سىز بۇ تېمىنىڭ 7036 - ئوقۇرمىنى
تېما: چىملىق شىرى-دىلمۇرات
ئارچا تەنتەربىيە كىيىملىرى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 8331
جەۋھەر: 11
يازما: 86
شۆھرەت: 1161 نۇمۇر
پۇل: 200229 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
توردا: 211(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2011-09-09
0  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 13:00

چىملىق شىرى-دىلمۇرات

ئەسكەرتىش: بۇ يازما گىلادىئاتور تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-10)
bJ6C7-w:wa  
قەدىمى كاشغەر دىيارىمىزنىڭ تارىختىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولوپ،بۇ جايدىن نۇرغۇن ئالىم.دانىشمەن ئىلىم ئەھلى يىتىشىپ چىقىپلا قالماسىتىن يەنە نۇرغۇن باھادىر پالۋان ئەزىمەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ ئىش ئىزلىرى بىلەن كاشىغەر خەلقىنىڭ تىللىرىدا داستان بولوپ ئىغىزغا ئىلىنىپ يادلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.19ئەسىرنىڭ ئاخىرى پۇتپۇلدىن ئىبارەت بۇ توپ تۇرىنى ئاۋال ئەنگلىيە ۋە شىۋىتسىيەدىن ئىبارەت پەرەڭ ئەللىرى كاشىغەرگە ئىلىپ كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيىتقان .كىيىن شۇ چاغدىكى كاشىغەر ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدىكى مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن مۇسابايۇپلار بۇ توپ تۇرىنى كەڭ خەلق ئارىسىغا ئوموملاشتۇرغان.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدىكى ئىكساق كۇماندىسى بىلەن ئىنگىلاد،شىۋىتسىيە كۇنسۇل كۇماندىللىرى بىلەن بولغان كاشىغەر سەمەندىكى مۇسابىقە ،پۇتپۇلنىڭ كاشىغەردە تىخىمۇ ئومومىلىشىغا تۇرتكىلىك رول ئوينىغان.شۇندىن باشلاپ بۇ ئەزىزانەدىياردا نۇرغۇن قابىل تالانتىلىق پۇتپۇلچىلار يىتىشىپ چىققان،شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىللىرىدا ئۆزىنىڭ رولىنى نامايان قىلغان.پىشقەدەم پۇتپۇلچىلاردىن زۇنۇن ئەپەندى70-يىللاردىكى رايۇنىمىز كۇماندىسىكى ئاساسلىق شەخس بولسا،80-يىللاردا ئىلھام قاتارلىق ماھىرلار يىتىشىپ چىققان.90-يىللاردا ناسىر،ئادىل قاتارلىق پۇتپۇلچىلار مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە مەيداندىن چاڭ چىقارغان بولسا،90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئادىل،نۇرمۇھەممەت، قاتارلىق ماھىرلار رايۇنىمىز كۇماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بولغان.بۇ خىل ئىز بىسىش بىر ئىزىدا توختاپ قالماي ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كىيىنكىلەر داۋاملىق بىسىپ ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى،شۇنداقلا ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەردە كاشىغەر يىگىتلىرى پۇتپۇل ئوينىغان .بۇ دەۋىردىكى كاشىغەر ئەزىمەتلىرىنىڭ ۋەكىلى رايۇنىمىزنىڭ تۇنجى پۇتپۇل ئەپەندىسى ئەكرەم بولوپ، ئەكرەمدىن كىيىن يەنە بىر تۇركۇم كاشىغەرنىڭ ئۇچۇرما بولغان لاچىنلىرىدىن دىلمۇرات ۋە يەھيالار پۇتپۇل ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان پۇتپۇلچى ئوغلانلارنىڭ ۋەكىلى بولوپ قالدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا دىلمۇراتنىڭ ھىكايىسى دىيارىمىزدىكى تۇنجى مۇنتىزىم پۇتپۇل مەكتىۋى- سۇڭ چىڭلىڭ خانىمنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئاتالغان مەكتەپ بىلەن باشلىنىدو. دىلمۇرات 1989-يىلى كاشىغەردە تۇغۇلغان بولوپ،2003-يىلى ئەمدىلا قۇرۇلغان سۇڭچىڭلىڭ پۇتپۇل مەكتىۋى بۇ ماھىرنى قۇبۇل قىلىپ تەربىيلەشكە باشلايدو،شۇ چاغلاردا بۇ كۇماندىنىڭ مەشقاۋۇلى ئىلگىرىكى ئاپتۇنۇم رايۇن پۇتپۇل كۇماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى ناسىر ئىدى.