سىز بۇ تېمىنىڭ 7038 - ئوقۇرمىنى
تېما: چىملىق شىرى-دىلمۇرات
ئارچا تەنتەربىيە كىيىملىرى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 8331
جەۋھەر: 11
يازما: 86
شۆھرەت: 1161 نۇمۇر
پۇل: 200229 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
توردا: 211(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2011-09-09
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 13:00

چىملىق شىرى-دىلمۇرات

ئەسكەرتىش: بۇ يازما گىلادىئاتور تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-10)
>rid3~  
قەدىمى كاشغەر دىيارىمىزنىڭ تارىختىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولوپ،بۇ جايدىن نۇرغۇن ئالىم.دانىشمەن ئىلىم ئەھلى يىتىشىپ چىقىپلا قالماسىتىن يەنە نۇرغۇن باھادىر پالۋان ئەزىمەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ ئىش ئىزلىرى بىلەن كاشىغەر خەلقىنىڭ تىللىرىدا داستان بولوپ ئىغىزغا ئىلىنىپ يادلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.19ئەسىرنىڭ ئاخىرى پۇتپۇلدىن ئىبارەت بۇ توپ تۇرىنى ئاۋال ئەنگلىيە ۋە شىۋىتسىيەدىن ئىبارەت پەرەڭ ئەللىرى كاشىغەرگە ئىلىپ كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيىتقان .كىيىن شۇ چاغدىكى كاشىغەر ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدىكى مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن مۇسابايۇپلار بۇ توپ تۇرىنى كەڭ خەلق ئارىسىغا ئوموملاشتۇرغان.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدىكى ئىكساق كۇماندىسى بىلەن ئىنگىلاد،شىۋىتسىيە كۇنسۇل كۇماندىللىرى بىلەن بولغان كاشىغەر سەمەندىكى مۇسابىقە ،پۇتپۇلنىڭ كاشىغەردە تىخىمۇ ئومومىلىشىغا تۇرتكىلىك رول ئوينىغان.شۇندىن باشلاپ بۇ ئەزىزانەدىياردا نۇرغۇن قابىل تالانتىلىق پۇتپۇلچىلار يىتىشىپ چىققان،شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىللىرىدا ئۆزىنىڭ رولىنى نامايان قىلغان.پىشقەدەم پۇتپۇلچىلاردىن زۇنۇن ئەپەندى70-يىللاردىكى رايۇنىمىز كۇماندىسىكى ئاساسلىق شەخس بولسا،80-يىللاردا ئىلھام قاتارلىق ماھىرلار يىتىشىپ چىققان.90-يىللاردا ناسىر،ئادىل قاتارلىق پۇتپۇلچىلار مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە مەيداندىن چاڭ چىقارغان بولسا،90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئادىل،نۇرمۇھەممەت، قاتارلىق ماھىرلار رايۇنىمىز كۇماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بولغان.بۇ خىل ئىز بىسىش بىر ئىزىدا توختاپ قالماي ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كىيىنكىلەر داۋاملىق بىسىپ ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى،شۇنداقلا ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەردە كاشىغەر يىگىتلىرى پۇتپۇل ئوينىغان .بۇ دەۋىردىكى كاشىغەر ئەزىمەتلىرىنىڭ ۋەكىلى رايۇنىمىزنىڭ تۇنجى پۇتپۇل ئەپەندىسى ئەكرەم بولوپ، ئەكرەمدىن كىيىن يەنە بىر تۇركۇم كاشىغەرنىڭ ئۇچۇرما بولغان لاچىنلىرىدىن دىلمۇرات ۋە يەھيالار پۇتپۇل ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان پۇتپۇلچى ئوغلانلارنىڭ ۋەكىلى بولوپ قالدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا دىلمۇراتنىڭ ھىكايىسى دىيارىمىزدىكى تۇنجى مۇنتىزىم پۇتپۇل مەكتىۋى- سۇڭ چىڭلىڭ خانىمنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئاتالغان مەكتەپ بىلەن باشلىنىدو. دىلمۇرات 1989-يىلى كاشىغەردە تۇغۇلغان بولوپ،2003-يىلى ئەمدىلا قۇرۇلغان سۇڭچىڭلىڭ پۇتپۇل مەكتىۋى بۇ ماھىرنى قۇبۇل قىلىپ تەربىيلەشكە باشلايدو،شۇ چاغلاردا بۇ كۇماندىنىڭ مەشقاۋۇلى ئىلگىرىكى ئاپتۇنۇم رايۇن پۇتپۇل كۇماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى ناسىر ئىدى.دىلمۇرات مەشقاۋۇل ناسىرنىڭ بىر قوللوق تەربىيلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىك بويىچە ھۇجۇمچى بولوپ مەشىق قىلىشنى باشلايدو. 2004-يىلى مەملىكەتلىك پۇتبۇلچلار جەمئيتى ئۇيۇشتۇرغان (15–U) ياشلىقلار نىك لوڭقىسنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى گۇاڭجۇ رايۇننى ئالدىن تاللاش مۇسابىقسىدەشىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل كوماندىسى بىيجىڭ گۇئەن، شاڭخەي شىنخوا قاتارلىق داڭلىق كۇلۇپ كوماندىلىرنىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسنى يىڭىپ 12 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى،12 كۇچلۇكلەرمۇسابىقىسىدا،شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل كوماندىسى چىڭدۇ ئۆسمۇرلەر پۇتبۇل كوماندىسى بىيجىڭ گۇئەن،شاڭخەي،بىيىجىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسى ،چىڭداۋ كۇماندىللىرىنى مەغلۇپ قىلىپ،يەنە بىر گۇرۇپپىسىدا 2– بولغان چاڭچۈن ياتەي كوماندسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 0:0 بولۇپ،نوختا تۈپ جىڭىدە مەغلۇپ بولۇپ،نىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە3-بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوماندا شەرىپىگە ئىرىشتى.