ساقلانما
تېز كۆرۈش
پۇتبول مەستانىلىرى دۇنياسى
پۇتبول پاراڭلىرى
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار
پۇتبول كۆرۈنۈشلىرى
پۇتبول رەسىملىرى
پۇتبول ئويۇنى
پۇتبول لاتارىيىسى
پۇتبول دۇنياسىغا نەزەر
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى
دۇنيا لوڭقىسى
ياۋرۇپا لوڭقىسى
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى
ئېنگلاند بىرلەشمە مۇسابىقىسى
ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
گېرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقى
باشقا مۇسابىقىلەر
مۇنبەر ئىشخانىسى
ئۆز كوماندىمىز
مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسى
پۇتبول كۇلۇبىغا تەكلىپ
كىرىش
تىزىملىتىش
مېھمان
يوللانما:
بۈگۈن:
تېمىللىرىم
ئىنكاسلىرىم
ساقلانمام
دوستلار ئەھۋالى
كىرگەن IP : 207.241.237.227
باش بەت
مەھەللە
ئىزدەش
مۇلازىمەت
ياردەم
مىدال مەركىزى
بانكا
تور تېلېۋىزىيىسى
wind
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار
پۇتبول لاتارىيىسى
پۇتبول ئويۇنى
خىيالىي پۇتبول بىرلەشمىسى
ئېنگلاند بىرلەشمە مۇسابىقىسى
ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى
پۇتبول كۇلۇبى
»
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار
»
2-ئـەۋلاد پۇتـبـول شــاھــى
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
«
1
2
»
Pages: 1/2 Go
يېڭى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 2271 - ئوقۇرمىنى
تېما: 2-ئـەۋلاد پۇتـبـول شــاھــى
كۆچۈرۈش
|
ساقلىۋېلىش
|
بېسىپ چىقىرىش
دوستلىشىش
dilmurat1511
3-ئەۋلاد پۇتبول شاھى
دەرىجە: كەسپىي پۇتبولچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
9222
جەۋھەر:
7
يازما:
863
شۆھرەت:
1737 نۇمۇر
پۇل:
5465 سوم
تۆھپە:
51 نۇمۇر
ياخشى باھا:
203 نۇمۇر
توردا: 213(سائەت)
تىزىملاش:
2011-06-30
ئاخىرقى:
2012-03-03
0
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 16:18
ئاپتۇرنىڭكىنىلا
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
2-ئـەۋلاد پۇتـبـول شــاھــى
ئەسكەرتىش:
بۇ يازما ankar528 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-11-15)
پۇتبول پادىشاھى مارادونا
bKac?y~S_
تۈزگۈچى : لىن شى :林夕
vE$n0bL2
( تەرجىمە قىلغۇچى ) : ئالىمجان تاھىر
a[hQ<@1O
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 3-ئاي 1-نەشرى
3x3 =ke!
"3e1 7dsY
oeF0t'%
3-باپ
D]*
0oNy
1985-يىل سېنتەبىردە ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن مېكسىكىدا قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى . ئېھتىمال ، بۇ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرۈشىدىن دېرەك بەرسە كېرەك . دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قۇت نىشانى بىر دانە ‹‹ كۆك قىزىلمۇچ ›› بولۇپ ، ئىندىئانلارغا خاس شاپ بۇرۇتى بار ئىدى ، بېشىدا مېكسىكىنىڭ ئەنئەنىۋى كەڭ گىرۋەكلىك چىغ قالپىقى ، ئۇچىسىدا قىزىل ، ئاق رەڭلىك تەنھەرىكەت كىيىمى ، تۇرقى خۇددى پۇتبولغا ئوخشايتتى ، كىشىلەر ئۇنى ‹‹ پىكيۇ ›› (Pique ) دەپ ئاتىشاتتى . بۇ سۆز مېكسىكا تىلىدا ‹‹ قارشىلىشىش ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى ، پۇتبول ساھەسىدە ‹‹ چاقماق تېزلىكىدە بۆسۈپ ئۆتۈش دېگەن كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان بولۇپ ، مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە يېڭى بۆسۈش بولىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى .
+I[Hxf ~
بىر پارچە سۈرەتتە ، كەڭ گىرۋەكلىك چىغ قالپاق كىيگەن مارادونا تاتلىق كۈلۈپ تۇراتتى . بۇ ‹‹ Pique ››غا نېمىدېگەن ئوخشىغان - ھە ! بەزىلەرنىڭ 1986-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ‹‹ مارادونا ›› دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلىغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن ، ئەلۋەتتە .
CMviR<.
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاۋىلانج ‹‹ يەر شارىدىكى پۇتبول بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلارنىڭ ئورتاق غايىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ›› دېگەن ئىدى . بىراق ، مارادونا بىرىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى ، ئىككىنچى قېتىم تولۇق ئىشەنچ بىلەن قاتناشقان بولسىمۇ ، ئار - نومۇس ئىچىدە مەيداندىن ئايرىلدى ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۆسمۈر مارادونانىڭ چۈشى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۈزۈلگەنىدى .
'E_~>
26 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مارادونا مەيداندا دائىملا قوشۇمىسىنى تۈرۈۋالاتتى ، كىشىگە كۆپ ئىسسىق - سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندەك كۆرۈنەتتى . مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا ، ئارگېنتىنا كوماندىسى تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر : ‹‹ مارادونانىڭ كوماندىسىغۇ ! ›› دېيىشەتتى . كىشىلەرنىڭ تەلەپپۇزىدىن قەھرىمانغا بولغان ھۆرمەت چىقىپ تۇراتتى ، لېكىن ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن كۆپ ئۈمىد كۈتمەيتتى . بۇ ، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئوبيېكتىپ قاراش ئىدى ، 1982-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا ھېچقانداق لوڭقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكتىن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشىمۇ سۇسلاپ قالغانىدى . بۇ تۆت يىلدىكى ئازاب ۋە گۈزەل تىلەكلەر مارادوناغا ئىلاھىي خىسلەت ھەم مۇسابىقىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش كۈچى ئاتا قىلغانىدى . شۈبھىسىزكى ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيتتى .
%C=?Xhnv
ئالدى بىلەن ئاشۇ بىر قىسىم ئىسپانىيىلىكلەر بەدەل تۆلىشى كېرەك . كەسپىي پۇتبول ماھىرى بولغان مارادونا مەيداندىكى ئىپادىسى ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاشنى ئوبدان بىلەتتى . كىشىلەر مارادونا ۋە ‹‹ جەمەتى ›› توغرىسىدا ئۆسەك سۆزلەرنى قىلىشىپ يۈرگەندە ئىسپانىيە بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى . كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاۋارىچىلىققا يولۇققان مارادونا مەيداندا قىلچە توسالغۇغا ئۇچرىمىدى ، بارسېلونا كوماندىسى چېمپىيون بولۇش ئېھتىمالى بولغان كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ، كۇلۇب رەئىسى نۇنېس ئىلگىرىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تىلغا ئالماي ، ئۇنىڭ تالانتىنى ماختاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى نامايان قىلدى .
[e?vqm .
3 <_=Vyf
ھەش - پەش دېگۈچە دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ قالدى ، ئىككى كونا رەقىب _ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى يەنە ئۇچراشتى . بارسېلونا كوماندىسى مارادونانىڭ ھەيۋىسىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلماقچى ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بولسا ئىلگىرىكى شانلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق شۆھرىتىنى قوغدىماقچىدى . مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە قايسى كوماندا غەلىبە قىلسا بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە ، مىلاد بايرىمىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەتتى .
OM81$Xo=
ئىسپانىيە پۇتبولچىلىرىنىڭ قوپاللىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغاندىن كېيىن ، مارادونا ئامالسىز بۇ خىل ‹‹ ئۇسلۇب ››قا كۆندى . دەرۋەقە مۇسابىقە باشلىنىش بىلەن ئۇ كارامىتىنى كۆرسەتتى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئون نەچچە مىنۇت ئۆتە - ئۆتمەيلا سول پۇتى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى . خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي تېزلا بىر نومۇر ئالدى . ھەر ئىككى كوماندا بىردە بىر نەتىجىگە قانائەت قىلمايتتى ، نەتىجىدە ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى . مارادونا توپ ئالغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپلا چەكلەنگەن رايونغا قاراپ ئىلگىرىلىدى ، مادرىد كوماندىسىنىڭ خافبېكى گورېسنىڭ مۇداپىئەسىنى ئەپچىللىك بىلەن بېسىپ ئۆتتى ، مانا ۋراتاغا ئۇرىدىغان پەيتمۇ يېتىپ كەلدى ! گورېس ئۇنى پۇتلىۋەتكەنمۇ قانداق ، ئۇ ئۇشتۇمتۇت تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ يەرگە يىقىلىپ ، مىدىرلىماي ياتتى . مارادونانى ناسولكا بىلەن مەيداندىن ئېلىپ چىقىۋاتقاندا ، رەئىس نۇنېسنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى . دوختۇرنىڭ دىئاگنوزى كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرەتتى ، ئۇ سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ ، ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىشى لازىم ئىدى . بارسېلونا كوماندىسى مارادونانى سېتىۋالغاندا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ئويلاشمىغانىدى . روشەنكى ، دىيېگو مارادونا بولمىغاندىن كېيىن كوماندا چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى .
a(lmm@;V<
ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى تۇنجى باھار يەنىلا ئىللىق ئىدى ، ئەمما ئۇ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ باھارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى . كىشىلەر غۇلغۇلا قىلىشاتتى ، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇراتتى .
C4)m4r%
UmG|_7
مارادونامۇ ئويغا چۆمگەنىدى ، تىنچ مۇھىتتا كىشىنى بىزار قىلىدىغان ‹‹ كۆلەڭگە ›› ۋە يارىلاندۇرۇش ئېھتىمالى بولغان قائىدىگە خىلاپ بولغان ھەرىكەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە پۇتبولچىلارغا خاس تەپەككۇردا پىكىر يۈرگۈزەتتى . دەل شۇ ۋاقىتتا ، ئىسپانىيىلىكلەر قانداق ئۇسۇل بىلەن بۇ ‹‹ ئۆز بېشىمچى ›› شاھزادىنى تۇتۇپ قېلىشنى ئويلىشىۋاتاتتى . ئۇلار ئاخىر مېنوتتىنى ئەسكە ئالدى . كىشىلەر ‹‹ مارادونا - مېنوتتى ››نى دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ، دەپ قارىغانىدى ، بىراق نەتىجە كۈتكەندەك بولمىدى . ھازىر ، كىشىلەر يەنە ئۇلارنىڭ بارسېلونا كوماندىسىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرۈشىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە ، نەتىجىسى قانداق بولار ؟ مارادونا كېسىلى ساقىيىپ ئىسپانىيىگە قايتقاندىن كېيىن ، ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلدى ، 1983 - 1984 -يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئۇنى كۈتمەكتە ئىدى . ئۇستازى مېنوتتى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئورتاق ۋەزىپە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىرلىكتە ئەستىن چىقىرىش ئىدى . قارىغاندا ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداقتەك قىلاتتى ، مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا بارسېلونا كوماندىسى مەيلى بىرلەشمە مۇسابىقىدە بولسۇن ياكى ‹‹ پادىشاھ لوڭقىسى ›› مۇسابىقىسىدە بولسۇن ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلدى .
]A:8x`z#F
ۋەھالەنكى ، تەقدىر ئادەمنى شۇنداقمۇ كولدۇرلىتىدىكەن ، ھەتتا بەزىدە ئۆزىڭىزنى جىنايەتكاردەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن . 1983-يىل 25-سېنتەبىر بارلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان قاباھەتلىك كۈن . ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، شۇ كۈنى بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بىلبائو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئېلىپ باراتتى . كىشىلەر بىلبائو كوماندىسىدا گويكوچې ئىسىملىك بىر بېك بولغاچقىلا مەزكۇر كوماندىنى تىلغا ئېلىشاتتى . گويكوچېنىڭ قانچە ماھىرنىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرغانلىقى نامەلۇم ، كىشىلەر ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىنى بىلدۈرۈپ ‹‹ قاسساپ ›› دەپ ئاتىغان ، خالاس . ئەمما كەسپىي پۇتبول قائىدە - نىزاملىرىدىن ئۇنى مەڭگۈ مەيداندىن چىقىرىۋېتىدىغان بىرەر ماددا چىقمىغانىدى . دەل شۇ ‹‹ قاسساپ ›› پۇتبول مۇنبىرىدىكى يەنە بىر ئابىدىنى نابۇت قىلىشقا قىل قالدى !
KpT =twcK
بۇ لەقەمنى بىلىدىغان بارلىق ھۇجۇمچىلار بىراق مارادونانىڭ خاراكتېرى كۈچلۈك ئىدى . ئۇ مۇۋاپىق بولسىلا باشقىلار قىلالمىغاننى ئۆزىنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 58 مىنۇت بولغاندا ، بارسېلونا كوماندىسى نۆلگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن ئالدىدا ئىدى ، مارادونا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپانىيە بېكلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى رەھىمسىزلەرچە ئېچىپ تاشلىدى ، ئەلۋەتتە ، ‹‹ قاسساپ ››مۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى . مارادونا يەنە بىر قېتىم توپ ئالدى ، گويكوچې ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى . مارادونا رەقىبىنى ئوڭايلا ئالداپ ئۆتۈپ توپنى ئېلىپ ئىلگىرىلىدى ، بىردە بىر ئېلىشىشتا يەنە مارادونا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى . ئەلۋەتتە ، ئۇ رەقىبىنى ئەزەلدىن بۇنداق سەل چاغلىمىغانىدى . شۇنداقتىمۇ گويكوچې تېزلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان رەقىبىگە ئادەتلەنگەن ۋاسىتىسىنى ئىشلەتتى _ كەينىدىن مارادونانىڭ پۇتىغا ، يەنە كېلىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە سول پۇتىغا قاتتىق تەپتى ...
-|I_aOC@
‹ قاسساپ ››نىڭ قولىدىن باشقا نېمە ئىش كەلسۇن ؟ رېپىرىنىڭ پۇشتىكى چېلىنىش بىلەن مۇسابىقە توختىدى ! تاماشىبىنلار نېمە قىلىشنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ قېلىشتى ! سىتتېسپىللېر بىلەن كلاۋدىيە كۆرۈش سۇپىسىدىن ئايرىلىپ بىچارە مارادونانىڭ يېنىغا چاپتى ! رەئىس نۇنېسنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىدى !
fWyXy%Qq
دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىدىن سول پۇتىنىڭ ئوشۇق بوغۇمىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكى ، ئىچكى يان پېيىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ، ئىچكى ئوشۇق بوغۇمىنىڭ سۇنغانلىقى مەلۇم بولدى . مارادونا يەنە بىر قېتىم كېسەللەرخانىسىغا قايتتى .
eIQ@){lJ-]
مارادونانىڭ سول پۇتىنىڭ قېلىن گىپىسلانغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئىسپانىيىلىكلەر تالانت ئىگىسىگە ھېسداشلىق قىلىش ۋە ئاسراش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى . گويكوچې بولسا نامەلۇم بىر توپ مەستانىسىدىن ‹‹ ئۆلۈم خېتى ›› تاپشۇرۇۋالغۇچە خاتىرجەم يۈرۈۋەردى .
gv,1 CK
مارادونا مەيدانغا چۈشۈشنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى ، شۇڭا يارىلىنىپ 100 كۈندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ مەيدانغا چىقىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى .
o8~
}8'b}7!
مارادونا پۇتبول مەيدانىغا قايتقاندىن كېيىن ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچ كەلدى . مۇبادا بۇ يىلمۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىسە ، ئۇنىڭ ئىككى يىل ۋاقتى بىكارغا كېتەتتى ، شۇنداقلا ئىسپانىيىدە ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . شۇڭا ، ئۇ ئاكتىپ مەشقلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىپ ، ئۆزىگە بولغان بېسىمنى يەڭگىللەتتى . مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ، ئۇنىڭ ھېلىقى بىر تۈركۈم يارىماس قېرىنداشلىرى ئاۋارىچىلىق تۇغدۇردى .
onl,R{,`0
بىر كۈنى كەچتە ، ئۇلار قەھۋەخانىغا قەھۋە ئىچكىلى بېرىپ ، بىر ئۇسسۇلچى قىزغا پوخۇرلۇق قىلىپ قويدى . نەتىجىدە بۇقا سوقۇشتۇرۇش بىلەن نامى چىققان ئىسپانىيىلىكلەر بىلەن جېدەللىشىپ قالدى . ئەتىسى ئەتىگەندە ، قەھۋەخانا خوجايىنى بۇنىڭدىن كېيىن مارادونا جەمەتىدىكىلەرنى قەھۋەخانىغا يېقىن يولاتمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇنىڭغا ئەگىشىپلا مارادوناغا تەنقىد يېغىپ كەتتى . ئەمما ، مەملىكەت بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە بارلىق مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى .
$hy0U_}6
مېنوتتىمۇ مارادونا بىلەن بىرگە غايەت زور بېسىمغا ئۇچرىدى . 1982-يىلى ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، بۇ ‹‹ ئاۋاق ›› پوزىتسىيىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللار بىلەن كەسكىن تالاش - تارتىش قىلدى . ئۇنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق گېزىتى بولمىغانلىقتىن ئۆزىنى ئاقلاشقا ئامالسىز قالدى . ئەسلىدە ئۇ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىماقچىدى ، لېكىن ئىسپانىيىگە كەلگەندىن كېيىن ، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ مارادوناغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى ، ئۇ بۇ ئىشلاردىن بىزار بولۇشقا باشلىدى . مارادوناغا ئوخشاشلا مېنوتتىنىڭ مىجەزىمۇ كەسكىن ئىدى ، ئاسانلىقچە قارارىنى ئۆزگەرتمەيتتى . 1978-يىلى مارادونانى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىماسلىق بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ . مېنوتتى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشسىلا بارسېلونادىن كېتەلەيتتى ، مارادوناچۇ ؟ ئۇنىڭ تۆت يىللىق توختامى بار ئىدى .
q4Mv2SPT
T\"-q4+=C
بىلبائو كوماندىسى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ، مارادونانىڭ كۈشەندىسى ئىدى . 28-ئاپرېل ، نومۇرى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىككى كوماندا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئېلىپ باردى ، گەرچە مارادونا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ ، بارسېلونا كوماندىسى بىرگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋەتتى . ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ تۈگىشىپلا كەتتى . سىتتېسپىللېر ئۇنىڭغا بىر ھەپتىدىن كېيىن بىلبائو كوماندىسى بىلەن پادىشاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، تەسەللى بەردى .
`%*`rtZ+H.
بىر ھەپتىدىن كېيىن ، مارادونانى يەنە بىر بالا - قازا كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز ؟
&r2\P6J
‹ پادىشاھ لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىسپانىيىدىكى ئەنئەنىۋى مۇسابىقە بولۇپ ، ھەر قايسى ئەللەردىكى پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە باراۋەر ئىدى . ئەڭ داغدۇغىلىق يېرى شۇكى ، ھەر نۆۋەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى پادىشاھ مەيدانغا كېلىپ كۆرەتتى ھەم ئۆز قولى بىلەن لوڭقا تارقىتاتتى . شۇڭا 1984-يىل 5-ماي ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا پايتەخت مادرىد سانتىياگو بېرنابۇ تەنتەربىيە مەيدانىدا ‹‹ پادىشاھ لوڭقىسى ›› مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . پادىشاھ جۇئان كارلوس رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ، خانىش سوفىيا ۋە شاھزادە ، مەلىكىلەر ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا ئولتۇراتتى . خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ يېنىدا باش ۋەزىر گونزالىس ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى موران ، شۇنداقلا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمان _ ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى كابوتولار ئولتۇراتتى . بۇ ئەربابلارنى تەكلىپ قىلىشتىكى مۇددىئا ھېچكىمگە ئايان ئەمەس ئىدى .
V=
ئويلاپ بېقىڭ ، گويكوچې بار كوماندا ، جۈملىدىن مارادونانىڭ سول پۇتىنى تېپىپ سۇندۇرۇۋەتكەن ، گېرمانىيە پۇتبول چولپىنى شۇستېرنىڭ تىزىنى تېپىپ ئېزىۋەتكەن ‹‹ قاسساپ ››تىن ئېسىل مەيدان ئىستىلى كۈتۈشكە بولارمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە پادىشاھ كارلوس بۇ خىل قوپال پۇتبول ئىستىلىدىن جىددىيلەشكەندەك قىلمايتتى ، رېپىرىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالاتتى ، ئېھتىمال پادىشاھ بۇنداق قوپاللىقلارنى كۆپ كۆرۈپ ئادەتلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك . ۋەھالەنكى ، توپ مەستانىلىرى _ مەيلى 70 مىڭ بىلبائو كوماندىسى مەستانىلىرى بولسۇن ياكى 30 مىڭ بارسېلونا كوماندىسى مەستانىلىرى بولسۇن ، ھەممىسى ئۆز كوماندىسىغا مەدەت بېرىش بىلەنلا بولۇپ ، مەيداندىكى ئەھۋاللارغا ئانچە دىققەت قىلمىغانىدى .
?_ eHvw
مارادونا مەيداندا ناھايىتى جانلىنىپ كەتتى ، بىر ھەپتە ئىلگىرى بىرلەشمە مۇسابىقە چېمپىيونلۇقىدىن مەھرۇم قالغاندىكى چۈشكۈنلۈكتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى ، لېكىن قارشى تەرەپ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ توپىنى توسىدى . رېپىرى پۇشتەك چېلىشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلاتتى ، بەلكىم ئۇ توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ كۆرۈشنى ئويلىغان بولسا كېرەك .
Z>pZ|
gux?P2f
رېپىرىنىڭ پۇشتىكى ئاخىرى چېلىندى ، لېكىن بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . بىلبائو كوماندىسى يەنە بىر قېتىم نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتتى . مۇسابىقە خۇددى قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايتتى ، ئەمدىلا چۈشتىن ئويغانغان مارادونا يەنىلا قارشى تەرەپ ئەزالىرى بىلەن قول ئېلىشتى . ئەمما ، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلىشىغا پۇرسەت بەرمەيدىغاندەك ئىدى . بىلبائو كوماندىسىنىڭ ھاياجاندىن خۇدىنى يوقاتقان بىر ئەزاسى خۇشاللىقتىن تېرىسىگە سىغماي بىر نېمىلەرنى دەپ سۆزلەۋاتاتتى . ئۇ مارادوناغا قارىتىپ سۆزلەۋاتامدۇ - يوق ، بۇنىسى نامەلۇم . ئەمەلىيەتتە ، ئۇ مارادوناغا قارىتىپ غەلىتە قول ھەرىكىتى قىلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆڭلى يېرىم بولۇپ تۇرغان مارادونانى ‹‹ زوراۋانلىق ›› ئارقىلىق ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشقا مەجبۇر قىلدى ، چۈنكى ھېلىقى ئەزانىڭ باش بارمىقى مارادونانىڭ مۈرىسىگە تەگكەنىدى . مارادونا ئۇنىڭ ئېڭىكىگە كاللا بىلەن كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۈسۈۋېدى ، ئۇ يەرگە يىقىلدى . بۇ ھالنى كۆرگەن بىلبائو كوماندىسىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى مۇشتۇمىنى تۈگۈپ مارادوناغا ئېتىلدى ، ئۇ مارادوناغا مەيداندا ‹‹ ئىشلەتمىگەن تېخنىكا ››سىنى كۆرسىتىپ قويماقچىدى . شۇ دەقىقىدە ، مارادونا نىشانىنى يوقاتتى ، ئۇ سول پۇتى بىلەن توپقا ئەمەس ، بەلكى رەقىبىنىڭ قورسىقىغا قارىتىپ تەپتى . ئارقىدىن كوماندا ئەزالىرى ، توپ مەستانىلىرى ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى ...
