بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-1 23:53
ئىلگىرى مۇنبەرنىڭ ‹ Apple قاتتىق دېتاللىرى › سەھىپىسىگە iPhone 4 نىڭ باتارىيەسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئېكرانىنى ئالماشتۇرۇش دەرىسلىكىنى يېزىپ يوللاپ قويغان ئىدىم ، كەڭ تورداشلارغا پايدىسى تەگكەن بولىشى مۇمكىن ، يازمامغا ناھايىتى ياخشى باھالارنى بەردى ، بۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن . شۇنداقلا ، بۇ مەزمۇنغا قارىتا ياخشى پىكىرلەرنىمۇ بەردى ، مەسىلەن ، مېنىڭ iPhone لارنىڭ Home كۇنۇپكىسىنى ۋە سىرتقى قېپىنى ئالماشتۇرۇش دەرىسلىكىنىمۇ يوللاپ قويۇشۇمنى سورىدى ، بۇنداق بولغاندا بەزى iPhone رېمونت دۇككىنى ئاچىدىغان دوستلارغا پايدىسىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلىشىپ كۆردۈم ، مەن شەخسەن شۇنداق ئويلانمەنكىن ، يازمىلىرىم ئازراق بولسىمۇ دوستلارغا پايدا ئېلىپ كەلسە ، ھەم مىللىتىمىزنىڭمۇ بۇ ئېلىكترون ۋە يۇمشاق قاتتىق دېتال ساھەسىدىكى سانائىتى گۈللەنسە شۇنىڭدىن خۇرسەن بولاتتىم . شۇڭا قولايلىق ھەم مۇكەممەل بولىشى ئۈچۈن ، بۇقېتىم iPhone 5 نىڭ پۈتۈنلەي چۇۋۇش ۋە قوراشتۇرۇش دەرىسلىكىنى يېزىپ چىقتىم ، بۇنداق بولغاندا ھەرقايسى قىسىم زاپچاسلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش دەرىسلىكىنى ئايرىم-ئايرىم يېزىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ ، مۇشۇ پۈتۈنلەي چۇۋۇش دەرىسلىكىدىن ھەممە مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلارنىڭ چۇۋۇش ئۇسۇلىنى پايدىلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن . ئەمسە گېپىمىزگە كىلەيلى :
دىققەت قېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
خۇددى بۇرۇنقى يازمىلاردا قايتا قايتا تەكىتلەيدىغىنىمغا ئوخشاش ، iPhone نى چۇۋۇش ۋە قوراشتۇرۇش بولسا قاتتىق دېتال ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ئىش ، iPhone 5 نىڭ بازارغا سېلىنغىنىغا بىر يىل بولمىدى ، دېمەك مەيلى سۇ مېلى بولسۇن ياكى چوڭ قۇرۇقلۇق مېلى بولسۇن ، iPhone 5 نىڭ ئوڭشاش مۇددىتى (保修期) تېخى بىر يىلغا توشمىدى ، ئەگەر قولىڭىزدىكى iPhone 5 چوڭ قۇرۇقلۇق مېلى بولسا ، ھەم ناۋادا مەسىلە كۆرۈلسە ئالما شىركىتى خېرىدار مۇلازىمەت مەركىزىگە ئاپىرىڭ . ئەگەر يانفونىڭىزدا مەسىلە يوق ، پەقەت چۇۋۇپ بېقىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز ، ھەرگىز قىزىقىشنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ دەرىسلىك بويىچە يانفونىڭىزنى چۇۋۇپ يۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمەن . چۈنكى سىز ئۆزىڭىز چۇۋۇسىڭىز ، كېيىن تاساددىبىي يانفوندىن بىرەر مەسىلە چىقىپ قېلىپ ئالما ئورگان تەرەپكە ئاپارسىڭىز ، خېرىدار مۇلازىمەت مەركىزى چۇۋۇپ باققانلىقىڭىز ئۈچۈن يانفونىڭىزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەم مۇلازىمەت قىلمايدۇ.
شۇڭا ، مەزكۇر دەرىسلىكتىن ئەڭ ياخشىسى يانفونىدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ ، خېرىدار مۇلازىمەت مەركىزىدىمۇ ھەل قىلالمىغان دوستلار ۋە قاتتىق دېتال مەشغۇلاتىغا ناھايىتى قىزىقىدىغان سۇمېلى iPhone 5 سېتىۋالغان دوستلار پايدىلانسا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن . ئەڭ مۇھىمى گەپنى يىغىنچاق قىلىپ ئېيتقاندا ، مەزكۇر دەرىسلىك iPhone 5 دىن قاتتىق دېتال كاشىلىسى كۆرۈلۈپ ھەم زاپچاس ئالماشتۇرۇشقا دۇچار بولغان تورداشلار ئۈچۈن يېزىلدى .