دىلمۇرات بۇ مۇسابىقىدە ئەڭ كۇپ توپ كىرگۇزگۇچى بولوپ باھالىنىپ ئۆزىنىڭ ياراملىق پۇتپۇلچى بولوش يولىدىكى مۇساپىسىنى باشلىدى.شۇ يىلى دىلمۇرات يەنە مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتپۇلدا ئالدىن تاللاش تۇرىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسىغا قۇبۇل قىلىنىپ،بۇ تۇردە يېشى ئەڭ كىچىك ماھىرغا ئايلاندى2005-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى مەملىكەت خاراكتىرلىق بۇسۇش ھاسىل قىلىپ مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتپۇل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئىرىشتى .شۇ يىلى دىلمۇرات ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى تەركىۋىدە قازاقىستاندا ئىلىپ بىرىلغان خەلقارا تەكلىپ مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەر ئۇچۇن ياخشى تەجىربە توپلاش ئىلىپ باردى. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە  تۇنجى  قىتىم بۇ خىل مۇسابىقىگە قاتنىشىشغا شاھىت بولدى. 2006-يىلى دىلمۇرات دۆلەت ئىچىدىكى بىر قاتار مۇسابىقىلەردىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن دۆلەت ياش ئۆسمۇرلەر كۇماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشىگە قاتنىشىپ ياخشى باھالارغا ئىرىشتى. ھەم دۆلەتلىك ياش-ئۆسمۇرلەر كۇماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشگە قاتنىشىپ ئالاھىدە ماھارىتى ئارقىلىق نۇرغۇن كۇلۇپلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، جۇملىدىن مەملىكەت ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى چىڭداۋ خەيلىفىڭ كۇماندىسىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.ئەمما 2006-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتپۇلچىلار بىرلەشمىسى شۇ يىللىق مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە جىددى تەييارلىق قىلىۋاتقان بولغاچ دىلمۇراتنىڭ بىرىشىغاقوشولمىدى. دىلمۇراتمۇ بالدۇرراق كەسپى پۇتپۇلچى بولوش يولىدىن قۇرۇق قالدى. 2006-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر  بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە رەسمى قاتنىشىپ دىيارىمىزدىكى پۇتپۇل ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنە بىر بالداق ئىلگىرى سۈردى. دىلمۇرات2006-يىلىدىن تارتىپ تاكى2008- يىلىغىچە ئىزچىل ئۇچ يىل بۇ كۇماندىدا توپ ئويناپ ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى بىلەن كۆزنى چاقنىتىشقا باشلىدى2006-يىلى دىلمۇرات شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسى ئۇچۇن ئىككى توپ ئۇردى.ئۇنىڭ تۇنجى توپى بىيجىڭ باشې كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كىردى. كەينىدىنلا يەنە خىنەن كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يەنە بىر توپ ئۇردى.2007-يىلى دىلمۇرات بەلنىڭ ئاغرىقى سەۋەپلىك كۇپ مەيدانغا چىقالمىدى،شۇنداق بولسىمۇ بۇ يىلى تىيەنجىن دوڭلى كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بۇ يىلقى تۇنجى توپىنى ئۇردى2008-يىلى ئا دەرىجىگە  ئۆرلەش مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن كۇماندا تارقىلىپ كىتىپ،دىلمۇرات پۇتپۇلچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن2009-يىلىدىكى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلار تىزىملىكىگە كىرگۇزۇلدى.2009-يىلى شىنجاڭ كۇماندىسى گۇرۇپپىدا ئۇچىنجى چىقىپ بىيجىڭ كۇماندىسى بىلەن تۇلۇقلىما مۇسابىقە ئويناپ كىمنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرىشى بەلگىلىنىدىغان مۇسابىقىدە ئۇيەنە بىر توپ ئۇردى،ئەمما باشقا كۇماندىلار بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قۇيغانلىقتىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى بۇ مۇسابىقىدىن قۇرۇق قول يىنىپ،كىيىن بۇ كۇماندىمۇ تارقىتىۋىتىلىپ دىلمۇرات ئۆزىنىڭ نەزىرىنى مەملىكەت ئىچىدىكى كۇماندىلارغاتىكتى. ئۇ 2009 -يىلى ئەمدىلا ئا دەرىجىگە چىققان بىيجىڭ باشى كۇلۇبىغا بىرىپ سىناق مەشىقىگە قاتنىشىپ ئاخىرى كۇلۇپ بىلەن توختام تۇزۇش باسقۇچىغا بارغاندا كۇلۇپ تەرەپنىڭ تۇختامدا ئۆزىگە پايدىلىق بولمىغان ماددىلارنى كىرگۇزۇۋالغانلىقتىن كۈلۇپ بىلەن توختام تۇزۇشنى رەت قىلىپ قايتىپ كەلدى،ھەمدە شۇيىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ كۇماندىسىغا قوبول قىلىندى.2010-يىلى پىداگۇگكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشىتى.ئەمما دىلمۇراتنىڭ ئىسمى مەملىكەتلىك  ب دەرجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تىزىمغا ئىلىنغان بولغاچ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقگە قاتنىشالمىدى.2010- يىلى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى پۇتپۇل مەستانىللىرى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئورونلارنىڭ تەلىۋى شۇنداقلا ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللىشى بىلەن شىنجاڭدىمۇ تەقلىدى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىش قارار قىلىنىپ،32 كۇماندا تىزىملاتتى.دىلمۇراتمۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ توپ ئۇينىدى.دىلمۇرات قاتناشقان كۇماندا دىلمۇراتنىڭ ئارقىمۇ ئارقا  توپ ئۇرۇشى بىلەن ئەڭ ئاخىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى ھۇررا كۇماندىسى بولوپ،دىلمۇرات بۇمەيداندا ئىككى توپ ئۇرۇپ نۆلگە قارشى ئۈچ بىلەن ھۇررانى يىڭىپ بۇ كۇماندىنىڭ  چىمپىيۇن چىقىشىغا تۇھپە قوشتى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە دىلمۇرات 21توپ ئۇرۇپ ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغۇچى بولوپ  قالدى.دىلمۇراتنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولغاچقا دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ۋاستىچىلار ئۇنىڭغا ياۋرۇپادىكى بىر قىسىم كۇلۇپلارنى ئالاقىلىشىپ بىرىشكە باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن دىلمۇراتقا قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر كۇلۇبى قىزىقىپ قالدى.ئەمما دىلمۇرات ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدە تەرەققى قىلىپ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەتنى ئىزلەش قارارىغا كەلدى.2010-يىلى دىلمۇرات قاتارلىق ئۇچ نەپەر دىيارىمىز ماھىرى مەملىكەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشكەن چىڭدۇ شىففرىد  پۇتپۇل كۇلۇبىغا بىرىپ سىناق مەشىققە قاتنىشىدۇ.ھەمدە  جۇڭگۇدىكى داڭلىق كۇماندا دالىيەن شىدى كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقدە ئۆزى يالغۇز ئىككى توپ ئۇرۇپ.كۇماندىنىڭ نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشىغا ئاساس سالىدو. چىڭدۇ كۇماندىسى بۇ ماھىرلار بىلەن توختام تۇزمىگەن شارائىتتا دىلمۇرات شىنجىن قىزىل ياقۇت كۇلۇبى بىلەن ئۇچ يىللىق تۇختام ئىمزالاپ،بۇ كۇماىدىنىڭ ھۇجۇم سىپىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ماھىرغا ئايلىنىدو.شۇنداقلابۇ كۇلۇپنىڭ2011-يىللىق جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتپۇل بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئاساسلىق ئەزالار تىزىملىكىگە كىرىدۇ.4 ئاينىڭ2-كۇنى شىنجىن كۇماندىسى تىيەنجىن تەيدا كۇماندىسى بىلەن بولغان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ئوينايدو.دىلمۇرات كىيىنكى يىرىم مەيداندا مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىكى ھەقىقى سەپىرىنى باشلايدو. YOQ>A*@4  
IRIYj(J  
يۇقارقى رەسىم دىلمۇراتنىڭ 2010-يىلى ئۇرۇمچىدە ئىلىپ بىرىلغان تەقلىدى دۇنيا لۇڭقىسىدا چىمپىيۇن كۇماندا تەركىۋىدە چۇشكەن رەسىمى @y(<4kLz  
`,$PRN"]  
دىلمۇرات شېنجىن قىزىل ياقۇت كۇماندىسى بىلەن تۇختام ئىمزالاپ چۇشكەن رەسىم !M;> 
Sq[LwJ  
دىلمۇرات شېنجىن قىزىل ياقۇت كۇماندىسىدا مەشىقتە 4N8(WI"4S  
.A apO}{  
يۇقارقى رەسىم شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ2009-يىلى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالتىنجى چىققاندىكى  كۇللىكتىپ رەسىمى .dKFQH iYJ  
m*~Iu<5L  
!U4<4<+  
D]+]Br8  
مەنبە.«دىيارىمىز پۇتپۇلچىلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»دىن قىسقارتىپ بىرىلدى .بۇ يازما پۇتپۇل مۇنبىرىگىلا خاس.باشقا مۇنبەرلەر ئىشلەتسە ئاپتۇر ۋە پۇتپۇل تورىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشى كىرەك.
بارسىلونا ئالغا ........
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8188
جەۋھەر: 0
يازما: 1214
شۆھرەت: 1319 نۇمۇر
پۇل: 108227 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 203(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-08
ئاخىرقى: 2011-09-10
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 13:04