I3u)y|Y=
بىر ئوچۇم لەنەت تەگكۈر مۇخبىرلار كەسپىي ئادىتى بويىچە بەس - بەستە سۈرەتكە تارتىشىۋاتاتتى . ساقچىلار ئارىلاشقاندىن كېيىنلا ھەممە قالايمىقانچىلىق بېسىقتى .
<6+T&Ov6
پادىشاھ كارلوس ۋە ئىككى نەپەر دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋاللاردىن ھەيران بولۇپ ، ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
EI496bsRHm
ئىززەت - ھۆرمەتنى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك ، بولۇپمۇ خاتا ئۇسۇلنى تاللىغاندا تېخىمۇ شۇنداق . ۋەقە يۈز بېرىپ ئۈچىنچى كۈنى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇنى ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بېرىشكە چاقىرتتى ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى . بىر قانچە كۈندىن كېيىن ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مارادونا ۋە ئىككى كوماندىنىڭ باشقا تۆت نەپەر ئەزاسىغا ئۈچ ئاي مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماسلىق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى .
8RQv
y9.?5#aL
مارادونا تارتىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئىسپانىيىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزدى . سىتتېسپىللېر ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى . ئەمەلىيەتتە ، مارادونا بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي كۇلۇب ئوتتۇرىسىدا بۇرۇنلا سۈركىلىش پەيدا بولغانىدى ، شۇ سەۋەبتىن ھەر كىم ئۆز يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولدى .
6[?5hmc"w
يەنىلا گەپنى توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلايمىز . بۇ ئالەمشۇمۇل يۇقىرى باھا كۇلۇب رەئىسى ، ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى نۇنېسنىڭ ئىجادىيىتى ئىدى . ئۇ 100 مىليون دوللىرى قىممىتىدە مال - مۈلۈككە ئىگە كاتتا باي ئىدى ؛ بىراق ئۇ كۇلۇب رەئىسى بولغان ئون يىلدىن بۇيان ، بارسېلونا كوماندىسى كرۇيىفنىڭ باشچىلىقىدا بىر قېتىم چېمپىيون بولغاندىن سىرت ، ھېچقانداق لوڭقىغا ئېرىشەلمىگەنىدى . نۇنېس ئىقتىسادىي ساھەدە ھەممىگە ئېرىشكەنىدى ، ئەمدىكى نىشانى سىياسىي ساھە ئىدى . ۋەھالەنكى ، ئۇنىڭدا سىياسىي ساھە ئېھتىياجلىق بولغان يۈز - ئابروي كەمچىل ئىدى . شۇڭا ، ئۇ مارادونانى سېتىۋېلىش ئارقىلىق جامائەت پىكرىنى ئۆزىگە قارىتىشقا ، چېمپىيونلۇق ئارقىلىق تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى . بۇ خىل پۇتبول ئارقىلىق باشقا مۇددىئاغا يېتىشكە ئۇرۇنۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، ئەلۋەتتە .
k n/xt
تىپىك ئىسپانىيە ئۇسلۇبىغا ئىگە ‹‹ قاسساپ ›› نۇنېسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى . ئەسلىدە ، بارسېلونا كوماندىسى مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدىلا تۆت ، بەش نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنىدى . مارادونا يارىلانغاندىن كېيىن ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بىلبائو كوماندىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېتىشىۋالدى . نەتىجىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ساھىبخانا مەيداندىكى مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتى ئىلگىرىكى ھالىتىنى ساقلىيالمىدى ، بېلەت باھاسى چۈشكەنلىكتىن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مالىيە كىرىمى تەسىرگە ئۇچرىدى . كىشىنى تېخىمۇ تىت - تىت قىلىدىغىنى شۇكى ، كۇلۇبنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاسبېرت باشقۇرۇشىدىكى ‹‹ تەنتەربىيە ›› گېزىتى ئۈزلۈكسىز ماقالە ئېلان قىلىپ نۇنېسنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىنى ئەيىبلىدى ھەم ئۇنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى . بۇ خىل ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىق ئالدىدا ، نۇنېس بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا مارادونانى تېزراق ساقايتىشقا بۇيرۇدى ، بىراق بۇ چاغدا مارادونادا ئىسپانىيىلىكلەردىن قورقۇش پسىخىكىسى پەيدا بولغانىدى ، شۇڭا ئۇ كۇلۇب بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلدى .
}}Z2@}
مارادونا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ دوختۇرى ئولىۋېرانىڭ ئۆزىنى داۋالىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . ۋەھالەنكى ، بۇ چاغدا ئولىۋېرا دۆلەت كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى پاسسارېللانىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئىتالىيەنىڭ فلورېنسىيە كۇلۇبىدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى . شۇڭا ، ئۇ كۇلۇبتىن ئىتالىيىگە بېرىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلدى . بىراق ، نۇنېسنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەندىشىسى بار ئىدى . مۇبادا مارادونا بارسېلونادىن ئايرىلىپ ، باشقا جايدا داۋالانسا ، ‹‹ تەنتەربىيە ›› گېزىتىنىڭ ئۇنى قابىلىيەتسىز دەپ ئەيىبلىشىگە باھانە تېپىلاتتى . ئاخىرى نۇنېس مارادونا بىلەن كېلىشىم تۈزدى . كېلىشىم بويىچە مارادونا 1984-يىلى فېۋرالدا ئىسپانىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ‹‹ مارادونا شىركىتى ›› بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ 1983-يىل سېنتەبىردىن 1984-يىل فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا كىرىش بېلىتىدىن تارتقان زىيىنىنىڭ 50 پىرسەنتىنى تۆلىشى كېرەك ئىدى ؛ ئەگەر مارادونا ۋاقتىدا ساقىيىپ مۇسابىقىگە قاتنىشالىسا ، ‹‹ مارادونا شىركىتى ›› يۇقىرىدا ئېيتىلغان پۇل سوممىسىغا ئېرىشەلەيتتى . بۇ نوقۇل سودا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادىل كېلىشىم ئىدى ، لېكىن ھېسسىي جەھەتتىن مارادونانىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە تەگدى .
M3r;Pdj2r
مارادونا ئۆكتەبىردە ئىتالىيىگە كەلدى ، ئولىۋېرانىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ داۋالىشى ئارقىسىدا ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كەلدى . 1984-يىل 3-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ، كىشىلەر بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەشىق مەيدانى _ نوپو مەيدانىدا مارادونانى كۆرۈپ ھەيران قالدى . مارادونانىڭ ئىتالىيىدىكى داۋالىنىش خىراجىتى تۆت مىليون فرانك ( تەخمىنەن 570 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ) بولۇپ ، ئىقتىسادىي شارائىتى ئەۋزەل بارسېلونا كۇلۇبى ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس ئىدى ، ئەمما نۇنېس ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ، شۇنداقلا مارادونانىڭ ئۆز بېشىمچىلىقىغا نارازى بولۇپ ، پۇل تۆلەشنى رەت قىلدى . مارادونا ئامالسىز قانۇن ئارقىلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا مەجبۇر بولدى . بۇ ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلەشكەنلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشى ئىدى .
'V&Tlw|
)_Z^oH ]<
مېنوتتى ئىسپانىيىدىكى مەغلۇبىيەتتىن دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنىغىلا تايىنىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى . ئۇ تېخىمۇ كۆپ پۇتبول چولپىنىغا ئېھتىياجلىق ئىدى ، نۇنېس يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەرختە پلاتىنىنى سېتىۋېلىش ھەققىدە ئىككىلىنىپ ئولتۇرغاندا ، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى توختام ئىمزالاپ بولدى . مارادونا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن غەزەپلىنىش بىلەن بىرگە ، نۇنېسنىڭ توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەرختە ئۆزىنى سېتىۋالغىنىغا ئوخشاش يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەرختە پلاتىنىنىمۇ سېتىۋالالايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى . ئەلۋەتتە ئوخشاش نەرختە برازىلىيە پۇتبول چولپىنى زىكو ، فالكاۋ ، ئەنگلىيە پۇتبول چولپىنى روبسونلارنى كۇلۇبقا قوبۇل قىلالايتتى ، ئەمما مارادونا بۇنداق بولۇشنى خالىمايتتى .
'8[; m_S
شۇ چاغدا ئابېتو فوئىكا ئىسىملىك ئىسپانىيىلىك بىر كىشى مارادونانى ئىتالىيىنىڭ ناپولى كۇلۇبىغا ئېلىپ كەلدى . مەزكۇر كۇلۇب 1980-يىلىلا مارادونانى سېتىۋالماقچى بولغانىدى ، 1982-يىلى بارسېلونا كوماندىسى ئۇلاردىن چاققان چىقتى . لېكىن ، ناپولى بىلەن مارادونانىڭ تەقدىرى بىر قانچە ئەۋلاد ئىلگىرىلا پۈتۈلگەنىدى .
zrf tF2U
19-ئەسىردە ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ھەر يىلى تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ تۇرغانلىقتىن كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا قېچىپ باردى . ناپولىغا يېقىن كىبادىۋىك بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق سالۋادورا كارىئوچى ئىسىملىك قىزمۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە ئارگېنتىناغا كۆچۈپ باردى . دەل مۇشۇ قىزنىڭ نەۋرىسى دالما سالۋادور فرانكو دىيېگو مارادونانىڭ ئاپىسى ئىدى .
#\_8y`{x
0T^0)c
ئابېتو فوئىكا مەخسۇس پۇتبولچىلارنىڭ ئالمىشىش ئىشىنى بېجىرىدىغان ۋاسىتىچى ئىدى . ئۇ دەسلەپتە بارسېلونا كوماندىسى بىلەن ئۇدىنېس كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئارىدىن ئازراق پايدا ئۈندۈرۈش ئۈچۈن مارادونانى ئىتالىيىگە ئېلىپ كەلگەنىدى . بىراق ، مارادونانىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەنگەنلىكتىن ، ئۇنىڭ مارادونا ۋە زىكودىن ئىبارەت ئىككى گىگانت چولپاننى تەڭلا مەيدانغا چۈشۈرۈش تەسەۋۋۇرى سۇغا چىلاشتى . مۇسابىقە بېلىتى سېتىلىپ بولغانلىقتىن ، ئۇ ئامالسىز بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بىرگە ئىتالىيىگە كەلدى . ئىسپانىيىلىك بۇ ۋاسىتىچى ئىتالىيىگە كېلىپ ئەتىسى كەچتە ناپولى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى فېررىئانو بىلەن ئالاقىلەشتى . ئۇلار ئەسلىدە 1982-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن داۋاملىق ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توپ ئويناۋاتقان برازىلىيە ماھىرى سوكراتېسنىڭ ئالمىشىش ئىشىنى مەسلىھەتلەشمەكچىدى . ئەمما ، بۇ گىگانت چولپاننىڭ نېمە ئۈچۈن فلورېنسىيە كوماندىسىنى تاللىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى . ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، پۇتبول سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى ؛ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى نىسبەتەن ناچار ئىدى . شۇڭا ، جەنۇبقا جايلاشقان ناپولى كوماندىسى ھازىرغا قەدەر ھەر تۈرلۈك پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە بىرەر قېتىممۇ چېمپىيون بولۇپ باقمىغانىدى . رومانتىك ئىتالىيىلىكلەر يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىش ھارپىسىدا تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تۈرلۈك قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشاتتى . شۇڭا فېررىئانو : ‹‹ مارادونادىن ئۈمىد بارمۇ ؟ دېگەن سوئالنى مۇنداقلا ئوتتۇرىغا قويدى .