دىلمۇرات مەشقاۋۇل ناسىرنىڭ بىر قوللوق تەربىيلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىك بويىچە ھۇجۇمچى بولوپ مەشىق قىلىشنى باشلايدو. 2004-يىلى مەملىكەتلىك پۇتبۇلچلار جەمئيتى ئۇيۇشتۇرغان (15–U) ياشلىقلار نىك لوڭقىسنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى گۇاڭجۇ رايۇننى ئالدىن تاللاش مۇسابىقسىدەشىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل كوماندىسى بىيجىڭ گۇئەن، شاڭخەي شىنخوا قاتارلىق داڭلىق كۇلۇپ كوماندىلىرنىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسنى يىڭىپ 12 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى،12 كۇچلۇكلەرمۇسابىقىسىدا،شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل كوماندىسى چىڭدۇ ئۆسمۇرلەر پۇتبۇل كوماندىسى بىيجىڭ گۇئەن،شاڭخەي،بىيىجىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسى ،چىڭداۋ كۇماندىللىرىنى مەغلۇپ قىلىپ،يەنە بىر گۇرۇپپىسىدا 2– بولغان چاڭچۈن ياتەي كوماندسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 0:0 بولۇپ،نوختا تۈپ جىڭىدە مەغلۇپ بولۇپ،نىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە3-بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوماندا شەرىپىگە ئىرىشتى.دىلمۇرات بۇ مۇسابىقىدە ئەڭ كۇپ توپ كىرگۇزگۇچى بولوپ باھالىنىپ ئۆزىنىڭ ياراملىق پۇتپۇلچى بولوش يولىدىكى مۇساپىسىنى باشلىدى.شۇ يىلى دىلمۇرات يەنە مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتپۇلدا ئالدىن تاللاش تۇرىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسىغا قۇبۇل قىلىنىپ،بۇ تۇردە يېشى ئەڭ كىچىك ماھىرغا ئايلاندى2005-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى مەملىكەت خاراكتىرلىق بۇسۇش ھاسىل قىلىپ مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتپۇل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئىرىشتى .شۇ يىلى دىلمۇرات ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى تەركىۋىدە قازاقىستاندا ئىلىپ بىرىلغان خەلقارا تەكلىپ مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەر ئۇچۇن ياخشى تەجىربە توپلاش ئىلىپ باردى. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە  تۇنجى  قىتىم بۇ خىل مۇسابىقىگە قاتنىشىشغا شاھىت بولدى. 2006-يىلى دىلمۇرات دۆلەت ئىچىدىكى بىر قاتار مۇسابىقىلەردىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن دۆلەت ياش ئۆسمۇرلەر كۇماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشىگە قاتنىشىپ ياخشى باھالارغا ئىرىشتى. ھەم دۆلەتلىك ياش-ئۆسمۇرلەر كۇماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشگە قاتنىشىپ ئالاھىدە ماھارىتى ئارقىلىق نۇرغۇن كۇلۇپلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، جۇملىدىن مەملىكەت ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى چىڭداۋ خەيلىفىڭ كۇماندىسىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.