بەك ياخشى يىزىپىسىز ، قولىڭزىغا دەرت بەرمىسۇن ، تىخمۇ ياخشى تىمىلارنى يىزىشىڭىزغا تىلەكىتاشمەن  
مۇزات ئوغىلانىلىرى پۇتبولنى سۆيىدۇ !!!!!!!!!!!!!
چىملىق مەيداندىكى ماشىنا ئادەم
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
UID: 8240
جەۋھەر: 0
يازما: 1416
شۆھرەت: 1718 نۇمۇر
پۇل: 527 سوم
تۆھپە: 11 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 525(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2011-09-10
2  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 13:09

يەبىر نادىر تىما ئارچا ئەپەندىم مۇشۇ كۈنلەردە تىمىڭىز ئازلاپ قېلىۋاتىدۇ    پات-پات كەپ تۇرۇڭ يۇقاپ كەتمەي    (مۇشۇ كاشغەر دىگەن نە خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ يا)
سىز نىمىلەرنى دىمەكچى؟
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ھەۋەسكار پۇتبولچى
UID: 6950
جەۋھەر: 0
يازما: 490
شۆھرەت: 553 نۇمۇر
پۇل: 305944 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 144(سائەت)
تىزىملاش: 2008-10-30
ئاخىرقى: 2011-09-11
3  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 13:10

بۇ ئوتكەن يىلى يەكەنگە كىلىپ مۇسابىقە ئويناپ كەتكەن ،  ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ،  
پۇتبول ئىرادىنى تاۋلايدۇ !
بىز باش ئەگمەيمىز.....
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 783
جەۋھەر: 3
يازما: 6712
شۆھرەت: 7199 نۇمۇر
پۇل: 102281 سوم
تۆھپە: 98 نۇمۇر
ياخشى باھا: 180 نۇمۇر
توردا: 3017(سائەت)
تىزىملاش: 2007-10-18
ئاخىرقى: 2011-09-12
4  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 13:10