6b9J3~d\E
بۇ سۆز ھېسسىياتقا باي ئىسپانىيىلىكنىڭ سودا تۇيغۇسىنى ئويغاتتى . ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق سودىنىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكىنى سەزدى . گەرچە ، ئۇ سەككىز مىليون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىتالىيىكلەرنى چۆچۈتىۋېتىدىغانلىقىنى پەملىگەن بولسىمۇ ، لېكىن سودىگەرلەرگە خاس تاتلىق سۆزلەر بىلەن فېررىئانونى قايىل قىلدى . ئۇ : ‹‹ سىزنىڭ ئەسەبىي پۇتبول مەستانىلىرىڭىز ، سان پاۋلو پۇتبول مەيدانىڭىز بار . ناۋادا مارادونا ناپولى كۇلۇبىغا كەلسە ، تۆت مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى پەسىللىك مۇسابىقە بېلىتىدىنلا 30 مىڭنى ساتالايسىز . باشقا كىرىملەر بۇنىڭ سىرتىدا ›› دېدى . شۇنداق قىلىپ ئەسلى مەۋجۇت بولمىغان بۇ ئىش بىر قېتىملىق تېلېفون ئۇچرىشىشىدا كۈنتەرتىپكە قويۇلدى .
1}Y3|QxF
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، سىتتېسپىللېرمۇ ئالمىشىش بازىرىغا كۆز تىكىۋاتاتتى . مەيلى ھېسسىيات نۇقتىسىدىن ياكى مەنپەئەت نۇقتىسىدىن بولسۇن ، مارادونا مۇھىت ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى . فوئىكا بۇ ئىشنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى قىزغىن بولدى . سەككىزدىن بىر قىسىم ئىتاليان قان سىستېمىسىدىن بولغان مارادونا بۇنى قانداقمۇ رەت قىلسۇن ؟
`?b'.Z_J
x=+>J$~Pb
ناپولى كۇلۇبى بىلەن بارسېلونا كۇلۇبى ناھايىتى تېزلا ئەمەلىي سۆھبەتنى باشلىدى . 27-ماي ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالىدى ، كېلىشىم بويىچە يۆتكىلىش ھەققى 13 مىليارد لىرا ( تەخمىنەن يەتتە مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ) بولدى . بۇ خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەنلا ناپلېس شەھىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى . كىشىلەر مارادونانى قانداق ئۇسۇلدا كۈتۈۋېلىش ھەققىدە كاللا قاتۇرۇشقا باشلىدى . 28-ئىيۇن مارادونانىڭ قىممىتىنى قايتىدىن ھېس قىلغان ئىسپانىيىلىكلەر يۆتكىلىش ھەققىنى ئۆز ئالدىغا 15 مىليارد لىراغا ئۆستۈردى ، بۇنى ناپولى كۇلۇبى قوبۇل قىلمايتتى ، ئەلۋەتتە . ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە 30-ئىيۇن سائەت 24تىن ئىلگىرى ئالمىشىش رەسمىيىتىنى تاماملىغان چەت ئەللىك پۇتبول ماھىرلىرى ئىتالىيە بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايتتى ، ئەگەر رەسمىيىتىنى تاماملىيالمىسا كېلەر مۇسابىقە پەسلىنى كۈتۈش كېرەك ئىدى ياكى پۇرسەتتىن مەڭگۈ مەھرۇم بولاتتى . ناپلېسلىقلار بۇ ئىشتىن ئەپسۇسلىنىپ تۇرغاندا ، بارسېلونا كۇلۇبى مارادونانىڭ خاراكتېرىدىن نارازى بولدىمۇ ياكى رېئال مالىيە كرىزىسىنى كۆزدە تۇتتىمۇ ، ئەيتاۋۇر ئاخىرقى دەقىقىدە كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا قوشۇلدى .
hRMya#%-
4-ئىيۇل ، دىيېگو ئارماندو مارادونانىڭ قەلبى لەرزىگە كەلدى . ئۇ ئۆكۈنۈش ۋە ھارغىنلىق ئىچىدە ناپلېس شەھىرىگە كەلگەندە پادىشاھلاردەك كۈتۈۋېلىنىشقا مۇيەسسەر بولدى . شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە ئۇنىڭ سۈرىتى چاپلانغانىدى ، سان پاۋلو پۇتبول مەيدانىدا 80 مىڭ پۇتبول مەستانىسى ئۇنىڭ مەيدانغا كىرىشىنى كۈتمەكتە ئىدى . مارادونا ھاياجان ئىلكىدە قول ئىشارىتى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى ، مەيداندىكىلەرگە : ‹‹ سىلەر بىلەن بىرگە بولغانلىقىمدىن چەكسىز بەخت ھېس قىلىۋاتىمەن . ناپلېس مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم ›› دېگەن ئىككى جۈملە سۆزنى قىلدى .
$HtGB]
ناپلېستا مارادونانىڭ ئۈمىدى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشتى . ناپلېسنىڭ ساپ ھاۋاسى ، ئىناق كەيپىياتى ئۇنىڭ پسىخىك يۈكىنى يەڭگىللىتىپ ، ھەقىقىي ‹‹ ئائىلە ›› ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى ، قەلبىدە سۆيگۈ ئۇقۇمى شەكىللەنگەن مارادونا يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاشنى قارار قىلدى . ئىسپانىيىدىن ئىتالىيىگە كېلىش مارادونانىڭ ياشلىقتىن تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشكە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى . پۇتبول نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە زاندىلاي ئۇنىڭغا ئىتالىيىچە مۇداپىئەنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويغانىدى ، ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ‹‹ سىناق ››تىن كېيىن مارادونا ھەر قانداق قاتتىق مۇداپىئەدىن قورقماس بولدى ھەم رەقىبىگە تەبەسسۇم بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى . بۇ خىل ئەپۇ قىلىش بارلىق رەقىبلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىدى . ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئىئانە توپلاش مۇسابىقىسى ۋە ئويۇنلىرىغا قاتنىشىش جىگىرى بار بۇ ئەركەكنىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرىلا ناپلېس خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى .
[A~ Hl
23-سېنتەبىر ناپلېسلىقلار ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇلاپ كەلگەن مارادونانىڭ سول پۇتىنىڭ ماھارىتىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى . سامپدورىئا كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە سېپىنى يالغۇز يېرىپ كىرىپ بىر توپ ئۇرۇپ ، ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان ناپلېس خەلقىگە كۆرۈشۈش سوۋغىتى سۈپىتىدە ھەدىيە قىلدى ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاپېنىن يېرىم ئارىلىغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى . مۇھىمى ناپولى كوماندىسى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى A دەرىجىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان كوماندىدىن ھەر قانداق كوماندا سەل قاراشقا پېتىنالمايدىغان كۈچلۈك كوماندىغا ئايلاندى . مارادونا كەلگەن تۇنجى مۇسابىقە پەسلى ( 1984-1985-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )دە ناپولى كوماندىسى سەككىزىنچىلىككە ئېرىشتى ( ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە كەينىدىن سانىغاندا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەنىدى ) ، ئۆزىمۇ 14 توپ كىرگۈزۈپ ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچىلار ئىچىدە ئىككىنچى بولدى . 1985-1986-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئالدىنقى ئۈچ كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى .
kdp^{zW}
ناپولى كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى پۇتبول مەيدانى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . نامرات جەنۇبلۇقلارغا ئىلگىرى پەخىرلەنگۈدەك ھېچنەرسە يوق ئىدى ، مانا ئەمدى مارادونا بار . مارادونا ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇراتتى . ناپولى كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئېلىپ بارغان مۇسابىقىلەردە مەيدان لىق تولغاندىن سىرت ، ساھىبخان مەيداندىكى مۇسابىقىلەردىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى . 1983-1984-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ناپولى كوماندىسىنىڭ كىرىمى بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى ، 1984-1985-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مارادونا بولغانلىقتىن كىرىمى بىر ھەسسە ئاشتى . ئىلگىرى مارادونانىڭ ئالمىشىش ھەققىنى تۆلەشكە قەرز پۇل بېرىشنى قايتا - قايتا ئويلانغان بانكىرلار پۇلنىڭ بىر يىلدىلا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى . بۇلار ھەممىسى فوئىكانىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى ، دېمەك ، مارادونا بايلىق ئىدى .
w)B?j
[ D.%v~j
ئەلۋەتتە ، ھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ناتايىن . ئالايلۇق ، دەل مۇشۇ چاغدا سىتتېسپىللېرنىڭ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قېلىشى مارادوناغا قاتتىق تەسىر قىلدى ، كوپلار ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى . ‹‹ مارادونا جەمەتى ›› ( مارادونانىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ، مۇھاپىزەتچى ، شوپۇر ۋە دوستلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى )دە سىتتېسپىللېر يادرولۇق شەخس ئىدى ، بەلكىم ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئىشلاردىن بىزار بولغان بولسا كېرەك ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش يولىنى تېپىش ئۈچۈن ئارگېنتىناغا قايتىپ مەلۇم بىر گېزىتخانىدا خىزمەتكە چۈشتى .
WdlGnFAWh
كوپلار ھەممە ئىشتا مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى ، بۇ ئۇنىڭ سىتتېسپىللېر بىلەن پەرقلىنىدىغان تەرىپى ئىدى . سىتتېسپىللېر بىلەن مارادونا ئوتتۇرىسىدا بىر ئاز بولسىمۇ دوستانە ھېسسىيات بار ئىدى ، شۇڭا ئۇ مارادونانىڭ قەلبىنى چۈشىنەتتى ، ئۇنى دۆلەتمەن قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭغا شاد - خوراملىق ئاتا قىلىشنىمۇ ئەستىن چىقارمىغانىدى . كوپلار بولسا مەنپەئەتنى ، بولۇپمۇ ماددىي مەنپەئەتنى قوغلاشتى . ئۇ 1985-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ مارادوناغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدى . ئۇ ‹‹ بىرىنچى چېمپىيون شىركىتى ››نىڭ نامىنى ‹‹ دىيېگو ئارماندو مارادونا شىركىتى ››گە ، قىسقارتىپ ‹‹ د ئا مارادونا شىركىتى ››گە ئۆزگەرتتى . ئۇ مالىيە باشقۇرۇش ۋە مارادونانىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا تېخىمۇ ماھىر ئىدى .