ئەمما 2006-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتپۇلچىلار بىرلەشمىسى شۇ يىللىق مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە جىددى تەييارلىق قىلىۋاتقان بولغاچ دىلمۇراتنىڭ بىرىشىغاقوشولمىدى. دىلمۇراتمۇ بالدۇرراق كەسپى پۇتپۇلچى بولوش يولىدىن قۇرۇق قالدى. 2006-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر  بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە رەسمى قاتنىشىپ دىيارىمىزدىكى پۇتپۇل ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنە بىر بالداق ئىلگىرى سۈردى. دىلمۇرات2006-يىلىدىن تارتىپ تاكى2008- يىلىغىچە ئىزچىل ئۇچ يىل بۇ كۇماندىدا توپ ئويناپ ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى بىلەن كۆزنى چاقنىتىشقا باشلىدى2006-يىلى دىلمۇرات شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسى ئۇچۇن ئىككى توپ ئۇردى.ئۇنىڭ تۇنجى توپى بىيجىڭ باشې كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كىردى. كەينىدىنلا يەنە خىنەن كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يەنە بىر توپ ئۇردى.2007-يىلى دىلمۇرات بەلنىڭ ئاغرىقى سەۋەپلىك كۇپ مەيدانغا چىقالمىدى،شۇنداق بولسىمۇ بۇ يىلى تىيەنجىن دوڭلى كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بۇ يىلقى تۇنجى توپىنى ئۇردى2008-يىلى ئا دەرىجىگە  ئۆرلەش مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن كۇماندا تارقىلىپ كىتىپ،دىلمۇرات پۇتپۇلچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن2009-يىلىدىكى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلار تىزىملىكىگە كىرگۇزۇلدى.2009-يىلى شىنجاڭ كۇماندىسى گۇرۇپپىدا ئۇچىنجى چىقىپ بىيجىڭ كۇماندىسى بىلەن تۇلۇقلىما مۇسابىقە ئويناپ كىمنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرىشى بەلگىلىنىدىغان مۇسابىقىدە ئۇيەنە بىر توپ ئۇردى،ئەمما باشقا كۇماندىلار بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قۇيغانلىقتىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز كۇماندىسى بۇ مۇسابىقىدىن قۇرۇق قول يىنىپ،كىيىن بۇ كۇماندىمۇ تارقىتىۋىتىلىپ دىلمۇرات ئۆزىنىڭ نەزىرىنى مەملىكەت ئىچىدىكى كۇماندىلارغاتىكتى. ئۇ 2009 -يىلى ئەمدىلا ئا دەرىجىگە چىققان بىيجىڭ باشى كۇلۇبىغا بىرىپ سىناق مەشىقىگە قاتنىشىپ ئاخىرى كۇلۇپ بىلەن توختام تۇزۇش باسقۇچىغا بارغاندا كۇلۇپ تەرەپنىڭ تۇختامدا ئۆزىگە پايدىلىق بولمىغان ماددىلارنى كىرگۇزۇۋالغانلىقتىن كۈلۇپ بىلەن توختام تۇزۇشنى رەت قىلىپ قايتىپ كەلدى،ھەمدە شۇيىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ كۇماندىسىغا قوبول قىلىندى.2010-يىلى پىداگۇگكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشىتى.ئەمما دىلمۇراتنىڭ ئىسمى مەملىكەتلىك  ب دەرجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تىزىمغا ئىلىنغان بولغاچ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقگە قاتنىشالمىدى.2010- يىلى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى پۇتپۇل مەستانىللىرى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئورونلارنىڭ تەلىۋى شۇنداقلا ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللىشى بىلەن شىنجاڭدىمۇ تەقلىدى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىش قارار قىلىنىپ،32 كۇماندا تىزىملاتتى.دىلمۇراتمۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ توپ ئۇينىدى.