پۇتبول پادىشاھى مارادونا
^yX >^1 تۈزگۈچى : لىن شى :林夕
82iFk`)T ( تەرجىمە قىلغۇچى ) : ئالىمجان تاھىر
x\oSD1t, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 3-ئاي 1-نەشرى
x4K A8 >g m \!xCmQ 3-باپ
jtUqrJFlQ
H~^)^6)^T 1985-يىل سېنتەبىردە ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن مېكسىكىدا قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى . ئېھتىمال ، بۇ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرۈشىدىن دېرەك بەرسە كېرەك . دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قۇت نىشانى بىر دانە ‹‹ كۆك قىزىلمۇچ ›› بولۇپ ، ئىندىئانلارغا خاس شاپ بۇرۇتى بار ئىدى ، بېشىدا مېكسىكىنىڭ ئەنئەنىۋى كەڭ گىرۋەكلىك چىغ قالپىقى ، ئۇچىسىدا قىزىل ، ئاق رەڭلىك تەنھەرىكەت كىيىمى ، تۇرقى خۇددى پۇتبولغا ئوخشايتتى ، كىشىلەر ئۇنى ‹‹ پىكيۇ ›› (Pique ) دەپ ئاتىشاتتى . بۇ سۆز مېكسىكا تىلىدا ‹‹ قارشىلىشىش ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى ، پۇتبول ساھەسىدە ‹‹ چاقماق تېزلىكىدە بۆسۈپ ئۆتۈش دېگەن كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان بولۇپ ، مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە يېڭى بۆسۈش بولىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى .
=^Sx
Z Bn بىر پارچە سۈرەتتە ، كەڭ گىرۋەكلىك چىغ قالپاق كىيگەن مارادونا تاتلىق كۈلۈپ تۇراتتى . بۇ ‹‹ Pique ››غا نېمىدېگەن ئوخشىغان - ھە ! بەزىلەرنىڭ 1986-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ‹‹ مارادونا ›› دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلىغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن ، ئەلۋەتتە .
k(M:#oA! خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاۋىلانج ‹‹ يەر شارىدىكى پۇتبول بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلارنىڭ ئورتاق غايىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ›› دېگەن ئىدى . بىراق ، مارادونا بىرىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى ، ئىككىنچى قېتىم تولۇق ئىشەنچ بىلەن قاتناشقان بولسىمۇ ، ئار - نومۇس ئىچىدە مەيداندىن ئايرىلدى ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۆسمۈر مارادونانىڭ چۈشى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۈزۈلگەنىدى .
.!Pg)| 26 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مارادونا مەيداندا دائىملا قوشۇمىسىنى تۈرۈۋالاتتى ، كىشىگە كۆپ ئىسسىق - سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندەك كۆرۈنەتتى . مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا ، ئارگېنتىنا كوماندىسى تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر : ‹‹ مارادونانىڭ كوماندىسىغۇ ! ›› دېيىشەتتى . كىشىلەرنىڭ تەلەپپۇزىدىن قەھرىمانغا بولغان ھۆرمەت چىقىپ تۇراتتى ، لېكىن ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن كۆپ ئۈمىد كۈتمەيتتى . بۇ ، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئوبيېكتىپ قاراش ئىدى ، 1982-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا ھېچقانداق لوڭقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكتىن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشىمۇ سۇسلاپ قالغانىدى . بۇ تۆت يىلدىكى ئازاب ۋە گۈزەل تىلەكلەر مارادوناغا ئىلاھىي خىسلەت ھەم مۇسابىقىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش كۈچى ئاتا قىلغانىدى . شۈبھىسىزكى ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيتتى .
yIrJaS- ئالدى بىلەن ئاشۇ بىر قىسىم ئىسپانىيىلىكلەر بەدەل تۆلىشى كېرەك . كەسپىي پۇتبول ماھىرى بولغان مارادونا مەيداندىكى ئىپادىسى ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاشنى ئوبدان بىلەتتى . كىشىلەر مارادونا ۋە ‹‹ جەمەتى ›› توغرىسىدا ئۆسەك سۆزلەرنى قىلىشىپ يۈرگەندە ئىسپانىيە بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى . كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاۋارىچىلىققا يولۇققان مارادونا مەيداندا قىلچە توسالغۇغا ئۇچرىمىدى ، بارسېلونا كوماندىسى چېمپىيون بولۇش ئېھتىمالى بولغان كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ، كۇلۇب رەئىسى نۇنېس ئىلگىرىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تىلغا ئالماي ، ئۇنىڭ تالانتىنى ماختاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى نامايان قىلدى .
AYgXqmH~+
5nUJ9sqA ھەش - پەش دېگۈچە دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ قالدى ، ئىككى كونا رەقىب _ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى يەنە ئۇچراشتى . بارسېلونا كوماندىسى مارادونانىڭ ھەيۋىسىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلماقچى ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بولسا ئىلگىرىكى شانلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق شۆھرىتىنى قوغدىماقچىدى . مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە قايسى كوماندا غەلىبە قىلسا بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە ، مىلاد بايرىمىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەتتى .
d&[RfZ` ئىسپانىيە پۇتبولچىلىرىنىڭ قوپاللىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغاندىن كېيىن ، مارادونا ئامالسىز بۇ خىل ‹‹ ئۇسلۇب ››قا كۆندى . دەرۋەقە مۇسابىقە باشلىنىش بىلەن ئۇ كارامىتىنى كۆرسەتتى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئون نەچچە مىنۇت ئۆتە - ئۆتمەيلا سول پۇتى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى . خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي تېزلا بىر نومۇر ئالدى . ھەر ئىككى كوماندا بىردە بىر نەتىجىگە قانائەت قىلمايتتى ، نەتىجىدە ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى . مارادونا توپ ئالغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپلا چەكلەنگەن رايونغا قاراپ ئىلگىرىلىدى ، مادرىد كوماندىسىنىڭ خافبېكى گورېسنىڭ مۇداپىئەسىنى ئەپچىللىك بىلەن بېسىپ ئۆتتى ، مانا ۋراتاغا ئۇرىدىغان پەيتمۇ يېتىپ كەلدى ! گورېس ئۇنى پۇتلىۋەتكەنمۇ قانداق ، ئۇ ئۇشتۇمتۇت تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ يەرگە يىقىلىپ ، مىدىرلىماي ياتتى . مارادونانى ناسولكا بىلەن مەيداندىن ئېلىپ چىقىۋاتقاندا ، رەئىس نۇنېسنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى . دوختۇرنىڭ دىئاگنوزى كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرەتتى ، ئۇ سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ ، ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىشى لازىم ئىدى . بارسېلونا كوماندىسى مارادونانى سېتىۋالغاندا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ئويلاشمىغانىدى . روشەنكى ، دىيېگو مارادونا بولمىغاندىن كېيىن كوماندا چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى .
Qr9;CVW ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى تۇنجى باھار يەنىلا ئىللىق ئىدى ، ئەمما ئۇ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ باھارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى . كىشىلەر غۇلغۇلا قىلىشاتتى ، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇراتتى .
6,aH[>W
s4~[GO6> مارادونامۇ ئويغا چۆمگەنىدى ، تىنچ مۇھىتتا كىشىنى بىزار قىلىدىغان ‹‹ كۆلەڭگە ›› ۋە يارىلاندۇرۇش ئېھتىمالى بولغان قائىدىگە خىلاپ بولغان ھەرىكەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە پۇتبولچىلارغا خاس تەپەككۇردا پىكىر يۈرگۈزەتتى . دەل شۇ ۋاقىتتا ، ئىسپانىيىلىكلەر قانداق ئۇسۇل بىلەن بۇ ‹‹ ئۆز بېشىمچى ›› شاھزادىنى تۇتۇپ قېلىشنى ئويلىشىۋاتاتتى . ئۇلار ئاخىر مېنوتتىنى ئەسكە ئالدى . كىشىلەر ‹‹ مارادونا - مېنوتتى ››نى دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ، دەپ قارىغانىدى ، بىراق نەتىجە كۈتكەندەك بولمىدى . ھازىر ، كىشىلەر يەنە ئۇلارنىڭ بارسېلونا كوماندىسىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرۈشىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە ، نەتىجىسى قانداق بولار ؟ مارادونا كېسىلى ساقىيىپ ئىسپانىيىگە قايتقاندىن كېيىن ، ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلدى ، 1983 - 1984 -يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئۇنى كۈتمەكتە ئىدى . ئۇستازى مېنوتتى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئورتاق ۋەزىپە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىرلىكتە ئەستىن چىقىرىش ئىدى . قارىغاندا ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداقتەك قىلاتتى ، مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا بارسېلونا كوماندىسى مەيلى بىرلەشمە مۇسابىقىدە بولسۇن ياكى ‹‹ پادىشاھ لوڭقىسى ›› مۇسابىقىسىدە بولسۇن ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلدى .
W3:Fw6v ۋەھالەنكى ، تەقدىر ئادەمنى شۇنداقمۇ كولدۇرلىتىدىكەن ، ھەتتا بەزىدە ئۆزىڭىزنى جىنايەتكاردەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن . 1983-يىل 25-سېنتەبىر بارلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان قاباھەتلىك كۈن . ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، شۇ كۈنى بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بىلبائو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئېلىپ باراتتى . كىشىلەر بىلبائو كوماندىسىدا گويكوچې ئىسىملىك بىر بېك بولغاچقىلا مەزكۇر كوماندىنى تىلغا ئېلىشاتتى . گويكوچېنىڭ قانچە ماھىرنىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرغانلىقى نامەلۇم ، كىشىلەر ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىنى بىلدۈرۈپ ‹‹ قاسساپ ›› دەپ ئاتىغان ، خالاس . ئەمما كەسپىي پۇتبول قائىدە - نىزاملىرىدىن ئۇنى مەڭگۈ مەيداندىن چىقىرىۋېتىدىغان بىرەر ماددا چىقمىغانىدى . دەل شۇ ‹‹ قاسساپ ›› پۇتبول مۇنبىرىدىكى يەنە بىر ئابىدىنى نابۇت قىلىشقا قىل قالدى !
vWZXb` بۇ لەقەمنى بىلىدىغان بارلىق ھۇجۇمچىلار بىراق مارادونانىڭ خاراكتېرى كۈچلۈك ئىدى . ئۇ مۇۋاپىق بولسىلا باشقىلار قىلالمىغاننى ئۆزىنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 58 مىنۇت بولغاندا ، بارسېلونا كوماندىسى نۆلگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن ئالدىدا ئىدى ، مارادونا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپانىيە بېكلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى رەھىمسىزلەرچە ئېچىپ تاشلىدى ، ئەلۋەتتە ، ‹‹ قاسساپ ››مۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى . مارادونا يەنە بىر قېتىم توپ ئالدى ، گويكوچې ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى . مارادونا رەقىبىنى ئوڭايلا ئالداپ ئۆتۈپ توپنى ئېلىپ ئىلگىرىلىدى ، بىردە بىر ئېلىشىشتا يەنە مارادونا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى . ئەلۋەتتە ، ئۇ رەقىبىنى ئەزەلدىن بۇنداق سەل چاغلىمىغانىدى . شۇنداقتىمۇ گويكوچې تېزلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان رەقىبىگە ئادەتلەنگەن ۋاسىتىسىنى ئىشلەتتى _ كەينىدىن مارادونانىڭ پۇتىغا ، يەنە كېلىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە سول پۇتىغا قاتتىق تەپتى ...
lI 4tW= ‹ قاسساپ ››نىڭ قولىدىن باشقا نېمە ئىش كەلسۇن ؟ رېپىرىنىڭ پۇشتىكى چېلىنىش بىلەن مۇسابىقە توختىدى ! تاماشىبىنلار نېمە قىلىشنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ قېلىشتى ! سىتتېسپىللېر بىلەن كلاۋدىيە كۆرۈش سۇپىسىدىن ئايرىلىپ بىچارە مارادونانىڭ يېنىغا چاپتى ! رەئىس نۇنېسنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىدى !
)](ls@* دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىدىن سول پۇتىنىڭ ئوشۇق بوغۇمىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكى ، ئىچكى يان پېيىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ، ئىچكى ئوشۇق بوغۇمىنىڭ سۇنغانلىقى مەلۇم بولدى . مارادونا يەنە بىر قېتىم كېسەللەرخانىسىغا قايتتى .
3o%vV* مارادونانىڭ سول پۇتىنىڭ قېلىن گىپىسلانغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئىسپانىيىلىكلەر تالانت ئىگىسىگە ھېسداشلىق قىلىش ۋە ئاسراش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى . گويكوچې بولسا نامەلۇم بىر توپ مەستانىسىدىن ‹‹ ئۆلۈم خېتى ›› تاپشۇرۇۋالغۇچە خاتىرجەم يۈرۈۋەردى .
>%k6k1CZ مارادونا مەيدانغا چۈشۈشنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى ، شۇڭا يارىلىنىپ 100 كۈندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ مەيدانغا چىقىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى .
l6ym
#cu{AdK
مارادونا پۇتبول مەيدانىغا قايتقاندىن كېيىن ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچ كەلدى . مۇبادا بۇ يىلمۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىسە ، ئۇنىڭ ئىككى يىل ۋاقتى بىكارغا كېتەتتى ، شۇنداقلا ئىسپانىيىدە ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . شۇڭا ، ئۇ ئاكتىپ مەشقلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىپ ، ئۆزىگە بولغان بېسىمنى يەڭگىللەتتى . مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ، ئۇنىڭ ھېلىقى بىر تۈركۈم يارىماس قېرىنداشلىرى ئاۋارىچىلىق تۇغدۇردى . Gv_~@MN
بىر كۈنى كەچتە ، ئۇلار قەھۋەخانىغا قەھۋە ئىچكىلى بېرىپ ، بىر ئۇسسۇلچى قىزغا پوخۇرلۇق قىلىپ قويدى . نەتىجىدە بۇقا سوقۇشتۇرۇش بىلەن نامى چىققان ئىسپانىيىلىكلەر بىلەن جېدەللىشىپ قالدى . ئەتىسى ئەتىگەندە ، قەھۋەخانا خوجايىنى بۇنىڭدىن كېيىن مارادونا جەمەتىدىكىلەرنى قەھۋەخانىغا يېقىن يولاتمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇنىڭغا ئەگىشىپلا مارادوناغا تەنقىد يېغىپ كەتتى . ئەمما ، مەملىكەت بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە بارلىق مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى . XP:A"WK"
مېنوتتىمۇ مارادونا بىلەن بىرگە غايەت زور بېسىمغا ئۇچرىدى . 1982-يىلى ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، بۇ ‹‹ ئاۋاق ›› پوزىتسىيىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللار بىلەن كەسكىن تالاش - تارتىش قىلدى . ئۇنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق گېزىتى بولمىغانلىقتىن ئۆزىنى ئاقلاشقا ئامالسىز قالدى . ئەسلىدە ئۇ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىماقچىدى ، لېكىن ئىسپانىيىگە كەلگەندىن كېيىن ، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ مارادوناغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى ، ئۇ بۇ ئىشلاردىن بىزار بولۇشقا باشلىدى . مارادوناغا ئوخشاشلا مېنوتتىنىڭ مىجەزىمۇ كەسكىن ئىدى ، ئاسانلىقچە قارارىنى ئۆزگەرتمەيتتى . 1978-يىلى مارادونانى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىماسلىق بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ . مېنوتتى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشسىلا بارسېلونادىن كېتەلەيتتى ، مارادوناچۇ ؟ ئۇنىڭ تۆت يىللىق توختامى بار ئىدى . NOo?
L~Gr,i
بىلبائو كوماندىسى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ، مارادونانىڭ كۈشەندىسى ئىدى . 28-ئاپرېل ، نومۇرى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىككى كوماندا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئېلىپ باردى ، گەرچە مارادونا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ ، بارسېلونا كوماندىسى بىرگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋەتتى . ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ تۈگىشىپلا كەتتى . سىتتېسپىللېر ئۇنىڭغا بىر ھەپتىدىن كېيىن بىلبائو كوماندىسى بىلەن پادىشاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، تەسەللى بەردى . USVDDqZ
بىر ھەپتىدىن كېيىن ، مارادونانى يەنە بىر بالا - قازا كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز ؟ BDB*>y7(
‹ پادىشاھ لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىسپانىيىدىكى ئەنئەنىۋى مۇسابىقە بولۇپ ، ھەر قايسى ئەللەردىكى پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە باراۋەر ئىدى . ئەڭ داغدۇغىلىق يېرى شۇكى ، ھەر نۆۋەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى پادىشاھ مەيدانغا كېلىپ كۆرەتتى ھەم ئۆز قولى بىلەن لوڭقا تارقىتاتتى . شۇڭا 1984-يىل 5-ماي ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا پايتەخت مادرىد سانتىياگو بېرنابۇ تەنتەربىيە مەيدانىدا ‹‹ پادىشاھ لوڭقىسى ›› مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . پادىشاھ جۇئان كارلوس رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ، خانىش سوفىيا ۋە شاھزادە ، مەلىكىلەر ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا ئولتۇراتتى . خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ يېنىدا باش ۋەزىر گونزالىس ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى موران ، شۇنداقلا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمان _ ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى كابوتولار ئولتۇراتتى . بۇ ئەربابلارنى تەكلىپ قىلىشتىكى مۇددىئا ھېچكىمگە ئايان ئەمەس ئىدى . Vr1}Zv3K'
ئويلاپ بېقىڭ ، گويكوچې بار كوماندا ، جۈملىدىن مارادونانىڭ سول پۇتىنى تېپىپ سۇندۇرۇۋەتكەن ، گېرمانىيە پۇتبول چولپىنى شۇستېرنىڭ تىزىنى تېپىپ ئېزىۋەتكەن ‹‹ قاسساپ ››تىن ئېسىل مەيدان ئىستىلى كۈتۈشكە بولارمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە پادىشاھ كارلوس بۇ خىل قوپال پۇتبول ئىستىلىدىن جىددىيلەشكەندەك قىلمايتتى ، رېپىرىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالاتتى ، ئېھتىمال پادىشاھ بۇنداق قوپاللىقلارنى كۆپ كۆرۈپ ئادەتلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك . ۋەھالەنكى ، توپ مەستانىلىرى _ مەيلى 70 مىڭ بىلبائو كوماندىسى مەستانىلىرى بولسۇن ياكى 30 مىڭ بارسېلونا كوماندىسى مەستانىلىرى بولسۇن ، ھەممىسى ئۆز كوماندىسىغا مەدەت بېرىش بىلەنلا بولۇپ ، مەيداندىكى ئەھۋاللارغا ئانچە دىققەت قىلمىغانىدى . |O{N_-];.
