بۇ تېمىدا يازغىنىم بىر ئۇرۇشقاق، مەيلى توپچى، تېرنىر ۋە ياكى رېپىر بولسۇن ھەممىسى بىلەن ئېتىشىپ باققان بىر جېدەلخور، لېكىن ئۇنىڭ مەيداندىكى بەزى پەزىلەتلىرىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ بولسا ئىتالىيىلىك دىكانىئو
cf|<~7
d{f
3R8~Q. نۇرغۇنلىغان تالانتلىق توپچىلارغا ئوخشاش دىكانىئونىڭ پەقەت ئۇنىڭ توپ تېخنىكىسى جەھەتتىلا ئەمەس يەنە نەگىلا بارسا ئىش تېرىپلا يغرىدىغان مىجەزى جەھەتتىمۇ نامى چىققان. 2000-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ بۇ كىتابتا ھەرپ تەرتىۋى بويىچە تۆۋەندىكى بىر قانچە جېدەل تىزىپ چىقىلغان: ئارت جېنسىن بىلەن بولغان جېدەل؛ بوئېنس بىلەن بولغان جېدەل؛ كاپېرو بىلەن بولغان جېدەل؛ فۇرگۇسون بىلەن بولغان جېدەل؛ تراپاتونى بىلەن بولغان جدەل؛ ۋېلسون بىلەن بولغان جېدەل ....، ئىشقىلىپ كونا توپ مەستانىلىرى بىلىشى مۇمكىن، بىر پروگراممىدا ھېچكىمدىن قورقمايدىغان 10 جېدەلخورنىڭ بىرىنچىسىگە مۇشۇ تىزىلغان.
S#X$QD بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا دىكانىئو پۇتبولدىكى ئاساسلىق پېرسوناژ بوپ كەلگەن. ئۇ رىمنىڭ كادىچىئو رايونىدا بىر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ رايوندىكى كۆپلىگەن كىشىلەر رىم كوماندىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىدى، ئەكسىچە ئۇ بولسا رىمنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان لازىئو كوماندىسىغا مەستانە بولغان. كىچىك ۋاقتىدا ئۇ Zorro تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ ئارتېستلىققىمۇ تاللانغان، لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا 50 مىڭ لىرالىق تۇرالغۇ ھەققىنى تاپشۇرالمىغاچقا ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى بالا چولپان بولۇش چۈشى بەرپات بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۇتبول مۇساپىسىنى باشلىغان.
R.R(|!w> پۇتبولچىلىق يولىنىڭ باشلىنىشمۇ ئۇنچە ئاسان بولمىغان، دىكانىئو پۇتى ئىچ مايماق بولغان بىر بوردەك ئىدى، شۇڭا ئۇ ئالاھىدە ياسالغان ئاياغ كىيەتتى. يەنە ئۇ كولاغا ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن دوستلىرى ئۇنى Palloca دەو چاقىراتتى، بۇ گەپنى تۈز تەرجىمە قىلغاندا چوشقا يېغى كۇمۇلىچى دېگەندەك بىر گەپ ئىدى. تەشۋىشلىك كېسىلى ۋە ئېگىزىدن قورقۇش كېسىلى ئازابى تۈپەيلىدىن تا 11 ياشقا كىرگۈچە يوتقىنىغا خەرىتە سىزىپ قوياتتى (سىيىپ ياتىدىكەن).
TD-d5P^Kek بالىلىق دەۋىدىكى بۇ قارا سايىلەرنىڭ تۈپەيلىدىن ئۇ بالدۇرلا ھەقىقەتنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ قالغان. 12 ياش ۋاىتىدا ئاكىسىنىڭ ۋېلسىپىتىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن پۇلغا ماروژنا، كەمپۈت سېتىۋالغان، ئويناپ تۈگەتكەن، پۇتبولغا ئىشلەتمىگەن. گەرچە ئۇ مۇشۇنداق بەزى قىلىقلىرى بولسىمۇ ئەمما ئۇ كەلگۈسىدىكى كۆزنى چاقىتىدىغان چولپان بولۇشقا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. «مەن ئەزەلدىن قاچمايمەن»، 2011-يىلى ئۇ بىر قېتىملىق زىيارەتتە «مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن مەشىق قىلاتتىم، بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن مەن ئاز تىرىشمىدىم» دېگەن.