%V+"i_{m
ئالدى بىلەن ، ئۇ سىتتېسپىللېرنىڭ ئوچۇق قوللۇق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ چىقىمنى تېجىدى . بۇ تەدبىر ئۇلارنى پۇل تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىقلاردىن خالاس قىلدى . ئىككىنچىدىن ، ئۇ ‹‹ مارادونا جەمەتى ››دىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مارادونا بىلەن بىرگە تۇرۇشىنى چەكلىدى ( ئۇنىڭ سىڭلىسى مارىيە ۋە ئۇنىڭ ئېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ، نەتىجىدە مارادونانىڭ تۇرالغۇسىدىكى ئىلگىرى قاينام - تاشقىنلىق يوقالدى . ئەمما ، مارادونانىڭ ئائىلە قارىشى بۇرۇندىنلا كۈچلۈك ئىدى ، شۇڭا ھەپتە ئاخىرى ياكى بايرام كۈنلىرىدە ئاتا - ئانىسى ، قېينىئاتا - قېينىئانىسى ، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مارادونانى زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ بۇ جايغا جەم بولاتتى . ئۈچىنچىدىن ، كوپلار مارادوناغا ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر ، كۇلۇب مەسئۇللىرى ، ترېنېر ، مۇخبىر ۋە تاماشىبىنلارغا قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگەتتى ، ئۇنىڭچە مۇشۇنداق قىلغاندىلا مارادونانىڭ قەيسەر ، ئىشەنچكە تولغان ئوبرازىنى تىكلىگىلى بولاتتى . ئۇنىڭ بۇ تەدبىرلىرى مارادونانىڭ مال - دۇنياسىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى .
( 'AAHq/
ئەمما ، بىر قىسىم كىشىلەر ، بولۇپمۇ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى مارادونانىڭ پۇتبول ماھارىتىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى . بىر نەپەر پۇتبولچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلاردو كىشىلەردە ئاشۇ دەۋردىكى ئارگېنتىنا ماھىرلىرىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك - قوپاللىقتىن باشقا ھېچقانداق تەسىر قالدۇرمىغانىدى . ئۇ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەنلا ماغدۇرىدىن كەتكەن دۇنيا چېمپىيونىنىڭ شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بېسىمىغا دۇچ كەلدى . مېنوتتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەر بىر ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالدى . مارادونا ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى قوپال ھەرىكەت ۋە ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى جىددىي قىستاپ ئادەم بېقىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ، مەيداندا ئىدراكقا تايىنىپ توپ ئويناشنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىۋالدى ، بۇ ئەلەم ھەم قەلەمدە كامالەتكە يەتكەن ماھىرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم خىسلەت ئىدى . بۇلار بىلاردونى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى .
u0A$}r$L
بىلاردونىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلدى . ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ، كىشىلەرنىڭ مارادونا ، مېنوتتى ئۈستىدىكى تالاش - تارتىشلىرى تۈگىمىگەنىدى ، بىراق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى . كىشىلەر ئاخىرىدا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇش دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ ، دېگەن خۇلاسىگە كەلدى . ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۇدا ئىككى نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق باسقۇچتىكى مۇسابىقىسىگە قاتناشمىغاندىن كېيىن ئىشنى باشتىن باشلىدى ، كىشىلەرمۇ كوماندىغا سوغۇققانلىق بىلەن كۆز تىكتى .
_ Yc"{d3S
{f@Q&(g
1984-يىل سېنتەبىردە ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ياۋروپاغا قىلغان سەپىرى بىلاردو ئۈچۈن تۇنجى سىناق بولدى . زىيارەتنىڭ بىرىنچى بېكىتى شۋېتسارىيە بولۇپ ، ئىككى كوماندا بېرندا مۇسابىقىلەشتى . مۇسابىقە باشلىنىپ يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن پونسېل بىر نومۇر ئالدى ، 34 مىنۇت بولغاندا دېلتىزىيا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى . كۆرۈش سۇپىسىدا ئولتۇرغان سابىق غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بېكىنباۋر كۆڭلىدە قايىل بولدى ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن شۋېتسارىيە كوماندىسى بەك ئاجىز ، ئارگېنتىنا كوماندىسىغا تاقابىل تۇرالىشى ناتايىن ، دېگەنلەرنىمۇ خىيالىدىن ئۆتكۈزدى . ئۇ ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى قارار قىلدى .
;8dffsyq
بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە بېرندا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىگە ئوخشاش بولدى . مۇسابىقە باشلىنىپ سەككىز مىنۇت بولغاندا تروبىيانى بىر توپ كىرگۈزدى ، 35 مىنۇت بولغاندا رۇگگېرى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى . بېلگىيە كوماندىسى ئەزالىرى ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئەزالار ئىدى . شۇ چاغدا بېكىنباۋر بۇ قېتىم تەشكىللەنگەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كىشىلەر ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان دۇنياۋىي سەۋىيىگە ئىگە كوماندا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى . ئارگېنتىنالىقلار ئۆز كوماندىسىنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى تونۇپ يەتكەندە ، چەت ئەللىكلەر مارادونا ۋە ئۇنىڭ ياش سەپداشلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى .
U^7bj
غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە غەربىي گېرمانىيە ۋراتارىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە ئايلىنىپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ نومۇر ئېلىشىنى توسۇپ قالالمىدى . مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت ئۆتكەندە ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن گاررىي بىۋاسىتە ئىختىيارىي توپ بىلەن بىر نومۇر ئالدى ، 36 مىنۇت بولغاندا پونسېل يەنە بىر توپ ئۇردى . 57 مىنۇت بولغاندا بۇررۇچاگا ئۈچىنچى توپنى ئۇرۇپ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىنى مۇقىملاشتۇردى ، 78 مىنۇت بولغاندا جاكوبۇس باش بىلەن ئۈسۈپ بىر توپ كىرگۈزدى . نەتىجىدە غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى تۆتكە قارشى نۆل نەت, ىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋېتىپ ، ئاھانەتكە قالدى. مۇشۇنداق كۈچلۈك ئارگېنتىنا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھارپىسىدا غايەت زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى . تەييارلىق باسقۇچتىكى مۇسابىقىدە ئۇلار كولۇمبىيە ، ۋېنېسۇئېلا ۋە پېرۇ كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى . دەسلەپتە ، بىلاردو چولپان تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كولۇمبىيە ، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلدى . ئەمما ، پېرۇ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بۇ تاكتىكىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى ، مارادونانى قاتتىق بېقىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بەرمىدى ، نەتىجىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىرگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن ، ئارگېنتىنا كوماندىسى بۇئېنوس - ئايرېستا جان تىكىپ ئېلىشىشقا مەجبۇر بولدى . پېرۇ كوماندىسى پۇختا تەييارلىق كۆرگەندەك قىلاتتى . 30-ئىيۇل ساھىبخان كوماندا مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ، ئۇلار تەمكىنلىك بىلەن ئويناپ چولپان تاكتىكىسىنى بويسۇندۇردى . مارادونا مۇسابىقە باشلىنىپ كۆپ ئۆتمەي پېدروغا نومۇر ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندىن كېيىن كارامىتىنى كۆرسىتەلمىدى . ئەكسىچە پېرۇ كوماندىسى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 24 ۋە 29 مىنۇت بولغاندا ئىككى توپ كىرگۈزدى ، بىر مەيدان پاجىئە يۈز بېرىش ئالدىدا بەختكە يارىشا ئارگېنتىنا كوماندىسى بېكى دانيېل بىر قانچە نەپەر قارشى تەرەپ ئەزاسىنى ئالداپ ئۆتۈپ ، چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ بىر نومۇر ئالدى ، شۇندىلا ئارگېنتىنا كوماندىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى .
LAH">E
بىلاردو مەشىق مۇسابىقىلىرىدىكى نەتىجە بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي ، تۈرلۈك تاكتىكا ئۆزگىرىشى مەشقىگە ئەھمىيەت بەردى ، مارادونانى مەركەز قىلغان چولپان تاكتىكىسى ئاساسىدا ئۆزگىرىشچان ، كۆپ نۇقتىلىق ھۇجۇم ئۇسۇلىنى قوللاندى ، بۇ دەل ئۇنىڭ دانالىقى ئىدى . گەرچە ، چىلى ۋە برازىلىيىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەشىق مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ ، لېكىن بىلاردو چوڭ ئىشلارنى قەلبىگە پۈكتى .
vZ811U~}
%ek0NBE7
ئەزەلدىن جامائەت پىكرىدە باشلامچىلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ياۋروپا ئاخبارات ساھەسى مارادونا ۋە بىلاردونىڭ پېيىگە چۈشكەنىدى . 1986-يىل 26-مارت ئارگېنتىنا كوماندىسى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشىق مۇسابىقىسىدە ئىككىگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن فرانسىيىگە ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇلار ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئىستىقبالىدىن غەم قىلىشتى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسىدىن پلاتىنى بىلەن گىللېس يارىلىنىش تۈپەيلىدىن مەيدانغا چىقمىغان ، ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن مارادونا مەيدانغا چىققانىدى .
"j8)l4}
ئەينى چاغدا مارادونا نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ ؟ تۆۋەندە بىز مۇخبىرنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرۈپ باقايلى :
RRV%g!
مۇخبىر : 1986-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھەپتىلىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ، غايەت زور بېسىم ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان قوپال ھەرىكەتلەر تۈپەيلى ئىدىيىڭىزدە تەشۋىش پەيدا بولدىمۇ ؟
{u2Zl7]z^
مارادونا : تەشۋىش پەيدا بولمىدى . بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار ، بىرى ، ئەگەر يارىلانمىساملا مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياخشى ماھارەت كۆرسىتەلەيمەن ؛ يەنە بىرى ، رېپىرىلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ 1982-يىلى ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭكىدىن ئۈستۈن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مېنىڭچە ، جەنۇبىي ئامېرىكىدا پۇتبول ماھىرلىرى رېپىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىغا ئېرىشەلەيدۇ ، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى جازالاشتا ياۋروپاغا قارىغاندا قاتتىق . جەنۇبىي ئامېرىكىدا قوپال توپ تالىشىش ھەرىكىتى كۆرۈلىدىكەن ، شۇ ماھىر مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىدۇ . لېكىن ئىتالىيىدە بۇنداق ئەمەس ، ئىسپانىيىدە ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق . مېنىڭ مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىدە رېپىرىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل .
:8hI3]9
مۇخبىر : فرانسىيە پۇتبول چولپىنى پلاتىنى مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن ، پۇتبول مۇنبىرىدىن چېكىنىشىم مۇمكىن ، دەپ ئېلان قىلدى ، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى ئۈستىدە قانداق ئويلىرىڭىز بار ؟ مارادونا : مەن تېخى پۇتبول مۇنبىرىدىن چېكىنىشنى ئويلاشمىدىم ، شۇڭا بۇ توغرىلىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن . ئىمكان بولسا يۈز ياشقىچە پۇتبول تېپىشنى ئويلايمەن . مېنىڭ پۇتبولدىن ئايرىلغۇم يوق . مەن پۇتبول مۇنبىرىدىن چېكىنگەن نۇرغۇن پېشقەدەم ماھىرلارنىڭ ئىلگىرىكى كۈنلىرىنى ئەسلەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم . مۇخبىر : 1982-يىلدىن بۇيان ئاساسەن ياۋروپادا توپ ئويناۋاتىسىز . بۇنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىڭىزغا تەسىرى بولامدۇ - يوق ؟ مارادونا : ئوچۇقىنى ئېيتسام تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئارگېنتىناغا بولغان ساداقىتىمنى ئىپادىلىدىم . 1985-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا - يەكشەنبە كۈنى A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىنى تۈگىتىپلا جەنۇبىي ئامېرىكىغا بېرىپ بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم . مەن پۇتبولنى ھەم ۋەتىنىمنى قىزغىن سۆيگەنلىكىم ئۈچۈنلا شۇنداق قىلدىم ، بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ . مەن ياۋروپاغا ئالمىشىپ كەلگەندىن كېيىن ، دەسلەپتە بارسېلونا كۇلۇبىدا ، كېيىن ناپولى كۇلۇبىدا توپ تەپتىم . ياۋروپاغا كېلىپ توپ تېپىشىم ئۆزۈم ۋە ئائىلەمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈندۇر . ئەمما ، يۈرىكىم ئىزچىل ئارگېنتىنا ئۈچۈن سوقىدۇ . كەلگۈسىدە يەنىلا ئارگېنتىناغا قايتىپ توپ تېپىمەن . مۇخبىر : 1982-يىلى بىلاردو مېنوتتىنىڭ ئورنىغا ترېنېر بولدى ، سىز بۇ ئىككىيلەنگە قانداق قارايسىز ؟ مارادونا : مېنوتتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى ، بۇنى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت شارائىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بىلاردو ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەھۋال باشقىچە ، ھازىرقى ئارگېنتىنا كوماندىسى ياشلاردىن تەشكىل تاپقان كوماندا ، تەجرىبىسى يېتەرسىز ، بېك پاسسارېللا بىلەن ۋراتار فىلوللا كونا ئەزا ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە كوماندىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ، كوماندىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى 1986-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن نامايان بولۇشى مۇمكىن ...
^X}r ^
=y _KL
مارادونانىڭ رېپىرىدىن ئەنسىرىشى ئورۇنلۇق ئىدى . بولۇپمۇ ‹‹ زاندىلاي فورمۇلىسى ›› مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ، نۇرغۇنلىغان بېكلەر بۇ ئۇسۇلنى بېيىتىپ باردى ، گويكوچې بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر . دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىدىكى پېرۇ بىلەن ئوينىغان ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە ، پېرۇ كوماندىسىدىن لېۋىس رايلا كۆپ قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ، مارادونانىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنىدى . نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ جانىۋارنى لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدىلا مەيداندىن چىقىرىۋېتىش لازىم ، دەپ قاراشتى ، چىلىلىق رېپىرى مۇشۇنداق قىلمىغانلىقتىن كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى . بەختكە يارىشا ، پېرۇ كوماندىسى ئەزالىرى كەينى - كەينىدىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلسىمۇ ، مارادونا ئىزچىل ئۆزىنى تۇتۇۋالدى . ئۇ سەللا ئېھتىيات قىلمىسا ئۆزىگە تۆت كۆز بىلەن تىكىلىپ تۇرغان رېپىرىنىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەنىدى .
q?dd5JzZy,
مارادونانىڭ ئۆز ساداقىتىنى كۆز - كۆز قىلىشقا تولۇق ئاساسى بار ئىدى . 5-ماي مارادونا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، دەرھال ئارگېنتىناغا كېلىپ ئۆزىنى مەركەز قىلغان يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش ۋە بەدەن قىزىتىشقا قاتناشتى . 11-ماي مارادونا ئىتالىيىگە قايتىپ ئۇدېنېس كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىگە قاتناشتى . 13- ماي يەنە ئارگېنتىناغا قايتىپ چىلى كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەشىق مۇسابىقىگە قاتناشتى . 5-مايدىن 19-مايغىچە بولغان يېرىم ئايدا مارادونا 80 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈردى ، بۇ ئېكۋاتورنى ئىككى قېتىم ئايلانغانغا باراۋەر . ناۋادا ، ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى ، ئېتىقادى بولمىسا ، بۇنداق جاپا چېكىپ نېمە قىلىدۇ ؟ زىيارەت ئەھۋالىدىن مەلۇمكى ، مارادونا مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىغانىدى . لېكىن ، كۆپ قىسىم كىشىلەر برازىلىيە ۋە فرانسىيىنى ، يەنە بىر قىسىملار پولاتتەك ئىرادىگە ئىگە گېرمانىيىنى چېمپىيون بولىدۇ ، دەپ قارىشىۋاتاتتى . مۇسابىقە باشلانغان ، جۈملىدىن ھەر قايسى كۈچلۈك كوماندىلار بىرەر مەيداندىن مۇسابىقە ئوينىغاندىن كېيىنلا كىشىلەر ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىشتى . تۇنجى مەيدان مۇسابىقە مېكسىكا تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى . ئىككى كۈن ئىلگىرى بۇلغارىيە كوماندىسىنىڭ ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن تەڭ چىقىشى كورىيىلىكلەرگە زور ئىلھام بولغانىدى . ئۇلار مۇسابىقە جەريانىدا مارادونانى 11 قېتىم كۈرەپ تېپىپ يىقىتىۋەتتى ، ئەمما مارادونا قارشى تەرەپنىڭ ئەپۇ سورىشىنى دوستانە قوبۇل قىلىپ ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدى ، ئۆزىنىڭ ‹‹ غالىب ››لارغا خاس تەمكىنلىكىنى ساقلىدى . ئەمەلىيەت بۇ خىل زەخمىلەندۈرۈش تاكتىكىسىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى . مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا ، مارادونا ئوتتۇرا يولنى بويلاپ ئۇدۇل كورىيە كوماندىسىنىڭ مەركىزىي رايونىغا بۆسۈپ كىردى ، كورىيە كوماندىسىنىڭ بېكى ئۇنى يىقىتىۋەتتى . ئارگېنتىنا كوماندىسى ئىختىيارىي توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، بېك توپنى توسۇۋەتكەندىن كېيىن ، مارادونا باش بىلەن ئۈسۈپ توپنى پاسلاپ بەردى ، 11-نومۇرلۇق ماھىر ۋالدانو توپ يەرگە چۈشمەستىنلا ۋراتارغا ئۇردى ، كورىيە كوماندىسى ۋراتارى توپقا ئۆزىنى ئاتقان بولسىمۇ توسۇۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 13 مىنۇت بولغاندا ئارگېنتىنا كوماندىسى چەكلەنگەن رايون ئالدىدا ئىختىيارىي توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، توپ ۋراتا تۈۋرۈكى يېنىغا چىقىرىلىشى بىلەن 19-نومۇرلۇق ماھىر رۇڭگېرى ۋراتاغا كىرگۈزۈپ يەنە بىر نومۇر ئالدى . ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا ۋالدانو مارادونا بەرگەن پاسنى ئېلىپ مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى ، بەلكىم كورىيە كوماندىسى ئەزالىرى ترېنېرنىڭ مەيدان ئارىلىقىدىكى خۇلاسىسىنى ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك . كورىيە كوماندىسى مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە ئۇتتۇرغانغا تەن بەرمەسلىك روھى بىلەن بىر توپ قايتۇرۇۋالدى ، بىراق بۇ ھېچنېمىگە دالدا بولالمىدى . ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە 5-ئىيۇن ئېلىپ بېرىلدى ، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى . ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بېئارزوتنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچى بار ئىدى . ئۇ چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى ئىزچىل تۆۋەن مۇقامنى ساقلاپ كەلگەنىدى ، گۇرۇپپىلارغا ئايرىش مۇراسىمىدىن كېيىن ، ئۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا : ‹‹ بىز يەنە دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز ! ›› دەيدۇ . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئىتالىيە كوماندىسى ھېچ بولمىغاندا پسىخىك جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى . يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى سەككىز قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ ، ئىتالىيە كوماندىسى بەش قېتىم ئۇتۇپ ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ ، بىر مەيدان ئۇتتۇرغان ، جۈملىدىن 1978-يىلى ئىتالىيە كوماندىسى ئارگېنتىنادا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغان ، 1982-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى . شۇڭا ، بۇ قېتىم گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ئۈزۈپ چىقىش ۋە ئىلگىرىكى ئارىنى يۇيۇش ئۈچۈن ، ئارگېنتىنا كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى . لېكىن ، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ مۇداپىئەسى ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ ، ئارگېنتىنالىقلار ئامالسىز قالدى . كىم بىلسۇن ، ئارگېنتىنا بېكى مۇداپىئەدە توپنى قول بىلەن تۇتۇپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن رېپىرى 11 قەدەملىك جازا توپى ھۆكۈم قىلدى ، ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ 18-نومۇرلۇق ماھىرى ئارتو بېللى بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بىر نومۇر ئالدى . بىر نومۇر ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا مارادونانىڭ كاللىسى سەگىدى ، ئەمەلىيەتتە مەزكۇر مۇداپىئە سېپى ئۇنىڭغا بەش قولدەك تونۇش ئىدى ، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم ئېلىشقانىدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 35 مىنۇت بولغاندا ئارگېنتىنا كوماندىسى ئوتتۇرا مەيداندىن ھۇجۇم باشلاپ توپنى چەكلەنگەن رايونغا يانتۇ پاس بەردى ، مارادونا تېز سۈرئەتتە قىستۇرۇلۇپ كىرىپ ئالدىدىن ۋراتار توسقان ، كەينىدىن بېكلەر ئارىغا ئېلىۋالغان ئەھۋالدا توپنى يېنىك ئىلىپ تېپىپ ، نومۇرنى تەڭلەشتۈردى . نەتىجىدە ، ئىككى كوماندا بىردە بىر نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى .
BV:Ca34&
10-ئىيۇن بۇلغارىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى . ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە ئارگېنتىنا كوماندىسى ئەزەلدىن بۇلغارىيىگە ئۇتتۇرۇپ باقمىغانىدى ، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى . مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بولغاندا بۇلغارىيىنىڭ مۇداپىئەسىدە يوچۇق كۆرۈلدى ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئەزاسى توپ ئېلىپ ئارقا سىزىققا بارغاندىن كېيىن پاس چىقاردى ، ۋالدانو ۋراتانىڭ يان ياغىچى يېنىدىن باش بىلەن ئۈسۈپ بىر توپ كىرگۈزدى . بۇلغارىيىلىكلەر ئارقىدا قالغانلىقىغا تەن بەرمەي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى ، ئەمما ئەمەلىي كۈچى چەكلىك ، ماسلىشىشى ئاددىي ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋراتاغا توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى ناچار بولغانلىقتىن نەتىجىنى تەڭلەشتۈرەلمىدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 76 مىنۇت بولغاندا مارادونا ئارقا سىزىق يېنىدىن پاس بېرىۋېدى ، 7-نومۇرلۇق سەپدىشى بۇررۇچاگا باش بىلەن ئۈسۈپ بىر توپ كىرگۈزۈپ رەقىبىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلدى . ئارگېنتىنا كوماندىسى كۈچلۈكلەرگە خاس قىياپەتتە ئۇرۇگۋاي كوماندىسىغا خىرىس قىلدى .
lwrh4<~\,*
M\a{2f7'n
ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ خەلقئارا پۇتبول مۇنبىرىدىكى نامى ئارگېنتىنادىنمۇ ناچار بولۇپ ، زەخمىلەندۈرۈش تاكتىكىسى بىلەن ‹‹ قاتىل ›› دەپ نام ئالغانىدى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاگاھلاندۇرغانلىقتىن ، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى جەنۇبىي ئامېرىكىلىق قېرىندىشىغا زىيادە قوپاللىق قىلمىغانىكەن . شۇڭلاشقا كىشىلەرنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە بولغان قىزغىنلىقى پەلەككە يەتتى ، رېپىرىنىڭ پۇشتەك ئاۋازىنى دۇمباق - سۇنايلارنىڭ ئاۋازى بېسىپ چۈشتى . مۇسابىقىدىن ئىلگىرى مارادونا ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىن ئۈمىد كۈتكەنىدى ، ئەمما گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ياخشى بولماي ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى . مۇسابىقە نەتىجىسى دېگەندەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئارگېنتىنا كوماندىسى مەيداندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى ، ئۇلار ئوتتۇرا مەيداننى ئىزچىل تىزگىنلەپ ھۇجۇم قىلغاندا ياندىن ھۇجۇم قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بەردى ، مارادونا گاھ ئوڭدىن ، گاھ سولدىن قارشى تەرەپ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، كارامىتىنى كۆرسەتتى . مەيداندا پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۇرۇگۋاي كوماندىسى تەمكىنلىك بىلەن قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرۇپ ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغۇچە رەقىبىگە قىلچە پۇرسەت بەرمىدى . يولۋاسنىڭمۇ مۈگدەيدىغان ۋاقتى بولغىنىدەك ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بىر مىنۇت قالغاندا ، ئارگېنتىنا كوماندىسى مارادونانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالدى مەيداندا شۇنداق چىرايلىق پاسلىشىپ ھۇجۇم تەشكىللىدى ، 17-نومۇرلۇق پاسكولى توپنى ۋراتاغا كۈچەپ ئۇرۇپ ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىگە ئاساس سالدى . ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يامغۇر يېغىپ كەتتى ، ئارگېنتىنالىقلار توپ مەستانىلىرىغا راۋان ھۇجۇم ماھارىتىنى نامايان قىلدى ، لېكىن تەلىيى ئوڭدىن كەلمىگەنلىكتىن نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇپ ، كىشىلەرنى ئەپسۇسلاندۇردى .