دىلمۇرات قاتناشقان كۇماندا دىلمۇراتنىڭ ئارقىمۇ ئارقا  توپ ئۇرۇشى بىلەن ئەڭ ئاخىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى ھۇررا كۇماندىسى بولوپ،دىلمۇرات بۇمەيداندا ئىككى توپ ئۇرۇپ نۆلگە قارشى ئۈچ بىلەن ھۇررانى يىڭىپ بۇ كۇماندىنىڭ  چىمپىيۇن چىقىشىغا تۇھپە قوشتى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە دىلمۇرات 21توپ ئۇرۇپ ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغۇچى بولوپ  قالدى.دىلمۇراتنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولغاچقا دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ۋاستىچىلار ئۇنىڭغا ياۋرۇپادىكى بىر قىسىم كۇلۇپلارنى ئالاقىلىشىپ بىرىشكە باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن دىلمۇراتقا قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر كۇلۇبى قىزىقىپ قالدى.ئەمما دىلمۇرات ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدە تەرەققى قىلىپ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەتنى ئىزلەش قارارىغا كەلدى.2010-يىلى دىلمۇرات قاتارلىق ئۇچ نەپەر دىيارىمىز ماھىرى مەملىكەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشكەن چىڭدۇ شىففرىد  پۇتپۇل كۇلۇبىغا بىرىپ سىناق مەشىققە قاتنىشىدۇ.ھەمدە  جۇڭگۇدىكى داڭلىق كۇماندا دالىيەن شىدى كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقدە ئۆزى يالغۇز ئىككى توپ ئۇرۇپ.كۇماندىنىڭ نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشىغا ئاساس سالىدو. چىڭدۇ كۇماندىسى بۇ ماھىرلار بىلەن توختام تۇزمىگەن شارائىتتا دىلمۇرات شىنجىن قىزىل ياقۇت كۇلۇبى بىلەن ئۇچ يىللىق تۇختام ئىمزالاپ،بۇ كۇماىدىنىڭ ھۇجۇم سىپىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ماھىرغا ئايلىنىدو.شۇنداقلابۇ كۇلۇپنىڭ2011-يىللىق جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتپۇل بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئاساسلىق ئەزالار تىزىملىكىگە كىرىدۇ.4 ئاينىڭ2-كۇنى شىنجىن كۇماندىسى تىيەنجىن تەيدا كۇماندىسى بىلەن بولغان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ئوينايدو.دىلمۇرات كىيىنكى يىرىم مەيداندا مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىكى ھەقىقى سەپىرىنى باشلايدو. CHO_3QIz  
-jrA k  
يۇقارقى رەسىم دىلمۇراتنىڭ 2010-يىلى ئۇرۇمچىدە ئىلىپ بىرىلغان تەقلىدى دۇنيا لۇڭقىسىدا چىمپىيۇن كۇماندا تەركىۋىدە چۇشكەن رەسىمى !.pcldx  
+`mI\+y,  
دىلمۇرات شېنجىن قىزىل ياقۇت كۇماندىسى بىلەن تۇختام ئىمزالاپ چۇشكەن رەسىم 8~RJnwF^  
[^/a`Kda8  
دىلمۇرات شېنجىن قىزىل ياقۇت كۇماندىسىدا مەشىقتە {t|#>UCK  
Z8Vof~  
يۇقارقى رەسىم شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ2009-يىلى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالتىنجى چىققاندىكى  كۇللىكتىپ رەسىمى j]R[;8g  
6zNWDUf  
gLZJQubz 6  
9!Xp+<  
مەنبە.«دىيارىمىز پۇتپۇلچىلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»دىن قىسقارتىپ بىرىلدى .بۇ يازما پۇتپۇل مۇنبىرىگىلا خاس.باشقا مۇنبەرلەر ئىشلەتسە ئاپتۇر ۋە پۇتپۇل تورىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشى كىرەك.
ئارچا تەنتەربىيە كىيىملىرى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 8331
جەۋھەر: 11
يازما: 86
شۆھرەت: 1161 نۇمۇر