بۇ چىملىق شىىرىغا ئامەت تىلەيمەن ...مەيداندىكى ئۇرنى ھۇجۇمچىما  >` u8(  
قايسۇ كۈنى كۈڭۈلدىكى سۈز پىرۇگراممىسدا گۇڭخۇي  ۋاسكىتبۇل كۇماندىسىىدىكى بەش ئەزىمىتىزنى تۇنۇشتۇرغاندا. ئىلھام ئىمىن ئاكىمىز شىنجاڭ پوتبۇلچىقى ھەم ئىشكىرى ئۈلكىلەردە  توپ تىپىۋاتقان ئەزمەتلىرىمىز تۇغۇرلۇق قىسقىغنە تۇختۇلۇپ .شىنجاڭ پوتبۇلچىلار  جەمىيىتگە  ھەم چۇڭ كارخانچىلىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە   تەگگۈدەك گەپتىن ئىككىنىلام قىلغان.شۇ گەپ تەسىر قىلارمۇ ئۇلارغا /x\~ 5cC  
تىرىشىڭلا چىملىقتىكى شىرلىرىمىز...تەنتەربىيە دىگەن بىر مىللەتنىڭ غۇرۇرى
سۈيىمەن سىنى ئۇيغۇر....
------------------------------
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول لۈكچىكى

UID: 1444
جەۋھەر: 3
يازما: 3975
شۆھرەت: 2441 نۇمۇر
پۇل: 117755 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
توردا: 1316(سائەت)
تىزىملاش: 2008-01-12
ئاخىرقى: 2011-08-24
5  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 13:12

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى barquk520دە2011-04-10 13:09يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : -} +PE 4fh  
يەبىر نادىر تىما ئارچا ئەپەندىم مۇشۇ كۈنلەردە تىمىڭىز ئازلاپ قېلىۋاتىدۇ    پات-پات كەپ تۇرۇڭ يۇقاپ كەتمەي    (مۇشۇ كاشغەر دىگەن نە خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ يا) J-Fqw- 
AdRt\H<  
خاتا  يېزىلىپ قالمىدى  .بۇرۇن شۇنداق ئاتىلاتتى .كۇچانى كۈسەن دېگەندەك ............

مانچېستېر مەستانىلىرى QQ  توپى : 77452192
خوش ۋاندىسار
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 6997
جەۋھەر: 1
يازما: 1716
شۆھرەت: 1963 نۇمۇر
پۇل: 110186 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 610(سائەت)
تىزىملاش: 2008-11-13
ئاخىرقى: 2011-09-03
6  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 13:49

بۇ يەردە كاشغەر دىگەن گەپ ئېلىنىپ قاپتۇ ... مەنمۇ ئازىراق جۆيلۈب باقاي ... ئارچا ئەپەندىم يا بولمىسا مۇنبەردە باشقا تارىخ توغرىسىدا چۈشنچىسى مۇكەممەلىرەكلەر چۈشەنچە بەرسەڭلەر ... مەن بىر تارىخشۇناس ئەپەندىمدىن شۇنداق ئاڭلىغان ... ھازىرقى قەشقەر دىگەن نامنىڭ كىلىشىنى سۇتۇق بۇغرا ئەينى زاماندا شىكارغا چىقاندا  قەشقەردىكى ئىككى دەريانىڭ يەنى قىزىل دەرياسى بىلەن تۈمەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرغا جايلاشقان بولۇن ... دەريانىڭ ئوتۇرۇسىنى قاش دەپ ئاتاپتىكەن ھەم مەخمۇد قەشقىرىمۇ بۇ توغۇرلۇق دىۋانى لۇغەتتىن تۈرۈكتە ئېنىق چۈشەنچە بەرگىننى مەنمۇ كۆرگەن .. قەر دىگەن گەپنىڭ مەنىسى تۈز كەتكەن بىپايان يەر زىمىن دىگەن مەنا دەپ چۈشەنچە بەرگەن ... بۇنداق بولغاندا كاشىغەر ئەمەس ئىككى دەريا ئوتتۇرسىدىكى تۈزلەڭلىك دىگەن مەنا بويىچە قاشقەر ...دىگەن گەپ بولىدىكەن ... كىيىنچە ئۇيغۇر تىلنىڭ كۆپ تىللارنىڭ تەسىرلىشىشى بىلەن تىلنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىشى بىلەن قەشقەر دىگەن نامغا ئۆزگەرگەن دىگەن مەلۇماتلارمۇ يوق ئەمەس ... زادى ئىككىسىنىڭ قايسى توغرا .،.. كاش دىگەن گەپنىڭ مەنىسى ھازىرقى زامانىمىزدىكى قىش دىگەن سۆزنى كۆرسىتىدۇ .. غەر دىگەن سۆزنىڭ ئېنىق مەناسىنى مەنمۇ ئۇقمايمەن ... مىنىڭچە بولغاندا غەر دىگەن گەپ نەقىش دىگەن گەپمىكىن دەپ ئويلايمەن ... بىلگۈچىلەر ئېنىق چۈشەنچە بەرسە دىگەن ئۈمۈدتە مەن .... تىمىغا مۇناسىۋەتىسز بوپ قالدى ... ئارچا ئەپەندىمنىڭ چۈشەنچىسىنى ئاڭلاشقا ئىنتىزارمەن  
گېگىس: سەن مەڭگۈلۈك قوماندان
پەقەت ئارزۇيۇم ئۇچۇنلا ياشايمە
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنبەر تۆھپىكارى