6]~/`6Dub
تەنتەربىيە ئەزەلدىن سىياسىيدىن ئۈزۈل - كېسىل ئايرىلغان ئەمەس ، شۇڭا ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىغا كىرىشتە يولۇقۇپ قېلىشى كىشىلەرگە ئەنگلىيە - ئارگېنتىنا مالۋىناس ئاراللىرى ئۇرۇشى ››نى ئەسلەتتى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېكسىكا دائىرىلىرى مۇكەممەل مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللاندى ، ھەر قانداق ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى . ۋەھالەنكى ، ھېچقانداق ئەھۋال ياكى جىددىي ۋەقە يۈز بەرمىدى ، مۇسابىقە مەيدانىدىمۇ ‹‹ ماجىرا ›› تۇغۇلمىدى ، پەقەت ‹‹ پەرۋەردىگارنىڭ قولى ›› بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئۇرۇلغان بىر توپ تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى . مەيداندىكى باش رولچى دەل مارادونا ئىدى .
U|V,&RlbR
مۇسابىقە باشلىنىش بىلەن ئەنگلىيىلىكلەر جىددىي قىستاپ ئادەم بېقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئارگېنتىنالىقلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلىدى ، ئۇلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەي ، رەقىبىنىڭ بىمالال ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئۇيۇشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ نۆلدە نۆل چىقتى ، ئىككىنچى يېرىم مەيدان باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا مەيداندىكى قاتمال ۋەزىيەت بۇزۇپ تاشلاندى ، ئارگېنتىنا كوماندىسى سول ياندىن ھۇجۇم قوزغاپ ، توپنى چەكلەنگەن رايون ياقىسىغا پاس بەردى ، ئەنگلىيە كوماندىسى بېكى توپنى توسۇپ ۋراتارغا قارىتىپ پاس بەرگەن ، ۋراتار توپنى بوشلۇقتا سۈزۈۋېلىشقا تەمشەلگەن پەيتتە مارادونا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ ۋراتار بىلەن تەڭ سەكرەپ نامى ئۆچمەس سول قولى بىلەن توپنى ئۇرۇپ ۋراتاغا كىرگۈزۈۋەتتى . ئېھتىمال ، مارادونانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئېڭى ۋە شىجائىتىدىن قايىل بولغان ياكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان دەقىقىدىكى ھەرىكەتنى كۆرەلمىگەنلىكتىن بولسا كېرەك ، باش رېپىرى توپنى ئىناۋەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلدى ، ئېنگلاند كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ كەيپىياتىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلدى .
Mms|jFoQ
ئارىدىن تۆت مىنۇت ئۆتكەندە ، مارادونا تالانتى ئارقىلىق ئېنگلاندلىقلارغا ئۆكۈنمەسلىكنى ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ھەقىقىي كۈچلۈك كوماندا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى . ئەينى چاغدا مارادونا ئۆزىنىڭ يېرىم مەيدانىدا توپ ئالغاندىن كېيىن ، سول پۇتىدا ئەپچىللىك بىلەن توپنى تارتىپ بەدىنىنى بۇرىۋېلىپ ، ئىككى نەپەر بېكنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن قارشى تەرەپ يېرىم مەيدانىغا قاراپ ئېتىلدى . بىر بېك ئالدىدىن چىقىپ توسۇشقا ئۇرۇنغاندا ، ئۇ بەدىنىنى سەل ئالدىغا تاشلاپ ئوڭغا ئاغدى . بېك تەڭپۇڭلۇقىنى بىر تەرەپكە تاشلىشى بىلەن مارادونا تېزلىكتە سول پۇتىنىڭ سىرتقى يېنى بىلەن توپنى ئىتتىرىپ چەكلەنگەن رايونغا قاراپ ئۇچتى . ۋراتار ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ ئالدىغا چىقىپ توپقا ئېتىلدى ، مارادونا سۈرئىتىگە تايىنىپ ئەپچىللىك بىلەن ۋراتار يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى - دە ، كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن بېك كۈرەپ تېپىپ بولغۇچە سول پۇتىنىڭ يۈزى بىلەن توپنى ئىتتىردى . توپ كۆپچىلىكنىڭ كۆزىچىلا ۋراتاغا دومىلاپ كىرىپ كەتتى . بۇ توپتىن ئېنگلاند كوماندىسى ئەزالىرى ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى .
BDvkY
6?~9{0
مەزكۇر توپ ئېنگلاند كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ نومۇر ئېلىش روھىنى ئۇرغۇتقان بولسا كېرەك ، ئۇلار ئۇزۇن پاسلىق تېز ھۇجۇم ئارقىلىق ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قوزغىدى . بۇ ئۇسۇل دېگەندەك ئۈنۈم بەردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 80 مىنۇت بولغاندا لىنېكېر بىر توپ ئۇردى ، ئەمما ئۇلار كېچىككەنىدى . شۇنىڭدىن كېيىن بارلىق توپ مەستانىلىرى خاسىيەتلىك بۇ كۈننى - 1986-يىل 22-ئىيۇننى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇۋالدى .
d"06 gp
1982-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تىلغا ئېلىنسىلا ئارگېنتىنالىقلارنىڭ بېلگىيە كوماندىسىغا بولغان غەزىپى قايناپ تاشىدۇ ، مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ئىنتىقام ئالىدىغان پۇرسىتى كەلدى . تۆت يىل ئىلگىرى ، تۇنجى قېتىم ياۋروپا ماھىرلىرىنىڭ جىددىي قىستاپ بېقىشى بىلەن ئۇچراشقاندا مارادونا ئامالسىز قالغانىدى . بۈگۈن ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جىددىي قىستاپ بېقىشقا تاقابىل تۇرۇش ماھارىتىنى كۆرسەتمەكچى . بېلگىيىلىكلەر ئىتالىيە كوماندىسى تەجرىبىسىنى ئۆگەنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئارگېنتىناغا يەتمەيدىغانلىقىنى ، كۆپ قىسىم ئەزالارنى ئوتتۇرا ، ئارقا مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، بولۇپمۇ چەكلەنگەن رايون ئالدىدا توسۇق ھاسىل قىلىپ مارادونانىڭ ھۇجۇمىنى توسىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى . مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن ئارگېنتىنا كوماندىسى ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ ، بېلگىيىلىكلەرنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مارادونا بىر قېتىم ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماھارەت كۆرسەتتى . ئەينى چاغدا ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر قانچە رەت قىسقا پاسلاشتى ، گەرچە قارشى تەرەپ جىددىي قىستاپ باقمىغان بولسىمۇ ، لېكىن چەكلەنگەن رايونغا قىستۇرۇلۇپ كىرىشىگە پۇرسەت بولمىدى . ئۇ ئوڭ يۆنىلىش بويىچە ئۆرۈلۈۋاتقاندا توپ يەردىن ئانچە ئېگىز بولمىغان كۆكتە لەيلەپ چۈشۈۋاتاتتى ، توپنىڭ يەرگە چۈشۈشىنى كۈتمەيلا بەدىنىنى بۇراۋاتقاندىكى كۈچكە تايىنىپ سول پۇتى بىلەن توپنى ۋراتاغا ئۇردى ، توپ خۇددى يادىن ئايرىلغان ئوقتەك بېرىپ ۋراتانىڭ توغرا ياغىچىغا تەگدى ، شۇ دەقىقىدە ۋراتار پۇفاف ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرالمىدى ، بۇ توپ كىرمىدى . ئارگېنتىنا كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە نۆلدە نۆل نەتىجىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى . ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا مارادونا سول تەرەپتىكى سەپداشلىرىغا سول پۇتىدا ئۈزلۈكسىز پاس چىقىرىپ بەردى ، ھەر قېتىملىق ھۇجۇم بېلگىيىلىكلەرنى قارا تەرگە چۆمدۈردى ، نەتىجىدە مۇداپىئە سېپىدە سولغا ئېغىش كۆرۈلدى . مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا مارادونا توپنى ئالدى ، بىراق بۇ قېتىم توپنى ۋراتاغا ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆزى تاماملاشنى قارار قىلدى . ئۇ چەكلەنگەن رايون ئالدىدا سەپدىشى بىلەن ئىككىنىڭ بىردىن ئۆتۈشى بويىچە پاسلىشىپ توپ ئالغاندىن كېيىن ، چەكلەنگەن رايونغا تېز سۈرئەتتە بېسىپ كىردى .
A,~KrRd
=eUKpYI
ئىككى نەپەر بېك تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا توپنى سول پۇتى بىلەن يانتۇ ئېلىپ ۋراتاغا ئۇردى . بەلكىم بۇ توپ مارادونانىڭ ئىلھامىنى قوزغىغان بولسا كېرەك ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 12 مىنۇت بولغاندا مارادونا خۇددى سېھرىگەرلەردەك تۆت نەپەر بېلگىيە كوماندىسى ئەزاسىنى ئالداپ ئۆتۈپ ، سول پۇتىنىڭ سىرتقى يېنى بىلەن يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئورۇندىن ۋراتاغا توپ ئۇرۇپ نومۇر ئالدى .