مارادونا مەيداندا ناھايىتى جانلىنىپ كەتتى ، بىر ھەپتە ئىلگىرى بىرلەشمە مۇسابىقە چېمپىيونلۇقىدىن مەھرۇم قالغاندىكى چۈشكۈنلۈكتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى ، لېكىن قارشى تەرەپ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ توپىنى توسىدى . رېپىرى پۇشتەك چېلىشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلاتتى ، بەلكىم ئۇ توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ كۆرۈشنى ئويلىغان بولسا كېرەك . /jG?PZ=m
J~m$7T3Af
رېپىرىنىڭ پۇشتىكى ئاخىرى چېلىندى ، لېكىن بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . بىلبائو كوماندىسى يەنە بىر قېتىم نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتتى . مۇسابىقە خۇددى قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايتتى ، ئەمدىلا چۈشتىن ئويغانغان مارادونا يەنىلا قارشى تەرەپ ئەزالىرى بىلەن قول ئېلىشتى . ئەمما ، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلىشىغا پۇرسەت بەرمەيدىغاندەك ئىدى . بىلبائو كوماندىسىنىڭ ھاياجاندىن خۇدىنى يوقاتقان بىر ئەزاسى خۇشاللىقتىن تېرىسىگە سىغماي بىر نېمىلەرنى دەپ سۆزلەۋاتاتتى . ئۇ مارادوناغا قارىتىپ سۆزلەۋاتامدۇ - يوق ، بۇنىسى نامەلۇم . ئەمەلىيەتتە ، ئۇ مارادوناغا قارىتىپ غەلىتە قول ھەرىكىتى قىلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆڭلى يېرىم بولۇپ تۇرغان مارادونانى ‹‹ زوراۋانلىق ›› ئارقىلىق ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشقا مەجبۇر قىلدى ، چۈنكى ھېلىقى ئەزانىڭ باش بارمىقى مارادونانىڭ مۈرىسىگە تەگكەنىدى . مارادونا ئۇنىڭ ئېڭىكىگە كاللا بىلەن كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۈسۈۋېدى ، ئۇ يەرگە يىقىلدى . بۇ ھالنى كۆرگەن بىلبائو كوماندىسىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى مۇشتۇمىنى تۈگۈپ مارادوناغا ئېتىلدى ، ئۇ مارادوناغا مەيداندا ‹‹ ئىشلەتمىگەن تېخنىكا ››سىنى كۆرسىتىپ قويماقچىدى . شۇ دەقىقىدە ، مارادونا نىشانىنى يوقاتتى ، ئۇ سول پۇتى بىلەن توپقا ئەمەس ، بەلكى رەقىبىنىڭ قورسىقىغا قارىتىپ تەپتى . ئارقىدىن كوماندا ئەزالىرى ، توپ مەستانىلىرى ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى ... wa"0`a:`;
بىر ئوچۇم لەنەت تەگكۈر مۇخبىرلار كەسپىي ئادىتى بويىچە بەس - بەستە سۈرەتكە تارتىشىۋاتاتتى . ساقچىلار ئارىلاشقاندىن كېيىنلا ھەممە قالايمىقانچىلىق بېسىقتى . c/|{yp$Ga>
پادىشاھ كارلوس ۋە ئىككى نەپەر دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋاللاردىن ھەيران بولۇپ ، ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . (S~kyU!)0
ئىززەت - ھۆرمەتنى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك ، بولۇپمۇ خاتا ئۇسۇلنى تاللىغاندا تېخىمۇ شۇنداق . ۋەقە يۈز بېرىپ ئۈچىنچى كۈنى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇنى ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بېرىشكە چاقىرتتى ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى . بىر قانچە كۈندىن كېيىن ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مارادونا ۋە ئىككى كوماندىنىڭ باشقا تۆت نەپەر ئەزاسىغا ئۈچ ئاي مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماسلىق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . nTeA=0 4
)|~&
(+Q?]
مارادونا تارتىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئىسپانىيىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزدى . سىتتېسپىللېر ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى . ئەمەلىيەتتە ، مارادونا بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي كۇلۇب ئوتتۇرىسىدا بۇرۇنلا سۈركىلىش پەيدا بولغانىدى ، شۇ سەۋەبتىن ھەر كىم ئۆز يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولدى . O[ma% E*0
يەنىلا گەپنى توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلايمىز . بۇ ئالەمشۇمۇل يۇقىرى باھا كۇلۇب رەئىسى ، ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى نۇنېسنىڭ ئىجادىيىتى ئىدى . ئۇ 100 مىليون دوللىرى قىممىتىدە مال - مۈلۈككە ئىگە كاتتا باي ئىدى ؛ بىراق ئۇ كۇلۇب رەئىسى بولغان ئون يىلدىن بۇيان ، بارسېلونا كوماندىسى كرۇيىفنىڭ باشچىلىقىدا بىر قېتىم چېمپىيون بولغاندىن سىرت ، ھېچقانداق لوڭقىغا ئېرىشەلمىگەنىدى . نۇنېس ئىقتىسادىي ساھەدە ھەممىگە ئېرىشكەنىدى ، ئەمدىكى نىشانى سىياسىي ساھە ئىدى . ۋەھالەنكى ، ئۇنىڭدا سىياسىي ساھە ئېھتىياجلىق بولغان يۈز - ئابروي كەمچىل ئىدى . شۇڭا ، ئۇ مارادونانى سېتىۋېلىش ئارقىلىق جامائەت پىكرىنى ئۆزىگە قارىتىشقا ، چېمپىيونلۇق ئارقىلىق تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى . بۇ خىل پۇتبول ئارقىلىق باشقا مۇددىئاغا يېتىشكە ئۇرۇنۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، ئەلۋەتتە . T:za},-
تىپىك ئىسپانىيە ئۇسلۇبىغا ئىگە ‹‹ قاسساپ ›› نۇنېسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى . ئەسلىدە ، بارسېلونا كوماندىسى مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدىلا تۆت ، بەش نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنىدى . مارادونا يارىلانغاندىن كېيىن ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بىلبائو كوماندىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېتىشىۋالدى . نەتىجىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ساھىبخانا مەيداندىكى مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتى ئىلگىرىكى ھالىتىنى ساقلىيالمىدى ، بېلەت باھاسى چۈشكەنلىكتىن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مالىيە كىرىمى تەسىرگە ئۇچرىدى . كىشىنى تېخىمۇ تىت - تىت قىلىدىغىنى شۇكى ، كۇلۇبنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاسبېرت باشقۇرۇشىدىكى ‹‹ تەنتەربىيە ›› گېزىتى ئۈزلۈكسىز ماقالە ئېلان قىلىپ نۇنېسنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىنى ئەيىبلىدى ھەم ئۇنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى . بۇ خىل ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىق ئالدىدا ، نۇنېس بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا مارادونانى تېزراق ساقايتىشقا بۇيرۇدى ، بىراق بۇ چاغدا مارادونادا ئىسپانىيىلىكلەردىن قورقۇش پسىخىكىسى پەيدا بولغانىدى ، شۇڭا ئۇ كۇلۇب بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلدى . K4Q{U@ZJ
مارادونا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ دوختۇرى ئولىۋېرانىڭ ئۆزىنى داۋالىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . ۋەھالەنكى ، بۇ چاغدا ئولىۋېرا دۆلەت كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى پاسسارېللانىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئىتالىيەنىڭ فلورېنسىيە كۇلۇبىدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى . شۇڭا ، ئۇ كۇلۇبتىن ئىتالىيىگە بېرىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلدى . بىراق ، نۇنېسنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەندىشىسى بار ئىدى . مۇبادا مارادونا بارسېلونادىن ئايرىلىپ ، باشقا جايدا داۋالانسا ، ‹‹ تەنتەربىيە ›› گېزىتىنىڭ ئۇنى قابىلىيەتسىز دەپ ئەيىبلىشىگە باھانە تېپىلاتتى . ئاخىرى نۇنېس مارادونا بىلەن كېلىشىم تۈزدى . كېلىشىم بويىچە مارادونا 1984-يىلى فېۋرالدا ئىسپانىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ‹‹ مارادونا شىركىتى ›› بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ 1983-يىل سېنتەبىردىن 1984-يىل فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا كىرىش بېلىتىدىن تارتقان زىيىنىنىڭ 50 پىرسەنتىنى تۆلىشى كېرەك ئىدى ؛ ئەگەر مارادونا ۋاقتىدا ساقىيىپ مۇسابىقىگە قاتنىشالىسا ، ‹‹ مارادونا شىركىتى ›› يۇقىرىدا ئېيتىلغان پۇل سوممىسىغا ئېرىشەلەيتتى . بۇ نوقۇل سودا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادىل كېلىشىم ئىدى ، لېكىن ھېسسىي جەھەتتىن مارادونانىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە تەگدى . x{1 v(n8+=
مارادونا ئۆكتەبىردە ئىتالىيىگە كەلدى ، ئولىۋېرانىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ داۋالىشى ئارقىسىدا ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كەلدى . 1984-يىل 3-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ، كىشىلەر بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەشىق مەيدانى _ نوپو مەيدانىدا مارادونانى كۆرۈپ ھەيران قالدى . مارادونانىڭ ئىتالىيىدىكى داۋالىنىش خىراجىتى تۆت مىليون فرانك ( تەخمىنەن 570 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ) بولۇپ ، ئىقتىسادىي شارائىتى ئەۋزەل بارسېلونا كۇلۇبى ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس ئىدى ، ئەمما نۇنېس ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ، شۇنداقلا مارادونانىڭ ئۆز بېشىمچىلىقىغا نارازى بولۇپ ، پۇل تۆلەشنى رەت قىلدى . مارادونا ئامالسىز قانۇن ئارقىلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا مەجبۇر بولدى . بۇ ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلەشكەنلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشى ئىدى . o?baiOkH
|]&3*%b@
مېنوتتى ئىسپانىيىدىكى مەغلۇبىيەتتىن دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنىغىلا تايىنىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى . ئۇ تېخىمۇ كۆپ پۇتبول چولپىنىغا ئېھتىياجلىق ئىدى ، نۇنېس يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەرختە پلاتىنىنى سېتىۋېلىش ھەققىدە ئىككىلىنىپ ئولتۇرغاندا ، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى توختام ئىمزالاپ بولدى . مارادونا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن غەزەپلىنىش بىلەن بىرگە ، نۇنېسنىڭ توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەرختە ئۆزىنى سېتىۋالغىنىغا ئوخشاش يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەرختە پلاتىنىنىمۇ سېتىۋالالايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى . ئەلۋەتتە ئوخشاش نەرختە برازىلىيە پۇتبول چولپىنى زىكو ، فالكاۋ ، ئەنگلىيە پۇتبول چولپىنى روبسونلارنى كۇلۇبقا قوبۇل قىلالايتتى ، ئەمما مارادونا بۇنداق بولۇشنى خالىمايتتى . ;jzJ6~<