UID: 84
جەۋھەر: 1
يازما: 971
شۆھرەت: 1083 نۇمۇر
پۇل: 111 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
توردا: 947(سائەت)
تىزىملاش: 2007-05-08
ئاخىرقى: 2011-09-12
7  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 14:15

قولاڭلارغا دەرد كەلمىسۇن بۇرادەر  بىر بىردىن ئېسل چېقىۋاتىدۇ يازماڭلار  
[ بۇ يازمىنىمەھمۇدىيەدە2011-04-10 16:10قايتا تەھرىر ]
باگگىيو
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8221
جەۋھەر: 4
يازما: 3013
شۆھرەت: 5483 نۇمۇر
پۇل: 304317 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
توردا: 586(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2011-09-11
8  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 14:26

ئەزمەتلىرىمىز بارغانسىرى كۆپۈيىۋاتىدۇ....تىما ئىگىسى ھارمىغايسىز....داۋاملىق بىزنى مۇشۇنداق نادىر تىمىلا بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز....
نۆۋەت ماڭا  كەلدى !!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 8330
جەۋھەر: 4
يازما: 1971
شۆھرەت: 2658 نۇمۇر
پۇل: 101217 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
توردا: 489(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-09-11
9  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 15:13

مۇشۇنداق  ئەزمەتلىرىمىزنىڭ   كۆپلەپ مەيدانغا  كىلىشىنى   تىلەيمەن  ...
خوش ۋاندىسار
مەن توردا يوق !
دەرىجە: مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

UID: 6997
جەۋھەر: 1
يازما: 1716
شۆھرەت: 1963 نۇمۇر
پۇل: 110186 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردا: 610(سائەت)
تىزىملاش: 2008-11-13
ئاخىرقى: 2011-09-03
10  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 15:23

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى مەھمۇدىيەدە2011-04-10 14:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : x}C$/7^  
قولاڭلارغا دەرد كەلمىسۇن بۇرادەر  بىر بىردىن ئېسل چېقىۋاتىدۇ يازماڭلار   Nj;(QhYZ  
Ornm3%p+e  
b^Do[o}5  
قەشقەرنىڭ  تارختا نۇرغۇن ئېسمى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى ھۇن دەۋرىدە‹ بىندال ھۇن› دەپ ئاتالغان بۇنىڭ مەناسى ھۇن شەھرى دىگەنلىك بولدىكەن  ئافرسىياپ دەۋرىدە بولسا يەنى ‹ئالىپ ئەرتۇڭا› دەۋرىدە ‹ئوردا كەند› دەپ ئاتېلىپ بۇ ئېسم 5- ئەسېرلەرگىچە داۋام قىلغان  ئۇرخۇن دەۋرىدە بولسا كاشىغەر دەپ ئاتېلىپ كىينچە قەشقەرگە ئۇزگەرگەن تارېخچىلارنىڭ قارشىچە كاشىغەر دىگەن سۇز  قەدىممى ئۇيغۇر تېل بۇيۇنچە ئېيتقاندا كاھىشلىق شەھەر دىگەن بولدىكەن "t{D5{q|[k  
]VVx2E Rs  
رەھمەت ئاكا ھەزىرەت ...
گېگىس: سەن مەڭگۈلۈك قوماندان
مەڭگۈ ئۈمىدسىزلەنمە!!!
مەن توردا يوق !
دەرىجە: پۇتبول مەستانىسى
UID: 8758
جەۋھەر: 0
يازما: 136
شۆھرەت: 183 نۇمۇر
پۇل: 100188 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردا: 149(سائەت)
تىزىملاش: 2011-03-09
ئاخىرقى: 2011-06-01
11  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 15:49

پاھ ما ئىنكاسلارنى !  بىچارە دىلمۇرات بىر ياقتا قاپتىغۇ؟
ئۆزۈڭگە ئىشەن ،سەن ئەڭ ياراملىقى!!!