ئىشلىتىدىغان قوراللار:
1. ئىلگىرىدىكى دەرىسلىكلىرىمدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكۈنۈمگە ئوخشاش ، iPhone لارنىڭ ۋېنتىسى (بۇرما مىخ) ئادەتتە ياسالغان دۆلەتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ، 2 خىلغا ئايرىلىدۇ ، يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بەشۋار شەكىللىك بىلەن كىرىس شەكىللىك .
ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرىمغا ئاساسلانغاندا ، iPhone 5 لەرنىڭ ۋېنتىسى كۆپىنچە بەشۋار شەكىللىك ئىكەن ، لېكىن ئالما ئەسۋاب زاپچاسلىرىنى ياساش زاۋۇتىنىڭ كۆپلىشىشىگە ئەگىشىپ ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسىمۇ ھەرخىل بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ ، شۇڭا بەشۋار شەكىللىك بولىشىمۇ مۇمكىن ، كىرىس شەكىللىك بولىشىمۇ مۇمكىن ، سىز قولىڭىزدىكى iPhone 5 گە قاراپ بېقىڭ ، قايسى خىل ۋېنتا بولسا شۇنى يېشىشكە ئىشلىتىدىغان ئەتۋىركە تەييارلاڭ (ھەرقايسى يانفون سېتىش ۋە رېمونت قىلدۇرۇش بازارلىرىدا تامامەن كۆپ ئۇچرايدۇ ) .
2. ۋېنتىنى بوشىتىپ بولۇپ ، ئالدى ئېكران تاختىسىنى ئېلىپ چىقىرىش ئۈچۈن ، بىر پلاستماسسا سۈمۈرۈش تەخسىسى ئىشلىتىمىز ، شۇنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېكراننى ئاۋايلاپ تارتىپ ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ قورالنىمۇ ھازىرلاڭ ، ئەگەر شارائىت يار بەرمىسە ، كېيىنكى قەدەمدە چۈشەندۈرىدىغان قورالنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ . لېكىن ناھايىتى ئاۋايلاڭ .
3. ئېكران ۋە بەزى قىسىم زاپچاسلارنى يېشىش بوشىتىش ئۈچۈن يەنە بىر پلاستما پىچاق ئىشلىتىمىز ، مەسىلەن شەكلى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك . بىز تەييارلاشقا تېگىشلىك بۇ خىل پىچاق چوقۇم پلاستما بولىشى كېرەك ، چۈنكى يانفونغا «تارتۇق» چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك . پۈتۈن iPhone 5 نى چۇۋۇش جەريانىدا بۇ قورال كۆپ ئىشلىنىدۇ ، شۇڭا چوقۇم ھازىرلىشىڭىز زۆرۈردۇر . ئادەتتە بۇنداق پىلاستما پىچاق بازاردا كۆپ ، باشقا خىل شەكىلدىكى بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەرقانداق يانفونغا چۈشۈۋېرىدۇ .
4. يۇقارىدا چۈشەندۈرگەن قوراللاردىن سىرت يەنە بىر بىگىز تۇمشۇقلۇق ئامبۇر تەييارلاپ قويۇشىمىز كېرەك ، ئاساسلىقى زاپچاسلارنى ئېلىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىنىدۇ .
چۇۋۇش دەرىسلىكى :
1. 4 دىئوم 1136x640 پىكسېللىق Retina لىق ئېكران ، ئالما شىركىتىنىڭ A6 دېتالى ، 8 مېگاپىكسېللىق كامېرا ، 4G LTE تورى ، iOS 6 سېستىمىسى ، مانا بۇلار بىلەن بىز iPhone 5 گە ئېنىقلىما بېرەلەيمىز . ھەممىمىزگە مەلۇم ، سىرتقى لاھىلىنىشى جەھەتتە iPhone 4 ۋە iPhone 4S بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، iPhone 5 دە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ، مەسىلەن ، iDevice لاردا ئەزەلدىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان 30 يىڭنىلىق ئۇلاش ئېغىزى 6-ئەۋلاد iPhone كەلگەندە ، 8 يىڭنىلىق Lightning ئۇلاش ئېغىزىغا ئۆزگەردى . بۇنىڭدىن سىرت يەنە ، تىڭشىغۇچ روزېتكىسىمۇ ئەسىلىدىكى يانفون ئۈستى تەرەپتىن پەس تەرەپ سۆزلىگۈچنىڭ يېنىغا يۆتكەلدى . iPhone 5 نى چۇۋۇشتىن بۇرۇن ، بۇ يېڭىلىقلارنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك .
2. قېنى ئەمسە خىزمىتىمىزنى رەسمىي باشلايلى ...ھەممە مەشغۇلاتتىن بۇرۇن يانفونىڭىزنى ئۆچۈرۈڭ . يانفونىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى ۋېنتا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن شۇنىڭغا چۈشىدىغان ئەتۋېركە ئارقىلىق iPhone 5 ئاستىدىكى ئىككى ۋېنتىنى يېشىپ چۈشۈرىمىز .
3. ۋېنتىنى بوشىتىپ بولغاندى كېيىن ، پلاستماسسا سۈمۈرۈش تەخسىسى ئارقىلىق ئالدى ئېكران تاختىسىنى ئېھتىيات ئېلىپ چىقىرىمىز . بۇرۇن پلاستماسسا سۈمۈرۈش تەخسىسى iPhone 3GS لەرنىڭ ئېكرانىنى ئېلىپ چىقىرىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىنەتتى ، بىراق iPhone 4 ۋە iPhone 4S لەرگە كەلگەندە قۇرۇلمىسى ئوخشىمىغاچ چوقۇم يانفون كەينى قىسمىدىن چۇۋۇشنى باشلاپ ئەڭ ئاخىرىدا ئالدىنقى ئېكرانغا ئۆتەتتۇق ، شۇڭا پلاستماسسا سۈمۈرۈش تەخسىسى ئىشلەنمەيتتى . دېمەك ، بۇ قېتىم iPhone 5 نىڭ ئېكران قىسمىنى بوشىتىش ناھايىتى قولايلىق بولدى ( ئىلگىرى iPhone 4 نىڭ ئېكرانىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 31 قەدەم كېتەتتى ، تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ : /thread-826-1-1.html ) .
4. ئالدىنقى قەدەمدە ئېكران تاختىسىنى ئېلىپ چىقارغاندا ئېكران مۇتلەق ئاساسىي تاختىدىن ئايرىلمايدۇ ، چۈنكى ئېكران ئۇچۇرىنى يوللاش ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان ئۇلىغۇچ ئاساسىي تاختىغا بىرقانچە ۋېنتا بىلەن مەھكەم مۇقىملاشتۇرۇۋەتكەن بولىدۇ ، شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ ۋېنتىلارنى بوشىتىمىز ، ئاندىن پلاستما پىچاق ئارقىلىق ئۇلىغۇچ ئەتراپىنى بوشىتىپ يانفون ئېكرانىنى مۇتلەق ئېلىپ چىقىرىمىز . ئېكراننى ئېلىپ چىقارغاندىن كېيىن بىز يانفوننىڭ ئاساسىي لوگىكا تاختىسىنى كۆرەلەيمىز .
 
5. لوگىكا تاختىسىدا بىرىنجى بولۇپ كۆزىمىزگە چېلىقىدىغىنى باتارىيە بولۇپ ، iPhone 5 نى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۇۋۇش ئۈچۈن بىرىنجى بولۇپ يانفون باتارىيەسىنى بوشىتىپ ئالىمىز . باتارىيە بولسا ئەتراپىدىكى ئۈچ ۋېنتا ۋە بىر مېتال تىرەك بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئالدى بىلەن ئەتۋىركە بىلەن ۋېنتىلارنى بوشىتىمىز . ئاندىن بىر قولىمىزدا پلاستما پىچاق ئارقىلىق باتارىيەنى بىر بۇلۇڭىدىن كۆتۈرۈپ ، يەنە بىر قولىمىزدا رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك بىر ئەسكەرتىش خېتى يېزىلغان پىلاستمىنى تارتىش ئارقىلىق باتارىيىنى يېشىپ چىقىرىمىز ( باتارىيە بىلەن ئاساسىي تاختا ئارىسىغا يىلىم سۈركەلگەن ، شۇڭا بۇ مەشغۇلاتتا سەل كۈچەڭ ) .