شۇ چاغدا ئابېتو فوئىكا ئىسىملىك ئىسپانىيىلىك بىر كىشى مارادونانى ئىتالىيىنىڭ ناپولى كۇلۇبىغا ئېلىپ كەلدى . مەزكۇر كۇلۇب 1980-يىلىلا مارادونانى سېتىۋالماقچى بولغانىدى ، 1982-يىلى بارسېلونا كوماندىسى ئۇلاردىن چاققان چىقتى . لېكىن ، ناپولى بىلەن مارادونانىڭ تەقدىرى بىر قانچە ئەۋلاد ئىلگىرىلا پۈتۈلگەنىدى . {sw|bLo|+
19-ئەسىردە ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ھەر يىلى تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ تۇرغانلىقتىن كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا قېچىپ باردى . ناپولىغا يېقىن كىبادىۋىك بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق سالۋادورا كارىئوچى ئىسىملىك قىزمۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە ئارگېنتىناغا كۆچۈپ باردى . دەل مۇشۇ قىزنىڭ نەۋرىسى دالما سالۋادور فرانكو دىيېگو مارادونانىڭ ئاپىسى ئىدى . ,RPb<3
B
r Ea(1(I
ئابېتو فوئىكا مەخسۇس پۇتبولچىلارنىڭ ئالمىشىش ئىشىنى بېجىرىدىغان ۋاسىتىچى ئىدى . ئۇ دەسلەپتە بارسېلونا كوماندىسى بىلەن ئۇدىنېس كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئارىدىن ئازراق پايدا ئۈندۈرۈش ئۈچۈن مارادونانى ئىتالىيىگە ئېلىپ كەلگەنىدى . بىراق ، مارادونانىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەنگەنلىكتىن ، ئۇنىڭ مارادونا ۋە زىكودىن ئىبارەت ئىككى گىگانت چولپاننى تەڭلا مەيدانغا چۈشۈرۈش تەسەۋۋۇرى سۇغا چىلاشتى . مۇسابىقە بېلىتى سېتىلىپ بولغانلىقتىن ، ئۇ ئامالسىز بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بىرگە ئىتالىيىگە كەلدى . ئىسپانىيىلىك بۇ ۋاسىتىچى ئىتالىيىگە كېلىپ ئەتىسى كەچتە ناپولى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى فېررىئانو بىلەن ئالاقىلەشتى . ئۇلار ئەسلىدە 1982-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن داۋاملىق ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توپ ئويناۋاتقان برازىلىيە ماھىرى سوكراتېسنىڭ ئالمىشىش ئىشىنى مەسلىھەتلەشمەكچىدى . ئەمما ، بۇ گىگانت چولپاننىڭ نېمە ئۈچۈن فلورېنسىيە كوماندىسىنى تاللىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى . ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، پۇتبول سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى ؛ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى نىسبەتەن ناچار ئىدى . شۇڭا ، جەنۇبقا جايلاشقان ناپولى كوماندىسى ھازىرغا قەدەر ھەر تۈرلۈك پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە بىرەر قېتىممۇ چېمپىيون بولۇپ باقمىغانىدى . رومانتىك ئىتالىيىلىكلەر يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىش ھارپىسىدا تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تۈرلۈك قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشاتتى . شۇڭا فېررىئانو : ‹‹ مارادونادىن ئۈمىد بارمۇ ؟ دېگەن سوئالنى مۇنداقلا ئوتتۇرىغا قويدى . [G_ ;78
بۇ سۆز ھېسسىياتقا باي ئىسپانىيىلىكنىڭ سودا تۇيغۇسىنى ئويغاتتى . ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق سودىنىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكىنى سەزدى . گەرچە ، ئۇ سەككىز مىليون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىتالىيىكلەرنى چۆچۈتىۋېتىدىغانلىقىنى پەملىگەن بولسىمۇ ، لېكىن سودىگەرلەرگە خاس تاتلىق سۆزلەر بىلەن فېررىئانونى قايىل قىلدى . ئۇ : ‹‹ سىزنىڭ ئەسەبىي پۇتبول مەستانىلىرىڭىز ، سان پاۋلو پۇتبول مەيدانىڭىز بار . ناۋادا مارادونا ناپولى كۇلۇبىغا كەلسە ، تۆت مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى پەسىللىك مۇسابىقە بېلىتىدىنلا 30 مىڭنى ساتالايسىز . باشقا كىرىملەر بۇنىڭ سىرتىدا ›› دېدى . شۇنداق قىلىپ ئەسلى مەۋجۇت بولمىغان بۇ ئىش بىر قېتىملىق تېلېفون ئۇچرىشىشىدا كۈنتەرتىپكە قويۇلدى . D
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، سىتتېسپىللېرمۇ ئالمىشىش بازىرىغا كۆز تىكىۋاتاتتى . مەيلى ھېسسىيات نۇقتىسىدىن ياكى مەنپەئەت نۇقتىسىدىن بولسۇن ، مارادونا مۇھىت ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى . فوئىكا بۇ ئىشنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى قىزغىن بولدى . سەككىزدىن بىر قىسىم ئىتاليان قان سىستېمىسىدىن بولغان مارادونا بۇنى قانداقمۇ رەت قىلسۇن ؟ aj?ZVa6
3~sV-
ناپولى كۇلۇبى بىلەن بارسېلونا كۇلۇبى ناھايىتى تېزلا ئەمەلىي سۆھبەتنى باشلىدى . 27-ماي ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالىدى ، كېلىشىم بويىچە يۆتكىلىش ھەققى 13 مىليارد لىرا ( تەخمىنەن يەتتە مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ) بولدى . بۇ خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەنلا ناپلېس شەھىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى . كىشىلەر مارادونانى قانداق ئۇسۇلدا كۈتۈۋېلىش ھەققىدە كاللا قاتۇرۇشقا باشلىدى . 28-ئىيۇن مارادونانىڭ قىممىتىنى قايتىدىن ھېس قىلغان ئىسپانىيىلىكلەر يۆتكىلىش ھەققىنى ئۆز ئالدىغا 15 مىليارد لىراغا ئۆستۈردى ، بۇنى ناپولى كۇلۇبى قوبۇل قىلمايتتى ، ئەلۋەتتە . ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە 30-ئىيۇن سائەت 24تىن ئىلگىرى ئالمىشىش رەسمىيىتىنى تاماملىغان چەت ئەللىك پۇتبول ماھىرلىرى ئىتالىيە بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايتتى ، ئەگەر رەسمىيىتىنى تاماملىيالمىسا كېلەر مۇسابىقە پەسلىنى كۈتۈش كېرەك ئىدى ياكى پۇرسەتتىن مەڭگۈ مەھرۇم بولاتتى . ناپلېسلىقلار بۇ ئىشتىن ئەپسۇسلىنىپ تۇرغاندا ، بارسېلونا كۇلۇبى مارادونانىڭ خاراكتېرىدىن نارازى بولدىمۇ ياكى رېئال مالىيە كرىزىسىنى كۆزدە تۇتتىمۇ ، ئەيتاۋۇر ئاخىرقى دەقىقىدە كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا قوشۇلدى .
.
U{}N%S
4-ئىيۇل ، دىيېگو ئارماندو مارادونانىڭ قەلبى لەرزىگە كەلدى . ئۇ ئۆكۈنۈش ۋە ھارغىنلىق ئىچىدە ناپلېس شەھىرىگە كەلگەندە پادىشاھلاردەك كۈتۈۋېلىنىشقا مۇيەسسەر بولدى . شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە ئۇنىڭ سۈرىتى چاپلانغانىدى ، سان پاۋلو پۇتبول مەيدانىدا 80 مىڭ پۇتبول مەستانىسى ئۇنىڭ مەيدانغا كىرىشىنى كۈتمەكتە ئىدى . مارادونا ھاياجان ئىلكىدە قول ئىشارىتى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى ، مەيداندىكىلەرگە : ‹‹ سىلەر بىلەن بىرگە بولغانلىقىمدىن چەكسىز بەخت ھېس قىلىۋاتىمەن . ناپلېس مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم ›› دېگەن ئىككى جۈملە سۆزنى قىلدى . (Nzh1ul\}
ناپلېستا مارادونانىڭ ئۈمىدى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشتى . ناپلېسنىڭ ساپ ھاۋاسى ، ئىناق كەيپىياتى ئۇنىڭ پسىخىك يۈكىنى يەڭگىللىتىپ ، ھەقىقىي ‹‹ ئائىلە ›› ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى ، قەلبىدە سۆيگۈ ئۇقۇمى شەكىللەنگەن مارادونا يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاشنى قارار قىلدى . ئىسپانىيىدىن ئىتالىيىگە كېلىش مارادونانىڭ ياشلىقتىن تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشكە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى . پۇتبول نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە زاندىلاي ئۇنىڭغا ئىتالىيىچە مۇداپىئەنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويغانىدى ، ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ‹‹ سىناق ››تىن كېيىن مارادونا ھەر قانداق قاتتىق مۇداپىئەدىن قورقماس بولدى ھەم رەقىبىگە تەبەسسۇم بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى . بۇ خىل ئەپۇ قىلىش بارلىق رەقىبلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىدى . ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئىئانە توپلاش مۇسابىقىسى ۋە ئويۇنلىرىغا قاتنىشىش جىگىرى بار بۇ ئەركەكنىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرىلا ناپلېس خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى . /
B!j`UK
23-سېنتەبىر ناپلېسلىقلار ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇلاپ كەلگەن مارادونانىڭ سول پۇتىنىڭ ماھارىتىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى . سامپدورىئا كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە سېپىنى يالغۇز يېرىپ كىرىپ بىر توپ ئۇرۇپ ، ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان ناپلېس خەلقىگە كۆرۈشۈش سوۋغىتى سۈپىتىدە ھەدىيە قىلدى ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاپېنىن يېرىم ئارىلىغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى . مۇھىمى ناپولى كوماندىسى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى A دەرىجىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان كوماندىدىن ھەر قانداق كوماندا سەل قاراشقا پېتىنالمايدىغان كۈچلۈك كوماندىغا ئايلاندى . مارادونا كەلگەن تۇنجى مۇسابىقە پەسلى ( 1984-1985-يىللىق مۇسابىقە پەسلى )دە ناپولى كوماندىسى سەككىزىنچىلىككە ئېرىشتى ( ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە كەينىدىن سانىغاندا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەنىدى ) ، ئۆزىمۇ 14 توپ كىرگۈزۈپ ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچىلار ئىچىدە ئىككىنچى بولدى . 1985-1986-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئالدىنقى ئۈچ كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى . X!hzpg(`hR