پۇل: 200229 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
توردا: 211(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2011-09-09
1  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 21:30

قەشقەريەنى- كاشىغەرنىڭ تارىخى نامى توغرىسىدا كۆز قاراشلار ھەر خىل بولوپ،خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە سۇلى دەپ تىلغا ئىلىنىدو.تۇركى تىلىدا شەھەر ئاتالغۇسىنىڭ تەڭداش ئۇقۇمى بالىق،كەنت دەپ ئاتىلدۇ.تۇركى تىللار دىۋانىدىمۇ كاشىغەرنى ئوردۇبالق يەنى ئەفراسىياپ تۇردىغان شەھەر دەپ تىلغا ئالغان.قەدىمى ئەسەرلەردە كاشغەر يەنە كەشبالىق دەپمۇ ئاتالغان.«شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى» دېگەن ئەسەردە بۇ زېمىن توغرۇلۇق نۇرغۇن تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئۇچۇرلار بېرىلگەن. «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى» دېگەن ئەسەر 7- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەنزۇ سەيياھ، تەرجىمان، بۇددا ئالىمى شۇەنزاڭ (ھويقىتسۇ) نىڭ شاگىرتلىرى خۇەيلى بىلەن ياڭ زوڭ تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، شۇەنزاڭنىڭ مىلادىيە 629- 641- يىللىرى غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستانغا قىلغان سەپىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. مەشھۇر تەرجىمان سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا شۇەنزاڭ تەرىپىدىن خەنزۇچە خەتلەر بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنغان ياكى مەنا تەرجىمىسى بېرىلگەن غەربىي يۇرتتىكى بىر قىسىم يەر - جاي ناملىرىنى يەرلىك خەلقنىڭ تىلىدىكى ئەسلىي ئاتىلىشى بويىچە ئېنقلاپ بەرگەن. مەسىلەن، قەشقەرنىڭ نامى كاشبالىغ، خوتەننىڭ نامى ئودۇن، ئاقسۇنىڭ نامى بالوك، چەرچەننىڭ نامى سارامان... قاتارلىقلار.ئەمدى كاش ياكى كەش سۆزىگە كەلسەك قەدىمى سوغدى تىللىرىدا زىننەت،كۆركەم مەنىللىرى بار ئىكەن.قەدىمى غەربى يۇرت تىلىدا غار سۆزى -بالىق،كەنت(شەھەر)مەنىللىرىدە بولوپ،مەرھۇم قىرغىز تارىخچىسى ئەنۋەر بايتۇر ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى دىگەن ئەسەردە بۆگۆنكى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز دائىرىسىنى قورغار دەپ تىلغا ئالغان.قور ياكى قۇر ھازىرمۇ ئەسلى مەناسىنى ساقلاپ قالغان،مەسلەن بىر قۇر كىيىم،بىر قۇر دەرەخ دىگەندەك،يەنى قاتار مەنىسىدە.غار سۆزى شەھەر مەنىسىدە.قۇرغار دىگىنى قاتار كەتكەن شەھەرلەر دىگىنىدۇر.سىماچەن يازغان مەشھۇر تارىخى ئەسەر تارىخى خاتىرىلەرۋە بەنگۇ يازغان خەننامە قاتارلىق ئەسەرلەردە غەربى يۇرىتتا 36بەگلىك بارلىقى تىلغا ئىلىنغان.مەسلەن،ساكرائۇل(يەكەن)سۇلى(كاشغەر)ئۇدۇن(خوتەن)كىرۇران،پىشامشان،ئالدى قۇس،(تۇرپان)ئارقا قۇس(جىمسار تەۋەسىدە)ئاگنى (قاراشەھەر،بەزىدە كىنگىت دەپمۇ تىلغا ئىلىنىدو)كۇسەن(كۇچا)قۇم(ئاقسۇ تەۋەسىدە)ۋاھاكازالار.دىمەكچى شۇەنزاڭ تىلغا ئالغان،سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ قايتا تىلغا ئالغان قەشقەرنىڭ قەدىمى نامى كەشبالىق نىڭ مەنىسى زىننەتلىك شەھەر دىگەنلىك،قەدىمى ئەجداتلىرىمىز پارىسچە شەھەر دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن،شەھەر مەنىسىدىكى بالىق،كەنىت،غار ئىبارىللىرىنى ئىشلەتكەن،بۇنىڭ مىسالى يەكەن يەنى ياركەنت،مەنىسى- ياربويىدىكى شەھەر،تاشكەنت،مەنىسى -تاشتىن ياسالغان شەھەر،ئەمدى بالىق سۆزىگە كەلسەك تۇركى تىللار دىۋانىدا قۇچۇ تەۋەسىدىكى مەشھۇر بەش شەھەر-يەنى قۇچۇ،جامبالىق(سانجى تەۋەسىدە)بەشبالىق(جىمسار تەۋەسىدە)قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان.ھەتتا قەشقەرمۇ ئوردۇبالق دەپ تىلغا ئىلىنغان.بىر قەدەر كىلاسسىك ئەسەرلەردە بۈگۈنكى قەشقەرنى كاشىغەر دەپ تىلغا ئىلىشقان.يۇقارقى بايان بويىچە تەبىر بەرسەك كاش ياكى كەشنىڭ مەنىسى زىننەت،غار نىڭ مەنىسى شەھەر.كاشىغەرنىڭ مەنىسى زىننەتلىق شەھەر دىگەنلىك بولىدو.بۇ شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمالىدا تىلغا ئىلىنغان كەشبالىق دىگەن نام بىلەن ئوخشاش.پۇتپۇل تورى تارىخ تورى ئەمەس شۇڭا مۇشۇنچىلىكلا سۆزلەي.دىلمۇراتنىڭ باھانىسىدا كۆپ سۆزلەپ قويدوم.بىز ئەڭ ياخشىسى پۇتپۇلنىڭ پارىڭىنى قىلىشايلى
ئارچا تەنتەربىيە كىيىملىرى
مەن توردا يوق !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UID: 8331
جەۋھەر: 11
يازما: 86
شۆھرەت: 1161 نۇمۇر
پۇل: 200229 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
توردا: 211(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2011-09-09
2  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 21:51

ئالدىنقى كۇنى ئابدۇۋەلى  دىلمۇراتلار بىلەن تىلىفۇندا كۈرۈشكەندەبۈگۈنكى مۇسابىقىدە  دىلمۇرات بىلەن يەھيانىڭ مەيدانغا چىقىپ قىلش ئىھتىمالىنىڭ يۇقىرلىقى بولونغان.ھازىر بىزنىڭ بۇ ئۈچ ماھىرلىرىمىز كۇماندا بىلەن ماسلىشىش باسقۇچىدا،شۇڭلاشقا بۇلارنىڭ بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىگە ئورون باسار باسار ئەزا بولوپ چىقىشى ياكى مەيدانغا چىقالماسلىقى نۇرمال ئىش.چۈنكى بۇلار كۇماندا بىلەن تاكتىكا ۋە ماسلىشىش مەشىقىنى بىللە ئىلىپ بارغان ۋاقتى بەكمۇ ئاز.بۇلارنىڭ مەيدانغا چىقالماسلىقى ھەرگىزمۇ تىخنىكىسىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس،مەنچە بۇلارنىڭ ھازىرچە مەيدانغا چىقمىغانلىقى ياخشى ئىش.چۇنكى ئۇلار باشتىلا مەيدانغا چىقىپ بىر قانچە مەيداننى ياخشى ئوينىيالماي قالسا ئىشنىڭ بىشىدىلا كۇلۇپنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىدۇ دە قاتتىق ئوروندۇق ساقلاپ قالىدو.مانا بۇگۇنكى مۇسابىقىدە شىنجىن كۇماندىسىنىڭ ئالدى ھۇجۇم ۋە ئارقا مۇداپىيەسىدە يۇچۇقنىڭ بارلىقى ئايان بولدى.دىلمۇرات ئالدى ھۇجۇم قاملاشمىغان ئەھۋالدا مەيدانغا چىقتى،ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەنلا شىنجىن كۇماندىسىنىڭ ھۇجۇمدا ئۆزگىرىش بولوپ،بىر قانچە قىتىملىق چىرايلىق ھۇجۇملار تەشكىللەندى.كىلەركى قىتىم مىنىڭچە بۇگۇنكى ئىپادىسى ئارقىلىق دىلمۇرات چوقوم ئاساسلىق ئەزا بولوپ مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن.بۇگۇنكى ئارقا بەل بىلەن مۇداپىيەدىكى يۇچۇقنى ئىتىش ئۇچۇن كىلەركى مەيدان چوقوم يىڭى ماھىرلارغا سىناق شەكلىدە پۇرسەت بار.دىمەك بۇ مەيدان مەغلۇبىيەت يەھيا بىلەن ئابدۇۋەلىگە نىسبەتەن يامان ئىش ئەمەس.شوڭلاشقا بىز ماھىرلىرىمىزنىڭ مەيدانغا چىقالمىغان ئىشقا قارىتا قالايمىقان ئويدا بولمايلى،ھازىر ئۇلارمۇ مۇشۇ مۇنبەرگە كۇندە چىقىپ تۇرۇۋاتىدو.بىز كۆرگەننى ئۇلارمۇ چوقوم كۆرىدو،ناۋادا بىز مەيدانغا چىقمىغان ماھىرلار توغرىسىدا ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلىدىغان گەپلەرنى قىلساق ئۇلار قانداق ئويلاپ قالار؟ئەمدىلا كىرگەن مۇنبەردىن كىتىپ قىلىشى مۇمكىن،شۇڭلاشقا ئۇلارغا مەدەت بىرىدىغان تىلەكلىرىمىز بولسا دەيلى.