iPhone 5 نىڭ باتارىيەسى : 3.8 ۋولت ، 1440 مىللىئامپېر ، 225 سائەت ئەتراپىدىكى مەشغۇلاتسىز ھالىتى ۋە 8 سائەت ئەتراپىدىكى تېلفون سۆزلىشىشكە يېتىدۇ .
iPhone 4S نىڭ باتارىيەسى : 3.7 ۋولت ، 1432 مىللىئامپېر ، 200 سائەت ئەتراپىدىكى مەشغۇلاتسىز ھالىتى ۋە 8 سائەت ئەتراپىدىكى تېلفون سۆزلىشىشكە يېتىدۇ .
Samsung Galaxy S III نىڭ باتارىيەسى : 3.8 ۋولت ، 2100 مىللىئامپېر ، 790 سائەت ئەتراپىدىكى مەشغۇلاتسىز ھالىتى ۋە 11 سائەت 40 مىنۇت ئەتراپىدىكى تېلفون سۆزلىشىشكە يېتىدۇ.
6. ئەمدى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك ، يانفون كامېراسى بىلەن ئاساسىي تاختىنى ئۇلايدىغان بىر مېتال قىسىم بار بولۇپ ، ئالدى كامېرا ۋە ئارقا كامېرانى ئاساسىي تاختا بىلەن تەڭ ئۇلاپ تۇرىدۇ ، شۇ قىسىمنىڭ ۋېنتىسىنى ئەتۋىركە بىلەن بوشىتىمىز ، يانفوننى قايتا قوراشتۇرغاندا بۇ مېتال قىسىمنىڭ يۈزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ، ماي داغى چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلاڭ ، بولمىسا يانفون ئىشلىتىش جەريانىدا ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ .
7. ئاساسىي تاختا پەس تەرەپ باتارىيە رايونىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر ئانتېنا سىمى بار بولۇپ ، شۇ قارا رەڭلىك سىمنى پلاستما پىچاق ئارقىلىق ئۈستىگە كۆتۈرىمىز ، بۇنداق بولغاندا ئۆزەك پلاستىنكا رايونىنى ئېلىپ چىقىشقىمۇ ئەپلىك بولىدۇ .
8. ئەمدى يانفون ئاساسىي تاختىسىنىڭ ئىچكى ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلساق ، ئۆزەك پلاستىنكا رايونىنىڭ ئىككى ئۇلانما بېشى ئىككى ۋېنتا بىلەن ئاساسىي تاختىغا مۇقىملاشتۇرۇلغان ، مۇشۇ ئىككى ۋېنتىنى بوشىتىمىز ، ئاندىن ئۆزەك پلاستىنكا رايونىنى كامېرا قۇرۇلمىلىرى بىلەن تەڭ ئاساسىي تاختىدىن ئېلىپ چىقىمىز .
9. خوش ، ئۆزەك پلاستىنكا رايونىنىمۇ قولىمىزغا ئالدۇق ، بۇ ھېساپتا يانفوننىڭ يۈرەك قىسمى ، نۇرغۇنلىغان كىچىك ئۆزەك پلاستىنكىلار ئىچىگە مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ . ئالما شىركىتى ئىچكى قۇرۇلما لاھىيەلەش جەھەتتە ناھايىتى ئىنچىكە بولۇپ ، بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى ئالما ئەسۋابلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۆزەك پلاستىنكىلىرىنىڭ بوشىشىپ كېتىش ۋە ئورنىنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۆزەك پلاستىنكىلارنى يۇقىرىدا بىز كۆرۈۋاتقاندەك يىغىنچاق لاھىيەلەپ ئاندى ئۈستىگە بىر قەۋەت مېتال پارچىسى بىلەن ئورىۋېتىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇنداق تېخنىكىنى مەن تېخى باشقا يانفونلاردا كۆرۈپ باقمىدىم . ئەمدىكى قەدەمدە ئۆزەك پلاستىنكا رايونىدىكى ھەرقايسى ۋېنتىلارنى بوشىتىپ ، مېتال پارچىسىنى بىگىز تۇمشۇقلۇق ئامبۇر بىلەن ئېلىپ چىقىرىمىزدە ، كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدىغىنى iPhone 5 نىڭ ھەرقايسى ئۆزەك پلاستىنكىلىرى ۋە ئىچىكى ئاساسىي قۇرۇلمىلىرى . (ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى ئۆزەك پلاستىنكىنىڭ نامى ۋە رولىنى قىسقىچە چۈشەندۈرەلمىدىم ، ئەگەر بۇ جەۋەتتىكى بىلىمگە ئېھتىياجلىق ياكى زۆرۈرىيىتى بار تورداشلار ماڭا ئېلخەت يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ : beckram@live.cn )