DsqsMlB{ كەسپىي پۇتبولچىلىقنىڭ دەسلىپىدىلا ئۇنىڭ تالانتى نامايان بولۇشقا باشلىغان. ئۇ دەسلەپتە لازىئونىڭ ياشلار تەربىيىلەش بازىسىغا كىرگەن ھەم 1985-يىلى 17 ياش ۋاقتىدا كوماندا بىلەن توختاملاشقان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولغان. «ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلار توپى» (لازىئو كوماندىسىنىڭ سېسىق نامى چىققان ئەسەبىي توپ مەستانىلىرى تەشكىلى) نىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن لازىئو كوماندىسى بىلەن توختاملىشىشىتىن ئىبارەت بۇ ئىش ئۇنىڭغان نىسبەتەن ھېچنىمە بىلەن تەڭ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىدى.بەزەن ماتېرىياللاردە دېيىلىشىچە ئۇ كوماندىنىڭ چوڭ تىزىملىكىگە كىرەلمىگەن ۋاقىتلاردىمۇ كوماندا بىلەن بىللە يىراقلاردىكى مېھمان مەيدانغا باراتتى. 2005-يىلى نەشىر قىلىنغان «قايتىش» دېگەن تەرجىمىھالىدا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار: مەن ئىلگىرى قارشى كوماندىنىڭ توپ مەستانىلىرىدىن تەرىپىدىن خىش بىلەن ئۇرۇلغان. مەن ئىلگىرى كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ ئازابى بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىغا يەتمەيدىغانلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان؛ ئۇ يەنە مەلۇم بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىر ساقچىنىڭ تاماشىبىنلار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شۇنچە يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ قىلچە ئارىلاشماي تاماشا كۆرگەنلىكىنى دېگەن.
)@3ce' لازىئودا توپ ئوينىغان 5 يىلدا ئۇ كوماندىنىڭ ب دەرىجىدىن ئۆرلەپ چىقىشىغا ياردەم قىلغاندىن كېيىن 1990-يىلى يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ تەرسا بولۇشى لازىئونىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ئۇ تورېندا يەنە بىر داڭلىق توپچى ۋېئارى بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن دىكانىئو «442» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ۋېئارى ھەرقانداق ئادەمدىن يامان ئىدى، ئۇ باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئەبلەخ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. ئۇ ماڭا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ھەر قېتىملىق مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە 40 مىنۇت ۋاراتارغا توپ تېپىشنى مەشىق قىلاتتى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئۆز ئۆزۈمگە سۆزلەپ كېتەتتىم. ئەبلەخ، ئىسسىق ئۆيىدە تۇرماي مۇشۇنداق ھاۋادىمۇ ۋاراتارغا توپ تېپىشنى مەشىق قىلىپ يۈرگىنىنى» دېگەن.
-pj&|<
h+9 بۇ ھەمراھلار بىر پەسىل ھەمكارلاشقاندىن كېيىن دىكانىئو شۇ ۋاقىتتىكى تېرنىر تراپاتونى بىلەن ئېغىر ھالدا تالىشىپ قالغان. بۇ جېدەلنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى بولسا تاكتىكا مەسىلىسى ئىدى. دىكانىئو يېڭى كەلگەن ۋاقىتتا كوماندا مائىفوردنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5 نەپەر ھۇجۇمچى بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقاتتى. لېكىن تراپاتونى مۇداپىيىگە بەكرەك ئېتىبار بېرەتتى، بۇنىڭ بىلەن دىكانىئو بىلەن تراپاتونى ئارىسىدىكى چىقىشالماسلىق باشلانغان. دىكانىئو «ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۇ مېنىڭ بىر يان يولدا ئوينىشىمنى ئويلايتتى. مېنىڭ مۇسابىقىدىكى ھەرىكەت قىلىش دائىرەم ئوڭ تەرەپتىكى بىر رامكا شەكىللىك دائىرىدە بولۇپ، مۇشۇ دائىرىدىن چىقىشىمغا بولمايتتى، مەن ئۆزەمنى خۇددى بىر باغلاقلىق ئىتقا ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم» دېگەن.
>Ge&v'~_| گەپ تالىشىش ئاخىرى تەرەققىي قىلىپ مەشىق مەيدانىدا مۇش پەشۋا ئېتىشىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن نابلېسقا ئىجارىگە بېرىلگەن. بۇ بىر قېتىملىق يامان ئەمەس يۆتكىلىش بولغان، بىر مۇخبىر ماقالىسىگە «دىكانىئو تېرنىر لىپىنىڭ قول ئاستىدا تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىغا ئايلاندى، ئۇ ۋاقىت دەل ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىدى»دەپ يازغان. دىكانىئونىڭ تالانتى ئاخىرى ئېتىراپ قىلىنغان.
*&B*/HAN
>#R<