5.0.1 نەشىرىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ئاخىرى ئېلان قىلىندى! ئاتاقلىق iOS خاككېرى pod2g تۆنۈگۈن پۈتۈن دۇنيا ئالما ھەۋەسكارلىرى تەشنالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان 5.0.1 سېستىما نەشىرىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى ئېلان قىلدى . ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى خالايدىغان دوستلار بولسا ، تۆۋەندىكى مەن يازغان يازما بويىچە تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇن ،بۇ ئۇسۇل پەقەت 5.0.1 سېستىما نەشىرىنىلا قوللايدۇ ، 5.0 نى قوللىمايدۇ . ئەگەر تېخى 5.0.1 سېستىما نەشىرىنى يېڭىلىمىغان دوستلار بولسا ، ئالدى بىلەن يېڭىلاپ دەرىجە كۆتۈرۈڭ (سىگنال قۇلۇپلىق نەشىرىدىكى يانفونلار بەك دىققەت قىلىڭ ،دەرىجە كۆتۈرگەندە ھەرگىز Apple ئۆزىنىڭ سېستىمىسى بىلەن يېڭىلىماڭ ، بولمىسا مودېم نەشىرىڭىز كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ يانفونىڭىزدا تېلفون ئۇرغىلى بولماي قالىدۇ ،چوقۇم sn0wbreeze-v2.8b11 ئارقىلىق ئۆزىڭىز بىر IPSW سېستىما ھاسىل قىلىڭ، قىلىشنى sn0wbreeze نى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلار بولسا خەت قالدۇرۇڭ )
تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى
1. مەيلى بۇرۇن نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغان بولۇڭ ياكى قاچۇرمىغان بولۇڭ ، بۇ ئۇسۇل ئوخشاشلا ئىشلىنىۋېرىدۇ. ئالدى بىلەن بۇ redsn0w_win_0.9.10b2 تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى چۈشۈرۇڭ .
بۇ يازما ئەسلى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىدى ،لېكىن قارىسام كۆپچىلىك ئاساسىي جەھەتتىن ئىگەللەپ بوپتۇ ،شۇڭا ، بۇ تېمىنى مۇنازىرە تېمىسىغا ئۆزگەرتتىم ...سوئاللار بولسا ھارماي سورىغايسىلەر.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-28 18:54
|