ناپولى كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى پۇتبول مەيدانى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . نامرات جەنۇبلۇقلارغا ئىلگىرى پەخىرلەنگۈدەك ھېچنەرسە يوق ئىدى ، مانا ئەمدى مارادونا بار . مارادونا ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇراتتى . ناپولى كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئېلىپ بارغان مۇسابىقىلەردە مەيدان لىق تولغاندىن سىرت ، ساھىبخان مەيداندىكى مۇسابىقىلەردىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى . 1983-1984-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ناپولى كوماندىسىنىڭ كىرىمى بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى ، 1984-1985-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مارادونا بولغانلىقتىن كىرىمى بىر ھەسسە ئاشتى . ئىلگىرى مارادونانىڭ ئالمىشىش ھەققىنى تۆلەشكە قەرز پۇل بېرىشنى قايتا - قايتا ئويلانغان بانكىرلار پۇلنىڭ بىر يىلدىلا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى . بۇلار ھەممىسى فوئىكانىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى ، دېمەك ، مارادونا بايلىق ئىدى . CV[ 9i
remc_}`w
ئەلۋەتتە ، ھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ناتايىن . ئالايلۇق ، دەل مۇشۇ چاغدا سىتتېسپىللېرنىڭ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قېلىشى مارادوناغا قاتتىق تەسىر قىلدى ، كوپلار ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى . ‹‹ مارادونا جەمەتى ›› ( مارادونانىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ، مۇھاپىزەتچى ، شوپۇر ۋە دوستلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى )دە سىتتېسپىللېر يادرولۇق شەخس ئىدى ، بەلكىم ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئىشلاردىن بىزار بولغان بولسا كېرەك ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش يولىنى تېپىش ئۈچۈن ئارگېنتىناغا قايتىپ مەلۇم بىر گېزىتخانىدا خىزمەتكە چۈشتى . Af\@J6viF7
كوپلار ھەممە ئىشتا مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى ، بۇ ئۇنىڭ سىتتېسپىللېر بىلەن پەرقلىنىدىغان تەرىپى ئىدى . سىتتېسپىللېر بىلەن مارادونا ئوتتۇرىسىدا بىر ئاز بولسىمۇ دوستانە ھېسسىيات بار ئىدى ، شۇڭا ئۇ مارادونانىڭ قەلبىنى چۈشىنەتتى ، ئۇنى دۆلەتمەن قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭغا شاد - خوراملىق ئاتا قىلىشنىمۇ ئەستىن چىقارمىغانىدى . كوپلار بولسا مەنپەئەتنى ، بولۇپمۇ ماددىي مەنپەئەتنى قوغلاشتى . ئۇ 1985-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ مارادوناغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدى . ئۇ ‹‹ بىرىنچى چېمپىيون شىركىتى ››نىڭ نامىنى ‹‹ دىيېگو ئارماندو مارادونا شىركىتى ››گە ، قىسقارتىپ ‹‹ د ئا مارادونا شىركىتى ››گە ئۆزگەرتتى . ئۇ مالىيە باشقۇرۇش ۋە مارادونانىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا تېخىمۇ ماھىر ئىدى . o"qxR'V
ئالدى بىلەن ، ئۇ سىتتېسپىللېرنىڭ ئوچۇق قوللۇق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ چىقىمنى تېجىدى . بۇ تەدبىر ئۇلارنى پۇل تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىقلاردىن خالاس قىلدى . ئىككىنچىدىن ، ئۇ ‹‹ مارادونا جەمەتى ››دىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مارادونا بىلەن بىرگە تۇرۇشىنى چەكلىدى ( ئۇنىڭ سىڭلىسى مارىيە ۋە ئۇنىڭ ئېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ، نەتىجىدە مارادونانىڭ تۇرالغۇسىدىكى ئىلگىرى قاينام - تاشقىنلىق يوقالدى . ئەمما ، مارادونانىڭ ئائىلە قارىشى بۇرۇندىنلا كۈچلۈك ئىدى ، شۇڭا ھەپتە ئاخىرى ياكى بايرام كۈنلىرىدە ئاتا - ئانىسى ، قېينىئاتا - قېينىئانىسى ، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مارادونانى زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ بۇ جايغا جەم بولاتتى . ئۈچىنچىدىن ، كوپلار مارادوناغا ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر ، كۇلۇب مەسئۇللىرى ، ترېنېر ، مۇخبىر ۋە تاماشىبىنلارغا قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگەتتى ، ئۇنىڭچە مۇشۇنداق قىلغاندىلا مارادونانىڭ قەيسەر ، ئىشەنچكە تولغان ئوبرازىنى تىكلىگىلى بولاتتى . ئۇنىڭ بۇ تەدبىرلىرى مارادونانىڭ مال - دۇنياسىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى . b0}dy\dnQ
ئەمما ، بىر قىسىم كىشىلەر ، بولۇپمۇ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى مارادونانىڭ پۇتبول ماھارىتىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى . بىر نەپەر پۇتبولچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلاردو كىشىلەردە ئاشۇ دەۋردىكى ئارگېنتىنا ماھىرلىرىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك - قوپاللىقتىن باشقا ھېچقانداق تەسىر قالدۇرمىغانىدى . ئۇ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەنلا ماغدۇرىدىن كەتكەن دۇنيا چېمپىيونىنىڭ شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بېسىمىغا دۇچ كەلدى . مېنوتتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەر بىر ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالدى . مارادونا ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى قوپال ھەرىكەت ۋە ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى جىددىي قىستاپ ئادەم بېقىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ، مەيداندا ئىدراكقا تايىنىپ توپ ئويناشنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىۋالدى ، بۇ ئەلەم ھەم قەلەمدە كامالەتكە يەتكەن ماھىرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم خىسلەت ئىدى . بۇلار بىلاردونى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى . n%WjU)<
بىلاردونىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلدى . ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ، كىشىلەرنىڭ مارادونا ، مېنوتتى ئۈستىدىكى تالاش - تارتىشلىرى تۈگىمىگەنىدى ، بىراق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى . كىشىلەر ئاخىرىدا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇش دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ ، دېگەن خۇلاسىگە كەلدى . ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۇدا ئىككى نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق باسقۇچتىكى مۇسابىقىسىگە قاتناشمىغاندىن كېيىن ئىشنى باشتىن باشلىدى ، كىشىلەرمۇ كوماندىغا سوغۇققانلىق بىلەن كۆز تىكتى . 0
P:Q&lnC
1984-يىل سېنتەبىردە ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ياۋروپاغا قىلغان سەپىرى بىلاردو ئۈچۈن تۇنجى سىناق بولدى . زىيارەتنىڭ بىرىنچى بېكىتى شۋېتسارىيە بولۇپ ، ئىككى كوماندا بېرندا مۇسابىقىلەشتى . مۇسابىقە باشلىنىپ يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن پونسېل بىر نومۇر ئالدى ، 34 مىنۇت بولغاندا دېلتىزىيا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى . كۆرۈش سۇپىسىدا ئولتۇرغان سابىق غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بېكىنباۋر كۆڭلىدە قايىل بولدى ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن شۋېتسارىيە كوماندىسى بەك ئاجىز ، ئارگېنتىنا كوماندىسىغا تاقابىل تۇرالىشى ناتايىن ، دېگەنلەرنىمۇ خىيالىدىن ئۆتكۈزدى . ئۇ ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى قارار قىلدى . BuvnY
بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە بېرندا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىگە ئوخشاش بولدى . مۇسابىقە باشلىنىپ سەككىز مىنۇت بولغاندا تروبىيانى بىر توپ كىرگۈزدى ، 35 مىنۇت بولغاندا رۇگگېرى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى . بېلگىيە كوماندىسى ئەزالىرى ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئەزالار ئىدى . شۇ چاغدا بېكىنباۋر بۇ قېتىم تەشكىللەنگەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كىشىلەر ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان دۇنياۋىي سەۋىيىگە ئىگە كوماندا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى . ئارگېنتىنالىقلار ئۆز كوماندىسىنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى تونۇپ يەتكەندە ، چەت ئەللىكلەر مارادونا ۋە ئۇنىڭ ياش سەپداشلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى . (e;/Smol
غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە غەربىي گېرمانىيە ۋراتارىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە ئايلىنىپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ نومۇر ئېلىشىنى توسۇپ قالالمىدى . مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت ئۆتكەندە ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن گاررىي بىۋاسىتە ئىختىيارىي توپ بىلەن بىر نومۇر ئالدى ، 36 مىنۇت بولغاندا پونسېل يەنە بىر توپ ئۇردى . 57 مىنۇت بولغاندا بۇررۇچاگا ئۈچىنچى توپنى ئۇرۇپ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىنى مۇقىملاشتۇردى ، 78 مىنۇت بولغاندا جاكوبۇس باش بىلەن ئۈسۈپ بىر توپ كىرگۈزدى . نەتىجىدە غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى تۆتكە قارشى نۆل نەت, ىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋېتىپ ، ئاھانەتكە قالدى. مۇشۇنداق كۈچلۈك ئارگېنتىنا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھارپىسىدا غايەت زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى . تەييارلىق باسقۇچتىكى مۇسابىقىدە ئۇلار كولۇمبىيە ، ۋېنېسۇئېلا ۋە پېرۇ كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى . دەسلەپتە ، بىلاردو چولپان تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كولۇمبىيە ، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلدى . ئەمما ، پېرۇ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بۇ تاكتىكىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى ، مارادونانى قاتتىق بېقىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بەرمىدى ، نەتىجىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىرگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن ، ئارگېنتىنا كوماندىسى بۇئېنوس - ئايرېستا جان تىكىپ ئېلىشىشقا مەجبۇر بولدى . پېرۇ كوماندىسى پۇختا تەييارلىق كۆرگەندەك قىلاتتى . 30-ئىيۇل ساھىبخان كوماندا مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ، ئۇلار تەمكىنلىك بىلەن ئويناپ چولپان تاكتىكىسىنى بويسۇندۇردى . مارادونا مۇسابىقە باشلىنىپ كۆپ ئۆتمەي پېدروغا نومۇر ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندىن كېيىن كارامىتىنى كۆرسىتەلمىدى . ئەكسىچە پېرۇ كوماندىسى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 24 ۋە 29 مىنۇت بولغاندا ئىككى توپ كىرگۈزدى ، بىر مەيدان پاجىئە يۈز بېرىش ئالدىدا بەختكە يارىشا ئارگېنتىنا كوماندىسى بېكى دانيېل بىر قانچە نەپەر قارشى تەرەپ ئەزاسىنى ئالداپ ئۆتۈپ ، چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ بىر نومۇر ئالدى ، شۇندىلا ئارگېنتىنا كوماندىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى . E\}A
