تېرنىرلىق قىلىش تەكلىپى مەغلۇب بولۇپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ب دەرىجىگە چۈشۈپ كەتكەن斯云登 دېگەن كوماندىغا تېرنىر بولغان. ئىلگىرى ئۇ كاپېرو بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ يەنىلا كاپېرونىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. >v9 ("  
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ تەرسالىقىنى تېخى تاشلىغىنى يوق، ئەمدى ئاخىرىدا ئۇنىڭ سۆزىنى كۆرۈپ باقايلى: «ھازىرغىچە بەزى كىشىلەر ماڭا ئەگەر مېنىڭ بۇرۇنلا ئاغزىمنى يىغقان بولسام ئىتالىيىنىڭ رىۋايىتىگە ئايلىنىدىغانلىقمنى دەيدۇ». ^|?/ y=  
بىر ئۆمرىدە پەقەت 9 قېتىم U21 غا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشكەن دىكانىئو مۇنداق دەيدۇ: «مەن مانا مۇشۇنداق، ئەگەر مەن ئېغىر بېسىق بولغان بولسام ھەرگىزمۇ كەسپىي توپچى بولالمايتتىم، مەن تازا غەزەپلەنگەندە، باشقىلار بىلەن جەھلىم بىلەن قارشىلاشقاندا سىلەر ئاندىن ئەڭ كۈچلۈك بولغان دىكانىئونى كۆرەلەيسىلەر». 3eqnc),Z  
_ a|zvH  
دىكانىئونىڭ ئېسىل كۆرۈنۈشلىرى #=@( m.k:s  
~ r6qnC2  
ماۋۇ ھېلىقى ئاجايىپ ئېسىل توپى
[ بۇ يازمىنىكۆك بۆرەدە2012-02-11 21:11قايتا تەھرىرل ]
بىز رىۋايەتتە كۆك بۆرىلەر بىز، بىز ئۇيۇشقان جەم بۆرىلەر بىز، بىز رىۋايەتتە داڭقى كەتكەن شۇ بۆرىلەر بىز
ئىچىم ھەجەپ پۇشتى!!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 508
جەۋھەر: 1
يازما: 1324
شۆھرەت: 1521 نۇمۇر
پۇل: 233068 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردا: 810(سائەت)
تىزىملاش: 2007-08-04
ئاخىرقى: 2012-05-02
1  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 16:59

ھېلىقى بىر توپى بارغۇ ،سەكرەپ چىقىپ تەپكەن..... پەچەت  ئۇرۋېتىدۇ بولمىسا،،،،
كىشى ئېيتۇركى ،ساق تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار ؟
مەن ئېيتۇرمەن، شۇ تۇخۇمنىڭ ، ئاشۇ تاشتا دەردى بار....

مۇنبەردىكى مانچېستىر مەستانىلىرى چ چ توپى : 77452192
مۇنبەردىكى ئاقسۇلۇق دوسلارنىڭ  چ چ  توپى : 18376453

قەھىرمان ئۆكۈنمەيدۇ ، قىساس كى
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 8337
جەۋھەر: 0
يازما: 1541
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 8660 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 1082(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-05-07
2  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 17:00

مۇسابىقە بولاۋاتسا ئۆزىنىڭ كوماندىسىدىكىلەر بىلەنمۇ سوقۇشۇپ يۇرگەن ئاداش شۇغۇ بۇ ... كىيىملىرىنى يىرتىشىپ
مەن توردا يوق !
دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن

UID: 440
جەۋھەر: 11
يازما: 996
شۆھرەت: 1902 نۇمۇر
پۇل: 2088 سوم
تۆھپە: 131 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردا: 506(سائەت)
تىزىملاش: 2007-07-22
ئاخىرقى: 2012-03-24
3  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 17:04

نادىر تىما  
ئويۇن تىخى ئالدىمىزدا.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 3523
جەۋھەر: 2
يازما: 3503
شۆھرەت: 3666 نۇمۇر
پۇل: 121088 سوم
تۆھپە: 46 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردا: 658(سائەت)
تىزىملاش: 2008-06-25
ئاخىرقى: 2012-05-06
4  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 17:09

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى تەنتەربىيەدە2012-02-11 17:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : b,Z& P|  
نادىر تىما   oVq@M  
@\"*Z&]8z0  
رەھمەت
ئىچىم ھەجەپ پۇشتى!!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى

UID: 508
جەۋھەر: 1
يازما: 1324
شۆھرەت: 1521 نۇمۇر
پۇل: 233068 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردا: 810(سائەت)
تىزىملاش: 2007-08-04
ئاخىرقى: 2012-05-02
5  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 18:00

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى تۈركىيەدە2012-02-11 17:09يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : ul?BKV+3E  
DPwSg\*)  
رەھمەت IebS~N E  
x/7G0K2\}  
95Qz1*TR  
    秘书长  
كىشى ئېيتۇركى ،ساق تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار ؟
مەن ئېيتۇرمەن، شۇ تۇخۇمنىڭ ، ئاشۇ تاشتا دەردى بار....

مۇنبەردىكى مانچېستىر مەستانىلىرى چ چ توپى : 77452192
مۇنبەردىكى ئاقسۇلۇق دوسلارنىڭ  چ چ  توپى : 18376453

قۇرئان ئوقۇيالامسىز؟
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 6888
جەۋھەر: 0
يازما: 603
شۆھرەت: 652 نۇمۇر
پۇل: 6297039 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 746(سائەت)
تىزىملاش: 2008-10-13
ئاخىرقى: 2012-05-06
6  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 18:07

قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز ؟    نادىر تېما !!! < R|)5/9  
_ 7BF+*T  
تەپسىلىي ئوقۇۋەتتىم !
قوغۇنلۇقتا  قارا  قوي !
قېرىندىشىم قاراپ قوي !
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 1017
جەۋھەر: 0
يازما: 18
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 2928 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 15(سائەت)
تىزىملاش: 2007-11-13
ئاخىرقى: 2012-04-20
7  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 19:26

رېپىرنى ئىتتىرۋەتكەن چاغدا ئاۋۇ رېپىرمۇ خوتۇن كىشىدەك نازلىنىپ تۇرۇپ يىقىلغان ئىدى     . n 11LxGwk  
   yOX&cZ[  
    شۇ كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدىلا  
رىكاردو كاكا
مەن توردا يوق !
دەرىجە: تاماشىبىن
UID: 10281
جەۋھەر: 0
يازما: 43
شۆھرەت: 53 نۇمۇر
پۇل: 43 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 4(سائەت)
تىزىملاش: 2012-02-11
ئاخىرقى: 2012-05-04
8  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 20:59

ئۇرۇشقاق
رىكاردو كاكا
پەقەت بىرلام رېئال مادرىد
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 9574
جەۋھەر: 0
يازما: 238
شۆھرەت: 285 نۇمۇر
پۇل: 101744 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 237(سائەت)
تىزىملاش: 2011-09-11
ئاخىرقى: 2012-03-02
9  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 21:00

توتتى بىلەن ئىككىسى سوقۇشۇپ قالغان بولسا ياۋۋۋۋ ئۇيان قىزىتيى
مائارىپ يۇقالماي مىللەت يۇقالمايدۇ.
ۋاقىت ھەممىنى ئۇزگەرتىدۇ.777
مەن توردا يوق !
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى

UID: 9706
جەۋھەر: 0
يازما: 677
شۆھرەت: 728 نۇمۇر
پۇل: 703 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 92(سائەت)
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-05-06
10  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 21:15

ھەمىنى ئوقىدىم نادىر تىما ~.oj.[ }  
777
مىللەت ئۇرۇشتا ئولمەيدۇ،سۇكۇتتە ئۇلىدۇ.777
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
UID: 22
جەۋھەر: 0
يازما: 1129
شۆھرەت: 1626 نۇمۇر
پۇل: 6 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردا: 442(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-02
ئاخىرقى: 2012-05-06
11  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 22:24

مىدال دىگەننى مانا مۇشۇنداق نادىر تىما تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان جاپاكەشلەرگە بىرەيلى باشلىقلا.... Cb;WZ3HR  
ھېچقانداق  تۆھپىسى يوق بەزى تورداشلارنىڭ مىداللىرى پاتماي كەتكەن....  خەت بېسىش بىر قۇر ئىنكاس يازغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس... مۇشۇنى بىر تەرتىپكە سېلىڭلا... ئوردىننىڭمۇ ھۆرمىتى بولسۇن.