10. ئەگەر يانفونىڭىزدا كۆرۈلگەن مەسىلە ئۆزەك پلاستىنكا رايونىدا ئەمەس بەلكى ئاساسىي تاختىدىكى باشقا قىسىملاردا بولسا ، ئاساسىي تاختىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۇۋۇشقا توغرا كېلىدۇ . يانفون ئاستىدىكى پارقىراپ تۇرغان مېتال قىسمى بار چوڭ قۇرۇلما بولسا مىكروفون ، تىڭشىغۇچ روزېتكىسى ، سانلىق مەلۇمات يوللاش روزېتكىسى ۋە شۇنداقلا ئاۋاز ياڭراتقۇچتىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، بۇ قۇرۇلما ئاساسىي تاختا بىلەن يىلىم بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان ، شۇڭا بۇنى خۇددى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىگىز تۇمشۇقلۇق ئامبۇر بىلەن ئېلىپ چىقارساق بولىدۇ . تۆۋەندە مىكروفون ، سانلىق مەلۇمات يوللاش روزېتكىسى ۋە شۇنداقلا ئاۋاز ياڭراتقۇچنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى ( تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنى خالىسىڭىز ئېلخەت يوللىسىڭىز بولىدۇ : beckram@live.cn) .
11. قالغان زاپچاس قۇرۇلمىلارنىمۇ ئاساسىي تاختىدىن ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئاساسىي تاختا ۋە ئېكراننىڭ نەقەدەر يېنىك ئېكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز(ئىككىسى قوشۇلۇپ 50 گرام ئەتراپىدا).
12. ئاساسىي تاختىدىن ئېلىپ چۈشۈرگەن iPhone 5 نىڭ تىترىگۈچى باشقا ئەۋلاد يانفونلارغا قارىغاندا ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئاساسىي تاختىغا كەپشەرلەش ھاجەتسىز ، پەقەت ۋېنتا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان ، تىترەش پىرىنسىپىمۇ لىنىيىلىك تەڭپۇڭ تىترەش تېخنىكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن .
13. تىڭشىغۇچ بولسا ئىككى ۋېنتا ئارقىلىق ئېكران بۆلىكىگە ئۇلانغان بولۇپ ، رېمونت قىلىنىشقىمۇ ناھايىتى قولايلىق .
14. Home كۇنۇپكىسى جەھەتتە بولسا ، iPhone 5 نىڭ Home كۇنۇپكىسىنىڭ پىرىنسىپى ئىلگىرىكى iPhone 4 ۋە iPhone 4S لار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ ، مېتال تىرەك قوشۇش ئارقىلىق ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى ئۇزارتىپتۇ .
15. ئەمدى نەزىرىمىزنى ئېكرانغا تاشلىساق ، LCD ئېكران كەينىدە بىر پارچە قەلەي بار بولۇپ ، پەرىزىمچە ئىسسىقلىق تارقىتىش ۋە توسۇش رولىنى ئوينايدۇ . ئەگەر ئېكراندىن كاشىلا چىقىپ ئۆزىڭىز رېمونت قىلىش ۋە ئېكران ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە ، چوقۇم ۋېنتىلارنىڭ جاي جايىدا مۇقىملاشتۇرۇلىشىغا ۋە رېمونت قىلىش مۇھىتىڭىزنىڭ ناھايىتى پاكىز ، يورۇق بولىشىغا ھەمدە چۇۋۇش جەريانىدىكى مەشغۇلاتلىرىڭىزنىڭ سىلىق ، يېنىك بولىشىغا دىققەت قىلىڭ ، بولمىسا تۆۋەندىكىدەك سىرى چۈشۈپ كېتىش ئاۋارىچىلىقىمۇ بار .