بىلاردو مەشىق مۇسابىقىلىرىدىكى نەتىجە بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي ، تۈرلۈك تاكتىكا ئۆزگىرىشى مەشقىگە ئەھمىيەت بەردى ، مارادونانى مەركەز قىلغان چولپان تاكتىكىسى ئاساسىدا ئۆزگىرىشچان ، كۆپ نۇقتىلىق ھۇجۇم ئۇسۇلىنى قوللاندى ، بۇ دەل ئۇنىڭ دانالىقى ئىدى . گەرچە ، چىلى ۋە برازىلىيىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەشىق مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ ، لېكىن بىلاردو چوڭ ئىشلارنى قەلبىگە پۈكتى . [kkhVi5;A
ydVDjE
Y
ئەزەلدىن جامائەت پىكرىدە باشلامچىلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ياۋروپا ئاخبارات ساھەسى مارادونا ۋە بىلاردونىڭ پېيىگە چۈشكەنىدى . 1986-يىل 26-مارت ئارگېنتىنا كوماندىسى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشىق مۇسابىقىسىدە ئىككىگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن فرانسىيىگە ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇلار ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئىستىقبالىدىن غەم قىلىشتى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسىدىن پلاتىنى بىلەن گىللېس يارىلىنىش تۈپەيلىدىن مەيدانغا چىقمىغان ، ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن مارادونا مەيدانغا چىققانىدى . B3yTN6-
ئەينى چاغدا مارادونا نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ ؟ تۆۋەندە بىز مۇخبىرنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرۈپ باقايلى : leF!Uog
مۇخبىر : 1986-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھەپتىلىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ، غايەت زور بېسىم ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان قوپال ھەرىكەتلەر تۈپەيلى ئىدىيىڭىزدە تەشۋىش پەيدا بولدىمۇ ؟ w3VgGc~
مارادونا : تەشۋىش پەيدا بولمىدى . بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار ، بىرى ، ئەگەر يارىلانمىساملا مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياخشى ماھارەت كۆرسىتەلەيمەن ؛ يەنە بىرى ، رېپىرىلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ 1982-يىلى ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭكىدىن ئۈستۈن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مېنىڭچە ، جەنۇبىي ئامېرىكىدا پۇتبول ماھىرلىرى رېپىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىغا ئېرىشەلەيدۇ ، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى جازالاشتا ياۋروپاغا قارىغاندا قاتتىق . جەنۇبىي ئامېرىكىدا قوپال توپ تالىشىش ھەرىكىتى كۆرۈلىدىكەن ، شۇ ماھىر مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىدۇ . لېكىن ئىتالىيىدە بۇنداق ئەمەس ، ئىسپانىيىدە ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق . مېنىڭ مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىدە رېپىرىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل . HS*Y%*
مۇخبىر : فرانسىيە پۇتبول چولپىنى پلاتىنى مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن ، پۇتبول مۇنبىرىدىن چېكىنىشىم مۇمكىن ، دەپ ئېلان قىلدى ، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى ئۈستىدە قانداق ئويلىرىڭىز بار ؟ مارادونا : مەن تېخى پۇتبول مۇنبىرىدىن چېكىنىشنى ئويلاشمىدىم ، شۇڭا بۇ توغرىلىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن . ئىمكان بولسا يۈز ياشقىچە پۇتبول تېپىشنى ئويلايمەن . مېنىڭ پۇتبولدىن ئايرىلغۇم يوق . مەن پۇتبول مۇنبىرىدىن چېكىنگەن نۇرغۇن پېشقەدەم ماھىرلارنىڭ ئىلگىرىكى كۈنلىرىنى ئەسلەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم . مۇخبىر : 1982-يىلدىن بۇيان ئاساسەن ياۋروپادا توپ ئويناۋاتىسىز . بۇنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىڭىزغا تەسىرى بولامدۇ - يوق ؟ مارادونا : ئوچۇقىنى ئېيتسام تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئارگېنتىناغا بولغان ساداقىتىمنى ئىپادىلىدىم . 1985-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا - يەكشەنبە كۈنى A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىنى تۈگىتىپلا جەنۇبىي ئامېرىكىغا بېرىپ بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم . مەن پۇتبولنى ھەم ۋەتىنىمنى قىزغىن سۆيگەنلىكىم ئۈچۈنلا شۇنداق قىلدىم ، بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ . مەن ياۋروپاغا ئالمىشىپ كەلگەندىن كېيىن ، دەسلەپتە بارسېلونا كۇلۇبىدا ، كېيىن ناپولى كۇلۇبىدا توپ تەپتىم . ياۋروپاغا كېلىپ توپ تېپىشىم ئۆزۈم ۋە ئائىلەمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈندۇر . ئەمما ، يۈرىكىم ئىزچىل ئارگېنتىنا ئۈچۈن سوقىدۇ . كەلگۈسىدە يەنىلا ئارگېنتىناغا قايتىپ توپ تېپىمەن . مۇخبىر : 1982-يىلى بىلاردو مېنوتتىنىڭ ئورنىغا ترېنېر بولدى ، سىز بۇ ئىككىيلەنگە قانداق قارايسىز ؟ مارادونا : مېنوتتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى ، بۇنى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت شارائىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بىلاردو ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەھۋال باشقىچە ، ھازىرقى ئارگېنتىنا كوماندىسى ياشلاردىن تەشكىل تاپقان كوماندا ، تەجرىبىسى يېتەرسىز ، بېك پاسسارېللا بىلەن ۋراتار فىلوللا كونا ئەزا ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە كوماندىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ، كوماندىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى 1986-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن نامايان بولۇشى مۇمكىن ... xVYa-I[Z
oP
T)vN?
مارادونانىڭ رېپىرىدىن ئەنسىرىشى ئورۇنلۇق ئىدى . بولۇپمۇ ‹‹ زاندىلاي فورمۇلىسى ›› مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ، نۇرغۇنلىغان بېكلەر بۇ ئۇسۇلنى بېيىتىپ باردى ، گويكوچې بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر . دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىدىكى پېرۇ بىلەن ئوينىغان ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە ، پېرۇ كوماندىسىدىن لېۋىس رايلا كۆپ قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ، مارادونانىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنىدى . نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ جانىۋارنى لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدىلا مەيداندىن چىقىرىۋېتىش لازىم ، دەپ قاراشتى ، چىلىلىق رېپىرى مۇشۇنداق قىلمىغانلىقتىن كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى . بەختكە يارىشا ، پېرۇ كوماندىسى ئەزالىرى كەينى - كەينىدىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلسىمۇ ، مارادونا ئىزچىل ئۆزىنى تۇتۇۋالدى . ئۇ سەللا ئېھتىيات قىلمىسا ئۆزىگە تۆت كۆز بىلەن تىكىلىپ تۇرغان رېپىرىنىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەنىدى . tZx}/&m-
مارادونانىڭ ئۆز ساداقىتىنى كۆز - كۆز قىلىشقا تولۇق ئاساسى بار ئىدى . 5-ماي مارادونا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، دەرھال ئارگېنتىناغا كېلىپ ئۆزىنى مەركەز قىلغان يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش ۋە بەدەن قىزىتىشقا قاتناشتى . 11-ماي مارادونا ئىتالىيىگە قايتىپ ئۇدېنېس كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىگە قاتناشتى . 13- ماي يەنە ئارگېنتىناغا قايتىپ چىلى كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەشىق مۇسابىقىگە قاتناشتى . 5-مايدىن 19-مايغىچە بولغان يېرىم ئايدا مارادونا 80 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈردى ، بۇ ئېكۋاتورنى ئىككى قېتىم ئايلانغانغا باراۋەر . ناۋادا ، ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى ، ئېتىقادى بولمىسا ، بۇنداق جاپا چېكىپ نېمە قىلىدۇ ؟ زىيارەت ئەھۋالىدىن مەلۇمكى ، مارادونا مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىغانىدى . لېكىن ، كۆپ قىسىم كىشىلەر برازىلىيە ۋە فرانسىيىنى ، يەنە بىر قىسىملار پولاتتەك ئىرادىگە ئىگە گېرمانىيىنى چېمپىيون بولىدۇ ، دەپ قارىشىۋاتاتتى . مۇسابىقە باشلانغان ، جۈملىدىن ھەر قايسى كۈچلۈك كوماندىلار بىرەر مەيداندىن مۇسابىقە ئوينىغاندىن كېيىنلا كىشىلەر ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىشتى . تۇنجى مەيدان مۇسابىقە مېكسىكا تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى . ئىككى كۈن ئىلگىرى بۇلغارىيە كوماندىسىنىڭ ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن تەڭ چىقىشى كورىيىلىكلەرگە زور ئىلھام بولغانىدى . ئۇلار مۇسابىقە جەريانىدا مارادونانى 11 قېتىم كۈرەپ تېپىپ يىقىتىۋەتتى ، ئەمما مارادونا قارشى تەرەپنىڭ ئەپۇ سورىشىنى دوستانە قوبۇل قىلىپ ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدى ، ئۆزىنىڭ ‹‹ غالىب ››لارغا خاس تەمكىنلىكىنى ساقلىدى . ئەمەلىيەت بۇ خىل زەخمىلەندۈرۈش تاكتىكىسىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى . مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا ، مارادونا ئوتتۇرا يولنى بويلاپ ئۇدۇل كورىيە كوماندىسىنىڭ مەركىزىي رايونىغا بۆسۈپ كىردى ، كورىيە كوماندىسىنىڭ بېكى ئۇنى يىقىتىۋەتتى . ئارگېنتىنا كوماندىسى ئىختىيارىي توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، بېك توپنى توسۇۋەتكەندىن كېيىن ، مارادونا باش بىلەن ئۈسۈپ توپنى پاسلاپ بەردى ، 11-نومۇرلۇق ماھىر ۋالدانو توپ يەرگە چۈشمەستىنلا ۋراتارغا ئۇردى ، كورىيە كوماندىسى ۋراتارى توپقا ئۆزىنى ئاتقان بولسىمۇ توسۇۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 13 مىنۇت بولغاندا ئارگېنتىنا كوماندىسى چەكلەنگەن رايون ئالدىدا ئىختىيارىي توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، توپ ۋراتا تۈۋرۈكى يېنىغا چىقىرىلىشى بىلەن 19-نومۇرلۇق ماھىر رۇڭگېرى ۋراتاغا كىرگۈزۈپ يەنە بىر نومۇر ئالدى . ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا ۋالدانو مارادونا بەرگەن پاسنى ئېلىپ مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى ، بەلكىم كورىيە كوماندىسى ئەزالىرى ترېنېرنىڭ مەيدان ئارىلىقىدىكى خۇلاسىسىنى ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك . كورىيە كوماندىسى مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە ئۇتتۇرغانغا تەن بەرمەسلىك روھى بىلەن بىر توپ قايتۇرۇۋالدى ، بىراق بۇ ھېچنېمىگە دالدا بولالمىدى . ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە 5-ئىيۇن ئېلىپ بېرىلدى ، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى . ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بېئارزوتنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچى بار ئىدى . ئۇ چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى ئىزچىل تۆۋەن مۇقامنى ساقلاپ كەلگەنىدى ، گۇرۇپپىلارغا ئايرىش مۇراسىمىدىن كېيىن ، ئۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا : ‹‹ بىز يەنە دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز ! ›› دەيدۇ . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئىتالىيە كوماندىسى ھېچ بولمىغاندا پسىخىك جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى . يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى سەككىز قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ ، ئىتالىيە كوماندىسى بەش قېتىم ئۇتۇپ ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ ، بىر مەيدان ئۇتتۇرغان ، جۈملىدىن 1978-يىلى ئىتالىيە كوماندىسى ئارگېنتىنادا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغان ، 1982-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى . شۇڭا ، بۇ قېتىم گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ئۈزۈپ چىقىش ۋە ئىلگىرىكى ئارىنى يۇيۇش ئۈچۈن ، ئارگېنتىنا كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى . لېكىن ، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ مۇداپىئەسى ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ ، ئارگېنتىنالىقلار ئامالسىز قالدى . كىم بىلسۇن ، ئارگېنتىنا بېكى مۇداپىئەدە توپنى قول بىلەن تۇتۇپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن رېپىرى 11 قەدەملىك جازا توپى ھۆكۈم قىلدى ، ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ 18-نومۇرلۇق ماھىرى ئارتو بېللى بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بىر نومۇر ئالدى . بىر نومۇر ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا مارادونانىڭ كاللىسى سەگىدى ، ئەمەلىيەتتە مەزكۇر مۇداپىئە سېپى ئۇنىڭغا بەش قولدەك تونۇش ئىدى ، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم ئېلىشقانىدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 35 مىنۇت بولغاندا ئارگېنتىنا كوماندىسى ئوتتۇرا مەيداندىن ھۇجۇم باشلاپ توپنى چەكلەنگەن رايونغا يانتۇ پاس بەردى ، مارادونا تېز سۈرئەتتە قىستۇرۇلۇپ كىرىپ ئالدىدىن ۋراتار توسقان ، كەينىدىن بېكلەر ئارىغا ئېلىۋالغان ئەھۋالدا توپنى يېنىك ئىلىپ تېپىپ ، نومۇرنى تەڭلەشتۈردى . نەتىجىدە ، ئىككى كوماندا بىردە بىر نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى . o&M.9V?~~
10-ئىيۇن بۇلغارىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى . ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە ئارگېنتىنا كوماندىسى ئەزەلدىن بۇلغارىيىگە ئۇتتۇرۇپ باقمىغانىدى ، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى . مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بولغاندا بۇلغارىيىنىڭ مۇداپىئەسىدە يوچۇق كۆرۈلدى ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئەزاسى توپ ئېلىپ ئارقا سىزىققا بارغاندىن كېيىن پاس چىقاردى ، ۋالدانو ۋراتانىڭ يان ياغىچى يېنىدىن باش بىلەن ئۈسۈپ بىر توپ كىرگۈزدى . بۇلغارىيىلىكلەر ئارقىدا قالغانلىقىغا تەن بەرمەي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى ، ئەمما ئەمەلىي كۈچى چەكلىك ، ماسلىشىشى ئاددىي ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋراتاغا توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى ناچار بولغانلىقتىن نەتىجىنى تەڭلەشتۈرەلمىدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 76 مىنۇت بولغاندا مارادونا ئارقا سىزىق يېنىدىن پاس بېرىۋېدى ، 7-نومۇرلۇق سەپدىشى بۇررۇچاگا باش بىلەن ئۈسۈپ بىر توپ كىرگۈزۈپ رەقىبىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلدى . ئارگېنتىنا كوماندىسى كۈچلۈكلەرگە خاس قىياپەتتە ئۇرۇگۋاي كوماندىسىغا خىرىس قىلدى . >\~Er@
FjizPg/|!
ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ خەلقئارا پۇتبول مۇنبىرىدىكى نامى ئارگېنتىنادىنمۇ ناچار بولۇپ ، زەخمىلەندۈرۈش تاكتىكىسى بىلەن ‹‹ قاتىل ›› دەپ نام ئالغانىدى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاگاھلاندۇرغانلىقتىن ، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى جەنۇبىي ئامېرىكىلىق قېرىندىشىغا زىيادە قوپاللىق قىلمىغانىكەن . شۇڭلاشقا كىشىلەرنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە بولغان قىزغىنلىقى پەلەككە يەتتى ، رېپىرىنىڭ پۇشتەك ئاۋازىنى دۇمباق - سۇنايلارنىڭ ئاۋازى بېسىپ چۈشتى . مۇسابىقىدىن ئىلگىرى مارادونا ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىن ئۈمىد كۈتكەنىدى ، ئەمما گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ياخشى بولماي ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى . مۇسابىقە نەتىجىسى دېگەندەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئارگېنتىنا كوماندىسى مەيداندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى ، ئۇلار ئوتتۇرا مەيداننى ئىزچىل تىزگىنلەپ ھۇجۇم قىلغاندا ياندىن ھۇجۇم قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بەردى ، مارادونا گاھ ئوڭدىن ، گاھ سولدىن قارشى تەرەپ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، كارامىتىنى كۆرسەتتى . مەيداندا پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۇرۇگۋاي كوماندىسى تەمكىنلىك بىلەن قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرۇپ ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغۇچە رەقىبىگە قىلچە پۇرسەت بەرمىدى . يولۋاسنىڭمۇ مۈگدەيدىغان ۋاقتى بولغىنىدەك ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بىر مىنۇت قالغاندا ، ئارگېنتىنا كوماندىسى مارادونانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالدى مەيداندا شۇنداق چىرايلىق پاسلىشىپ ھۇجۇم تەشكىللىدى ، 17-نومۇرلۇق پاسكولى توپنى ۋراتاغا كۈچەپ ئۇرۇپ ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىگە ئاساس سالدى . ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يامغۇر يېغىپ كەتتى ، ئارگېنتىنالىقلار توپ مەستانىلىرىغا راۋان ھۇجۇم ماھارىتىنى نامايان قىلدى ، لېكىن تەلىيى ئوڭدىن كەلمىگەنلىكتىن نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇپ ، كىشىلەرنى ئەپسۇسلاندۇردى . ;"#y HP`
تەنتەربىيە ئەزەلدىن سىياسىيدىن ئۈزۈل - كېسىل ئايرىلغان ئەمەس ، شۇڭا ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىغا كىرىشتە يولۇقۇپ قېلىشى كىشىلەرگە ئەنگلىيە - ئارگېنتىنا مالۋىناس ئاراللىرى ئۇرۇشى ››نى ئەسلەتتى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېكسىكا دائىرىلىرى مۇكەممەل مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللاندى ، ھەر قانداق ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى . ۋەھالەنكى ، ھېچقانداق ئەھۋال ياكى جىددىي ۋەقە يۈز بەرمىدى ، مۇسابىقە مەيدانىدىمۇ ‹‹ ماجىرا ›› تۇغۇلمىدى ، پەقەت ‹‹ پەرۋەردىگارنىڭ قولى ›› بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئۇرۇلغان بىر توپ تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى . مەيداندىكى باش رولچى دەل مارادونا ئىدى . g'w"U9tjO
مۇسابىقە باشلىنىش بىلەن ئەنگلىيىلىكلەر جىددىي قىستاپ ئادەم بېقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئارگېنتىنالىقلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلىدى ، ئۇلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەي ، رەقىبىنىڭ بىمالال ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئۇيۇشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ نۆلدە نۆل چىقتى ، ئىككىنچى يېرىم مەيدان باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا مەيداندىكى قاتمال ۋەزىيەت بۇزۇپ تاشلاندى ، ئارگېنتىنا كوماندىسى سول ياندىن ھۇجۇم قوزغاپ ، توپنى چەكلەنگەن رايون ياقىسىغا پاس بەردى ، ئەنگلىيە كوماندىسى بېكى توپنى توسۇپ ۋراتارغا قارىتىپ پاس بەرگەن ، ۋراتار توپنى بوشلۇقتا سۈزۈۋېلىشقا تەمشەلگەن پەيتتە مارادونا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ ۋراتار بىلەن تەڭ سەكرەپ نامى ئۆچمەس سول قولى بىلەن توپنى ئۇرۇپ ۋراتاغا كىرگۈزۈۋەتتى . ئېھتىمال ، مارادونانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئېڭى ۋە شىجائىتىدىن قايىل بولغان ياكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان دەقىقىدىكى ھەرىكەتنى كۆرەلمىگەنلىكتىن بولسا كېرەك ، باش رېپىرى توپنى ئىناۋەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلدى ، ئېنگلاند كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ كەيپىياتىدا تۇراقسىزلىق كۆرۈلدى . XM"Qs.E