*X/Vt$P
مارادونا يۇقىرى ماھارىتى ئارقىلىق رەقىبىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى ، بېلگىيە كوماندىسى ۋراتارى پۇفاف مۇسابىقىدىن كېيىن مارادونا بىلەن قىزغىن قۇچاقلاشتى ھەم دوستلۇقنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۆزئارا مايكا ئالماشتۇردى . بېلگىيە كوماندىسىنىڭ مارادونانى بېقىشقا مەسئۇل بولغان ئۈچىنچى نومۇرلۇق ماھىرى ۋاندېر ئېلىست مۇسابىقىدىن كېيىن : ‹‹ مۇسابىقىنىڭ بېشىدا مارادونانى چىڭ باقتىم ، كېيىن ئىككى قېتىم سەل بوشىشىپ قېلىۋېدىم ، ئۇ مۇشۇ پۇرسەتنى تۇتۇۋالدى ›› دېدى . بېلگىيە كوماندىسى ئۇتتۇرۇۋەتكىنىگە قايىل ئىدى .بېلگىيىلىكلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى بېكىنباۋرغا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بولدى . 29-ئىيۇن ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بېكىنباۋر ماتتائۇسنى مەخسۇس مارادونانى بېقىشقا ، ئېدېر ۋە فۇرسىتنى ئوڭ ، سولدىن ئارىغا ئېلىشقا بەلگىلەپ ئۇنىڭغا توپ ئالغۇزماسلىقنى قارار قىلدى . ئەمما ، توپ مارادونانىڭ پۇتىغا چۈشۈشى بىلەنلا ئۆزى توپ ھەيدەپ ماڭماي ، پۇختا تېخنىكىسىغا تايىنىپ سەپداشلىرىغا دەل جايىدا ئۇزۇن پاس بەردى . ئەلۋەتتە ، ئۇمۇ خەتەرلىك رايوندا ئىختىيارىي توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 22 مىنۇت بولغاندا ، مارادونانى قارشى تەرەپ ئەزاسى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ تەرىپىدە پۇتلاپ يىقىتىۋەتتى ، برۇچچاگا ئۇرغان ئىختىيارىي توپنى غەربىي گېرمانىيە ۋراتارى شۇماخېر تۇتالمىغاندىن كېيىن ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ بەشىنچى نومۇرلۇق ماھىرى بروۋىن باش بىلەن ئۈسۈپ بىر نومۇر ئالدى . گېرمانىيىلىكلەر ئۇتتۇرغىنىغا ئوڭاي تەن بەرمەيتتى ، ئۇلار تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى . كۈتۈلمىگەندە ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 55 مىنۇت بولغاندا ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ۋالدانو ئۆزى مۇداپىئەنى بۆسۈپ كىرىپ بىر نومۇر ئالدى . ۋەھالەنكى ، مۇسابىقە تېخى ئاخىرلاشمىغانىدى . پۇتبول مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشنى قىياس قىلغىلى بولمايتتى . قەيسەر گېرمانىيىلىكلەر كورنېر ( بۇلۇڭ ) توپ ئۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىككى نومۇر ئالدى ، بۇ ئىككى توپنى رۇمېنىگ بىلەن رۇدى ۋوللېر ئۇرغانىدى .
Z@Zg3AVU
‹‹ گېرمانىيىدىن قورقۇش كېسىلى ›› بار كىشىلەر گېرمانىيە كوماندىسى مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرىدىغان بولدى دەپ قاراشتى ، گېرمانىيىلىكلەرنىڭمۇ ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى ، ئۇلار غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ مۇسابىقىنى 90 مىنۇتتا ئاياغلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدى . ئۇلار نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەندىن كېيىن خۇشاللىقتىن خۇدىنى يوقىتىپ مارادونانى بېقىشنى ئۇنتۇپ قالدى ، شۇڭا بۇ سەھۋەنلىكى ئۈچۈن يۇقىرى بەدەل تۆلىدى . مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بەش مىنۇت قالغاندا مارادونا توپ ئالدى ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى ، ئۇنى ھېچكىم باقمىغانىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ تۆھپە تالاشماي ، سەپدىشى برۇچچاگانىڭ تېز سۈرئەتتە قىستۇرۇلۇپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭغا پاس بەردى ، برۇچچاگا برىگلنى ئالداپ ئۆتۈپ ، ۋراتار شۇماخېر بىلەن بىرگە بىر قالغان ، رەقىبى ۋراتانى تاشلاپ چىقىپ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان دەقىقىدە توپنى تەمكىنلىك بىلەن ۋراتاغا كىرگۈزدى .
wbAwmOiZ
مارادونا بىر قېتىم پۇرسەت كېلىۋېدى ، ئارگېنتىنانى يەنە بىر قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇق مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقتى ، ئۇمۇ ھەقلىق ھالدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى .
^tGAJ_b79
D]fuX|f~ul
ئاخىرىنى يوللايمەن دىققەت قىلىغايسىلەر
yuBRYy#E|%
w01[oU$x=
داۋامىنى 20- ئەسىردىكى ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار دىگەن تىمىدىن كۆرۈڭ
[ بۇ يازمىنىdilmurat1511دە2011-12-02 13:54قايتا تەھ ]
باھالاش خاتىرىسى:
ياخشى باھا:+30(ankar528) ياخشى تىما ، ..
كاكا داۋاملىق ئالغا!!!
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
ئەكرەم77
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
6950
جەۋھەر:
0
يازما:
1406
شۆھرەت:
1454 نۇمۇر
پۇل:
206862 سوم
تۆھپە:
10 نۇمۇر
ياخشى باھا:
10 نۇمۇر
توردا: 344(سائەت)
تىزىملاش:
2008-10-30
ئاخىرقى:
2012-02-28
1
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 17:30
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
يامان ئۇزۇنكەن ، ئالدىنقى سانىدىكىنىمۇ كورۇپ بولالماي كوزۇمىدىن سۇ چىكەتكەن ، جاپا تارتىپسىز
پۇتبول ئىرادىنى تاۋلايدۇ !
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
ankar528
كوماندا باشلىقى
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
7190
جەۋھەر:
3
يازما:
1562
شۆھرەت:
3958 نۇمۇر
پۇل:
474482 سوم
تۆھپە:
19 نۇمۇر
ياخشى باھا:
30 نۇمۇر
توردا: 706(سائەت)
تىزىملاش:
2008-12-22
ئاخىرقى:
2012-03-04
2
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 17:34
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
ياخشى يىزىلغان تىما بوپتۇ !
b}Gm{;s!
مۇنبەرگە تىخىدىنمۇ ياخشى تىمىلارنى تەقدىم ئىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
boran618
ئۇزغۇنلۇق ئۈچۈن ھۇررا !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
UID:
8971
جەۋھەر:
3
يازما:
1688
شۆھرەت:
1927 نۇمۇر
پۇل:
165 سوم
تۆھپە:
131 نۇمۇر
ياخشى باھا:
25 نۇمۇر
توردا: 605(سائەت)
تىزىملاش:
2011-04-27
ئاخىرقى:
2012-03-04
3
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 18:26
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
كىيىن ئالدىرماي ئوقاي
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
juxkun
ياشا---ئۇيغۇر ئوغلانلىرى
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
8130
جەۋھەر:
0
يازما:
423
شۆھرەت:
455 نۇمۇر
پۇل:
25468 سوم
تۆھپە:
10 نۇمۇر
ياخشى باھا:
10 نۇمۇر
توردا: 263(سائەت)
تىزىملاش:
2010-09-18
ئاخىرقى:
2012-03-04
4
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 18:34
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
رەخمەت ئاخىرىنى تىزراق يوللارسىز
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
توپ تەپكۈچى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
8643
جەۋھەر:
10
يازما:
3715
شۆھرەت:
10848 نۇمۇر
پۇل:
211992 سوم
تۆھپە:
108 نۇمۇر
ياخشى باھا:
60 نۇمۇر
توردا: 1959(سائەت)
تىزىملاش:
2011-02-12
ئاخىرقى:
2012-03-04
5
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 19:00
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
ياخشى يېزىپسىز،
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
BiLaL
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
8827
جەۋھەر:
0
يازما:
207
شۆھرەت:
221 نۇمۇر
پۇل:
200238 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
0 نۇمۇر
توردا: 294(سائەت)
تىزىملاش:
2011-03-20
ئاخىرقى:
2012-03-04
6
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 19:19
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
پۈتۈم دۇنيا مەستانلىرىئىتراپ قىلغان بىردىن بىر شاھ بۇ ~! پىللى دەمسىز ؟؟؟؟ ئۇنىڭو توپ ئوينىغىنى نى قايسىمىز كۆرگەن ؟؟؟
ئەركەكنىڭ ھەربىر سوزى قەسەم
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
salkin2011
مادىرىت سەن بىر تارىخ!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
9361
جەۋھەر:
1
يازما:
1987
شۆھرەت:
3527 نۇمۇر
پۇل:
126970 سوم
تۆھپە:
23 نۇمۇر
ياخشى باھا:
20 نۇمۇر
توردا: 488(سائەت)
تىزىملاش:
2011-08-09
ئاخىرقى:
2012-03-02
7
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 19:37
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
ساقلاپ مېڭۋاتىمەن بۇ كىتابنى راس شۇنداق يېزىپ چىقامسىز نېمە ئەگەر شۇنداق قىلماقچى بولسىڭىز ئاپىرىن!
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
تۈركىيە
ئويۇن تىخى ئالدىمىزدا.....
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
3523
جەۋھەر:
2
يازما:
3374
شۆھرەت:
3501 نۇمۇر
پۇل:
130336 سوم
تۆھپە:
46 نۇمۇر
ياخشى باھا:
20 نۇمۇر
توردا: 620(سائەت)
تىزىملاش:
2008-06-25
ئاخىرقى:
2012-03-03
8
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 19:48
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
ۋۇييۇ
j قانچىلىك ۋاقىتتا يىزىپ بولغانسىز
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
ac.milan
ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
7590
جەۋھەر:
0
يازما:
1532
شۆھرەت:
920 نۇمۇر
پۇل:
134 سوم
تۆھپە:
21 نۇمۇر
ياخشى باھا:
0 نۇمۇر
توردا: 351(سائەت)
تىزىملاش:
2008-08-12
ئاخىرقى:
2012-02-26
9
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 21:20
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
تىمىنى قىسقىراق يازىلى..... مۇنبەردىكىلەرنىڭ كۆزى بىر ئايغا قالمايلا تۈگۈشەپ كەتمىسۇن يەنە
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
سەرسان
قېنى شۇ كۈنلەر؟؟
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
7964
جەۋھەر:
4
يازما:
2039
شۆھرەت:
2426 نۇمۇر
پۇل:
114171 سوم
تۆھپە:
61 نۇمۇر
ياخشى باھا:
80 نۇمۇر
توردا: 907(سائەت)
تىزىملاش:
2010-08-01
ئاخىرقى:
2012-02-29
10
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 21:25
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
خەت سانى بەك كۆپكەن ،جاپا تارتىپ يېزىپ يۈرمەڭ بولدى ، xjfjifaمۇنبىرىدە تولۇق نۇسخىسى بار ،شۇنى ئەكەلسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ
لالما ئىتنىڭ چىشلىنىشى ئەزەلدىن بار ئىش ، مەيۈسلەنمە !~~!
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
دوستلىشىش
گېنرال
ئىت كەتسە قاسساپ كىلىدۇ
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
ئارخىپ
ئۇچۇر يوللاش
QQ ئالاقە
UID:
7290
جەۋھەر:
0
يازما:
1291
شۆھرەت:
1336 نۇمۇر
پۇل:
417 سوم
تۆھپە:
10 نۇمۇر
ياخشى باھا:
10 نۇمۇر
توردا: 480(سائەت)
تىزىملاش:
2009-01-04
ئاخىرقى:
2012-03-04
11
يوللانغان ۋاقت: 2011-11-12 21:31
ئاپتۇرنىڭلا ئىنكاسى
|
كىچىك
ئوتتۇرا
چوڭ
مەن بۇكىتاپنى سىتىۋىلىپ ئوقۇپ چىققان ..بۇگۇن كۇلۇپتا ئوقوش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم
ئىتنىڭ تەلىپى ئىجابەت بولىدىغان بولغان بولسا كۆكتىن سۆڭەك ياغاتتى
كەلگەن جايى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
ھەمبەھىر
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
«
1
2
»
Pages: 1/2 Go
پۇتبول كۇلۇبى
»
داڭلىق چولپانلار ۋە كوماندىلار