16. ھەممىمىزگە مەلۇم ، iPhone 5 نىڭ يەنە بىر يېڭىلىقى شۇكى --كامېراسى . گەرچە iPhone 4S كە ئوخشاش 8 مېگاپىكسېللىق بولسىمۇ ، لېكىن iSight تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ ، رەسىمگە ئېلىش تېزلىكى %40 ئاشقان ۋە شۇنداقلا كامېرا ئەينىكىنىڭ چىدامچانلىقى تېخىمۇ ئاشقان . (تۆۋەندىكى رەسىمدە ، سول تەرەپتىكىسى iPhone 5 نىڭ كامېرا قۇرۇلمىسى )
17. يۇقىرىدا دېيىلىپ ئۆتۈلگەنگە ئوخشاش ، iPhone 5 نىڭ كامېرا ئەينىكىنىڭ چىدامچانلىقى ئاشۇرۇلۇپتۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئەينەك قىسمى ئاتالمىش كۆك ياقۇتلۇق كىرىستال ئەينىكىدىن ياسالغان بولۇپ ، چىدامچانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە ئەينەك يۈزىگە بىگىز تۇمشۇقلۇق ئامبۇر بىلەن جىجىساقمۇ سىزىق ئىزى قالمايدىكەن ، بۇنى تېخىمۇ ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇم قەغەزدە iPhone 5 نىڭ كەينى يۈزىنى سۈرتسەكمۇ ، كەينى يۈزىدە ئېنىق سىزىق قالغاندىن سىرت ، iPhone 5 نىڭ كامېرا ئەينىكى ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمىدى . قالغىنىنى دېمىسەممۇ چۈشەنگەنسىلەر بەلكىم . كۆك ياقۇتلۇق كىرىستال 
18. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن زاپچاس بولسا ، ئارقا كامېرا ۋە چاقماق لامپا ئارىسىدىكى مىكروفون بولۇپ ، FaceTime ئارقىلىق تېلفون سۆزلەشكەندە ئاساسىي مىكروفون رولىنى ئوينايدۇ . بۇنىڭدىن سىرت ، بۇ خىل مىكروفوننىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، بىزنىڭ ئادەتتىكى تېلفون سۆزلىشىش شارائىتىمىزدىكى شاۋقۇننى يوقىتىپ بېرىدۇ دە ، تېلفون سۆزلەشكەندە قالايمىغان شاۋقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتمەيمىز .
19. نۆۋەتتە شۇنداق قىلىپ iPhone 5 نى چۇۋۇش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى . قوراشتۇرۇش جەريانى بولسا ، چۇۋۇش خىزمىتىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ، چۇۋۇش جەريانىدا ھەرقايسى قىسىم زاپچاس ۋە ۋېنتىلارنى توغرا پەرىقلەندۈرۈۋالسىڭىزلا قوراشتۇرۇش خىزمىتىمۇ ناھايىتى ئاسان . ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قوراشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى چىقىرالمايدىغان بولدۇم ، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدىغىنىم ، پۈتكۈل iPhone 5 نى چۇۋۇش ۋە قوراشتۇرۇش جەريانىدا ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇڭ ۋە ئېھتىياتچان بولۇڭ ، بەزى زاپچاسلار بەك نازۇك بولىدۇ ، شۇڭا بەك كۈچىۋەتمەڭ . ئەڭ مۇھىمى قەيەردە چۈشۈرۈلگەن ۋېنتا بولسا شۇيەرگە ئورنىتىلىشى كېرەك . ئەگەر ئۆزىڭىز قوشۇمچە ۋېنتا ۋە باشقا زاپچاسلارنى سېتىۋالغان بولسىڭىز چوقۇم كونىسى بىلەن پەرىقلەندۈرۈپ بىر يەرگە قويۇڭ ، ئالمىشىپ كەتمىسۇن . زاپچاسلارنىڭ پاكىزلىقىنىمۇ ساقلىشىڭىز كېرەك ، بىر كىچىك بىز دىققەت قىلمىغان چاڭ توزان بەلكىم چوڭ مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ، شۇڭا بۇ جەھەتتىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ .
ناھايىتى تومتاق تىلىم بىلەن ئازتولا بولسىمۇ بۇ قوللانمىنى يېزىپ چىقتىم ، دوستلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . بەزى قەدەملەردىكى مەشغۇلات مۈجمەل بولۇپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن ، دوستلارنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىنى سورايمەن . ئەگەر بۇ جەرياندا چۈشىنەلمىگەن ياكى ھەل قىلالمىغان مەسىلىڭىز بولسا ، تەپسىلىي يېزىپ خەت قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ ، ئورتاق ھەل قىلايلى.
مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلانلارنى چېكىپ قويۇڭ . كۆپ رەھمەت!
|