ئارىدىن تۆت مىنۇت ئۆتكەندە ، مارادونا تالانتى ئارقىلىق ئېنگلاندلىقلارغا ئۆكۈنمەسلىكنى ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ھەقىقىي كۈچلۈك كوماندا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى . ئەينى چاغدا مارادونا ئۆزىنىڭ يېرىم مەيدانىدا توپ ئالغاندىن كېيىن ، سول پۇتىدا ئەپچىللىك بىلەن توپنى تارتىپ بەدىنىنى بۇرىۋېلىپ ، ئىككى نەپەر بېكنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن قارشى تەرەپ يېرىم مەيدانىغا قاراپ ئېتىلدى . بىر بېك ئالدىدىن چىقىپ توسۇشقا ئۇرۇنغاندا ، ئۇ بەدىنىنى سەل ئالدىغا تاشلاپ ئوڭغا ئاغدى . بېك تەڭپۇڭلۇقىنى بىر تەرەپكە تاشلىشى بىلەن مارادونا تېزلىكتە سول پۇتىنىڭ سىرتقى يېنى بىلەن توپنى ئىتتىرىپ چەكلەنگەن رايونغا قاراپ ئۇچتى . ۋراتار ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ ئالدىغا چىقىپ توپقا ئېتىلدى ، مارادونا سۈرئىتىگە تايىنىپ ئەپچىللىك بىلەن ۋراتار يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى - دە ، كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن بېك كۈرەپ تېپىپ بولغۇچە سول پۇتىنىڭ يۈزى بىلەن توپنى ئىتتىردى . توپ كۆپچىلىكنىڭ كۆزىچىلا ۋراتاغا دومىلاپ كىرىپ كەتتى . بۇ توپتىن ئېنگلاند كوماندىسى ئەزالىرى ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى . @(*A<2;N
_cC!rq U1
مەزكۇر توپ ئېنگلاند كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ نومۇر ئېلىش روھىنى ئۇرغۇتقان بولسا كېرەك ، ئۇلار ئۇزۇن پاسلىق تېز ھۇجۇم ئارقىلىق ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قوزغىدى . بۇ ئۇسۇل دېگەندەك ئۈنۈم بەردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 80 مىنۇت بولغاندا لىنېكېر بىر توپ ئۇردى ، ئەمما ئۇلار كېچىككەنىدى . شۇنىڭدىن كېيىن بارلىق توپ مەستانىلىرى خاسىيەتلىك بۇ كۈننى - 1986-يىل 22-ئىيۇننى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇۋالدى . *_J{_7pwe
1982-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تىلغا ئېلىنسىلا ئارگېنتىنالىقلارنىڭ بېلگىيە كوماندىسىغا بولغان غەزىپى قايناپ تاشىدۇ ، مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ئىنتىقام ئالىدىغان پۇرسىتى كەلدى . تۆت يىل ئىلگىرى ، تۇنجى قېتىم ياۋروپا ماھىرلىرىنىڭ جىددىي قىستاپ بېقىشى بىلەن ئۇچراشقاندا مارادونا ئامالسىز قالغانىدى . بۈگۈن ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جىددىي قىستاپ بېقىشقا تاقابىل تۇرۇش ماھارىتىنى كۆرسەتمەكچى . بېلگىيىلىكلەر ئىتالىيە كوماندىسى تەجرىبىسىنى ئۆگەنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئارگېنتىناغا يەتمەيدىغانلىقىنى ، كۆپ قىسىم ئەزالارنى ئوتتۇرا ، ئارقا مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، بولۇپمۇ چەكلەنگەن رايون ئالدىدا توسۇق ھاسىل قىلىپ مارادونانىڭ ھۇجۇمىنى توسىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى . مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن ئارگېنتىنا كوماندىسى ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ ، بېلگىيىلىكلەرنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مارادونا بىر قېتىم ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماھارەت كۆرسەتتى . ئەينى چاغدا ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر قانچە رەت قىسقا پاسلاشتى ، گەرچە قارشى تەرەپ جىددىي قىستاپ باقمىغان بولسىمۇ ، لېكىن چەكلەنگەن رايونغا قىستۇرۇلۇپ كىرىشىگە پۇرسەت بولمىدى . ئۇ ئوڭ يۆنىلىش بويىچە ئۆرۈلۈۋاتقاندا توپ يەردىن ئانچە ئېگىز بولمىغان كۆكتە لەيلەپ چۈشۈۋاتاتتى ، توپنىڭ يەرگە چۈشۈشىنى كۈتمەيلا بەدىنىنى بۇراۋاتقاندىكى كۈچكە تايىنىپ سول پۇتى بىلەن توپنى ۋراتاغا ئۇردى ، توپ خۇددى يادىن ئايرىلغان ئوقتەك بېرىپ ۋراتانىڭ توغرا ياغىچىغا تەگدى ، شۇ دەقىقىدە ۋراتار پۇفاف ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرالمىدى ، بۇ توپ كىرمىدى . ئارگېنتىنا كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە نۆلدە نۆل نەتىجىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى . ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا مارادونا سول تەرەپتىكى سەپداشلىرىغا سول پۇتىدا ئۈزلۈكسىز پاس چىقىرىپ بەردى ، ھەر قېتىملىق ھۇجۇم بېلگىيىلىكلەرنى قارا تەرگە چۆمدۈردى ، نەتىجىدە مۇداپىئە سېپىدە سولغا ئېغىش كۆرۈلدى . مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا مارادونا توپنى ئالدى ، بىراق بۇ قېتىم توپنى ۋراتاغا ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆزى تاماملاشنى قارار قىلدى . ئۇ چەكلەنگەن رايون ئالدىدا سەپدىشى بىلەن ئىككىنىڭ بىردىن ئۆتۈشى بويىچە پاسلىشىپ توپ ئالغاندىن كېيىن ، چەكلەنگەن رايونغا تېز سۈرئەتتە بېسىپ كىردى . #*w)rGkU2
8sBT&A6&j
ئىككى نەپەر بېك تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا توپنى سول پۇتى بىلەن يانتۇ ئېلىپ ۋراتاغا ئۇردى . بەلكىم بۇ توپ مارادونانىڭ ئىلھامىنى قوزغىغان بولسا كېرەك ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 12 مىنۇت بولغاندا مارادونا خۇددى سېھرىگەرلەردەك تۆت نەپەر بېلگىيە كوماندىسى ئەزاسىنى ئالداپ ئۆتۈپ ، سول پۇتىنىڭ سىرتقى يېنى بىلەن يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئورۇندىن ۋراتاغا توپ ئۇرۇپ نومۇر ئالدى . 4^YE*6z
مارادونا يۇقىرى ماھارىتى ئارقىلىق رەقىبىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى ، بېلگىيە كوماندىسى ۋراتارى پۇفاف مۇسابىقىدىن كېيىن مارادونا بىلەن قىزغىن قۇچاقلاشتى ھەم دوستلۇقنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۆزئارا مايكا ئالماشتۇردى . بېلگىيە كوماندىسىنىڭ مارادونانى بېقىشقا مەسئۇل بولغان ئۈچىنچى نومۇرلۇق ماھىرى ۋاندېر ئېلىست مۇسابىقىدىن كېيىن : ‹‹ مۇسابىقىنىڭ بېشىدا مارادونانى چىڭ باقتىم ، كېيىن ئىككى قېتىم سەل بوشىشىپ قېلىۋېدىم ، ئۇ مۇشۇ پۇرسەتنى تۇتۇۋالدى ›› دېدى . بېلگىيە كوماندىسى ئۇتتۇرۇۋەتكىنىگە قايىل ئىدى .بېلگىيىلىكلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى بېكىنباۋرغا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بولدى . 29-ئىيۇن ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بېكىنباۋر ماتتائۇسنى مەخسۇس مارادونانى بېقىشقا ، ئېدېر ۋە فۇرسىتنى ئوڭ ، سولدىن ئارىغا ئېلىشقا بەلگىلەپ ئۇنىڭغا توپ ئالغۇزماسلىقنى قارار قىلدى . ئەمما ، توپ مارادونانىڭ پۇتىغا چۈشۈشى بىلەنلا ئۆزى توپ ھەيدەپ ماڭماي ، پۇختا تېخنىكىسىغا تايىنىپ سەپداشلىرىغا دەل جايىدا ئۇزۇن پاس بەردى . ئەلۋەتتە ، ئۇمۇ خەتەرلىك رايوندا ئىختىيارىي توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 22 مىنۇت بولغاندا ، مارادونانى قارشى تەرەپ ئەزاسى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ تەرىپىدە پۇتلاپ يىقىتىۋەتتى ، برۇچچاگا ئۇرغان ئىختىيارىي توپنى غەربىي گېرمانىيە ۋراتارى شۇماخېر تۇتالمىغاندىن كېيىن ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ بەشىنچى نومۇرلۇق ماھىرى بروۋىن باش بىلەن ئۈسۈپ بىر نومۇر ئالدى . گېرمانىيىلىكلەر ئۇتتۇرغىنىغا ئوڭاي تەن بەرمەيتتى ، ئۇلار تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى . كۈتۈلمىگەندە ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 55 مىنۇت بولغاندا ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ۋالدانو ئۆزى مۇداپىئەنى بۆسۈپ كىرىپ بىر نومۇر ئالدى . ۋەھالەنكى ، مۇسابىقە تېخى ئاخىرلاشمىغانىدى . پۇتبول مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشنى قىياس قىلغىلى بولمايتتى . قەيسەر گېرمانىيىلىكلەر كورنېر ( بۇلۇڭ ) توپ ئۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىككى نومۇر ئالدى ، بۇ ئىككى توپنى رۇمېنىگ بىلەن رۇدى ۋوللېر ئۇرغانىدى . f[R~oc5P0
‹‹ گېرمانىيىدىن قورقۇش كېسىلى ›› بار كىشىلەر گېرمانىيە كوماندىسى مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرىدىغان بولدى دەپ قاراشتى ، گېرمانىيىلىكلەرنىڭمۇ ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى ، ئۇلار غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ مۇسابىقىنى 90 مىنۇتتا ئاياغلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدى . ئۇلار نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەندىن كېيىن خۇشاللىقتىن خۇدىنى يوقىتىپ مارادونانى بېقىشنى ئۇنتۇپ قالدى ، شۇڭا بۇ سەھۋەنلىكى ئۈچۈن يۇقىرى بەدەل تۆلىدى . مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بەش مىنۇت قالغاندا مارادونا توپ ئالدى ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى ، ئۇنى ھېچكىم باقمىغانىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ تۆھپە تالاشماي ، سەپدىشى برۇچچاگانىڭ تېز سۈرئەتتە قىستۇرۇلۇپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭغا پاس بەردى ، برۇچچاگا برىگلنى ئالداپ ئۆتۈپ ، ۋراتار شۇماخېر بىلەن بىرگە بىر قالغان ، رەقىبى ۋراتانى تاشلاپ چىقىپ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان دەقىقىدە توپنى تەمكىنلىك بىلەن ۋراتاغا كىرگۈزدى . f52P1V]
مارادونا بىر قېتىم پۇرسەت كېلىۋېدى ، ئارگېنتىنانى يەنە بىر قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇق مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقتى ، ئۇمۇ ھەقلىق ھالدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى .
qP&:9eL
ئاخىرىنى يوللايمەن دىققەت قىلىغايسىلەر %K=_
0b
n%L~KU
داۋامىنى 20- ئەسىردىكى ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار دىگەن تىمىدىن كۆرۈڭ[ بۇ يازمىنىdilmurat1511دە2011-12-02 13:54قايتا تەھ ]